تۇرمۇش تەجىربىلىرىمدىن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، كەمچىلىكى يوق كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ ئاز بولىدۇ.
جەمئىي مىكروبلوگ 1090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مەرىپەت 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئوڭۇشسىزلىق بىر ئەقىل بېرىدۇ.

  • xam 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    مائارىپ- ئەقىل ۋە ئېتىقادنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق، مائارىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى، تەرەققىي ...

  • مەرىپەت 2012-11-5 23:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش كېرەك.

  • بىرسى 2012-11-4 20:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    يارنى كۇندە كۆرۇپ تۇر ، يادلاشماي دىسەڭ .ئەقىلنى كۇندە بىلەپ تۇر ، داتلاشماي دىسەڭ

  • tanha_bora 2012-10-29 01:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوستلا   كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلاغا ئېھتى.....

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:13 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئالتۇن ساپ بولماس، ئادەم نوقسانسىز...

  • تارىم0997 2012-10-26 10:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، قېرىنداشلار

  • xarbat تۈنۈگۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى، مەمۇرى، شىتات دىگەن سۆلەرمۇ ھالقىلىق سۆزكەن توۋا....

  • xam 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    تىرىشچانلىقنىڭ مەنىسى، تۈنۈگۈننى تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بۈگۈننى قولدىن بەرمەسل ...

  • بىرسى 2012-11-5 01:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆلۇمنىڭ كۆزى بىرلا نەرسىدە ، پەقەت جاندا . ئادەمنىڭ بولسا مىڭدە ، شۇڭا ئادەم ئۆزىنى دائىم بەختسىز سېزىدۇ

  • چوغلۇق 2012-11-4 00:03 [ئىنكاس(1)] [...]

    قېيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە.

  • 天使 2012-10-28 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھءيتىڭلارعا مۇبارەك بولسون،........

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى  ئايال ياخشى بىر ئەرنى تاۋلاپ چىقالايدۇ.

  • xarbat 2012-10-25 22:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

كۆرۈش: 286|ئىنكاس: 2

[ئوبزور]ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2641

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

يوقلىما
408
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5286
نادىر تېمىسى: 91
تىللا: 14301
تۆھپە : 4376
توردا: 3899
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 02:41:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى

1 |. s5 S) T  yشەرمىي-ھايا - بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر!
0 T& U  ~: x' T/ a& J7 x, o
& b% q: @5 Y. A6 X, R1 _غەرب ئەللىرى كىنو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرىمىزغا شىددەتلىك باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن ئاتالمىش پادىچى ئىشتانلىرى ۋە يەڭسىز كوپتىلىرى بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىملىق كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ تاشلاشقا ئۈلگۈرۈپ، تال-تال سۇمبۇل چاچلارنى قىسقارتىپ، يالىڭاچلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ئىدى. يارىشىملىق رەڭمۇ-رەڭ كۆينەكلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگۈچىلەرنى ھەزىلكەشلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە « تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ »قىلىپ كۆرسەتتى؛ بۇنى بىز « يەرشارى خاراكتېرلىك ھادېسە »دەپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، بۇخىل كېيىم بارغانسېرى تار، بارغانسېرى شالاڭلىشىپ ئۇياتلىق جايلارنىمۇ ياپالمايدىغان دەرىجىگە تەرەققىي قىلىدى. بىر تۈركۈم خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئالدىدىن قارىسا كىندىكى ۋە كىندىك ئەتراپى، كەينىدىن قارىسا ئارقا ئېرىقچىسى بىمالال كۆرۈنۈپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئاپئاق پاچاقلار تۇغما ھالەتتە نامايان بولۇش مودا بولدى. ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ، ئۇلار بارغانسېرى بالىلىق ۋاقتىدىكى تۇرقىغا، قىلىقىغا قايتقىلى تۇردى؛ ئېغىدا دۇكان ئېچىشتىن ئۇيالمايدىغان ئەركىنلىك، كىيىملەرگە پاتماي قېلىۋاتقان « يەرلىك مەھسۇلاتى »نى كۆز-كۆز قىلىشتەك دادىللىق بارلىققا كەلدى. بۇ، بىز غەربلىكلەردىن قىزىقسىنىپ ئالغان ھارام سوۋغا - ئىپپەتنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش « زامانىۋىلاشقان » ھاياسىزلىق ئىدى!…$ |* l9 Q% l& V

; f9 m, {$ r# a% u6 J5 ~+ hخوش، ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى، 2-3 ياشلىق ۋاقتىدىكى كىيىم كېيىش ئادىتى، تەقى-تۇرق شەكلى چوڭ بولغاندىمۇ يارىشارمۇ؟ ئۇچاغدا ئوماق كۆرۈنگەن نەرسە، تۇيۇلمايدىغان ئەۋرەت بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ، ئەلبەتتە. ھازىر بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى چار يىلاندەك تولغۇشۇپ « بولاق مانتا! كۆرسەڭ كۆزۈڭگە، يېسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا » دېگەندەك مېڭىشىۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانا بولۇش يېشىغا يەتكەن، بەزىلىرى نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولغانلاردۇر. ئېنىقكى، ئۇلار دىيانەتلىك، ھايا-نۇمۇسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرى دىنسىز ئەمەس!… ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، ئاتا-ئانىلار ساپاسىز بولمىغىنى بىلەن شۇنداق ئائىلىلەردە ئەقىدە-ئىتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئەخلاق قارىشى سۇسلاشقان…
4 s! w2 _- w+ I* v+ r6 [, j! h; c" P8 a# V1 B
ھەممىگە ئايانكى، ئەخلاق - ئىنساننىڭ ئىنسانلىق زىننىتى. ئەخلاقى ئۆلگەن جەمئىيەتنى قانۇن تولۇق ئىدارە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قەۋمنى تەبىئەت ھالاك قىلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا بۇنداق بايانالار ئوچۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئىلىم-پەنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ھالاكەت ۋە پالاكەت - « ئەيدىز »نى مەركەز قىلغان مەرەزلىكلەر ئەخلاقى يوقالغان ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈش » نەزەرىيىسى بويىچە كېلىۋاتقان ئاپەتلەردۇر. شۇڭا، ئاچچىق تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ بالا تۇغقان ئانىلار، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پەپىلەپ بالا باققان ئاتىلار پەرزەنتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ ئېغى ھەم بېغىغا ھېزىي بولمىساق بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى بوينىغا ئالغان مەكتەپلەر، مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشتا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشلىرى كېرەك. ھەربىر ئادەم، ئاتا-ئانا، ھەربىر يۇرت بالىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى باققان ئىت-مۆشۈكلەرگىمۇ ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھايات-ماماتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خارلىشى، يەكلىشىدىن، نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز! ئىشلىرىمىز ئالغا باسمايدۇ، روناق تاپمايمىز، ياخشى تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!… ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنساننىڭ قولتۇق، چاتلىرىدا قانچىلىك گۈزەللىك بولسۇن؟ بولمىسا ياراتقۇچىمىز اللە ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھالدا يوشۇرۇلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرارمىدى؟!…& y7 M' c  O! t2 l% t% I

- R1 W( M8 U0 B; ]. Vيۇرت كاتتىلىرى، چوڭلار، بايلار، ئۆلىما-ئالىملارنىڭ، ئېسىل بىنا-داچا، ئالىي ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەستۇر. باشقىلار بىلەن كارى بولماي ئۆز نەپسىنى ئويلاش، قولىدىكى نام-ئەمەل، بايلىقنى ياشىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى، دەسمايىسى دەپ قاراش - ئەخمەقلىق، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. باشتا تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدىكى بايلىقنىڭ، سىزدىكى ئەمەل-مەنسەپنىڭ، سىزدىكى يۈز-ئابروينىڭ، سىزدىكى ئىلىم-بىلىمنىڭ، سىزدىكى ھۈنەر-كەسىپنىڭ!… بىر راھەتنىڭ مىڭ پاتمان جاپاسى، ئون كوي پۇلنىڭ يۈز كويلۇق دەردى بولغاندەك، بىر لەززەتنىڭ يۈز ئازاپلىق مەسئۇلىيىتى بولماي قالامدۇ؟ شۇڭا ھەربىر ئادەم بىرخىل مەسئۇلىيەت مۇھىتىدا ياشىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، مەلۇم بىر مەشھۇر قىزبېدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە « قىز » توشۇپ، بەش يىلدا 400 مىڭ كوي پۇل تاپقان ئىكەن، ئالتىنچى يىلى بىر ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، كاتتا دوختۇرخانىدا 600 مىڭ كويغا داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپ، 200 مىڭ كويغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ… ئېنىقكى، تەبىئىي ھالال بولمىغان ئىشتا ئىنسانغا ئارتۇقچە ياخشىلىق يوق! مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بەگلىك ۋە بايلىقنىڭ راھىتىدىن كۆرە ئازابى كۆپىيىپ كەتمەكتە. يالغان بايلىقنىڭ دەردى-بالاسى كۆپەيمەكتە. بەگ-بايلارنىڭ بايلىقىدىن قەرزى كۆپ، ئۆتىدىغان سۆزىدىن ئۆتمەيدىغان گېپى جىق بولماقتا!…4 C5 P  L: F6 i9 e0 i

/ J# P+ t8 N- _" V8 f9 G6 d# Cخوش، گېپىمىزگە قايتساق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى قالمىغاندە، بەزىلەرنىڭ ئاغزىنىڭ بېغى قالماسلىق يەنە بىر ئەگەشمە ھاياسىزلىق بولىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭسا قېرى ئىتنىڭ كونا سۆڭەككە كۈچى يەتمەي سۆڭەكنى كاراسلاتقاندەك ئاغزىدىن پاقىنىڭ گېلىدىكى شاردەك كۆپۈك چىقىرىپ سېغىز چايناپ مېڭىشلار؛ يولدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا توختىماي ماك چايناشلار… قېلىپىدىن چىققان ھاياسىزلىق، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيمەنمەي ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بەزىبىر بۇزۇق ئاياللارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم كۆپ يەرلەردە يەل مىلتىق ئاتقاندەك چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: « … ئاخشامقى سورۇندا ھېلىقى مەتۇلارغا پۇلنى تازا جىق خەجلەتتۇق دېگىنا ئاداش! قىممەت سەيلەرنى دىڭلا قىلىپ، ياڭجۇ بىلەن داخې، دا چىش قىلدۇق… ئاندىن… كېچىچە تۈزۈك ئۇيقا يوق… ھازىر تاۋيەندەخېڭ، چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ…»
) z5 B: ?, s( g# R! B5 f' ?2 D' P
لەنەت!!!… مۇشۇنداق گەپلەر ئەسلىدە بىزنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك گەپلەرمىدى جامائەت؟! قىزبالا دېگەننىڭ سۆزى ھايالىق، مۇلايىم، سىلىق، يېقىشلىق، لەززەتلىك بولمامتى؟ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلار لايىقىدا يوشۇرۇلسا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنمەمتى؟…
# J* U/ j5 {) T4 N% @
! L$ s  P1 Z/ `  W" G' A2 gبىر قىسىم خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىدە، توغرا يولدىن تېيىپ كېتىشىدە ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ، ھەربىر ئەركەك تۈكى بار يىگىتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىشى كېرەك!…: J! y* s( [( w
« ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس » دەيدۇ كونىلار، ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!…
; W$ P8 ^) l0 ~3 g3 a5 e

, ^& l* d  W4 H( R) ^% j7 Uمەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

40

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1745

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2148
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 604
تۆھپە : 244
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-13

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىئاكتىپ ئەزاۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىOffice ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 09:57:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا، مۇشۇنداق ئۆتكۈر تېمېلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

باھا سۆز

xarbat مېنىڭ ئەمەس، جۇڭگۇ مىللەتلىرىدىن ئېلىپ كەلدىم  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 15:10

889

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 2577
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 7663
تۆھپە : 2199
توردا: 1934
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 21:58:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-11-14 23:05

چوققىغا قايتىش