ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئافغانىستانغا 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىدىكەن
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئافغانىستانغا 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پىلانلىق ھەربىي ئىشلار پائالىيىتى دائىرىسىدە ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى باھار ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە ئافغانىستاندا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 38 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئۆتكەن ئاي ئافغانىستانغا 17 مىڭ كىشىلىك تايانچ قوشۇن ئەۋەتىلىشى تورىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغانىدى.
نۆۋەتتە، ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىكەن.