بىزدىكى مائارىپ روھى..... ) O. l( \2 i4 V8 G. K6 W v$ Z1 f! ? y$ m* Z8 u6 K
8 f% {; B6 F" A# l7 C 5 S6 _' ^9 C9 ?. i1 U, Xقۇربانجان توختى (ئازىق) 4 j; J, u' I! _7 o, ^+ X& j ) [0 ]4 H1 \, k: F$ V * i' R8 A4 b: c+ c+ p ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى ئۆز ئۈسىتىگە ئالغان ئادەم.. بىزدە ئىنسان قەلبىنى ئىلىم بىزەكلىرى بىلەن زىننەتلەيدىغان قەدىردان ئۇستازلارنى ئاتا – ئانىمىز قاتارىدا ھۆرمەتلەيدىغان ھەتتا ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان ئىسىل ئەنئەنە بار. بىلىم – ئىستىدات ئىگىلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەمەل، شۆھرەتلەردىن تەمەسىز ھالدا ئەۋلادلار ئۈچۈن زىھىنىي قۇۋىتىنى ئايىماي سەرىپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار بالىلارنى مەكتەپكە بىرىپ قويۇپلا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ قويماقتا. ئۆزى بولسا بىر خىل يۈكتىن قۇتۇلۇپ يىنىكلەپ قالغاندەك خاتىرجەم يۈرمەكتە. بەزى بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرى بىرەر سۇئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمىسە، بىرەر ئىشنى ئالدىن ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ چىقالمىسا، بۇنى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ«قانداق مەكتەپ ئۇ؟»، «ئوقۇتقۇچىڭ ئۆگەتمىدىمۇ؟»، «قانداق ئوقۇتقۇچى ئۇ؟» دېگەندەك تىل – ئاھانەتلەرنى ئۇلارغا يۈكلەيدۇ. بالىدىن مەسىلە چىقسا ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىدىن ئىزلەيدۇ – بۇ، ئۆزىنىڭ بالا تەربىيىلەش ساپاسى ۋە مائارىپ روھىنىڭ كەملىكىدىن كۆرمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بالا تەربىيىلەش يولىدا بىرەر قېتىم بالىغا قاتتىقراق تەربىيە قىلغاندا ياكى ئاچچىقلانغاندا بالىسىنى ئاسىراپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپ مۇدىرىغا ياكى مائارىپ تارماقلىرىغا چىقىشتۇرىدۇ ياكى تىل ھاقارەت قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئوقۇتقۇچى بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن (مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ) سىنىپقا كىرىپ، بالىلار ئۈچۈن ھىكىمەت دۇردانىلىرىنى ئايىمايدۇ. مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا – ئانىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا يۈكسەك تەلەپ قويۇشى ۋە زىيادە ئاغرىنىشى ۋەتەن، مىللەتنىڭ شانلىق، پارلاك كېلەچىكىنى زىممىسىغا ئالغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ ھارغىنلىق ئىلىپ كەلمەكتە. ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مائارىپ پائالىيىتى يالغۇز ئوقۇتقۇچىلارغىلا يۈكلەنەەنمۇ؟ مائارىپ روھىي پەقەت مائارىپچىلاردا بولۇشقىلا تېگىشلىكمۇ؟ $ \3 z4 y6 C* m5 T4 C2 O1 m* I * f( ?* n6 v7 R6 x4 \3 t7 m1 |6 R4 p! @) L1 d ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يارامسىزلىقى، ئىجادسىزلىقى، دىتسىزلىقتىن ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزدىكى ھەر بىر كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك مائارىپ روھىنىڭ يوقلىقىدىن ئاغرىنىش كېرەك. : D5 |' Q: c( G" A$ W( K0 K, [+ W ; i) d) ]; m! F, b: o- r' }* e- H2 W! Q p( i! O مەشھۇر بىر نۇتۇقتا مۇنداق مەنىلىك ھىكايە سۆزلەنگەن: دېڭىز ساھىلىدە، نەچچە يۈز بىلىق بىر كۆلچەكتە سولىنىپ قىلىپ دېڭىزغا قايتالماي، ئاپتاپتا قۇرۇپ ئۆلەي دېگەندە، بىر كىچىك بالا كىلىپ، بىلىقلارنى بىر تال – بىر تالدىن ئىلىپ دىڭىزغا تاشلاپتۇ. بىر كىشى بۇ بالىغا: «بالام، بۇ كۆلچەكنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز بىلىق بار. سەن قۇتقۇزۇپ بولالمايسەن» دەپتۇ، «ئۇنى بىلىمەن» دەپتۇ بالا بىشىنىمۇ كۆتۈرمەي، ئۇ كىشى ھەيران بولۇپ: «ئۇنداقتا، يەنە نېمىشقا تاشلاۋىرىسەن، كىممۇ پەرۋا قىلسۇن؟» دەپتۇ. «بۇ بىلىق پەرۋا قىلىدۇ!» بالا جاۋاب بەرگەچ يەنە بىر بىلىقنى ئىلىپ دېڭىزغا تاشلاپتۇ. % g |! X$ l# K' T7 e8 v3 w + N9 N& A3 W0 R5 h5 d. R* D! l ~0 Q, s( h0 _# A2 H" b. | كورىيە فىلىملىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ساپاسىدىن بىز بىر خىل ئۆزگىچە قاراشنى ھىس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇلارنىڭ بالىلارغا بولغان ھەقىقىي كۆيىنىشى، تۇرمۇش دەرسنى ئەستايىدىل ئۆتۈشى، شەيئىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشى، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئوقۇتقۇچىلارغا ھىسداشلىق قىلىشىدەك ئىسىل روھى بىزگە مەڭگۈ «نەمۇنە» بولالايدۇ ھەمدە بىزنى ئۆگىنىشكە دەۋات قىلالايدۇ. 5 z* |$ e1 e! f+ n! y/ |7 v- l7 y
7 x! s; Q/ N7 N% v, w' i- K# k" R, J( \! ? تۇرمۇشتا ئۆزى ۋە باشقىلاردىن نىمىنى تەلەپ قىلىشنى بىلىشمۇ مۇھىم بىلىم ھىسابلىنىدۇ. مائارىپ روھى پەقەت مائارىپچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى ئۈچۈن تەلەپ قىلىشقا ئەرزىيىدىغان روھى. قۇرۇپ سەپسەتە، نەزەرىيىگە تولغان ئىدىيىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مائارىپقا تۆھپە قوشايلى. ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن، مەكتەپتىن قىسقىسى ئۆزىمىزدىن باشلايلى. شۇندىلا، بۇ خىل روھ بىزنى ئۈمىد ۋە نۇرغا تولغان گۈزەل كىلەچەككە ئىگە قىلالايدۇ. % T. i0 l9 {6 m% c" D1 \2 S8 Q0 |- Z- g1 _! o1 g 0 Y2 c7 ]6 m9 d* E- o مەنبە: توردۇنياسىدىن مائارىپقا نەزەر |