     
 
| سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە تەربىيىلەشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك c& e7 Z6 g9 ^) ^سۇخۇملىنىسكى:«مەكتەپتىكى شەخىس سىنىپ مۇدىرى بولغان مۇئەللىمدۇر،ئۇ بىرتەرەپتىن،ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى ،يەنە بىر تەرەپتىن،بالىلارنىڭ دوستى،بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى تەشكىلاتچىسى ۋە يىتەكچىسىدۇر»،دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.ئېنىقكى،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلىنىشى شۇ سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئالغا بېسىشى ياكى چىكىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.سنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەشتە ئوموميۇزلۇك دۇچ كېلىدىغىنى سىنىپتكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەش مەسىلىسىدۇر.ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۇرۇش، سىنىپ مۇدىرىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن: - Y- O* V. [ ^" j, P( l 5 u9 E2 H0 r2 v1- كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش،ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە ۋە سىنىپتىكى باشقا پائالىيەتلىرىگە،ھەم مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.چۈنكى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسى،ئەخلاق-پەزىلىتى پائالىيەت جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىدا قايسى مەسىلىنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. & y' z% S/ q: u/ L9 w& i6 o- S: r; ` n$ i 2- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئەستايىدىل،توغرا ئېنىقلاپ چىقىش كىرەك.ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزىلىرى فىزولوگىيلىك كەمتۇكلۈك ياكى مېڭە تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن بولسا ،بەزىلىرى مىڭە ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكتىن ،بەزىلىرى قانداق ئۆگىنىشنى ،تاپشۇرۇقنى قانداق ئىشلەشنى دەرىسنى قانداق ئاڭلاشنى،قانداق تەكرارلاشنى بىلمىگەنلىكتىن بولىدۇ.بەزىلەر ئائىلىنىڭ ،بەزىلىرى جەمئىيەتنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچۇرغان ياكى ئۆزى ئالاھىدە بىر ئىشقا قىزىقىدىغان ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان بولىدۇ ،يەنە بەزىلىرى قەستەن ھورۇنلۇق قىلىپ ئۆگىنىشكە بېرىلمەيدۇ ياكى ئەستايىدىل بولمايدۇ.% {. U3 t: W) |4 {) ]* Z3 ]) i( q . P5 \; ^6 ^( g' _* |3 U 3- سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.سىنىپ مۇدىرى سۆھبەت جەريانىدا پوزىتسىيەدە مۇلايىم،سەمىمى،يېقىملىق،بولۇشى،ئۇلارنى،ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشى،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى،كۆيۈنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشى،ئوقۇغۇچىلارغا ياش ۋە مىجەز –خۇلقى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى نەزەرگە ئېلىپ غۇرۇرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.چۈنكى سىردىشىش سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇۈغۇچىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ۋە مىجەزىنى ئىگەللەپ يېتەكچىلىك خىزمىتىنى راۋان ئېلىپ بىرىشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئەركىن –ئازادە تۇتۇپ،سىنىپ مۇدىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. ' l& X b: U' M! a7 l- ^6 H$ Z0 Z 4- ئائىلە زىيارىتى ئارقىلىق چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئومومى ئەھۋالىنى ئائىلە تەربىيىسىدە ساقلانغان مەسىللەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئالاھىدىلىك ۋە يېتەرسىزلىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ھەقىقى ئىگىلىگىلى بولىدۇ،ئەھۋال ئىگىلەپ ئىش ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن سىنىپ مۇدىرىنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى قانداق كۈچەيتىش،ئۇلارغا ياخشى ئادەم بولۇش، ئالدىنقى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋىلىش تەرتبىيىسىنى قانداق ئېلىپ بىرىش توغىرسدا ئېنىق سان بولىدۇ، , }+ `# T. ~0 {" v. b6 x5 H* x- m( Q( Q1 F, g 5- قىزغىنلىقىغا ئىلھام بىرىش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنى قوزغاش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزلىرى شۇغۇللانغان ھەر بىر ئىشتىن ھوزۇرلاندۇرۇش كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ئۆگىنىش جەريانىدا بېسىم ھىس قىلمايدۇ . 9 p( D7 {) V" E) @8 W# S! x7 J5 F" l% ~* z 6- مەكتەپ، ئائىلە،جەمئىيەت تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ،ئائىلە ،جەمئىيەت تەربىيىسى بىر ئەۋلات يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈردىغان ئۈچ موھىم ئامىل،بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسى ئاساس،مەكتەپ تەربىيىسى يېتەكچى،جەمئىيەت تەربىيىسى زۆرۆر شەرت.ئائىلە باشلىقى بىلەن سەمىمى دوستانە مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئارقىلىق بالىلار ھەققىدە بىردەك تونۇش،ئورتاق پىكىر،تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆسۈش باسقۇچىدا ياخشى نەرسىلەردىن كۆرە ،يامان نەرسىلەرنى تېز قوبۇل قىلۋالىدۇ،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ھەرۋاقىت ھۇشيا ر بولىشى،ئوقۇغۇچىنىڭ ئجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم .يامان ئىش،يامان ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مىساللارنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ئىبرەت تەربىيسىنى چىڭ تۇتۇش لازىم.) ^6 [) W1 P( W! X4 s
$ E( ~! A& q2 i: r/ \7- سىنىپتىكى ئۆگىنىشتە ياخشى ،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم.بۇخىل ئۇسۇلمۇ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشتۇرۇش ،بىر-بىرىگە كۆيۇنۇش ،ياردەم بېرىش ئارقىلىقمۇ بۇ مەخسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.5 C( \7 p( T2 [* T p: n9 k/ z [) e8 _. y" @9 B7 L- P دىمەك،سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ ،ئۇلاردا سادىر بولۇۋاتقان مەسىللەرگە قارتا،ئۆزنىڭمۇ ئىلگىرى بىر بالا ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ قالماي،مۇئامىلە قىلغاندىلا،ئاندىن ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى،ياخشى يېىتەكلىگۈچىسى بولالايدۇ. |
|