ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ; i. r/ L% Y4 l' i( R0 s! V9 x/ l0 g ئوقۇتقۇچى ئوبرازى قانچە ياخشى بولغانسىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەگىشىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلسۇن دىسەك، ئۇلارغا ئوقۇتۇش جەريانىدا تولۇق تەپەككۇر قىلىش زىمىنىنى قالدۇرشىمىز كىرەك. شۇنداقلا ئۇلارغا مەسىلىلەرنى بايقاش، ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەل قىلىش ۋە ئىجادىيەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بىرىشىمىز كىرەك. نىشان ئايدىڭ، ئەمما، يول ئەگرى-توقاي، ئەگرى- توقايلىق ئىچىدىن تۈپتۈز يول ئىلىشقا ۋەدادىل قەدەم تاشلاپ مىڭىشقا بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەمما، بىر نەرسە ئايدىڭ بولسۇن، يولنى قانداق، نەدىن باشلاپ ئىلىش كىرەك؟ باشنى قاتۇردىغىنمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىزدىنىپ باقايلى، ئامال تېپىلىدۇ. منڭچە، قاراشنىڭ توغرا- خاتالىق دەرىجىسى بولمايدۇ. بولغاندا، پەقەت چوڭقۇر- تېيىزلىق دەرىجىسى بولىدۇ. شۇڭا تېيىز بولسىمۇ كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي: 6 `/ c# u$ j) H% P9 u4 K8 H0 y& `0 c$ m/ a- S4 } 1.ئۇقوغۇچىنىڭ خاسلىقى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىقا ماس كىلىدىغان تەربىلىنىش; W1 [' y% ~1 e. X' G5 L' k 8 c# {- I$ t; g, y9 | ئۇسۇلىنىى بەرپا قىلىش كىرەك، خاسلىق ۋە ئۆزگىچىلىك مەيلى شەيئى ياكىئادەملەردە بولسۇن ئالاھىدە پەرىقنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرغۇچى ئامىلىدۇر. خاسلىقى بولمىغان شەيئى بولمىغانغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكي بولمىغان ئوقوغىچىمۇ بولمايدۇ. بىزدىكى مەسىلە شۇ خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتقان ھالدا قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشىنى بىلىشتە. شۇنداقلا يەتمەكچى بولغان نىشاننى يىتەكلەپ مىڭىشتا. بىز ئوخشاش مىجەزلىك ئوقوغۇچىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، پەرىقلىق مىجەز خارەكتىرىگە ئىگە ئوقوغۇچىلارنىڭ يوقلىقىدىن خاتىرجەمسىزلەنسەك بولىدۇ.3 S/ p/ A# j4 @2 x* e
) i \: q) q# s" U, x4 x1 T2.پاسسىپ يوشۇرۇن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئاڭنى قېزىش كىرەك.7 U* B$ B! }' g' O2 @ ! X2 Z1 ~ K" K2 d7 e$ M ھە دىگەندىلا ئوقوغۇچىلارغا رەدىيە بىرىش، بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتا ئىشىنى تۇتىۋىلىپلا چوقۇلاپ نوقۇش ياكى تىل-ئاھانەت قىلىش،ئوقوغۇچىدىكى ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان ئىجاتچانلىقنىڭ، يىڭىچە كۆز قاراشنىڭ يۇمران نوتىلىرىنى جايىدىلا تورمۇزلاپ قويىدۇ ياكى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئىسىمىزدە بولسۇنكى،تەنقىد ۋە رەدىيە بىرىشنى رەزىللىككە زەربە بىرىشكە قوللىنىشقا بولىدۇ. ئادەم تەربىيلەىشتە قوللۇنۇشقا بولمايدۇ،خۇددى دالى كارنىگ ئىيىتقاندەك: «تەنقىد ئۆي كەپتىرىگە ئوخشايدۇ»،ئۇنى چوقىلىساڭ توزۇپ كىتىدۇ،شۇڭا جايىدا ۋە ئورنىنى تىپىپ سەمىمىلىك بىلەن ماختاش سەنئىتىنى ئۈگۈنۈۋىلىش كىرەك،مۇمكىن بولسا ئوقوغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان ئشەنچ ۋە قىزغىن ھىسىياتنىڭ خىمىتۇرۇچلىرى بىلەن يۇغۇرغان سەمىمى نىيەت ئارقىلىق ماختاش لازىمدۇر. 5 H( b$ T! X6 w9 I% R $ V' g: k( }( O3 p% i0 b- R4 S3.ئوقوغۇچىلار بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىشنى بىلىش كېرەك. قىزغىن پاراڭلىشىش ۋە سۆھبەت ئوقۇتقۇچى- ئوقوغۇچى ئارىسىغا تارتىلىغان كۆرۈنمەس چۇمپەردىنى يىرتىپ تاشلاپ ھېيىقىش ۋە تارتىنىشنى تۈگۈتىپ كۆڭۈلدىكى سۆزنى ئېيتالايدىغان، ئۆز-ئارا چۈشۈنشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلىقنىڭ يارقىن سىماسىنى تىكلىيەلەيدىغان ھالەتكە قاراپ تەرەققى قىلدۇرالايدۇ. ئەمما، تاناپتەك قېتۋېلشتىن، سۈرلۈك كۆرۈنىشتىن دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ مۇز ياغدۇرۇپ يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسىياتىنى چۈشەنمەيدىغان ياكى چۈشۈنىشنى خالىمايدىغان ئىقتىدارسىزلارنىڭ قىلىقىدۇر. بىز مائارىپچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەڭ ئاۋۋال ئالدىمىزدىكى سەبىيلەرنىڭ قەلبىنى، ئىستىكىنى ، كۈڭلىنى ھەم ھېسىياتىنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك. ئۆزئارا قېرىنداشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھاڭنى، پەرقنى يوقۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى بارلىق گەپلىرىنى، سىرلىرىنى، دەرتلىرىنى، تارتىنماي تۆكەلايدىغان يېقىنچىلىقنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىمكان بىرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆتكەن دەرىسنىڭ، ئېلىپ بارغان تۈرلۈك تەلىم- تەربىيەنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.2 K+ o, H5 p5 L5 s' ]" W. o# ]
|