     
- يوقلىما
- 409

| مەزكۇر تېما يېڭىلاندى، باشقۇرغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋە باشقۇرغۇچى بولماقچى بولغان بارلىق تورداشلارنىڭ مەزكۇر يازمىنى قايتىدىن ئوقۇپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى ئۇقتۇرىمىز: ) T0 P( w/ r! z. V0 e* oبىكىتىمىزگە باشقۇرغۇچى بولغاندىن كېيىن كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى ئىزچىل ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئىسمى جىسمىغا لايىق باشقۇرغۇچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما بىكەتكە ئىزچىل كىرمىگەن،كىرگەن تەقدىردىمۇ تېما ئىنكاس تەستىقلاش ۋەزىپىسىنى ۋە تېما ئىنكاس يوللاپ باشقا تورداشلارغا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان باشقۇرغۇچى تورداشلارمۇ ئاز بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ.ئەمما يەنىلا كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچى تورداشلار ئۆزى تېما يېزىشقا ۋاقتى چىقمىغان بولسىمۇ تورداشلارنىڭ يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى باھالاش،يوللانغان مەزمۇنلارنى نازارەت قىلىش،مەسىلە بارلىرىنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى ئۈن تىنسىز خالىس قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىكىتىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كېلىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.# @+ w) n" F( H; k6 c7 Z بىكىتىمىزدە بىخ ئەزا ۋە يېڭى ئەزا گۇرۇپپىسىدىن باشقا بارلىق ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاسى تەستىقسىز چىقىدىغان،ئالىي ئەزا گۇرۇپپىسىدىن باشلاپ تېمىسىمۇ تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولغاچقا يوللانغان مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ نازارەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز.يەنە كېلىپ تەستىقسىز يوللانغان مەزمۇنلاردا ئىملا خاتالىقىنى تەھرىرلەپ تۈزىتىش،مەسىلە بولغان،سەزگۈر مەزمۇنلار بولغان تېما ئىنكاسلارنى ئۆز ۋاختىدا ئۆچۈرۈش،مۇناسىۋەتلىك ئەزاغا ۋاختىدا چارە كۆرۈش،ياخشىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش،يېڭى ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭ تېما ئىنكاسلىرىنى ۋە يىلتىز ئەزا،غوللۇق ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاسلىرىنى تەستىقلاش... قاتارلىق بىر قاتار بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ.يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ باشقۇرغۇچى بولۇش تەلىپىنى ھەرتۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاندۇرۇپ بولالماي قىزغىنلىقىغا سۇ سىپىپ قويدۇق،بۇ جەھەتتىن تورداشلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز. 7 V8 w* e( }$ V شۇڭىلاشقا بىكەت باشلىقلىرى ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بىكىتىمىزنىڭ باشقۇرۇش قوشۇنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش،باشقۇرغۇچى بولۇش ئارزۇسى بار بولغان تورداشلارغا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىدىدە بىكىتىمىزگە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئۆزىڭىزدە ھازىرلىغان بولسىڭىز باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغان، خالىس تۆھپە قوشۇش ئىرادىسى بار ئەزالار مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە ئىلتىماس سۇنسىڭىز ياكى مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە ماڭا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.; I1 v" [" U2 A, ?2 V باشقۇرغۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپلەر:$ Z) V8 c: m/ s7 O. i4 p 1. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە چۈشەنچە ئېڭى كۈچلۈك،مەيدانى توغرا بولۇش،سەزگۈر مەزمۇنلارنى سېزەلەيدىغان ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇش.# q8 v" d3 F/ t8 n/ \- h. x9 k 2. ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن ھەمدە تور ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بولغان بولۇش.* j# d4 ^, C8 M: }0 ?+ R; [( a 3. بەلگىلىك دەرىجىدە كومپيۇتېر بىلىملىرى سەۋىيسىگە ئىگە بولغان بولۇش.6 O$ ^6 d& y( l2 C/ A 4. ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن خەۋىرى بولغان،ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى تولۇق بىلمىسىمۇ خەتنى ئىملاسى توغرا ھالدا باسالايدىغان ۋە خاتا ئىملانى توغرىلاپ تۈزىتەلەيدىغان بولۇش. 3 Z4 b, g3 A& c5. ھەر كۈنى(24 سائەت ئىچىدە) ئاز دېگەندە بىر ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان ،تەستىق كۈتىۋاتقان تېما ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، تەستىقلاشقا ماس كېلىدىغانلىرىنى تەستىقلاپ، ۋاقتى ئۆتكەن تېما، ئىنكاسلارنى تازىلاپ تۇرالايدىغان بولۇش. (ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنىڭ بەزىدە ھەپتە- ھەپتىلەپ تورغا چىقالمايدىغان ئامالسىز ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا بۇنىڭدىن بىز خەۋەر تېپىپ قالساقلا كۇپايە)! r3 o% q( F. V 6. مۇنبەرگە ھەر ھەپتىدە 5 تىن كەم بولمىغان خالىغان سەھىپىگە مۇناسىۋەتلىك تېما، بىلىم ياكى ماتىرىيال يوللىيالايدىغان ۋە ئىزچىل يوللاپ تۇرالايدىغان بولۇش.ئەلۋەتتە ئىجادى يازمىلارنى يوللىسىڭىز بەك ياخشى،ئەمما تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يوللىسىڭىزمۇ بۇ سىزگە تەۋە بىلىم بولىدۇ،خىزمەت داۋامىدا ھاسىل بولغان ھەرتۈرلۈك دەرس تەييارلىق، تەتقىقات نەتىجىلىرى، پىلان-خۇلاسە، ھەرتۈرلۈك ئارخىپ.....قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئاز بولسا ئازچە،كۆپ بولسا كۆپچە يوللىسىڭىز بولىدۇ .ئىزچىللىقنى ساقلىيالمىسىڭىز ئىلتىماس قىلىپ ئاۋارە بولماسلىقىڭىزنى ئەسكەرتىمىز./ }- {% u) ^: d8 ]; B 7. بىكىتىمىزگە يوللىغان تېمىسى 10 تىن ئاشقان،كامىدا بىر تېمىسى جەۋھەرلەنگەن بولۇش (كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) .& \ e5 B h2 v2 `1 R, i3 G& Q4 x 8. مۇنبەردىكى ئەزالىق دەرىجىسى «ئالىي ئەزا »گۇرۇپپىسى قوشۇلۇپ ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بولۇش.# D2 y, H; E6 g
|
|