مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ. سەۋەب كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ.
جەمئىي مىكروبلوگ 1090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • مەرىپەت تۈنۈگۈن 12:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئوڭۇشسىزلىق بىر ئەقىل بېرىدۇ.

  • xam 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    مائارىپ- ئەقىل ۋە ئېتىقادنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق، مائارىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى، تەرەققىي ...

  • مەرىپەت 2012-11-5 23:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىش كېرەك.

  • بىرسى 2012-11-4 20:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    يارنى كۇندە كۆرۇپ تۇر ، يادلاشماي دىسەڭ .ئەقىلنى كۇندە بىلەپ تۇر ، داتلاشماي دىسەڭ

  • tanha_bora 2012-10-29 01:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوستلا   كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلاغا ئېھتى.....

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:13 [ئىنكاس(2)] [...]

    ئالتۇن ساپ بولماس، ئادەم نوقسانسىز...

  • تارىم0997 2012-10-26 10:48 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، قېرىنداشلار

  • xarbat ئۈلۈشكۈن 19:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى، مەمۇرى، شىتات دىگەن سۆلەرمۇ ھالقىلىق سۆزكەن توۋا....

  • xam 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(1)] [...]

    تىرىشچانلىقنىڭ مەنىسى، تۈنۈگۈننى تەكرارلاش ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بۈگۈننى قولدىن بەرمەسل ...

  • بىرسى 2012-11-5 01:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆلۇمنىڭ كۆزى بىرلا نەرسىدە ، پەقەت جاندا . ئادەمنىڭ بولسا مىڭدە ، شۇڭا ئادەم ئۆزىنى دائىم بەختسىز سېزىدۇ

  • چوغلۇق 2012-11-4 00:03 [ئىنكاس(1)] [...]

    قېيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە.

  • 天使 2012-10-28 18:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھءيتىڭلارعا مۇبارەك بولسون،........

  • مەرىپەت 2012-10-27 20:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى  ئايال ياخشى بىر ئەرنى تاۋلاپ چىقالايدۇ.

  • xarbat 2012-10-25 22:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇربان ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 3

[ھېكايە]يىرتىق پۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

118

تېما

0

ئەگەشكۈچى

4363

جۇغلانما

ۋولقان شاھزادىسى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

يوقلىما
58
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  534
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 1416
تۆھپە : 407
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-10

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاتەكلىپلىك ئەزاپوتوشوپ ئۇستىسىتور ماھىرىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىۋولقان ئەركىسىۋولقان بايۋەتچىسىقابىل تەرجىمان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:15:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىرتىق پۇل
6 t# A$ W% g7 w" U5 ^سنتيەن خاۋيى (ياپونىيە)! P& F: D/ Z5 K3 T
ئابلىمىت مەھەممەت تەرجىمىسى
9 D, \# u4 T; s! Z! w+ e. _+ F7 J
' n9 e0 \$ G. J9 A% j
يانچۇقۇمدا مىڭ يىنلىق پۇلدىن ئۈچى بار.  بۇ مەن تۈنۈگۈن پويىز ئىستانىسىنىڭ ئالدىدا نەرسە - كېرەك سېتىۋالغان چاغدا پرىكازچىك قايتۇرۇپ بەرگەن پارچە پۇل. بۈگۈن سىنچىلاپ قارىۋىدىم ئىچىدە بىر پارچە كونا پۇل بار ئىكەن. بۇ پۇل قاق ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلغان، ئاندىن يالتىراق بىنت بىلەن يەملەنگەنىدى، پۇل چاپلىغان كىشىنىڭ تېخنىكىسى بەكمۇ ناچار بولسا كېرەك، يىرتىلغان ئورنى جايىغا كەلمىگەچكە پۇلنىڭ كۆرۈنۈشى بەكمۇ مايماق - سايماق ئىدى. مەن كۆڭلۈمدە، بەرىبىر چاپلىغان بولغاندىن كېيىن نېمىشقا ياخشىلاپ چاپلىمىغاندۇ، دەپ ئويلىدىم. باشقا پۇللىرىمغا سېلىشتۇرغاندا بۇ پۇلنىڭ تۇرقى كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى. بۇنداق پۇلنى خەجلىگىلى بولارمۇ؟ بۇ پۇلنىڭ شەكلى دۇرۇس بولمىغانلىقتىن ئاپتوماتىك كاسسا ماشىنىسىدىن ئەلۋەتتە ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ، ماشىنا بۇ پۇلنى چوقۇم ساختا پۇل قاتارىدا ئايرىپ چىقىرىۋېتىدۇ. ماشىنىغا قارىغاندا ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈش ئاسانغا توختايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ بىخەستەلىكىمدىن مۇشۇ پۇلنى ئالدىمغۇ؟+ W% M9 `3 Y2 Q: G! M
   ئاڭلىشىمچە، بانكىغا بارسا يېڭى پۇلغا ئايرىۋاشلاپ بېرەرمىش، لېكىن بۇ پۇلنى مەن يىرتىۋەتمىگەندىن كېيىن باشقىلار ئۈچۈن ئالايىتەن بانكىغا شاپاشلاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇ پۇلنى باشقىلار پارچە پۇل قايتۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى پۇلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ماڭا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەنمۇ نېمىشقا شۇنداق جايلىمايدىكەنمەن؟
& i9 V; S* s* f: e   بىراق، بۇ پۇلنى ئاشكارا ھالدا ھەر قانداق مال ساتقۇچىغا ئۇزاتساڭ قوبۇل قىلمايدۇ. ھەتتا ئۇنى تۆت قاتلاپ تاپشۇرساڭمۇ بەرىبىر ئېچىپ كۆرىدىغان گەپ.- X& H6 N& v! G# r1 c
   ئەگەر پرىكازچىك بايقاپ قالسا شۇ ھامان ئاچچىقلىشى، قوبۇل قىلماسلىقى تەبىئىي، ماڭا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى خەقنىڭ مېنى يىرتىلغان پۇلنىمۇ ئەپلەپ چاپلىيالمايدىغان بىر كالۋا ئىكەن دەپ قېلىشى ئىدى.% E, _5 [) h6 V1 h- q9 r1 T
   مەن بىر رېستورانغا كىرىپ بىر مىڭ ئىككى يۈز يىن خەجلەپ بىر ۋاخ تاماق يېىدم. تاماقنى يەپ بولۇپ پۇل تۆلەش ۋاقتىدا بىر پارچە مىڭ يىنلىق يېڭى پۇلنىڭ ئاستىغا ھېلىقى يامالغان لەنىتى پۇلنى ئەپلەپ قويدۇم - دە، كاسسىرغا ئۇزاتتىم. يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دۈپۈلدەيتتى، كاسسىرنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، خەيرىيەت، ئۇ چىرايلىق قىزچاق كۈلۈمسىرىگەن پېتى ھېچ نەرسە سەزمىگەندەك پۇلنى غەللىگە تاشلىدى.
3 u: R9 \/ R' Q   مەن ئۇتتۇم.# W6 L. c6 i' z9 t, i+ Q
   بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، گېزىت - ژۇرنال پۇلىنى يىغقىلى كەلگەن خادىمنى ئۇزىتىپ قايتىپ كىرىۋېدىم، توساتتىن ئۇنىڭ ماڭا قايتۇرغان پارچە پۇللىرى ئارىسىدا يەنە ھېلىقىدەك مايماق - سايماق چاپلانغان بىر پارچە مىڭ يىنلىق پۇلنى كۆرۈپ قالدىم. گەرچە بۇ ئالدىنقى قېتىمقىدىن پەرقلەنسىمۇ لېكىن قولنىڭ ئۇچىدىلا ئەپلەپ - سەپلەپ چاپلانغىنىغا قارىغاندا چوقۇم بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققاندەك قىلاتتى.! ~0 K5 _; S; F3 W& ~" J3 F
   ئەتتەڭەي، پۇل قايتۇرغان چاغدا نېمىشقا بىخەستەلىك قىلغاندىمەن. لېكىن، كېچىككەنىدىم، گېزىت پۇلىنى يىغقۇچى موتسىكلىت بىلەن ئاللىقاچان كۆزدىن يىتكەنىدى.3 d3 _- ?, ]6 s$ {
   بېشىمغا يەنە كۈن چۈشتى.
; g  G0 u- _4 S8 O* C1 |9 ?9 L$ `   لېكىن، ئالدىنقى قېتىمقى مەمنۇنىيەتلىك تەجرىبەمنىڭ تۈرتكىسىدە دەرھال تالاغا تۈگۈرۈپ، ئۇدۇلدىكى كىتاب بوتكىسىدىن تەۋەككۈلسىگىلا بىر دانە ژۇرنال سېتىۋالدىم. يەنە ئالدىنقى قېتىمقىدەك بىر يىنغا بىر كونىنى جۈپلەپ ئۇزاتتىم. سېتىۋالغان ژۇرنىلىمنىڭ مەزمۇنى ماڭا بەرىبىر ئىدى. مەقسەت، ئەلۋەتتە، يىرتىق پۇلدىن قۇتۇلۇش ئىدى. يىرتىق پۇلنى قولۇمدىن ئەپلەپ چىقىرىۋەتسەملا يېنىكلەپ قالاتتىم.
. d4 v3 X% G" k9 B9 ?2 z, n5 e/ a3 ^   شۇنىڭدىن باشلاپ قانداق جىن ئۇردىكىنىتاڭ، ھەر قېتىمدا ئاللىقەيەردىندۇر بىر دانە چاپلانغان مىڭ يىنلىق پۇل قولۇمغا چۈشۈپ قالىدىغان بولدى. بۇ پۇللار ھەر قېتىم پارچە پۇل قايتۇرۇش ۋاقتىدا مېنىڭ دىققەتسىزلىكىمدىن پايدىلىنىپ يېڭى پۇللارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. قانداقتۇر ھەممە سودا - سېتىقچىلار تىلىنى بىر قىلىپ پەقەت مېنىلا قەستەن بوزەك قىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.: d, k% N6 q4 j
   ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشقا دۇچ كەلگەندە دەرھال تېتىكلىشەتتىم - دە، ئۇدۇل كەلگەن بىر دۇكانغا كىرىپ ئەپلەپ خەجلىۋېتەتتىم.
" B( a1 @% |3 {+ z   يىرتىق پۇلنىغۇ ھەر قېتىم بىر ئامال قىلىپ قولدىن چىقىرىۋەردىم. لېكىن، مېنىڭ كاللامغا كىرىۋالغىنى نەدىن كەلگەن مۇنچىۋالا كۆپ چاپلانغان پۇل، تېخخ ھەممىسىلا مىڭ يىنلىق، ئەگەر بۇنى مەلۇم بىر ئادەمنىڭ قىلىقى دەپ پەرەز قىلساق، دېمەك، ئۇ جەزمەن ئەقلىدىن ئازغان ساراڭ ياكى بولمىسا مەخسۇسلا پۇل يىرتىش تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولغان سەۋدايى بولسا كېرەك.
% x  c7 }: _% o   ئىشقىلىپ، نېمە بولسا بولسۇن بۇ خىل يىرتىلغان پۇللار بازارلاردا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن راۋان ئاقماقتا ئىدى. بۇ يەردىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە - قانداق قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشتا. مەن بۇنداق پەيتلەردە ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىمەن. شۇنداقلا، پرىكازچىكنىڭمۇ چاپلانغان پۇللارنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ماڭا سۆڭگۈتۈۋېتىشىدىن سەگەك بولۇپ تۇرىمەن.* r) M4 a9 V( y* [+ {+ e( L2 A+ L
   بىر كۈنى، مەن دورا ماگىزىنىدىن زۇكام دورىسى سېتىۋالغىلى باردىم، دەل پرىكازچىك ماڭا پارچە پۇل قايتۇرۇۋاتقان چېغىدا ئۆزۈمنى تۇتالماي ۋارقىراپ تاشلىدىم، چۈنكى، ئۇ بىر پارچە مىڭ يىنلىق چاپلانغان پۇلنى بارلىق پارچە پۇللارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ ماڭا ئۇزىتىۋاتاتتى.' ^9 J) w* F- [+ J/ p! z
   مانا شۇنداق قىلىپ ئۇزاقتىن زارىقىپ كۈتكەن بەختلىك مىنۇتلار ئاقىۋەت يېتىپ كەلدى. مەن ئوغرىنى زاڭ مال بىلەن بىللە نەق مەيداندا تۇتۇۋالدىم.
( T  ?1 B8 c: y8 x4 `* M   پرىكازچىك ئۆزىنىڭ خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى دەرھال سەزدى - دە، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن ھېلىقى چاپلانغان پۇلنى تىقىشتۇرۇشقا تۇتۇنغان چېغىدا مەن ئۇنى تۇتۇۋالدىم.: k) U( q9 N# }$ w' U' p
   ـ بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
2 m3 h9 K7 S9 ?   ـ كەچۈرىسىز، ئەپەندى، مەن ... - دېدى پرىكازچىك يىغلامسىراپ، - ئىچكىرىگە كىرىپ سۆزلەشسەك قانداق؟ - قىزچاق ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا يېلىندى.6 O; |2 m5 O5 f4 W8 ?
   ـ بولىدۇ.3 u5 C4 D% ?  @; V
   ئۇ مېنى پوكەينىڭ ئارقىسىدىكى بىر كىچىك ئۆيگە باشلاپ كىردى. بىر پەستىن كېيىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر دوغىلاق ئادەم كىرىپ كەلدى.- g) |, b9 P7 y1 }% q7 r( E
   ـ سىزدىن ئەپۇ سورايمىز، ئەپەندى.5 Y: l% N  H# P) ~  {4 |5 D
   ـ سىز بۇ يەرنىڭ خوجايىنىما؟
5 b4 J  F3 u7 m& i3 k" T   ـ ياق، مەن سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.6 m, e& v" D) x8 F- H
   ـ ھە، ئۇنداقتا ھازىرقى ئىش...؟( X5 ~2 i( Z! y3 K
   ـ يابا، بۇ ماگىزىندىكىلەر ناھايىتىمۇ بىر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇپتۇ. ئاڭلىشىمچە، پرىكازچىك قىزچاق دەرستىن سىرتقى چاغلاردا بۇ ماگىزىنغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەن. مەن بۇلارنى ھەر دائىم ئىنتايىن سەگەكلىك بىلەن ئىش كۆرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم. لېكىنزە...
+ [" M2 a0 A- {   ـ سىزنىڭ ئېيتىۋاتقىنىڭىز مىڭ  يىنلىق پۇلمۇ؟, r0 y9 y5 }% ^# }
   ـ ھەئە، ھەيران قېلىۋاتامسىز؟
4 ?2 S- o. }; i- N$ P) K   ـ ھەئە، شۇنداقراق، - دېدىم مەن تەستىقلاپ، - يېقىندىن بۇيان يىرتىلغان پۇللار بىراقلا كۆپىيىپ كەتتى.
2 s/ A- t6 W: W# U   ـ راست گەپنى سىزگە ئېيتسام، بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىز پىلانلىغان./ y9 P& z5 \" ]$ O
   ـ نېمە؟!
+ ~- X# F/ m2 u( C   مەن ئۆز قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قېلىۋاتاتتىم.
9 G1 Y/ v: Y# b5 \7 p   ـ يېقىندىن بۇيان بازار كاساتلىشىپ كەتتى، - سۆزىنى ئالدىرىماي داۋاملاشتۇردى رەئىس، - جەمئىيىتىمىز بۇ ھەقتە تالاي قېتىم باش قاتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىسى دېگەندەك بولمىدى. ئاخىر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ مۇشۇ مىڭ يىنلىق يىرتىق پۇل تاكتىكىسىنى تېپىپ چىقتۇق. سىزنىڭچە مۇشۇنداق يىرتىق پۇلنى خەجلەپ قولدىن چىقىرىۋەتمەك ئاسانغا توختىمايدىغۇ دەيمەن؟# C4 B+ ~. @- i+ b9 W8 ^7 l3 |
   ـ ھەئە، ھەقىقەتەن تەس.; K" _/ |( P! n" x0 A8 ~& m
   ـ ئادەتتە مۇشۇنداق پۇل قولىغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى باشقا ساق پۇللارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ خەجلىۋېتىشنى كۆزلەيدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خېرىدار پۇلنى بىرنەچچە مىڭ يىنغا توغرىلايمەن دەپ تەبىئىي ھالدىلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نەچچە مىڭ يىنلىق ئوبوروت سوممىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يىرتىق پۇلنى قولدىن چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت پىسخىك خاراكتېرلىك دەككە - دۈككىچىلىك خېرىدارنىڭ كاللىسىنى كونترول قىلىۋالغاچقا، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان ياكى مىقدارى چەكتىن ھالقىغان ماللارنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ ھاسىلاتى بازارلاردا ئوبوروت سوممىسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتمامدۇ؟
/ Y, w5 c& c1 R4 v$ Y   ـ بىراق، ئاڭلىشىمچە باكىدا يىرتىق پۇلنى ساق پۇلغا تېگىشىپ بېرەرمىش.
8 S9 n& L& J6 F6 ]+ M( ~% X' x   ـ ئېيتقىنىڭىز توغرا، لېكىن سىز نېمىشقا بانكىغا بارمىدىڭىز؟+ @# R, E3 t$ x! B% D, z2 @
   ـ بۇ، بۇ...
) K; J9 G% z* w) ]4 o3 z   ـ شۇ ئەمەسمۇ، ھېچكىممۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە، پۇلنى يا ئۆزى يىرتقان بولمىسا. بۇ يەردىكى مەسىلە پۇلنى چاققانراق خەجلەپ تۈگىتىشتە. بۇ قارتا ئوينىغان چاغدىكى ئۆزىگە كېرەكسىز بولغان قەغەزلەرنى ئامالنىڭ بارىچە باشقىلاردىن بۇرۇن ئويناپ تۈگىتىشكە ئىنتىلىش ھېسسىياتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە.
' u/ s: K2 r! L   ـ پاھ، پاھ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ياخشى ئۇسۇل ئىكەن.2 O+ e" k+ {# Z2 a! y5 m: ]9 N6 U
   سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالدىغا ئازاق ئېڭىشىپ ماڭا شىۋىرلىدى:$ y# i  R( C" K) @5 w3 {# U3 y4 J
   ـ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار، سىزنىڭ قوشۇمچە تاپاۋەت قىلغۇڭىز كېلەمدۇ؟ بۇ ئىش ناھايىتى ئاسان، كىرىمىمۇ ياخشى، مەن سىزگە بىر بولاق مىڭ يىنلىق پۇل بېرىمەن، سىز ئۇلارنى قاق ئوتتۇرىسىدىن ئەپلەپ يىرتىپ ئاندىن چاپلاپ چىقىسىز. بولدى، ئىش تامام ۋەسسالام. گەپ ئۇنى چاپلاشتا، ئۇنى چوقۇم قىڭغىر - سىڭغىر چاپلاش كېرەك، سىز ھەر كۈنى بۇ ئىشقا بىر سائەت ۋاقىت ئاجراتسىڭىزلا كۇپايە، بۇ ئىش كۆپىنچە كىشىلەرگە خۇش ياقمايدۇ. شۇڭا، ھازىر قولىمىزدىكى ئادەم يېتىشمەيۋاتىدۇ. سىزنىڭ بىزگە ياردەملىشىشىڭىزنى سورايمىز، ئەلۋەتتە، سىز بۇ مەخپىيەتلىكنى باشقىلارغا تىنماسلىق ھەققىدە ماڭا كاپالەتنامىمۇ تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك...
+ G8 T5 d! \& U' n$ g* T2 B
1 w0 W( Y" C8 n$ X& I5 C                            (خەنزۇچە«مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار»ناملىق كىتابتىن)
, L, f' r4 d8 r$ ^0 @& U
3 P" A6 W0 b3 ]6 D8 q! x
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتەجرىبەقىزغىنلىقتىللاشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
xarbat + 11 + 6 + 1 + 2ياخشى تېما!

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 11 قىزغىنلىق + 6 تىللا + 1 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

889

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  138
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 13
تىللا: 7657
تۆھپە : 2197
توردا: 1934
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

ۋولقان تۆھپىكارىتىرىشچان ئەزا ئوردىنىئەتىرگۈل ئەزا ئوردىنىۋولقان مەلىكىسىباشقۇرغۇچى ئوردىنىمائارىپچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزادوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىئىجادكار ئەزائەلا يىتەكچى ئوردىنىماھىر تەربىيىچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 16:22:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكايىلەرنى يوللاۋاتىسىز، يارايسىز ...

wolqan ئىسىم ئۆزگەرتتى

2641

تېما

2

ئەگەشكۈچى

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24Rank: 24

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 5286
نادىر تېمىسى: 91
تىللا: 14302
تۆھپە : 4376
توردا: 3899
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-14

مائارىپچى ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 23:38:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە  توردىكى خېلى داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىپ بولغۇدەكسىز جۇمۇ،يارايسىز!
ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!

118

تېما

0

ئەگەشكۈچى

4363

جۇغلانما

ۋولقان شاھزادىسى

Rank: 16Rank: 16Rank: 16Rank: 16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  534
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 1416
تۆھپە : 407
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-10

تىرىشچان ئەزا ئوردىنىكومپىيۇتىر ماھىرىباشقۇرغۇچى ئوردىنىۋولقان قوغدىغۇچىسىۋولقان شائىرىتېما يوللاش ماھىرىئاكتىپ ئەزاتەكلىپلىك ئەزاپوتوشوپ ئۇستىسىتور ماھىرىدوستلۇق ئەلچىسىمۇنبەر نازارەتچىسىۋولقان ئەركىسىۋولقان بايۋەتچىسىقابىل تەرجىمان

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 13:27:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolqan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-14 23:38
( c: X3 u& N1 `; h7 o8 R  ?2 C; Iئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە  توردىكى خېلى داڭلىق ش ...
4 n6 B. ]8 M+ v0 z0 `
قانداق دەيسىز ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

يانفۇن|ئاددى بەت|ئالاقىلىشىڭ|( 新ICP备11001587号-6 )
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
بېكەتنىڭ قانونى ۋەكىلى : شەربەت QQ:359903451 E-mail:359903451@qq.com
بىز ئەڭ ياخشى مۇنبەر قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-11-15 01:40

چوققىغا قايتىش