ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن مۇنبەردىكى(axik0996)دىگەن تەخەللۇسۇمنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن(@sardarim@)غائۆزگەرتتىم،ۋاقىپ بولغايسىزلەر.
بەزىلەر«نىكاھ-سىرىتماق»دىسە،يەنە بەزىلەر«نىكاھ-سىرىتتىكىلەرنىڭ كىرگۇسى
كېلىدىغان،ئىچىدىكىلەرنىڭ چىققۇسى كېلىدىغان قورغان»دەيدۇ.«نىكاھتىن ئىلگىركىسى مۇھەببەت،نىكاھتىن كىيىنكىسى مەسئۇلىيەت،شۇڭا مۇھەببەتنى دىسەڭ توي قىلمىساڭ بولىدۇ»دەيدىغانلارمۇ بار.بىراق يەنىلا كۆپ سانلىق كىشىلەر تۇرمۇشتىكى غايەت زور قالقانلىق رولىنى ئىتىراپ قىلماي قالمايدۇ.
نىكاھ توغۇرسىدا گەپ ئېچىلسىلا كۆز ئالدىمغا مۇنداق بىر مىسال كېلىدۇ:مەن تۇنۇيدىغان بەخىتلىك بىر ئائىلە بار ئىدى.ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ياش،بىلىملىك،كىلىشكەن،خىزمىتى مۇقىم ئىدى.يەنە تېخى بىر ئۇغۇل،بىر قىزپەرزەنتى بار ،ھەممىنىڭ كۇزى چۇشىدىغان،كەم- كۇتسىزئائىلە ئىدى.كىيىن ئۇلار ئاجىرىشىپ كىتىپ بالىلارنى بىردىن بۇلۇشۇپتۇ.مەن تاساددىپىلىق ھىس قىلىپ ئىچكىرلەپ سوراشقا باشلىدىم.ئاخىرى ئىش ئايدىڭ بولدى.ششىرىن مۇھەببەتلىك كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرۇپ ،ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۇزۇپ،بىر ياستۇققا باش قويغان بۇ بىرجۇپ ياشنىڭ دەسلەپكى تۇرمۇشى ناھاييىتى بەخىتلىك ئۆتكەن.بىراق كىيىنكى كۇنلەردىكى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى،كۇنسايىن كۇچىيىۋاتقان رىقابەت،بۇلۇپمۇ ئىككى پەرزەنتىنى تەربىلەش ئىشى دىگەندەك بىر يۇرۇش جىددى تۇرمۇش رىتىمى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى «ئىللىق ئائىلە»ئەمەس،بەلكى«ھەشەمەتلىك ئۆي»لا بار،ئىللىقلىقى يوق قۇرۇق ئۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.ھەر ئىككەيلەن بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىشمايدىغان،ھە دىسىلا خىزمەتتىكى ئۇڭۇشسىزلىقلارنى ئۇيىگىچە ئەكىلىپ،ئائىلىۋى ئىللىقلىقتىن بەھرىمەن بۇلۇش ئورنىغا: «بالدۇراق بۇنداق بۇلىشىنى بىلگەن بولسام،ھەرگىز سەن بىلەن توي قىلماسكەنمەن.....»دەپ قاقشاشقان.شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككەيلەن ئائىلىسىدىن تاپالمىغان(ئەمىلىيەتتە ئىزدەشكەئۇرۇنمىغان)خوشاللىقنى بىلىپ-بىلمەي سىرىتتىن ئىزدىگەن.«تامنىڭمۇ قۇلىقى بار»دىگەندەك بۇ ئىش جەمىيەتكە ئاشكارىلىنىپ قالغان.كىيىن ئۇلار ئاجىرىشىپ كەتكەن.چوڭلار ئارلاشقان بولسىمۇ ئۇنۇمى بولمىغان.
خۇددى ئۆز تۇغقىنىمنىڭ بەخىتسىز تۇرمۇشىغا ئېچىنىۋاتقاندەك كاللام گادىرماش سۇئاللار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە،يەنە بىر تاساددىپىلىقنى ئاڭلاپ قالدىم.ئۇلار يەنە ئاجىرىشىدىكەن،مەن يەنە بىر قېتىم رازۋىتچىكلاردەك ئىشنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاشقا كىرىشتىم.
ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، شىرىن سۆزلۇك،كەم-كۇتىسىزقارشى تەرەپ تويدىن كىيىن ئۇنداق بىلىنمىگەن.تويدىن ئىلگىرى ھىس قىلمىغان كەمچىللىكلەر ،زىددىيەتلەر ،بۇلۇپمۇ چوڭ-كىچىكلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەر ئۇلارنى قايتىدىن تالجىتقان.قىسقىسى،ئىلگىركى تارىخ يەنە تەكرارلانغان.ئايالنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى:«مەن ئىلگىركى ئىرىم بىلەن چىقىشالماي يۇرگەن كۇنلەردە تاساددىپى ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم،دەسلەپتە ھەرگىزمۇ 3-شەخىس بىلەن توي قىلىپ ئائىلەمنى بۇزۇش نىيىتىم يوق ئىدى.بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىكە ئەگىشىپ،ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى چۇشىنىدىغان،ھېسىياتقا باي،پەقەت نىكاھتا ماڭا ئوخشاش بەخىتسىز بىر بىچارە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.قەلبىمدىكى ئاللىقاچان ئۆچكەن مۇھەببەت ئوتى ماڭا باقماي ئاستا-ئاستا يالقۇنجىدى.ئۇنىڭ بىلەن بىر-نەچچە قېتىم كۆرۈشۈشۈم ،بىللە تاماق يېيشم بىردەمدىلا ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە تەسىر بىرىپتۇ.بۇ ئىشقا ئاچچىقىم كىلىپ يۈرگەندە،ئېرىم ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۇ ئىشنى يۈزۈمگە سالدى.مەنمۇ بوش كەلمەي<ئاجىراشساق ئاجىراشتۇق>دەپ كېسىپلا دىدىم.كىيىن ئاڭلىسام ئۇنىڭمۇ كۆڭلىدە ئويلىغىنى بارئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە بۇزۇلۇپ،يېڭىدىن ئىككى ئائىلىگە ئايلاندى.ئەمىلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ئاجىرىشىش 1-خاتالىغىم بولسا،قايتىدىن توي قىلىش2-خاتالىغىم ئىكەن.ئەمدى مەن قانداق قىلاي...يەنە ئاجىراشسام بۇ3-خاتالىغىم بولارمۇ؟ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ،قانداق قىلىمەن؟!بالىلىرىمنى جەم قىلىپ بېقىپ،تەنھا ئۆتۈپ كىتەيمۇ ياكى بالىلىرىمنىڭ دادىسى بىلەن قايتىدىن يارىشىپ قىلىشنى تەلەپ قىلايمۇ،ئەگەرئۇ قوشۇلمىسىچۇ؟».
يۇقىرقى ئىشتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى نىكاھ خۇددى كۇنلۇككە ئوخشايدىكەن.ھاۋا ئۇچۇق كۇنلىرى كۆتۇرىۋالغان بۇ«يۈك»تىن تولىمۇ بىزار بولۇپ،چۆرىۋەتسەم نەقەدەر راھەت دەپ ئويلايسىز،ئۇنى چۆرىۋەتكىنىڭىزدە تەبىئەتتە قار-بوران،يامغۇرنىڭ بارلىقىنى،ئىلگىرى كۇنلۇك ئاستىدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەڭ خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلىسىز.شۇڭاتويدىن ئىلگىرى كۆزنى يوغان ئېچىپ ئوبدان ئويلىنىپ توي قىلىش كېرەك ئىكەن،تويدىن كىيىن كۆزىڭىزنىڭ بىرىنى يۇمىۋالغاچ ياشىغان تۇزۇككەن.كونىلاردا«ياخشى سۆز تاشنى يارار»دەيدىغان گەپ بار.بىر ئۆيدىكى ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمىگەن تەغدىردىمۇ،ئۇلار دۇشمەن ئەمەس.بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ،ئىللىق تەبەسسۇم،ياخشى مۇئامىلە،قوللاپ-قۇۋەتلەش،چۇشىنىش -ھەرقانداق پاسسىپ ھالەتنى ئوڭشىيالايدۇ.
قىسقىسى،نىكاھ كۇنلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ....
مەنبە:ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى
ئاپتورى:مۇنەۋۋەر ئۇبۇلھەسەن.
[ بۇ يازما @sardarim@ تەرپىدىن2009-03-07 11:44دە قاي ]