ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 887 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: 1728 يادرو ئوق بېشى قەيەرلەرگە توغرىلانغان؟ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

iz
مۇۋەپپەقىيەت!
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1430
شۆھرەت: 920 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2032 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1767(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 1728 يادرو ئوق بېشى قەيەرلەرگە توغرىلانغان؟

   ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئەقىلدارلار ئامبىرى - «ئامېرىكا ئىلگىرىلەش مەركىزى» تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئاندۇروگرات يېقىندا ئېلان قىلغان «2009- يىلىدىكى يادرو ۋەزىيىتى تەتقىقات دوكلاتى» دا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 14 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى تىنچ ئوكيان سۇ تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا 1728 يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن، ئۇلارنىڭ نىشانى جۇڭگو، روسىيە ۋە چاۋشيەن.
ئوباما گۇرۇھى ئېغىز ئاچتى
   بۇ دوكلاتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەقىلدارلىرى ۋە سابىق ھۆكۈمرانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلارنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىرىدىن كىسىنگېر ۋە شورىس، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېررى ۋە «يادروسىز دۇنيا» ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى سام نوئىنلار بار. بۇ دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى يادرو زاپچىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 10 مىڭ يادرو ئوق بېشىنىڭ 5400 ى ئىسكىلاتتا ساقلاقلىق، 4974 ى ئۇرۇش ھازىرلىقى ھالىتىدە، 1260 ى زاپاس ھالەتتە ئىكەن.
   «ئامېرىكا ئىگىرىلەش مەركىزى» زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئوباما سايلام لاگېرىنىڭ ئەقىلدارلار ئۆمىكىلىك رولىنى ئوينىغان، ئۇلار چاۋشيەن مەسىلىسىدە:«يېڭى ھۆكۈمەت چوقۇم چاۋشيەنگە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياخشىلىنىشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خىزمىتى قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكلىپ بەرگەن. تەكلىپنامىدە يەنە: «چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشى ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلالايدىغان لايىھە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك؛ پەۋقۇلئاددە ئەلچى پيۇڭياڭغا بېرىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن سېئۇلدا زىيارەتتە بولۇش زۆرۈرىيىتى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە كورىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش كېرەك» دېيىلگەن. ئوباما ئۇلارنىڭ بۇ لايىھىسىنى تولۇق قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئوبامانىڭ چاۋشيەن سىياسىتىدە مۇھىم مەزمۇن بولغان. شۇڭا ئانالىزچىلار مۇنداق دېيىشىتى:«2009- يىلىدىكى يادرو ۋەزىيىتى تەتقىقات دوكلاتى» ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يادرو كۈچىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساس بولىدۇ.
تىنچ ئوكياندىكى 14يادرو سۇ ئۈستى پاراخوتى
   «دوكلات» تا ئامېرىكا يادرو كۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشكىللىنىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدا ھازىر «خەلق ئەسكىرى- Ⅲ» ناملىق قىتئەلەر ئارا ئېتىلىدىغان ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 500 ى بار، ئەمما پىلان بويىچە بۇ ----- 50 ى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. بۇ قىتئەلەر ئارا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ماننوت، مارموستروم ۋە خوران ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا 764 يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن، ھەر بىر يادرو ئوق بېشىنىڭ پارتلاش كۈچى ئەينى چاغدا خروسوما ئارىلىغا تاشلانغان يادرو بومبىسىدىن 20 ھەسسە كۈچلۈك.
   ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ھازىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىدىن 14 ى بار، بۇلارنىڭ باش شتابى ۋاشىنگتون شتاتىدا. بۇ 14 سۇ ئاستى پاراخوتىغا «ساچقاق- Ⅲ» ناملىق ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 288 ى سەپلەنگەن، ھەر بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئالتە يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان. شۇڭا بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئېلىپ يۈرگەن يادرو ئوق بېشى 1728 گە يېتىدۇ، بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان يادرو ئوق بېشى ئومۇمىي سانىنىڭ %40 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يادرو ئوق بېشىلىرىنىڭ پارتلىتىش كۈچى ئەينى چاغدا خروسوما ئارىلىغا تاشلانغان يادرو بومبىسىدىن سەككىز ھەسسىدىن 30 ھەسسىسىگىچە كۈچلۈك. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى، تىنچ ئوكيان ساھىلىدا لەيلەپ يۈرگەن بۇ ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ نىشانى جۇڭگو، روسىيە ۋە چاۋشيەن.
   يىراق مۇساپىلىك ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى تەركىبىدىكى يەنە بىر مۇھىم بۆلەك، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «2- B» ۋە «52- B» بەلگىلىك ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلار يادرو ھۇجۇمى قىلالايدۇ، ئۇلارنى يەنە ئاددىي جەڭلەرگە سالغىلىمۇ بولىدۇ؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن ھازىر «2- B» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن 16 سى، «52- B» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىدىن 56 سى بار. «56- B» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا ئورۇنلاشقان، «2- B» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بولسا، خويتىمان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا توپلانغان. بۇ ئىككى خىل ئېغىر تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئۈچ خىل يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ ماڭالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر خىلى يادرو ئوق بېشىنىڭ پارتلاش كۈچى ئەينى چاغدا خروسوما ئارىلىغا تاشلانغان يادرو بومبىسىدىن 80 ھەسسە كۈچلۈك، ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئېلىپ ماڭالايدىغان يادرو ئوق بېشىنىڭ سانى 1000 غا يېتىدۇ.
   دۇنيا ئەھلى تا ھازىرغىچە بىلمەيدىغان نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ---- تاكتىكىلىق يادرو بومبىلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ھازىر خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە تاكتىكىلىق يادرو بومبىسىنى ئىشلىتىش چەكلەنمىگەن بولغاچقا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ھازىرمۇ تاكتىكىلىق يادرو ئوق بېشىدىن 1290 نى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ 500 ى ھازىر ئۇرۇش دىجورنىلىق ھالىتىدە، ھەر قانداق چاغدا ئېتىلىشقا ھازىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؛ قالغان 790 تاكتىكىلىق يادرو ئوق بېشى ئىسكىلاتتا ساقلاقلىق. ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرى پېچەتلىۋەتكەن قەتئىي مەخپىي ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىغا تاكتىكىلىق يادرو ئوق بېشىدىن 350 نى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ خىل تاكتىكىلىق يادرو ئوق بېشىنى دېڭىزدىكى بازىدىن «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا سەپلەپ ئاتقىلى بولىدىكەن، يەنە جەڭ ئايروپىلانىغا سەپلەپمۇ نىشانغا توغرا ئاتقىلى بولىدىكەن.
بۇ ئوباما تۇرغۇزغان «يېڭى يادرو كۈچى» نى ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىمۇ؟
   «نيۇ- يورك ۋاقتى گېزىتى» ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ۋە كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ماقالىسىدە بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ دوكلات كەلگۈسىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى يادرو كۈچى» ئورۇنلاشتۇرۇشنى روياپقا چىقىرىشنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالىدۇ؛ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شورىس قاتارلىق سەر خىللارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا 21- ئەسىردىمۇ ئوخشاشلا دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىپ، يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىكەن.
   ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ يادرو ۋەزىيىتى ئانالىزىنى قايتا باھالاشقا قويىدۇ، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو ئىستراتېگىيىسىنى 3- قېتىم باھالىشى؛ ئىلگىرى كلىنتون ۋە بۇش ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق باھالاش ئېلىپ بارغان. كلىنتون ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى يادرو ۋەزىيىتى ئانالىزىنى باھالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى - روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، يادرو تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، يادرو تېخنىكىسى ۋە يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش بولغانىدى، ئەمما كلىنتون ھۆكۈمىتى بۇ نىشاننى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمىدى، بەلكى مۇھىم نۇقتىنى سۇمالى مەسىلىسى بىلەن ئارمىيىدىكى ھەمجىنىس مۇھەببەتداشلار مەسىلىسىگە قاراتتى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق باھالاش نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. 2001- يىلى 2- قېتىم باھا بېرىلگەندە، زۇڭتۇڭ بۇش بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، باھالاشنىڭ نەتىجىسىمۇ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، ئەمما تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش يادرو كۈچىنى ئىسلاھ قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئاخىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتالمىدى.
   ئەمدى ئوباما ھۆكۈمىتى 3- قېتىملىق باھالاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچىنى قايتا جايلاشتۇرمىسا بولمايدۇ. شۇڭا دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ئوباما ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان باسقۇچ، تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 100 كۈن ۋە تۇنجى يىلدىكى قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ھەر قايسى تەرەپلەرگە يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ يادرو سىياسىتى ۋە پەرمانىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھەققىدە دوكلات بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى قاتارلىق زاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى قۇرۇلۇشىنى باھالاشنى رەسمىي باشلىشى كېرەك. بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا يادرو كۈچىنىڭ يېڭىچە قۇرۇلۇشى سىياسىتى بىلەن كونكرېت تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئامېرىكىچە يادرو كۈچى ئىستراتېگىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى لازىم.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
مۇھەممەد تۇرسۇن تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-05 00:29 |
شەبنەم تور رادىئوسى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 645
شۆھرەت: 666 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6395 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1081(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

يادىرو قۇرالى ئاخىرى ئىنسانلارغا ئاپەت بولىدۇ .

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 00:39 |
شەبنەم تور رادىئوسى
uqurlar.com
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 118
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 377(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ئۇچۇرلار تورىدا!
  www.uqurlar.com

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 01:38 |
Goal
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72635
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 97
شۆھرەت: 97 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 855 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

  1728 يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن؟  

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 08:21 |
naway0999
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29430
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1983
شۆھرەت: 1989 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17304 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ھە نىمە ،بولسا تۈلكە جىننى تونىۋاپتۇ ئامىركىلىقلار

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 11:49 |
X_Uyghur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61403
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 70 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 614 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 428(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىnaway0999نىڭ2009-03-05 11:49 دە يوللىغان يازمىسى   :
ھە نىمە ،بولسا تۈلكە جىننى تونىۋاپتۇ ئامىركىلىقلار


  توغرا دەيسىز

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئۇيغۇرمەن!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 12:09 |
BAOAN
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 154 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئۇرۇش  رەھىمسىز  بولسا  تىنىچلىق  ياخشى،ھەممە  ئادەمگە  خاتىرجەملىك  ئەۋزەل ئەڭ  ياخشى  ھۇكۇمەت  سىياسىتى-خەلىقنىڭ  ھالىغا  يىتىدۇ.
بۇنىڭدىدىن  ياخشى  كۇننى  نەدىن  ئىزدەپ  تاپقۇلۇق

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 12:24 |
naway0999
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29430
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1983
شۆھرەت: 1989 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17304 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

قورسىقى توقلارغا بۇنداق تىمىلار ياخمايدۇ ئەلۋەتتە ،چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 13:18 |
oygak2005
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17045
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1000 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 478(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

چاغدا خروسوما ئارىلىغا تاشلانغان يادرو بومبىسىدىن 80 ھەسسە كۈچلۈك،
مۇنداق  گەپلەرنى  ئاڭلىسا  تىنى  شۇركۇندىكەن كىشىنىڭ،،،،

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 13:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 06:37, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ