گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار + u1 Z# x8 y R0 c( \/ j9 n (ئاپتورى : ئابلەت تۇرسۇن) ) P( V: l9 i& E1 aباشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت دەرسلىكى مائارىپ فاڭجېنىنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيلەنگۈچىلەرگە گۈزەلللىك ،ئېستىتىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش رولىنى ئۆز ئۆستىگە ئالغان دەرسلىك ، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپگە ئاساسەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋەئۆسمۇرلەرنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بويىچە ئەمەلىي ماھارەت ،كۆزىتىش ،ئىپادىلەش قابىلىيىتى ۋە ماھارىتى قاتارلىقلارنى يىتىلدۈرۈش ئاساس مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھورۇرلىنىش،كۆزىتىش تەسەۋۋۇر قىلىش تەپەككۇر قىلىش سىزىش ياساش ،ئىشلىتىش قول ھۈنەر قاتارلىقلارنىمۇ ئاساسىي نىشان قىلىدۇھەمدە تەلىم تەربىيەسۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ.% p6 [6 F8 y3 W. u+ I) f : j0 Z: x, \# g* A$ h ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل سەنئەتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى زۈرۈردەرسلىك ھەربىر ئوقۇغۇچىنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ، ئىجادچانلىققا ئىگە دەرسلىك بولۇپلا قالماي بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن تالانىتنى قېزىپ چىقىدىغان ،ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىغان ،دۇنيانى تەبىئەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدىغان ئۆزىگە خاس بولغان دەرسلىك .( G; a- Y, Z) ?, w ئاساسىي قاتلام ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدا دەرسخانا كەيپىياتى سوغۇق بولۇش ،گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى مەكتەپ تەلىم تەربىيە ۋە كۇرژىك پائالىيەتلىرىدە گەۋدىلەنمەسلىك. گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن مەكتەپلەر گۈزەل سەنئەت ئوقۇتىشىغا ئەھمىيەت بەرمەي دەرس ۋاقتىنى باشقا دەرسلەر ئىگەللەپ كەتكەچكە گۈزەل سەنئەت دەرسى ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. $ B2 ^2 @5 o$ m' q4 b% `1 T1.ئوقۇتقۇچى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ زۆرۈرۈلىكىنى تولۇق ھىس قىلىش. / [9 z/ p- \4 i7 r6 ^" A; A گۈزەل سەنئەتنىڭ ساپا مارىپىدىكى باشلامچىلىق رولىنى ،ئىقتىساسلىق خادىملارنى يىتىشتۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى تولۇق ھىس قىلىش شۇنداقلائوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەك. 7 m/ R+ b1 @ ^ (1)گۈزەل سەنئەتنىڭ قەدىمى پەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ./ J1 X2 g |: J; a3 B( X3 T ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەل سەنئەتنىڭ ئىنسانلار نىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغانلىقى ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ خەت ئالاقە ئىشلىرىدا رەسىم سىزىش تەدرىجىي ھالدا تەسۋىرىي يېزىقنىڭ پەيدا بولغانلىقى گۈزەل سەنئەتنىڭ قەدىمى پەن ئىكەنلىكى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تاش ۋە غارلارغا رەسىم سىزىپ مۇھىم ئىشلارنى خاتىرلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش.بۇئارقىلق گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى يىتىلدۈرۈپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىۋاستە كۈرۈش سىزىمى ئارقىلىق چوڭ مىڭىگە ئەڭ تېز ئەڭ بالدۇر تەسىر قىلىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى يىتىلدۈرۈش.ئىلىم پەن ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە گۈزەل سەنئەت ئۆگىنىشنىڭ كۆپ ئامىللىق مەدەنىيەت قارشىنى تىكلەش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەش كېرەك+ ]- o/ U% c, O: A! o (2)گۈزەل سەنئەتنىڭ ئۆلمەس ،تارىخى پەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش.! d' l4 }1 _% U& s3 e دۇنيە مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ۋە قەدىمقى ئەجدادلار قالدۇرغان بايلىقلار قاتارىدا گۈزەل سەنئەتنىڭ ئىگىلىگەن نىبىتى بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئېشىپ چۈشىدىغانلىقنى گۈزەل سەنئەت رەسساملىق ھەيكەلتاراشلىق قۇرلۇش بىناكارلىق قول ھۈنەر...قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش.مەشھۇر كىشىلەر،گۈزەل -سەنئەت پىشۋالىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى داڭلىق ئۇستىلارنىڭ ساپال فارفور بۇيۇملىرى. مەشھۇر خەتتات ۋە رەسساملارنىڭ رەسىملىرى داڭلىق قۇرلۇش ۋە ھەيكەللەر شۇ دۆلەتنىڭ گۆھەرلىرى سۈپىتىدە ساقلىندىغانلىقى ،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەدەنىي يادىكارلىقتەك ئەتىۋارلىنىدىغانلىقى ،ئىقتىسادى قىممىتىنىڭ يىلمۇ يىل ئاشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش.+ J& X4 g* q. k3 A% M ` 2.دەرسكە باشلاپ كىرىشتىن تارتىپ دەرس ئاخىرلاشقىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قىزىقىش كەيپىياتىنى باشتىن ئاخىر بىردەك ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. E/ I( g" u" y4 p% Q' T& a2 X ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە باشلاپ كىرىش بىرخىل سۇس كەيپىياتتا باشلانسا ۋە ئوقۇتۇش سۇس كەيپىياتتا تەشكىللەنسە بۇ قېتىملىق ئۇقۇتۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇقۇتۇش ئۆلۈك ھالدىكى ئوقۇتۇش بولۇپ قالىدۇ.بۇ خىل سۇسلۇق داۋاملاشسا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ئەڭ ئاۋۋال قانداق شەكىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق باشلاپ كىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش بۇ نۇقتىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق لازىم.شۇنداق بولغاندا دەرس قىزغىنلىق كەيپىياتى بىلەن باشلىنىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ. ! O9 X$ Z7 Z1 L, c3.گۈزەل سەنئەت دەرسىنى ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى بويىچە قانات يايدۇرۇشقا تولۇق ئەھمىيەت بىرىش لازىم .% F: L; H; F6 I% b ھەرقايسى يىللىقلاردىكى گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ ۋەزنى قىينلىق دەرجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى يىڭى دەرس ئىسلاھاتى قاتارلىق مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن كېيىن ئېلىمىزدىكى بەزى رايونلار زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ،ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار دا دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشالمايدىغان مۇنبەرنى مونوپول قىلىپ ئۆزى ئوقۇتۇشنى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ھەم تەپەككۇر قاناتلىرىنى بوغۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولغان. كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا «توخۇنى كاتەكتىن چىقىرىۋەتكەندە ،كاتەككە ئۆگىنىپ قالغان توخۇ كاتەكتىن نېرى كېتەلمەيدىغان »دەك ئەھۋال تەكرارلانغاچقا ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇش شۇ رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ئىقتىسادىتەرەققىياتىغاماسلىشالماستەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە .شۇڭا ئۇقۇتقۇچى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ ئوقۇتۇش پروگراممىسى دەرس ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. % }# x2 d1 @+ \ p- b4.ئوقۇتۇشنى تەشكىللەشتىن بۇرۇن چوقۇم شۇ سائەتلىك دەرسنى قانداق ئۆتۈش توغرىسىدا ئويلىنىش لازىم. . P$ h9 Y6 N: T jئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن نىمە دەرسنى ئۆتۈش ؟، قانداق ئۆتۈش ؟ قانداق باشلاپ كىرىش؟ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىپ قوزغىتىش ؟مۇھىم نۇقتا ئۆتكەللىرىنى قانداق قىلىپ ئىگىلەش. قىيىن نۇقتىدىن قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بۆسۈپ ئۆتۈش .بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ؟ئوقۇغۇچى قايسى خىل ئۆگىنىش شەكلىنى تاللسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ؟ قانداق ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئېلىپ كىرىش ؟ئۆتمەكچى بولغان دەرس ئەمەلىيەتتىن قانچىلىك يىراق ؟ ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ دەرسنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالامدۇ!؟ ( s( c* T" k8 C8 l: a; t, _يوق ؟ بۇدەرسنىڭ قوللىنىشچانلىقى قانچىلىك دېگەندەك ؟ قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش .دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىش كېرەك. / h" u8 {$ S. y; s4 e7 d5.ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئوقۇتۇش مۇھىتى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى قاتارلىقلارنى زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم.0 E0 Y3 D. C1 i# B7 @- o دەرس مەزمۇنى بەزىدە شۇ چاغدىكى مۇھىت بىلەن زىت كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ مەسىلەن شامال چىقتى دېگەن دەرسنى ئۆتمەكچى بولغىنىمىزدا بەلكىم كۈن پارقىراپ چىقىۋاتقان بولىشى مۇمكىن بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ دەرسنى قالدۇرۇپ شامال چىقىۋاتقان شارائىتتا دەرسنى سىرتقا چىقىپ ئۆتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى شامال چىققاندا قانداق ئەھۋال يۈزبىرىدۇ دېسەكمۇ شامال چىققان چاغدىكى ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلالىشى ھەمدە شۇ مۇھىتنى ئىپادىلىيەلىشى قىيىنغا چۈشىدۇ .شۇڭا دەرسنى شۇ مۇھىتتا سۆزلەش سىنىپتا سۆزلىگەندىنكۆپ ياخشى بولىدۇ ،بۇنداق بولغاندا بۇ دەرس ئەمەلىيەتكە ئەڭ يېقىن ئۆتۈلگەن دەرس بۇلۇپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولىدۇ. " o4 d* b, T" m ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنى قاتارلىقلار ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلسا ۋە زىچ ماسلاشسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. - u- {, q( E- ~/ U) {. n- ]: c6 .ئوقۇتۇش بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسكە چوڭقۇرلاپ كىرىش لازىم. 8 s- l4 \/ q1 p* j D3 Cئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ ئوقۇتۇش مەزمۇننى كۆپەيتىپ ، ئۆز شارائىتىنىڭ ئوقۇتۇش بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش لازىم . ئوقۇتۇش مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن نىشانغا يىتىشنى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن چوقۇم تېخىمۇ توغرا بولغان ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يىتىشنى مەقسەت قىلىش لازىم ،سوئال سوراش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن نىشاندىن ھالقىش ،نوقۇل ھالدىكى ئوقۇتۇش رامكىسى ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە يېڭىلىق يارىتىش روھى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرش كېرەك. ! e4 q* i! r" y! a2 y" u1 l( Mيۇقىرىدىكى 6نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغاندا ۋە يىتەرسىزلىكنى تۈزىتىپ ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرغاندا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.ھەمدە ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆرىنەرلىك ئۆسىدۇ .ۋەتەننىڭ بىزگە تاپشۇرغان ئادەم تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.5 B" d$ |1 M, ]8 L
|