بىز تويغان (توي )لار
{ئابدۇقادىرمەققانى}
ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس، تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن، ئەقىلگە مۇۋاپىق توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قائىدىلىرى بار، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ھەم شۇنداق. بىراق كىشىلىرىمىز ئارىسىدىكى داغۋاز، ھەشەمەتچىلەر‹‹كەشىپ›› قىلغان بولمىغۇر ‹‹يوسۇن››لار توي - تۆكۈن، نەزىر -چىراغلاردىكى گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزگە ‹‹پوقاق›› چىقارماقتا. بۇ يازمام ئارقىلىق ئۆزۈم كۆرگەن بولمىغۇرلۇقلارنى جامائەتنىڭ مۇھاكىمىسىگە سۇنماقچىمەن.
مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەلۇم ناھىيىگە بېرىپ ئىككى يىلچە ئىشلەش جەريانىدا ئاجايىپ ‹‹توي››لارغا قاتنىشىپ تولىمۇ ھەيران قالدىم.ئىشىككە ‹‹پاتمىغان قىز›› تويى
دەم ئېلىش كۈنىدە بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشتىم. چۈشكە يېقىن كېلىدىغان مېھمانلارمۇ ئاخىرلاشتى. بىز بىرنەچچە ئاغىنە چوڭلارنىڭ باشلىشىدا قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باردۇق. قىزنىڭ ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. تائاملار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت -قىزنىڭ نىكاھى ئوقۇلۇپ، قىزنى كۆچۈرۈپ ماڭماقچى بولغىنىمىزدا، قولداشلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئورنىدىن قوزغالغان قىز ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە توختىۋالدى. بىز نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغىنىمىزدا قىزنىڭ دوستلىرىدىن بىرى ‹‹ھوي، يىگىتلەر، كۆرمەيۋاتامسىلەر، قىز ئىشىككەپاتماي قالدى، ئىشىك رەسمىيىتىنى ئۆتۈۋېتىڭلار!››دېدى. بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرساق، بىرەيلەن ‹‹بۇ يەردە قىز ئىشىككە كەلگەندە يىگىت قىزنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ ئالتۇن بۇيۇم ياكى نەق پۇل تاشلايدىغان ئادەت بارمىش، شۇ رەسمىيەتنى بېجىرىش لازىمكەن››دەپ چۈشەندۈردى. بىز قىزنىڭ بېشىدىن دەرھال 150 يۈەننى ئۆرۈپ تاشلىدۇق. قىز ئالدىغابىر قەدەم مېڭىپ تاپسىدا يەنە توختاپ قالدى. بىز يەنە قانداق ‹‹رەسمىيەت››نىڭ كەم قالغانلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرغىنىمىزدا قىزنىڭ دوستلىرىدىن بىرى ‹‹سىلەر خۇلاساندەك يىگىتلەر تۇرۇپ، پارچە - پۇرات ئىش قىلماي، پۈتۈن - پۈتۈن ئىش قىلمامسىلەر››دەپ بىزنى ‹‹ئۇچۇرغان›› بولدى، شۇنىڭ بىلەن تويى بولۇۋاتقان يىگىت ۋە باشقىلىرىمىز 50 ، 100، 200 يۈەندىن چىقىرىپ قىزنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ تاشلىۋېدۇق، قىز تېز - تېز قەدەم ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى. ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆز كۆرۈپ، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان بولمىغۇر بۇ ‹‹رەسمىيەت››كە نېمە دېگۈلۈك؟
مىس قازانلىق توي
دەم ئېلىش كۈنى ياتاقتا ئارام ئېلىۋاتاتتىم، ئىشىك چېكىلىپ يېقىن بىر دوستۇم كىرىپ كەلدى ۋە بۈگۈن ئىنىسىنىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا مېنى چاقىرغىلى ئالاھىتەن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ‹‹ئاداش، ئۆتكەندىكى تويدەك توي بولىدىغان بولسا مەن بارمايلا قوياي›› دېسەم، ئۇ ‹‹خاتىرجەم بول، بىزنىڭ بۇ قۇدىلار ئۇنداق بەسخورلاردىن ئەمەس›› دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ تويغا باردىم. كەچكە يېقىن قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باردۇق. بۇ قېتىممۇ قىزنىڭ بېشىدىن 500 يۈەنلىك ئالتۇن ئۈزۈك ئۆرۈلگەندىن كېيىنلا قىز ‹‹ئىشىككە پېتىپ›› ئۆيدىن چىقتى. بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرسام، دوستۇم يېنىمغا كېلىپ ‹‹يېنىڭدا 400 - 500 يۈەن بولسا بېرىپ تۇرغىن››، دېدى. ئۇقۇشسام، قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى ئەزەلدىن مىس قازاندا تاماق ئېتىپ يەپ ئادەتلەنگەنمىش، مىس قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش سالامەتلىككە تولىمۇ پايدىلىقمىش، شۇڭا قىزغا كەچتە تاماق ئېتىپ بېرىشكە مىس قازان تەييارلاشنى تەلەپ قىپتۇ، بولمىسا توي بۇزۇلارمىش. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم مىس قازاندىن بىرنى سېتىۋېلىپ كېلىپ ئۇلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىنلا قىزنى كۆچۈرۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدۇق..
ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە خىزمەتداشلىرىم بىلەن يەنە بىر تويغا باردىم. توي ئىگىسى قىزنى كۆچۈرۈشكە ‹‹شالى›› ماركىلىق پىكاپتىن يەتتە - سەككىزنى ئېلىپ بارغان ئىكەن. لېكىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ‹‹شالى پىكاپتا قىز كۆچۈرۈش ھازىر مودىدىن قالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا پاسسات، ياكى سانتانا، ماركىلىق پىكاپ ئەكىلىپ ئاندىن قىزنى ئېلىپ كېتىڭلار!››دەپ شەرت قويۇپتۇ. بۇ قانداق قىلىق؟ دەرۋەقە، زامان ئۆزگەردى، تۇرمۇشىمىز ھەرقانچە ھاللانغان، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ھەرقانچە ياخشىلانغان تەقدىردىمۇ يۇقىرىقىدەك بولمىغۇر ‹‹رەسمىيەت››، ‹‹ئادەت››لەرنى ‹‹كەشىپ››قىلىشقا ھەددىمىز يوق. بىلىشىمىز كېرەككى، ھازىر ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتىمىز. بەش بارماق تەكشى بولمىغىنىدەك، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ تەكشى ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىگە داغۋازلىق قىلىمىز؟
ئويلاپ باقسام، ياخشى ئادەت، ياخشى تەۋسىيىلەردىن كۆرە يۇقىرىقىدەك بولمىغۇرلۇقلارنى تېز يۇقتۇرۇۋېلىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغاندەك قىلىمىز. ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ھەشەمەتچى، داغۋازلار ئەنە شۇ كېسەلنى ئۆكتەملەرچە تارقاتقۇچىلار بولۇپ، بىرنىڭ كاساپىتى مىڭگە بولماقتا. بەس، ئېسىل ئۆرپ - ئادەت، قائىدىلىرىمىزگە يات بولمىغۇرلۇقلارغا يول قويمايلى! زامانغا، ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرەيلى!