     
- يوقلىما
- 408

| ئەسكى خۇتۇنغا چارە بار R, W, x+ f4 C8 O) U
! ?" k+ e/ j* R6 l! B: @خوتون ئاناڭلىنىڭ ئۆيىدە ياخشى تۇرىۋاتامسىلە ؟+ b! D7 ]5 e1 d0 ~$ S5 a6 X ئىككىمىز سوقۇشۇپ، سەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنگە ھازىر توپتوغرا 38 سائەت37 مىنۇت بولدى. بۇ ۋاقىت سەن ئۆتكەندە يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا ياراتقان رېكورتتىن يەنە 4 سائەت 17 مىنۇت ئاز. 8 U' b$ x5 X- X$ B1 mسېنىڭ ئەپۇ سوراپ ئالدىڭغا بىرىشىمنى كۈتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن، مەنمۇ شۇ يولغا چىقاي دەپ تەييارلىنىۋاتىمەن، بىراق مەن سېنىڭ يەنە ئازراق چىداپ يىڭى رېكورت يارىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. , V, v1 s: m* I9 s& j+ Uمەن ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن، ئارتۇق ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ . گەرچە سەن ئامانەت كىنىشكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئېلىپ كەتكەن بولساڭمۇ، تېخى ئاچ قالمىدىم. تىقىپ قويغان ئىناۋەتلىك كارتا بار ئەمەسمۇ، خۇدا غا مىڭ شۈكرى، بۇ چوڭ ئاقتۇرۇپ تەكشۇرۇشتىن ئامان قالغىنى. شۇ كارتىغا بەش كۆينەك، ئۈچ قۇر ئىچ كىيىم، يەتتە جۈپ پايپاق ئالدىم، سەن كەلگىچە يېتىدۇ. شۇڭا كىيىملىرىمنىڭ كىر بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. داڭلىق ماركا دىگەننىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ!% ~4 Y% b1 K$ g6 q8 n# i تامىقىمدىنمۇ ئەنسىرىمىگىن. مەن سەن كېتىپ ھازىرغىچە يېڭى ئېچىلغان يەتتە رېستۇرانغا بېرىپ تاماق يەپ بولدۇم. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا ياخشىكەن، تېخى مېنىڭ يالغۇز تاماق يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ مېنى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالمىسۇن دەپ كېلىپ بىللە ھەمراھ بولۇپ تاماق يىيىشىپ بىرىشكە بىردىن ئىككى نەپەر ئىغىزى تاتلىق كۈتكۈچى قىزنى ھەمراھ قىلىپ قويدى. بۇ رىستۇران خوجايىنلىرى ماڭا بەكلا كۆيىنىدۇ. خاتىرجەم ئاناڭنىڭ ئۆيدە تۇرۋەر، ئورۇقلاپ قالسىە بولمىسا. / r9 Z/ [# z9 X& ~7 a" Kلىكىن بۇ كاساپەت كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ئىشتىھاسى بەك يامانكەن، رىستۇران خوجاينى قارىغاندا بۇلارنى ئاچ قويۇپ باقىدىغان ئوخشايدۇ. ھەر قىتىم بارسام بىر- بىرىدىن قىممەت نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرىۋالىدۇ -دىسە. مەنمۇ سخىي قولۇمنى كەڭ داستىخاندىن ئايمايمەن. سەن بىلەن شۇنچە ۋاقىت ئۆي تۇتۇپ بىرەر ئېغىز ماختاشقا ئىرىشەلمىگەنتىم، لىكىن بۇ قىزلار مىنىڭ سىخىي، مەرت يىگىتلىكىمنى بىلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ. 5 X* y4 A. O! O/ W( sھەممىدىن بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى، ئۇدۇلىمىزغا يېڭىدىن كۆچۇپ كەلگەن ياش ئايال. ئۇ ھەر كۈنى ئۇنى- بۇنى سورىغان بولۇپ ماڭا گەپ قىلىدۇ. لىكىن سەن خاتىرجەم بولغىن. مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن. بۇ تەرەپتە مەندىن گۇمانلانساڭ بولمايدۇ. * I b- n/ l" Yئۆيدىكى گۈل- گىياھلارغا كەلسەك، ھازىرقىدەك سۇ قىس شارائىتتا گۈللەرنى سۇسىز قۇملۇق مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەن كەلگۈچە گۈللەرگە سۇ قۇيماسلىقنى قارار قىلدىم. بۇنىڭ گۈللەرگە پايدىسى بار. ھەراست! ئۆيدىكى مۈشۈك ساڭا ئەگىشىپ بىللە كەتتىما؟ ئۇنى كۆرمىگىلى ئىككى كۈن بولۇپ قالدى.) R; {# D* n3 M! Z مەن چوقۇم سەندىن كەچۈرۈم سوراپ سېنى ئېلىپ كەتكىلى بارىمەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كەلگىلى ئالدىرىماي ئۇزاقراق تۇر. چوڭلارمۇ سېنى سېغىنىپ قالغاندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رېكورت مەسىلىسى بار ئەمەسمۇ. 2 _% W7 @9 ?/ G$ Cقوشۇمچە: ئەگەر ئەتىگىچە كېلەلمەي قالساڭ، سەن ئۆچ كۆرىدىغان ھېلىقى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن خەلق رىستۇرانىغا تاماق يىگىلى بېرىشىم مۇمكىن،نىمىلا دىگەن بىلەن، خەقنى رەت قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ دە! # Q5 X0 |5 S f4 D4 Fخەير- خوش! ) t: s) L0 t$ O+ U6 P9 ?$ Z9 hسېنى سېغىنىپ: ئېرىڭ - l) N8 ?1 q# Z # J" d4 a8 s+ y- B: z5 c2 o, eشەبنەم تورىدىن ئېلىندى |
|