     
- يوقلىما
- 409

| ئېشەكنىڭ ئىش ئىزدىشى 0 V) K. C+ {5 z2 _
(فېليەتون) / x9 v5 D }# A: C% v% ~ئاپتورى:شىدەي فېنچىڭ 5 Y8 e3 \+ @" e- kتەرجىمەقىلغۇچى: بارچۇق دىيارىدىن ئىلھامجان نىياز* h, j; T$ M2 i: _ مەن بىر ئېشەك،بۇيىل 18 ياشقا كىردىم.كىشىلەر مېنى يېشڭمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ قالدى بىرەر خىزمەت تېپىپ ئۆزۈڭنى قامدىشىڭ كېرەك دىيىشىۋاتىدۇ.ھازىر ئېشەكلەر بەك كۆپ ،ئىش ئورنى تېپىش ئاسان ئەمەس.ئاڭلىسام ناھايىتى نۇرغۇن ئېشەكلەر مۇۋاپىق ئىش ئورنى تاپالماي ئۆيدە ئولتۇرۇشۇپتۇ،بىراق ئولتۇرۇۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ-دە!.ئائىلىمىزنىڭ ئىختىسادى شارائىتى بەك ناچار شۇڭا مەن بىر ئىش ئورنى تاپمىسام بولمايدۇ.. A" x3 }( L6 O( \ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى شارائىتىمنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يەنىلا ئۇن تارتىش،يۈك كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت كونا دەسمايەمنى ئىشقا سالسام بولغۇدەك دىگەن قارارغا كەلدىم،بىراق يۈك كۆتۈرۈشنى تازا خالىمىدىم، بۇنىڭدا ھە دىدى سىرتقا كوماندىروپكىغا چىقىدىغان گەپ،ھازىر سىرت بەك قالايمىقان، بىرەر بالا-قازاغا يولۇقۇپقالسام مۇۋەپپىقىيەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. , U. o7 g% j6 L& U+ h ئوھوي ،تەلىيىم راسا ئوڭدىن كەلدى-دىسە! كالا ئاكامنىڭ ئۇن زاۋۇتىغا تۈگمەن تېشى تارتىشقا ئىككى بۇرادەر لازىم ئىكەن. بىراق كالا ئاكامنىڭ شەرتى بەك ئۈستۈن بولۇپ،تولۇق كۇرستىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بولۇشى،ئېنگىلىس تىلى سەۋىيىسى 6-دەرىجىگە يەتكەن بولىشى كېرەك ئىكەن. بىر تۈگمەن تېشى تارتىدىغانغا بۇنچە يۇقۇرى دىپلوم سۈرۈشتۈرۈپ نىمە قىلىدىكىن؟!. بىراق مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياختۇتۇرپ قالغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن تۈلكىنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ساختا دىپلوم سېتىۋالدىم.بۇ رىقابەتلىك جاھاندا كۈچلۈكلەر بىلەن تەڭ بولۇش ئۈچۈن تۈلكىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئوقۇش تارخىىم تۈگمەن تېشى تارتىش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئۆستۈرلدى. تەكلىپ قىلىنىش جەريانىدا كالا خوجايىننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋادىدا ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىۋالدىم. ئىشقىلىپ ئاخىرى چۈشۈمدىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ خىزمەتكە ئېرىشتىم.! @; R1 q. Y+ b( ^8 H4 n* c ئىشقا چىققان بىرىنچى كۈنى كالا خوجايىن ماڭا—سېنىڭ خىزمېتىڭ تۈگمەن تېشىنى ياخشى تارتىش، مۇقىم تارتىش.خىزمەتكە كېچىكمەيسەن،بالدۇر قايتمايسەن، كارتىغا پۇل سېلىنىدۇ،ھەربىر كېچىككەن،بالدۇر قايتقان ۋاختىڭ ئۈچۈن پۇل تۇتۇلىدۇ، خىزمەت ۋاختىدا ھاڭۋاختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمنىڭ تېلفۇنىنى سەخسى ئىشقا ئۇرۇشقا بولمايدۇ، يەنە...ئىشقىلىپ بىرمۇنچە ‹‹بولمايدۇ›› لارنى دەپ كەتتى ،ئىسىمدىمۇ تۇتۇۋالالمىدىم., ]; G l8 x3 k% q ئاندىن كالا خوجايىن ماڭا يەنە-- تاش تارتىش دىگەن بۇ خىزمەت ئىنتايىن موھىم خىزمەت،خېلى يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىەگە،ئەگەر بۇ ئىشتا سەۋىيە،ئۇسلۇب ياراتساڭ نەتىجە قازانغان بولىسەن،ئېشەكلەر توپى ئىچىدە پەن-تېخنىكا بويىچە ئىقتىدارلىق كىشى سانىلىسەن—دىگەنلەرنى ئېيتتى.0 k* K- p$ |/ O# a بۇ گەپلەر مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى،ئىچىمدە چوقۇم ياخشى ئىشلەپ ئۆز قىممىتىمنى ئاشۇرىمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم.% V `+ w( {3 G ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنى كالا خوجايىن بىر پارچە قارا رەختنى ئېلىپ كۆزۈمنى تېڭىپ قويماقچى بولدى،مەن ئۇنىمىسام ئۇ،--بۇ سېنى قالايمىقان ئوي-خىيالدىن خالى قىلىدۇ،كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىشىڭغا پايدىلىق—دىدى. مەن كالا خوجايىن ھەقىقىتەن ياخشى ئادەم ئىكەن، كۈچىنىڭ بارىچە مېنىڭ تېزرەك بىر داڭدار ئېشەك بولۇپ چىقىشىمغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايدىكەن،دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.( H6 k" f% K" e شۇنداق قىلىپ خىزمىتىم باشلىنىپ كەتتى، مەن توختىماي بىر چەمبىرەك ھالىتىدە چۆرگىلەيتتىم، تۈگمەن توختىماي تاراڭلايتتى،قانچىلىك ئىشلىدىمكىن بىلمىدىم، ئاخىرى كالا خوجايىن مېنى توختاتتى، كۆزۈمدىكى قارا رەخىتنىمۇ ئېلىۋەتتى، شۇنداق قاراپ –ياپىرىم !—دەۋەتتىم ، شۇنچىلىك كۆپ ئۇن تارتىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ. مەن چىقارغان بۇ ئۇنلارنى نۇرغۇن ئادەملەر يەيدۇ-دە ،دىگەنلەرخىيالىمنى كەزدى-دە بىردىنلا قەلبىمنى مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. H3 `) T! d+ e بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن گېزىتكە ‹‹خۇسۇسى تىىجارەت ئىگىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خورلىسا بولمايدىغانلىقى، ئاقىۋەتتە كالا خوجايىننىڭ ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىتلەنگەنلىكى ،كۆزۈمنى ئېتىپ قويغانلىقى ئېشەكلەرنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ ئېشەكلەرنى كۆرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلدى.مەن بۇ توغرۇلۇق كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمىدىم،كالا خوجايىن ماڭا مۇئاشىمنى بەرسىلا بولدى،ئۆزۈم كەسىپتە مەلۇم نەتىجە يارىتالىسام باشقا ئىشلار بىلەن نىمە كارىم.% \/ y+ d0 R4 }! ^0 k% F كالا خوجايىن ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىتلەنگەندىن كېيىن، بىرخىل پىسخىلوگىيە ئىلمى بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويدى. ئاڭلىشىمچە بۇ خەلقارالىق ئىلغار سەۋىيگە ئىەگە ئاددى تەدبىر ئىكەن. بۇنىڭدا ئالدىمغا بىر باغلام كۆك ئوت قويۇپ قويىدىكەن، ئۇنى يىيەلمەيدىكەنمەن،ئۇ مەڭگۈ ئالدىمدا تۇرىۋېرىدىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇم، بىز ئېشەكلەرنىڭ خىزمەت قىلىش مەخسىدىمىز ئاشۇ بىر باغلام كۆك ئوت ئۈچۈن،شۇڭا ئۇ ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇندىن كېيىن ۋەزىپە ئورۇنلىشىم بۇرۇنقىغا باققاندا 8 ھەسسە ئېشىپ ئۇن تارتىش ساھەسى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان بولدۇم.9 I0 x/ _5 g1 n! A5 Z( ?& y4 m كالا خوجايىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ،ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق ئاخىرى ئازراق نەتىجىگە ئېرىشتىم .ئېشەكلەر توپى ئىچىدە يامان ئەمەس ئاتىقىممۇ چىقىپ قالدى.كالا خوجايىن يىللىق مۇئاشىم 1000جىڭ كۆك ئوتنى 2000 جىڭ كۆك ئوتقا ئۆستۈرۈپ بەردى.بۇنداق تەمىنات ئېشەكلەر دۇنياسىدا ئەڭ يۇقۇرى تەمىنات ھىساپلىنىدۇ.) J4 Y0 \: t& y3 e/ v بولدى، شۇنچىلىك بولسۇن. مەن چوقۇم تاشنى ئوبدان سۆرەپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن. ) y/ v3 j- Y3 f' b; `8 o& rمەنبە:بەشكىرەم تورى |
|