بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشىنىسەن .
جەمئىي مىكروبلوگ 1090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مەرىپەت 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئوڭۇشسىزلىق بىر ئەقىل بېرىدۇ.

  • xam 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    مائارىپ- ئەقىل ۋە ئېتىقادنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق، مائارىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى، تەرەققىي ...

  • مەرىپەت 2012-11-5 23:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش كېرەك.

  • بىرسى 2012-11-4 20:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    يارنى كۇندە كۆرۇپ تۇر ، يادلاشماي دىسەڭ .ئەقىلنى كۇندە بىلەپ تۇر ، داتلاشماي دىسەڭ

  • tanha_bora 2012-10-29 01:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوستلا   كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلاغا ئېھتى.....

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:13 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئالتۇن ساپ بولماس، ئادەم نوقسانسىز...

  • تارىم0997 2012-10-26 10:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، قېرىنداشلار

  • xarbat تۈنۈگۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى، مەمۇرى، شىتات دىگەن سۆلەرمۇ ھالقىلىق سۆزكەن توۋا....

  • xam 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    تىرىشچانلىقنىڭ مەنىسى، تۈنۈگۈننى تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بۈگۈننى قولدىن بەرمەسل ...

  • بىرسى 2012-11-5 01:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆلۇمنىڭ كۆزى بىرلا نەرسىدە ، پەقەت جاندا . ئادەمنىڭ بولسا مىڭدە ، شۇڭا ئادەم ئۆزىنى دائىم بەختسىز سېزىدۇ

  • چوغلۇق 2012-11-4 00:03 [ئىنكاس(1)] [...]

    قېيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە.

  • 天使 2012-10-28 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھءيتىڭلارعا مۇبارەك بولسون،........

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى  ئايال ياخشى بىر ئەرنى تاۋلاپ چىقالايدۇ.

  • xarbat 2012-10-25 22:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 22

[پوۋېست]قاتىلغا ئايلانغان پەرىشتە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

يوقلىما
23
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:51:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتىلغا ئايلانغان پەرىشتە
2 ~" f4 O( G; e- \4 [
پوۋېست
2 W) x# p* X+ X0 `& S0 z" {
مۇقەددىمە

4 _- a' ~* D4 u3 Tسوت مەھكىمىسىنىڭ چاققانغىنە سوت زالى ئادەملەرگە لىق تولغان ئىدى . سوت ئاڭلاشقا كەلگۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ شەھەردىكى تىببىي ئىنىستوتنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئىدى .
) {9 U6 J2 Z6 O, A6 ~) ~& oئەيىپلەنگۈچى ئورنىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر قىز بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇراتتى .چاچ توسۇۋالغاچقا ، ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولمايتى .ئەيىپلەش - ئاقلاش سۆزلىرى ئاياغلاشقان ، ئەيىپلىگۈچى ، ئاقلىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتىنى ئوتتۇرۇغا قويغان ، گۇۋاھچىلار گۇۋاھچىلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن باش سودىيە :* U( s3 e+ }  ^' ~. b+ C
_ جاۋاپكار ، سېنىڭ قانداق سۆزۈڭ بار ؟ _ دەپ سورىدى .! V3 Y, W# U1 g7 Q+ K6 F  g
شۇ چاغدا ئەيىپلەنگۈچىنىڭ ئورنىدىكى قىز بېشىنى كۆتۈردى .1 n) H+ ]9 O# H+ Q7 m
_ پاھ ! ... نىمىدىگەن گۈزەل قىز _ ھە ؟! _ دىدى كىمدۇر بىرى .
1 S6 g9 w" @! k! @_ شۇنداق ، گۈزەل قىزنىڭ جىنايەت  ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .7 m; o1 x; t% F0 |8 J' ]
_ بولۇپمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىگە دەڭلار ...
8 P2 x* Q: i/ W- P+ a9 L. x1 y; l% n_ ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن ، قانۇن دىگەننى بىلمەمدىغاندۇ ؟ ...
5 Y% `& n* o6 u8 }& F% ~) d( W% e- i   كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق غۇلغۇلا بولىۋاتقاندا جاۋاپكار قىز ئاڭلىغۇچىلارغا نەزەر سېلىپ چىقىپ سۆزىنى باشلىدى :' J, B; w4 _' t* N, o  y
_ ھۆرمەتلىك سودىيە ، ماڭا سۆزلەش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت . مېنىڭ جىنايىتىم ھەقىقەتەن ئېغىر . قانداق جازا بېرىلسە مەن تامامەن رازى . ئەمما مەن قانداق بولۇپ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالدىم ؟ بۇنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ ؟ : w+ f9 `# o4 [( r
_ قېنى سۆزلە !
" E& g) k2 w5 l5 G# A! pقىز خۇرسىنىش ئىچىدە ئۆز تارىخىنى سۆزلەشكە باشلىدى:' ~; U3 S2 J+ n; @2 Q/ W

, f9 U. Z4 [0 O& \3 J/ l
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
tanha_bora + 1 + 1 + 1يارايسىز!
xarbat + 20 + 15 + 5 + 4ئېسىل!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 21 قىزغىنلىق + 16 تىللا + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:52:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1
1 N7 V3 S# i) @1 g, R3 r
بۇ قىزنىڭ ئىسمى پەخىرنىسا  ئىدى .4 h+ t# i8 I" `6 Y& _$ Q* \
بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرىكى يازنىڭ ئادەتتىكىدەك كۈنلىرىنىڭ بىرى . جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت ناھىيىسىدىكى بىر يېزا .يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ياللانما ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم ئۆزىنىڭ كەپىسى ئالدىدا ئايالىنىڭ ئۆي ئىچىدىن كېلىۋاتقان تولغاق ئازابىدىكى ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ موخۇركىسىنى  ئۈزۈلدۈرمەي چېكىپ ئولتۇراتتى .9 ?6 d9 q1 O& v' D/ T* [7 d/ L
ئاخىر ئۆيدىن بوۋاقنىڭ ئىڭڭەسى ئاڭلاندى ۋە ئىشىك غىچىرلاپ تۇغۇت ئانىسى چىقىپ ، گويا تۈزۈك سۆزلىگۈدەك ماجالى قالمىغاندەك بوشقىنا : 3 r% M4 u6 Q& c0 q6 d0 O
_ قۇتلۇق ، غۇنچىدەك قىز تۇغۇلدى . _ دىدى .  }! s0 D  v' ^) b
   ئابدۇكېرىم كۆيىۋاتقان موخۇركىسىنى مىجىپ ئۆچۈرۈپ يىنىك تىن ئالدى . خوشاللىق بىلەن قايغۇ قوش كېزەك دىگەندەك ، پەخىرنىسانىڭ تۇغۇلىشى ئۇنىڭ ئانىسىغا بىر بالا بولدى .
% n/ n3 M* ?" K# L! ^1 l! c" S+ \بىچارە ئاجىز مەزلۇم تۇغۇتتىن كېيى قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ئورنىدىن تۇرالمىدى .پالەچ بولۇپ قالدى .
2 k, y3 }7 l" ?ئابدىكېرىم پەخىرنىسانى بالا - قازانىڭ بىشارىتى دەپ قارىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەلە - مەھەللىدىكىلەر ئابدىكېرىمنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئىزناسى كۆرەلمىدى ...4 \0 R- G5 [# g
پەخىرنىسا كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولدى .ئۇ زېرەك ھەم ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك ئوماق ئىدى .بۇ چاغدا پەخىرنىسانىڭ ئاچىسى بەھىرنىسا سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ، ئۆينىڭ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىغا ئاز تولا ياردەملەشكۈدەك بولۇپ قالغان ئىدى .$ L3 x* ~) Q/ q( t5 K
ئابدىكېرىم پات - پاتلا پەخىرنىسانى تۆگە تايلاق  قىلىپ بوينىغا مىندۈرۈپ مەھەللىنى ئايلاندۇراتتى . پەخىرنىسانىڭ گۆدەكلەرچە سورىغان كۈلكىلىك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرەتتى ...# h) }* Q' _* o! a$ `* Y6 r
پەخىرنىسا بەش ياشقا كىرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، دادىسىنىڭ ئۆينىڭ تالا ئىشىكى تۈۋىدىكى چاققان سۇپىدا ئولتۇرۇپ ، مىسكىن ھالدا تاماكا چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ كۆزىنى تۇتىۋېلىپ :. r+ f. y. P5 Z6 t0 Q& f
_ دادا ، تېپىڭە مەن كىم ؟ _ دىدى .+ L9 Y( z1 v1 E& h  [
نەچچە يىللاردىن بېرى كۈلۈپ باقمىغان ئابدىكېرىم تۇنجى رەت چىن كۆڭلى بىلەن قاقاھلاپ كۈلىۋەتتى ...
4 o9 A0 |. j$ N( u_ سىز مېنىڭ قىزىم پەخىرنىسامۇ ؟ _ دىدى ئابدىكېرىم ۋە قولىدىكى موخۇركىنى چۆرىۋېتىپ پەخىرنىسانى قۇچىقىغا ئېلىپ پىشانىسىگە سۆيدى .
7 v6 A9 i) R$ }2 \دادىسىنىڭ بۇنىڭدىن خوشال بولىدىغىنىنى بىلىۋالغان پەخىرنىسا بۇ ھەركىتىنى چوڭ بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ماڭغۇچە قەدەر داۋاملاشتۇردى .- g1 L! R/ j0 a! J3 r- D7 w* B
ئارامخۇدا ئۆتىدىغان خوشال كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى . پەخىرنىسانىڭ ئائىلىدە ئىككى ئۆزگىرىش بولدى .: e3 g% z7 t7 i5 c: _0 S" }
بىرى - سەۋەبى ئېنىق چۈشەندۈرۈلمەيلا ئابدۇكېرىم ئوقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلدى .بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى يېقىلىپ چۈشتى .
; k- p6 [6 O9 g: `يەنە بىر - كوممۇنادا بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىشلىشى بىلەن تۆت جاننى بېقىپ كەتكىلى بولمايدى . شۇڭا ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇۋاتقان بەھىرنىسا ئۆيىگە قايتىپ دىھقان بولدى .
& {+ c0 C; I5 y: _: Q% b# wئابدۇكېرىم بۇ ياۋاش ، ئاق كۆڭۈل دېھقان پات - پاتلا پەخىرنىسانى ئىشىك ئالدىغا باشلاپ چىقىپ ، ئۇنى قۇچىغىغا ئېلىپ چاققانغىنە سۇپىدا ئولتۇرۇپ :
6 `0 w1 }  q0 d3 X_ قىزىم ، مەن يارىماس دادا بولۇپ قالدىم ، سىلەرگە زور خوشاللىق ئاتا قىلالمىدىم ، مانا ئاچىڭىزمۇ ئوقۇشتى قالدى ، بىلىم ئىگەللىمىگەن ئادەم سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ، سىز تىرىشىپ ئوقۇڭ ، بىزنى - ئانىڭىز ، مېنى ، ئاچىڭىزنى باشقىلار ئالدىدا مەيدە كېرىپ يۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىڭ _ دەپ جېكىلەيتى .9 C2 d) w' {( P3 w2 Q
مۇشۇنداق چاغلاردا پەخىرنىسا دادىسىنىڭ كۆزىدە لىغىرلاپ قالغان ياشنى كۆرەتتى ....
& i" t) K+ H& r; a( p4 [2 @) P1 pئائىلىسىدىكى بەخىتسىزلىكلەر ۋە دادىسىنىڭ نەسىھەتلىرى پەخىرنىساغا زور كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدى . ئۇ چىشىنى چىشلەپ باش چۆكۈرۈپ ئۆگەندى ...ئەلا نەتىجە بىلەن  ئاخىرى تىببىي ئىنىستوتقا ئۆتتى .& P/ A5 t6 G0 l/ \
پەخىرنىسا تىببىي ئىنىستوتتىمۇ ھەممە پەنلەردە يۇقىرى نەتىنجە بىلەن شەرەپكە نائىل بولدى .ئۇنى ساۋاقداشلىرى ، ئوقۇتقۇچىللىرى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى ....
. J- F: |' T  ]( q# x....7 U/ k" e+ w7 i2 {
پەخىرنىسانىڭ ھايات قولۋىقى بورانسىز ، دۇلقۇنسىز دېڭىزدا شۇنداق راۋان كىتىۋېتىپ كىچىككىنە بىر < قورام تاش > قا سوقۇلدى ! : o3 R+ |; n( R6 K6 v5 o1 ?
ئۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان تاش ئىدى . ئەمما شۇ تاش پەخىرنىسانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى ....  t$ E+ \- P' n7 t, N
+ t1 U: F2 r. o( }
  ئاشۇ  قارا  باسقان شەنبە كۈنىنى ئويلىسا ، پەخىرنىسانىڭ تېنى ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كىتەتتى .. L1 w3 W! m9 \1 c- k
ئۇنىڭ ھايات قۇلۋىقى ئاشۇ شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن نىشاندىن چەتنىگەن ئىدى .
0 }5 V  [, P% S/ E$ _; w

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:56:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2
: c! J. x3 s, k
ئۇ بىر شەنبە كۈنلىكى ، سائەت بەش بولاي دەپ قالغان ۋاقىت ئىدى .پەخىرىنىسا مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىتاپخانىغا كىردى .ئۇ پات - پاتلا بۇ كىتاپخانىغا كىرىپ ، ئۆزىگە كېرەكلىك كىتابلارنى كۆرۈپ تۇراتتى .بەزى مۇھىم جايلىرىنى يېنىدىن ئايرىمايدىغان خاتىرىسىگە كۆچۈرۈپ ماڭاتتى .* w. [6 U& }: n, P- j
ئۇ بۈگۈنمۇ كىتاپخانىغا كىردى . كىتاپخانا خىزمەتچىسى  قاۋۇل - ئات يۈز ، كۆك كۆز ، قوش ئىڭەك ، ئۆز بەستىگە قارىغاندا قورسىقى يوغان ئادەم ئىشىك تۈۋىدە تاماكا چىكىپ ئولتۇراتتى .پەخىرنىسا ئىشىكتىن كىرىۋاتقاندا ، قاۋۇلنىڭ كۆك كۆزلىرى ئۇنىڭغا ئالاھىدە تىكىلدى .ئۇ تىلىنى يالاپ لەۋلىرىنى تامشىپ قويدى . ئەمما بۇ ئىشلارغا پەخىرنىسا دىققەت قىلمىدى .
0 @5 o4 p8 R7 g0 ]! Y" fپەخىرنىسا ئۇدۇللا كىتاپ جازىسى قېشىغا باردى ۋە كىتاپلارغا بىر قۇر زەن سېلىپ ، بەزىللىرىنى قولىغا ئېلىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ ماڭدى ./ R0 l2 }: v  c3 i! c9 v1 W% {7 ?
ئۇ بىر يېڭى كىتاپنى كۆرۈپ قالدى .پەخىرنىسا بۇ كىتاپنىڭ داڭقىنى باشقىلاردىن خېلى ئاڭلىغان  ، بىر ئوقۇسام دىگەن ئارماندا ئىدى . ئۇ كىتاپنى زوق - شوق بىلەن بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلىدى ، ئەمما كىتاپنى ئوقۇغانسېرى كاللىسىغا باشقا بىر خىيال كىرىۋېلىپ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىدى ....# O: R4 L1 {' r& ~4 k
مەن بىر نامرات ئوقۇغۇچى ، بۇ كىتاپنى سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم يوق ، ھەر كۈنى كىتاپخانىغا كېلىپ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولغۇچە  باشقىلار سېتىۋىلىپ ئېلىپ كەتسە ، مەن ئوقۇيالماي ئارماندا قالماي يەنە ...
5 O0 ^% f& M- S& I. dقانداق قىلىش كېرەك ؟ - پەخىرنىسانىڭ كۆڭلىدە بىر ئوي پەيدا بولدى ...پەيدا بولدىيۇ ، ئۆزىچىلا ئەندىكىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ...& V: i1 [* U) }0 H( l+ O/ G
كىتاپنى سومكىغا سېلىۋېلىش كېرەك ! ...پەخىرنىسا ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئويىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتەلمىدى ، ئۇ ئاستا ئەتراپىغا قارىدى . بىر قانچە ئوقۇرمەن ئۆزلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرىۋاتقان ، قاراۋۇلمۇ  ئىشىك ئالدىدا تاماكىسىنى چىكىپ ئولتۇرغان ئىدى .ھىچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى ...ئۇ ئاستا كىتاپنى سومكىسىغا سالدى .
7 W  z3 l* q/ b5 I3 l0 I9 @' [ئۇ ئىشىككە قاراپ ماڭدى ، ئەمما پۇت - قوللىرى قولاشمىغان ، چىرايى تاتارغان ، گويا ئايىغى ئاستىدىكى يەر پۇرژىنىلىق ماتراستەك قەدەملىرى قاملاشمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ دەلدەڭلەپ بېرىپ ئىشىك كېشىكىگە ئۇرۇلدى ...ئۇ بىرەر كېلىشمەسلىكنى ھىس قىلدى ، بۇ خىل ھىس تۈپەيلى تېخىمۇ تىترەك ئولىشىشقا باشلىدى .
( w7 S6 X2 ?. e. k- D1 Qراست دىگەندەك ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇل ئورنىدىن شاپپىدە تۇرۇپ قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى يەرگە تاشلىدى - دە ، كۆرەڭلىك بىلەن پەخىرنىساغا قاراپ توۋلىدى :
9 w0 k. R( j- T; e$ a3 p) }_ سومكىدىكى كىتاپنى چىقار ! - دەپ يۈز كىتاپ ئوغرىسى !!!
5 K$ T8 W' U; t  شۇ ئان يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك پەخىرنىسانىڭ ئەتراپىدا بىر توپ ئادەم ئولاشتى .
8 \8 S8 T) _# M! H  قاۋۇل پەخىرنىسانىڭ سومكىسىنى تارتىۋېلىپ ، سومكىدىن كىتاپ ۋە پەخىرنىسانىڭ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى ئالدى ، گويا زەپەر قۇچقان ئەزىمەتلەردەك ئىگىز كۆتىرىپ پۇلاڭلىتىپ ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ ۋالاقشىدى :
' L( h! b/ L6 D& l" u) U5 X _ كۆردۈڭلارمۇ بۇ كىتاپ ئوغرىسىنى ! قاراڭلار ، ماۋۇ ئۇ ئوغىرلىغان كىتاپ ، ماۋۇ ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى . مەن ئۇنىڭغا بۇرۇنلا دىققەت قىلغان ، ئۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك بۇ يەردە تىمىسقىلاپ يۈرەتتى .ئەنە ، ئاۋۇ جازىغاقاراڭلار ، بىر كىتاپ ئوغۇرلىغانلارغا 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ  دەپ ئېنىق يېزىلغان .ئەمما ئۇ كىتاپ ئوغۇرلىدى ، يەنە كىلىپ ئىككىنى ئوغۇرلاپتۇ !
' s+ e- p  f+ C  R: Q& L$ _9 w_ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمىش ! نومۇسنى بىلمەيدىغان شەرمەندە !!! - دىدى توپ ئارىسىدىن بىرى .
5 R. J) w" c, P( Q) L   پەخىرنىساغا يەرگە كىرىپ كىتەي دىسە يەر قاتتىق ، چىقىپ كىتەي دىسە ئاسمان يىراق بولۇپ كەتتى . مىشىلداپ يېغلىغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى .0 e( c" S$ g5 E
_ مېنىڭ گېپىم گەپ ، ئىككى كىتاپقا 100 يۈەن جەرىمانە قويىمەن . پۇلنى قاچان تۆلەپ بولسا ئاندىن ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى قايتۇرىمەن . - دىدى قاۋۇل تەئەددى بىلەن _ بولمىسا بۇ ئەھۋالنى تىببىي .ئىنىستىتوت رەھبەرلىكىگە ئېيتىمەن ، ئۇ چاغدا بۇ گۈزەل قىز يۈزىنى  قانداق كۆتىرىپ يۈرەلەيدىكىن قېنى ؟!
+ X+ E/ K+ i+ h3 x_ بۇرادەر ، بولدى قىلىڭ _ دىدى كۆزەينەكلىك ، قىرىق ياشلار ئەتراپىدىكى بىرى . _ ئۇ قىز بالا ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك بىچارە ئىكەن ، ئۇنى كەچۈرۈۋېتىڭ ، كىتاپ پۇلىنى مەن تۆلىۋېتەي .
- R: z7 K- g4 B1 z _ ياق ، بولمايدۇ ! - دىدى قاۋۇل پىشمىغان قاپاقتەك يوغان كاللىسىنى چايقاپ . 7 ~5 f/ w' [; |5 E
- مېنىڭ ئۇنى پايلاپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولغان ، ئەجرىم بېكارغا كەتسە بولماس ؟ گەپ شۇ ، ئوغرىنى تۇتقاندىكىن راسا ئەدىپىنى بېرىپ توۋا قىلدۇرۇش كېرەك !...
+ ^. z! q% |9 ]/ p' w _ ھەر شەنبە كېلىپ پۇلنى تۆلەيسەن ، پۇلنى تۆلەپ بولساڭ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكەڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن ، بولمىسا ئەھۋالنى مەكتىپىڭگە دەيمەن !
% r1 n  b1 N) m* H. Q6 Y; ^0 t2 R   پەخىرنىسا جىممىدە تۇردى . ئۇنىڭغا يەر - ئاسمان چۆرگىلىگەندەك بىلىندى .كۆپچىلىك قوللىرى بىلەن ئۇنى چىنەپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشتى ...... P! L; q  \0 ~2 s8 V9 g# L- w
ئاھ خۇدا ، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم .( f, Y; k, U7 L$ A8 h+ T5 e

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2641

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5286
نادىر تېمىسى: 91
تىللا: 14301
تۆھپە : 4376
توردا: 3899
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 22:34:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىنىشىدىنلا ئېسىل بىر ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى پەملىدىم، قەلىمىڭىزگە بارىكاللا بۇرادەر، داۋامىغا تەشنابىز!
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 22:48:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما كۆچۈرۈلمە تېما ئەمەس . قەقنۇس ئۆز قولى بىلەن ھەر بىر ھەرپ ، ھەر بىر تىنىش بەلگىسىنى بىر - بىرلەپ بېسىپ چىققان تېما ...: a) u# \" [, ~  O* w1 a1 F% |
ئاخىرى خېلى بار ، كۆپچىلىكنىڭ پوۋىستقا ئىشتىھاسى قانداقراقكىن بىلمىدىم - ئىنكاسقا قاراپ باقاي

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
گۈللالە ۋاي توۋا، ھىكايىگە ئېلان قىستۇرغاننى كۆرگەنلە بارمۇ؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 01:03
xarbat ياخشى: 5
ئېسىل ئەسەر، داۋامىغا تەشنامەن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 23:23

83

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4655

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  218
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 1759
تۆھپە : 385
توردا: 538
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-11

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىئاكتىپ ئەزامائارىپچى ئوردىنىمۇنبەر نازارەتچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 23:43:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا، شۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇۋاتسام توختىتىۋالغىنىڭىز نېمىسى................

باھا سۆز

قەقنۇس ئېلان قىستۇرىدىغان يەرگە كەلدى ، شۇڭا توختاتتىم ...ھى...ھى...  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:22
ئادەم بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار،ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۈزۈلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. دىققەت ق ...

889

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 7656
تۆھپە : 2197
توردا: 1934
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 13:07:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تېزراق يوللاڭە...

دۇنيا بىلىپ قوي ،مەن ئۇيغۇر!!

68

تېما

2

ئەگەشكۈچى

6108

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  839
يازما سانى: 728
نادىر تېمىسى: 7
تىللا: 2030
تۆھپە : 600
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىۋولقان قىزىقچىسىۋولقان يازغۇچىسىمۇنبەر نازارەتچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:36:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاخىرى ؟؟؟؟؟؟تېزرەك يوللىڭە بۇرادەر!!!!!!
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ،قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:57:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3

3 h* c( s& O+ Fئاشۇ ۋەقەدىن كېيىنىكى بىر ھەپتە ئىچىدە پەخىرنىسانىڭ ھەر بىر دەقىقىسى دەككە - دۈككە ئىچىدە ئۆتتى .ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىدى ، دادىسى ۋە ئاچىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلىدى ، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان پالەچ ئاپىسىنى ئويلىدى ...0 i, d5 k  s6 V
ئۇ چىشىنى چىشلەپ ، قىلغىلى بولىدىغانلا ھەممە ئامالنى قىلىپ ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق جەرىمانىنى تۆلەش نىيىتىگە كەلدى .0 v8 [, D$ `- V& e) e
بىراق ئۇ 100 يۈەننى نەدىن تاپىدۇ ؟ بىر يىل ھاردىم - تالدىم دىمەي ئىشلەپ پۇل تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، يەنە تېخى قەرىزگە بوغۇلۇپ قالدىغان ، بىر كۈنلۈك ئەمگىكىنىڭ ھەققىگە بىر تۇخۇممۇ كەلمەيدىغان بىر دېھقاننىڭ قىزى ئۈچۈن 100 يۈەن تاپماق ئاسان گەپمۇ ؟ پەخىرنىسا ئۆزىگە غەزەپلەندى ، كىتاپنى سومكىغا سالغان قولىنى كىسىۋەتكۈسى كەلدى ...
0 p1 z! o1 A4 W; C; `9 |ئۇ كارۋىتىدا يېتىپ توختاۋسىز ئۇياق - بۇياققا ئۆرىلەتتى . ئەقلى يەتكەن ، ئويلاپ يىتەلىگەن ھەمما ئامالنى ئويلاپ باقتى .ئاخىر يۈزىنى تۇتىۋېلىپ ئۈن سېلىپ يېغلىۋەتتى . ئۇ مۇشۇنىڭدىن باشقا نىمىمۇ قىلالايتى ؟!
4 n6 a( Q* y. f بىر ياتاقتىكى قىزلار پەخىرنىسادىكى بۇ ھالەتتىن ھەيران قالدى .لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ قانداق كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىغانلىقىنى بىلمەيتى . شۇڭا ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئازراق قورساق غۇمى بار ئاسىيە تۇمشىقىنى ئۇچلاپ :! j  d5 W3 }& x' D: h: |
_ ئۇنى ئاشىقى بوزەك قىلغان گەپ ! _ دىدى .6 P9 Z" i- K+ l8 w6 m. e% O; G, m
شەمسىيە - پەخىرنىسانىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاسىيەگە ئالىيىپ قاراپ قويدى - دە ، جۇدۇنى ئۆرلىگەن ھالدا ياتاقتىن چىقىپ ئۇدۇللا مەھمۇدنىڭ قېشىغا باردى .
: ~) V3 b4 {+ I) l/ \مەھمۇد پەخىرنىسانىڭ يۇرتدىشى بولۇپ ، كىچىكىدىن باشلاپلا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاشىق - مەشۇقلار ئىدى .
' }+ k0 D/ u. X9 Y_ مەھمۇد ، سىز پەخىرنىسانى نىمە دەپ بوزەك قىلىسىز ؟ _ دىدى شەمسىيە ئاچچىقى بىلەن .
, z5 @, H  ^2 t# ~_ نىمە ؟ نىمە ؟ _ قايتىلاپ سورىدى مەھمۇد ھەيرانلىق بىلەن .$ J, w2 h6 _# s# ?0 y' x
_ بىلمەس بولىۋالماڭ ، ئۇنى نىمە دەپ بوزەك قىلىسىز دەيمەن ؟
1 i, d8 H$ `( _9 }/ b$ j# p5 X3 i_  ئۇنى بوزەك قىلغىنىم ، كۆڭلىنى رەنجىتكىنىم يوققۇ ؟ _ دىدى مەھمۇد ھەيرانلىق بىلەن .
( o( h4 S/ e& t: o_ بوزەك قىلمىسىڭىز ئۇ ياتاقتا نىمىگە يېغلاپ ئولتۇرىدۇ ئەمىسە ؟3 u" v! k* f9 H7 x7 j. q0 @
_ ئۇ يېغلاۋاتامدا ؟ ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكۈدەك بىرەر ئىش بولغىنى يوق ، ئۇ نىمىگە يېغلايدىكىنە ؟4 o: n& l. A, j0 `- x9 ^- ~
...1 B, Z/ _( j% G- `
پەخىرنىسانىڭ ئاغزى يەملىشىپ كەتكەندەك ئىدى .ئۇنىڭدىن ھىچكىم گەپ ئالالمايتى - ئۇ پەقەت يېغلايتى خالاس .
0 W8 r9 Y$ Z3 Y" `9 Bقورقۇنۇچلۇق شەنبە كەلدى .! B) N  ?8 m, [
پەخىرنىسا ئورۇقلاپ ، ئاجىزلەپ كەتكەنىدى . چىرايىدا بولسا مىسكىنلىكتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى .# q) Y0 G& R% A. z/ U2 s
مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا كىتاپخانىغا ئۇزۇن قاراپ تۇرغان پەخىرنىسا كىتاپخانىدىكىلەر ئاساسەن تارقىلىپ بولغاندا ئاندىن كىتاپخانىغا قاراپ ماڭدى .
2 O; E3 a( t2 r5 @/ Rئۇنى كۆرگەن قاۋۇل قىلىۋاتقان  ئىشىنى توختىتىپ ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك بىر خىل كۈلۈپ قويدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ تۈك بېسىپ كەتكەن قولىنى پەخىرنىساغا سۇندى :
+ @3 X7 V2 z' K- M_ پۇلنى ئەكەلدىڭىزمۇ ؟  P& g  S6 u" [! X
پەخىرنىسا بىر ھەپتىدىن بۇيان مىڭ تەستە يىغالىغان ئون نەچچە يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .قولى قاۋۇلنىڭ قولىغا تېگىشى بىلەن گويا چوغنى تۇتىۋالغاندەك ، يۈرىكى دۈكۈلدەپ كەتتى .
: J5 {% I; J0 T( b* W7 O_ ئاران مۇشۇما ؟ _ دىدى قاۋۇل .- p3 H8 e' I& B- ~, f
_ شۇنچىلىك يىغالىدىم _ دىدى پەخىرنىسا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ  _ ئاكا ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكەمنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز .
/ `- ^" n7 b* k! [قاۋۇلنىڭ كۆزلىرىدە شەھۋانىيلىق شولىسى پارقىرىدى .
$ |7 M) X4 o* w* f0 v) I# L_ بوپتۇ ، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرسەم بېرەي ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە سىز ماڭا نىمە بېرىسىز ؟
# {! Y8 E# \" o. X6 oپەخىرنىسا ئۇنىڭغا يالۋۇردى :( ?# {* _0 X; Z! l
_ ئاكا ، مەن راستىنلا پۇلنىڭ يولىنى قىلالمىدىم .9 `  B0 Z9 b$ V6 L$ v5 e
گۈگۈم چۈشكەن بولۇپ كىتاپخانىدىكى كىشىلەرمۇ ئاللىقاچان كىتىپ بولغان ئىدى . قاۋۇل پەخىرنىسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىنى چىمدىپ قويدى - دە ، ئۇنى قۇچاغلىماقچى بولدى ۋە :
! N0 N2 J7 Y. P* z" |, k_ سىزدە پۇل بولمىغىنى بىلەن قالغان نەرسىلەر بار ئەمەسمۇ _ دىدى شەھۋانىيلارچە ھىجىيىپ .# J% T8 _% I2 m' ?0 q
قاۋۇل پەخىرنىسانى قۇچاغلىيالمىدى . پەخىرنىسا چاققانلىق بىلەن ئىگىلدى - دە ، ئۇنىڭ قولتۇقى ئاستىدىن خوددى بېلىقتەكلا ئىشىك تەرەپكە ئۈتىۋالدى .
; A  {. q/ H( ?_ ئاكا ، مەن بىر قېتىم ئېزىپتىمەن ، رەھىم قىلىڭ ._ دەپ يالۋۇردى پەخىرنىسا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ، ئاندىن يۈزىنى تۇتقىنىچە كىتىپ قالدى .
+ l9 _' B& n1 d4 N, ^& M! @1 o% }0 Z_ ھۇ بۇزۇق ، ئاڭلاپ قوي ، مەن ئەدىپىڭنى بەرمەي قويمايمەن ! _ دەپ تىللىدى قاۋۇل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن .
* z$ H/ `; q& O* O: G! ~/ J5 W  `
0 `7 S$ Z: V1 a! X, T" {پەخىرنىسا ياتىقىغا كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۈن قويۇپ يېغلىۋەتتى . كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ، ئۇ كېسەللىك رۇخسىتى ئالدى . ئۇ راستىنلا ئاغرىپ قالغان ئىدى .
: Y* |7 J- k; x3 e8 L' Z( U% i9 }( sتاماق يىيەلمەيتى ، ئۇخلىيالمايتى ، دائىم دىگۈدەك قارا بېسىپ چۆچۈپ ۋارقىراپ كىتەتتى . - [/ ~5 z4 v9 ]' a7 |4 p
بۇ ئىشلاردىن ھەيران بولغان ساۋاقداشلىرى خىلمۇ - خىل پەرەزلەرنى قىلىشىپ ، نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قېلىشتى .9 m$ h' g* v( e/ a1 V- s
نەچچە رەت ئۇنى يوقلاپ كىرگەن مەھمۇد ئۇنىڭدىن قايتا - قايتا  نىمە  بولغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ ئەمما جاۋاپقا ئېرىشەلمىدى . پەخىرنىسا پەقەت قار - يامغۇ ر يېغلايتى .# o5 L' l. l7 i  ^, h6 Z8 w2 R
ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاچقا  بولالماي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولۇپ ، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققان كۈننىڭ ئەتىسى قاۋۇل ئۇنى ياتاققا ئىزدەپ كەلدى .
% f, E2 e5 C( yياتاقتا پەخىرنىسادىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا بۇ قاۋۇلغا ياخشى پۇرسەت بولۇپ بەردى :! e5 \" C# s: x$ [7 H1 s
_ ئاھ ، چىرايلىق ئاپپىقىم ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭ ، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىڭىزنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىمەن ، بولغان ئىشلارنىمۇ يېيىۋەتمەيمەن ...دىدى ۋە ئاچ قالغان بۆرىدەك پەخىرنىساغا تاشلاندى . پەخىرنىسا بارلىق كۈچىنى يىغىپ قاۋۇلغا كەلتۈرۈپ بىر كاچات سالدى .
+ B4 i4 {. G3 r( c0 z9 hدەل شۇ ۋاقىتتا ياتاق ئىشىكى ئېچىلىپ كىرىپ كەلگەن ئاسىيە بۇ ھالەتنى كۆردى .
/ |1 }  O: w5 M2 W9 B( Z_ خەپ توختاپ تۇر ! كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان بولسام ! _ دىدى قاۋۇل ۋە كۆتىگە يانتاق قىستۇرۇلغان تەخەيدەك چىچاڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى .
( Q' M- n5 L+ F6 B2 mپەخىرنىساغا ئۆچى بار  زۇۋاندارۋاز ئاسىيە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغان پەخىرنىساغا دېۋىنىپ قارىۋەتكەنچە ئارقىغا ياندى .! o" p# f" r' [+ l4 N0 a
...
7 t: M* v6 `& C6 n0 p" T# e0 [بىر ئاخشامدىلا پەخىرنىسا توغرىسىدىكى پىتنە - پاسات پۈتۈن سىنىپ ، پۈتۈن فاكولتىتتىكى قىزلار ئارىسىدا تارقالدى .: k* L0 b* S4 l& ~( L
ئەزەلدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان مۇلايىم ۋە ئاق كۆڭۈل ، ساھىبجامال پەخىرنىسا ئەمدىلىكتە بولسا ساۋاغداشلىرىنىڭ گۇمانىي پەرەزلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى .
2 Y7 K% c: ~. u/ T, O8 {ئاشۇ ئات يۈز ، كۆك كۆز ، ئاشۇ بوردالغان چوشقىدەك سىمىز ئادەم كىم ؟ ئۇنىڭ پەخىرنىسا بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟ ئۇ پەخىرنىسانىڭ .... نىمىش قىلىدۇ ؟.......& r2 p; J! y' L, X, X$ \
ئاسىيە ھەتتا بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىغا قاپقارىلا يالغان سۆزلەپ - ئۇ ئادەم پەخىرنىساغا جېققىدە پۇل بەردى _ دىدى .
- ]" o5 p4 ^  T, Q( b

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
xarbat ياخشى: 5
ھارماڭ دوستۇم!  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 00:31

11

تېما

0

ئەگەشكۈچى

807

جۇغلانما

ھەمكارداش

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 2
تىللا: 268
تۆھپە : 105
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 21:05:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
* O5 `9 F" l7 n; n. J3 a
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن 2 - سائەتلىك دەرىس ئۆتۈلىۋاتقاندا ، فاكولتىت مۇدېرى ئۇبۇلھاشىم پەخىرىنىسانى ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى .7 M0 P6 B$ X1 X1 E0 h
ئىشخانىدا مۇدىر ئۇبۇلقاسىم پەخىرنىساغا خوددى تونىمايدىغاندەك قاراپ قويۇپ ، ئۇنىڭغا ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلدى .ئاندىن گەپنى ئەگىتمەيلا :
" R4 `7 j  U* v7 x  y4 d_ پەخىرنىسا ، سىز قاۋۇل دىگەن ئادەمنى تونۇمسىز ؟ - دەپ سورىدى .
* @+ J: X5 g+ ?' p7 jپەخىرنىسانىڭ چىرايىدا شۇئان ئۈمىدسىزلىك ئىپادىلەندى .
! b: s3 ^) K7 @6 Q_ ساۋاقداش پەخىرنىسا ، قاۋۇل دىگەن ئادەم بۇ يەرگە كەلدى ، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىڭىزنى ئەكەپتۇ ... دىدى مۇدىر جىددىي تەلەپپۇزدا . _ سىز ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى تەشكىلگە دەڭ ، تەشكىلگە ئىشىنىڭ !
: }, u9 p" a3 c8 ]تامدىكى سائەتنىك چىك - چاك ، چىك - چاك قىلىپ يۈرىشىگە ئەگىشىپ پەخىرنىسا ئىشنىڭ جەريانىنى يۇشۇرماي سۆزلىدى ، ئۇ سۆزلەۋاتقاندا كۆز ياشلىرى ئۈنچىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى .
$ m; n( M+ `4 |0 Y2 K) C! a  W* Wئۇ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بۇرۇقتۇرما بولغان ، بۇ بىر ئايچا ۋاقىت ئۇنىڭغا مىڭ يىلدەك تويۇلغان ئىدى .مانا ئەمدى رەھبەرلىكنى كۆرۈپ ئاتا - ئانىسىنى كۆرگەندەك قورسىقىدىكى دەرت - ئەلىمىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋەتتى ......
' U) {3 }6 ?6 c6 ], R1 k, b  Lپەخىرنىسا سۆزلەيتى ، مۇدىر ئاڭلايتى .5 }- s4 ^4 c$ [0 U% L7 E. x
ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆكۈنۈش تەلەپپۇزىدا :
) o+ k6 ]* o. y! Z3 z. W% M9 M* c7 E_ تەشكىلنىڭ جازا بېرىشىنى سورايمەن _ دىدى .
; P5 K# h) |: s7 F6 A; Nمۇدىر چېكىپ بولالمىغان تاماكىسىنى كۈلدانغا بېسىپ ئۆچۈرۈپ ئۇلۇغ - كىچىك تىندى .
/ ^1 }8 B0 P) r3 b0 e" D& N) r_ ساۋاقداش پەخىرنىسا ، سىزنى مۇنداق ئىش قىلار دەپ زادىلا ئويلىماپتىكەنمىز ، مەكتەپ يۈزىگە داغ چۈشۈردىڭىز ، خاتالىقىڭىزنى تونۇمسىز ؟
: R: {4 P% n" G8 ?! C- W% {* dپەخىرنىسا باش لىڭشىتتى ...) v4 R9 ^" m0 k/ E4 N
_ سىز يازما ماتىريال تاپشۇرۇڭ ، تەشكىلنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈڭ .
1 a5 W  E% |# v* P7 c+ b& Vپەخىرنىسانىڭ كۆزى يېغىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ قايتار چېغىدا مەكتەپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ، مۇدىرنىڭ بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلىۋەتمەسلىكىنى ئۆتۈندى ، مۇدىر ماقۇل بولدى .2 X, h) `  r% m/ @1 w
...8 `& H! p4 g5 {! C
پەخىرنىسانى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن فاكولتىت رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ ، بۇ ئىشنى ئاشكارىلىماسلىقك ، ئومۇمىي ئۇختۇرۇش چىقىرىپمۇ پەخىرنىسانى تەنقىدلىمەسلىك ، پەخىرنىسا ئۆزىنى ئوبدان تەكشۈرسىلا بۇ ئىشنى بولدى قىلىشنى قارار قىلدى .) E* W+ W/ K% U6 ?6 Y1 l6 `6 T
لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش ئىككى كۈن ئىچىدە  فاكولتىتنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا خوددى شامالدەك تارقىلىپ كەتتى .6 ^0 _0 ]0 X) R" {8 u! N% q
شامالنى  چىقارغۇچى فاكولتىت مۇدىرى ئۇبۇلھاشىم ئىدى .
7 p& w9 c: \1 Q9 W$ M5 Fئۇ پەخىرنىسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنى كەچتە تاماق يەۋېتىپ بۇ ئىشنى ئايالىغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئايالى بولسا بۇ ئىشلارنى خوشنىللىرغا سۆزلەپ بەرگەنىدى ...
( G% @! z0 p; [3 F* Rپەخىرنىسانى تونۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ئۇنى كۆرسىلا پىچىرلىشىپ - ئاشۇ شۇمۇ ؟ ئۇنى ئوغرى دىيىشىدىغۇ ....دەپ پىچىرلىشاتتى ...
7 [" }3 W. l: J' C6 a; [_ بەلكىم چىرايىغا ئىشەنگەندۇ ؟ & b2 ~: q# R3 u
_ كېيىن ھېلىقى ئادەم بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇپ قاپتىمىش ...
) ]( O& m! S* x5 f# o. ^_ جېققىدە پۇل بەرگەنمىش ...
6 Q0 y: \; ~* g& R5 x  J% ]2 r' [* l. p_ .....2 c" D- @+ H$ A& A7 q
مەھمۇد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى . ھەتتا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ساۋاقدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپمۇ قالدى .0 s. v) E, G1 {/ t( q# x" F
مەھمۇد پەخىرنىسانى كەچتە ياتىقىدىن چاقىرىپ ئاچىقتى .
5 S+ x. ^- d. f: T( {6 M' T_ پەخىرنىسا ، دىگىنە - ئېقىپ يۈرگەن پىتنە - پاساتلار راستمۇ ؟5 @. Z2 y9 X1 V
پەخىرنىسا گەپ قىلماي بېشىنى ئىگىپ جىممىدە تۇردى .. u/ l4 a+ ]( H6 h; _* t7 X& t9 e
_ سەن ...سەن راستىنلا شۇنداق ئىش قىلدىڭما ؟ ئاتا - ئاناڭغا ، ئاچا يۈز كېلەلەمسەن ؟...) E' V7 p/ ~7 K5 X3 D1 ^  p
ئاچچىقىدا مەھمۇد بوينىغىچە قىزىرىپ كەتكەنىدى . ئۇ سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى . پەخىرنىسا يېغلىمىدى ، كۆزلىرى قىزارغان ، باغرى ئېزىلگەن ھالدا مەھمۇدنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى .0 Q5 e+ Z; Z9 c; q
مەھمۇد ئەتىسى قاۋۇل تەلەپ قىلغان پۇلنى تەييارلاپ كىتاپخانىغا باردى ۋە پۇلنى غەزەپ بىلەن قاۋۇلنىڭ يۈزىگە ئېتىپ :9 e! G+ E3 O" r8 v+ H* g8 g/ ~
_ ئەگەر سەن پەخىرنىسانى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولساڭ سېنى چۆجىنى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلىۋېتىمەن ! _ دىدى ., h4 P  w3 b  }  f+ e% o2 u
قاۋۇل قېنى قىزىغان ، كۆزىدە غەزەپ چاقنىغان بۇ يىگىتنىڭ ئالدىدا غىڭ قىلالماي قالدى .7 P* s5 n% T# {/ `
مەھمۇد كىتاپخانىدىن چىقىپ پەخىرنىسانى تاپتى ۋە :
, r. ?, j; Y8 z" y2 g_ كىتاپنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتىم ، ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىسۇن ، ئۆزۈڭنى ئايا ، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمە _ دىدى ....ئەمما ، ئەمما مەھمۇد زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىش يۈز بەردى .پەخىرنىسا ئۇنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي ، سوغۇقلا :
8 d/ A: {5 r; V) e) Q_ سەنمۇ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ، مەن پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن . سېنىڭ ماڭا تەنبىھ قىلىشقا سالاھىيىتىڭ يوق ، سەن ئالىيجاناپ بولۇپ داغدام يولدا مېڭىۋەر ، مەنمۇ ئۆز يولۇمدا مېڭىۋېرەي _ دىدى - دە ، ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى .3 j+ X& d; B7 A) W' e2 y
مەھمۇدنىڭ ئاچچىقى كەلدى ھەم ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى .1 F3 O$ V9 ~: [, g
  D$ O* D! z9 C* k
پەخىرنىسا ئۆزگەردى ، ئۇنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان قەيسەر خاراكتىرى مۇشۇ قېتىملىق بوران چاپقۇن بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى .. @. D0 m2 e7 o/ F& ^) F
ھەر خىل پىتنىلەر ئۇنى تېخىمۇ كاج قىلىپ قويدى .6 F9 U# S3 w" i& `/ A) k4 `' m
پەخىرنىسانىڭ ھاياتلىق سەپىرىدە نادانلىقتىن بىر پاتقاققا دەسسەپ سالغاندا ، قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بىر چىل بۆرە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ  ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى . سەبىي قىز ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرەلمەي - قۇتقازغۇچۇم ، نىجاتچىم دەپلا بىلدى ...
7 X* q6 \1 z' v3 cبۇ < بۆرە > نىڭ ئىسمى ئابدىقادىر بولۇپ ، تىببىي ئىنىستوتقا بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن دوختۇر ئىدى . بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇ پەخىرنىسا بىلەن تونۇشۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىدىن خەۋەر تاپتى .
5 g& ^) v4 F8 Vئادەملەرنىڭ بەزىسى شۇنداق رەزىل بولىدۇكى ، سېنىڭ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ ، ساڭا سايىۋەن بولغان قىياپەتتە ساڭا يېقىنلىشىپ ، ساڭا بېنزىن چېچىپ ئوت قويىدۇ ... سەن سۇغا چۆكۈۋاتساڭ  سېنى تارتىۋالماقتا يوق ، ئەكسىچە سېنى تېخىمۇ سۇغا باسىدۇ ... سەن ئۇنىڭغا مۇھتاج بولۇپ قالغان ۋاقتىڭدا ، ساڭا ھەقىقىي ياردەم قىلىش ئورنىغا ، ئەكسىچە كىچىككىنە ياردەم قىلىپ قويۇپلا ، سەندىن ناھايىتى زور ، ھەتتا ئۆمۈر بويى ئورنىنى تولدۇرىۋېلىش ئىمكانىيىتى  بولمايدىغان بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ ...
  q: Z$ _0 [: M1 t  }8 aئابدىقادىرمۇ مانا مۇشۇنداقلارنىڭ بىرى ئىدى .4 V1 z' p% j; d: C5 p) M& s- p
گەرچە ئۇلار تونۇشقان ۋاقىتلاردا ، پەخىرنىسانىڭ سۇلغۇن چىرايى تېخى ئېچىلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىكى تەبىئىي گۈزەللىك  ، جەزبىدارلىق يوقاپ كەتمىگەن ئىدى ...
; d8 @* b# L% {$ Y. S8 m4 K( fشۇڭىمۇ ، ئابدىقادىر ئۇنىڭغا توزاق قۇردى ...
, q9 [5 v* G# g" w/ Wئۇ پەخىرنىساغا < بىر رەت خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانغا ئۆمۈرۋايەت كەمسىتىلىشى كېرەكمۇ ؟ خورنىلىشى كېرەكمۇ ؟ ئاشۇ سىزگە يامان نەزەردە قاراۋاتقانلار  سۈتتىن ئاق ، ھەسەلدىن پاك كىشىلەرمۇ ؟ سىز نېمىشقا قەددىڭىزنى رۇسلىمايسىز ؟ ...... > دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاستى يوق ئورا كولاۋاتقان ئىدى ... بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىغا ، يەمچۈكنى تېز چىشلە ، مەن قارماقنى تارتاي . دىگەندەك مەنالار يۇشۇرۇنغان بولۇپ ، ھىچكىمدىن چىن تەسەللىيگە ئېرىشەلمىگەن بىچارە ئاجىزە قىز بىلىپ - بىلمەي يەمچۈككە قاراپ ماڭغان ئىدى ...+ h$ J" U9 p2 A1 }- s1 j
...5 J5 y3 T0 V/ ~$ J
پەخىرنىسا بۇلارنى سەزمىدى . خوددىي سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان ئادەم تۇيۇقسىز بىرتال ياغاچ تاختاينى تۇتىۋالغاندەك ئۇنىڭغا تامەمەن يۆلىنىۋالدى .
  w1 |$ C: b# D! j4 A& Z8 Z...... e4 G9 b, {# {( w5 ~7 ~% s1 |: x
ئاخىر بىر كۈنى كېچىدە ، ئابدىقادىر پەخىرنىسانىڭ  قىزلىق ئىپپەت - نومۇسىنى بۇلغىدى ...
6 ]; N2 Y. i) I2 H+ {2 Bپەخىرنىسا يېغلىدى ، ئەمما بۇ ئۆتمۈشىگە پۇشايمان قىلىپ ، كۆڭلى يېرىم بولۇپ يېغلىغان يېغا ئەمەس ، بەلكى بەخت يېغىسى ئىدى ...
3 [& |9 z7 H1 Vئابدىقادىر ئۇنىڭغا ئوقۇش پۈتكەندە جەزمەن سىز بىلەن توي قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدى . شۇڭا پەخىرنىسا ئۆمۈرلۈك پاناھ تاپتىم دەپ خوشاللانغان ئىدى .) a- [+ k1 ~% J
ئابدىقادىر پەخىرنىسانى باغچىلارغا ، كىنو - تىياتىرلارغا ، سەيلىلەرگە ئاپاردى . ئۇنىڭ چىرايىدا خوشاللىق بارا - بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى . بىراق ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسى كۈندىن - كۈنگە  چېكىنىشكە باشلىدى ...
' t3 s' G6 ?4 ?# n7 x# t$ b" Iساۋاقداشلار كۇسۇرلىشىشقا باشلىدى ، ئەمما پەخىرنىسا ئۆزىگە ئالمىدى . ھەتتا ئۇلار مېنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ، ھەسەت قىلىۋاتىدۇ ...دەپ ئويلىدى .* f) o! d; M# b* J% d
...5 w5 l9 e  R+ B6 b8 X* S  A
مەھمۇد بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى . پەخىرنىسا ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى ئىدى . گەرچە پەخىرنىسا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ ، ئۇنى يەنىلا چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەتتى .يەنىلا  سۆيەتتى ... ئۇ پەخىرنىسادىن ئايرىلىپ قالارمۇ ؟
! c" r% y/ u; S- eئاسماندا ئاي ۋە يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان بىر كۈنى كەچتە مەھمۇد پەخىرنىسانى مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىغا چاقىرىپ چىقتى .
' K: W; }9 q9 @4 x5 T8 L: m7 ]- m_ پەخىرنىسا ، كۆپچىلىك ئارقاڭدىن كۇسۇرلىشىپ يۈرىدۇ ، سەن بۇنى بىلمەمسەن ؟ ) H3 Z3 y4 ]  M) Y3 R& b! Z
_ نىمە چاتىقىڭ ؟
, \; M, q9 U$ e9 D- M+ \3 ]_ بىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ، ئالىي مەكتەپكە ماڭار چاغدا ئاتاڭ بىزگە نىمىلەرنى تاپىلىغان ؟ مەن ساڭا مەسئۇل بولىشىم كېرەك !1 X" q' G: V& i9 N9 Q
_ مەسئۇل بولىشىم كېرەك ؟ سەم ماڭا مەسئۇل بولۇپ ، مەن سېنىڭ نىمەڭ ئىدىم ؟# `. S9 Z+ D" W, A0 p- X$ w8 O
...
3 ], ^5 X7 \- K$ n( C$ lمەھمۇد جىمىپ كەتتى . بىر پەستىن كېيىن ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ :
) k2 p/ J; b" l9 a( \& ?_ سېنىڭ ھازىرقىدەك كېتىۋېرىشىڭنى خالىمايمەن ، سەن ئۆزۈڭنى نابۇت قىلىۋاتىسەن !
9 R" S- R: e  p( n2 q/ d+ s_ مېنىڭ ئۆلۈك - تىرىكىمنىڭ سەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ؟ _ دىدى پەخىرنىسا زەردە بىلەن . _ مەن ئۆزۈمنى نابۇت قىلامدىم ، چۈشكۈنلىشەمدىم بۇ ئۆزەمنىڭ ئىشى ، سېنىڭ تەنبىھلىرىڭنى زۆرۆريىتى يوق !9 R% c/ n3 s+ z0 h+ W7 L) z! S5 a
_ پەخىرنىسا ، كېيىن پۇشايمەن قىلىسەن !
3 ]0 |8 a. h# ]- s7 P. Lمەھمۇد بۇ گەپنى ئاغزىدىن چىقىرىپ بولۇپ ئۆزىمۇ پۇشايمان قىلىپ قالدى . ئۇ ھەر قانداق گەپنى قىلسىمۇ مۇشۇ گەپنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى . ئۇ پەخىرنىسانىڭ مىجەزىنى بىلمەمتى - يا ؟7 C* K1 x9 h* C! N- @, c" M' |
ئويلىغاندەك ئىش بولدى . پەخىرنىسا غەزەپتىن جالاقلاپ تىترەك كەتتى .$ v" ^* ]! K- W# a5 z! n
_ ناھايىتى ياخشى ، سەن شۇ كۈننى ، پۇشايمان قىلىپ ئالدىڭدا تىزلىنىپ تۇرۇپ مېنى كەچۈر ، مەندەك بىر كىتاب ئوغرىسىنى قۇتۇلدۇرىۋال دەپ يالۋۇرۇشۇمنى ساقلاپ تۇر !
; l+ ~' C! g4 v* ]5 qپەخىرنىسا گېپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى .. d8 V+ V6 C% [7 I
ئەتىسى بىر قەغەز بولاقنى مەھمۇدنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ _ بۇ سەندىن قەرز ئالغان پۇل ، ئەمدى ئارىمىزدا ھىچقانداق ئالاقە بولمايدۇ ، مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ! _ دىدى .8 K9 B  l/ M3 H6 M2 E6 }
شۇندىن كېيىن مەھمۇد پەخىرنىسا بىلەن كۆرۈشەلمىدى ، بىرەر ئېغىزمۇ سۆزلىشەلمىدى ، بۇ قەيسەر ئەركەك مۇشۇ سەۋەبلىك بىر نەچچە رەت خالىي يەرلەردە يېغلاپمۇ تاشلىدى ...

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
xarbat ياخشى: 5
بارىكاللا!  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 00:31
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-11-14 23:59

چوققىغا قايتىش