ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىزلەر......
مەن ئالدى بىلەن،مۇنبىرىمىزدىكى مىھرى ئاتەش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ، كىلىش ئالدىدا تۇرغان " 8-مارت خانىم -قىزلار " بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن... بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن....!!!!!!!!!!!
ئەزىز دوستلار، شۇ تاپتا ھەممىمىز ھاياجانلىق ئىچىدە، مىھرىبان ئانىلىرىمىزغا، ھاياتلىقنىڭ ئۈزۈلمە بۇلۇقى بولغان قىزلىرىمىزغا چىن يۈرەكلەردىن بايراملىق سالام يوللاش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ شەرىپىگە يازغۇچىمىز ، ئەخمەد ئىمىننىڭ ' ئايال " ناملىق نەسىرنى سۇنماقچىمەن.
ئايال
(نەسىر)
كۆزلۈرۈڭدە ئاجايىپ نۇر، ئۇ سەندىن باشقا ھىچنىمىدە ھىچقانداق نەرسىدە يوق نۇر.... كىچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارمۇ ، قۇلۇقۇڭدىكى ھالقا ، بوينۇڭدىكى كەھرىۋالارمۇ ياللىدە چاقناشلىرىدا پەقەت ئاشۇ نۇرنى دورايدۇ خالاس.
ئۇ نۇر گۈزەللىك نۇرى،ئۇ نۇر بىلەن ئائىلە گۈزەل ،جەمىيەت گۈزەل، ھەتتا تەبىئەت گۈزەل.........ئۇنۇڭسىز ماڭا ھەرقانداق گۈزەللىك جانسىز سۆرەتتەك بىلىنىدۇ....!
مەن بوۋۇلۇرۇمدىن ئاڭلىغان،سىنىڭ كۆزلۈرۈڭدىن ئوينىغان نۇر ، مۇققەدەس نۇر ئىكەن، ئۆزۈمچە ئويلۇنۇپ قالىمەن تەڭرى ئۆز ۋۇجۇدۇدىن ساڭا نۇرنى ئاتا قىلغاندا بۇ دۇنيادا بارچە مەخلۇقات مەۋجۇداتتا ، شاپائەت قىلىش بۇرچىنى ساڭا ھاۋالە قىلىشنى ئويلىغان بولغۇيتتىمىكىن؟.......
بوۋۇقىڭنى كۆكسۈڭدىكى سۈت بۇلاقلىرىغا چۈمۈلدۈرۈشلۈرۈڭدىن تارتىپ ،مۇزلىغان قوزىچاقلارنىڭ باش بۇيۇنلىرىنى سىلاشلىرىڭغىچە، بوراندا قىيسىيىپ قالغان مايسىلارنىڭ تىگىگە توپا يۆلەشلىرىڭدىن تارتىپ ، قاغىجىرىغان گۈللەرنى ئۇچۇمۇڭدىكى سۇ بىلەن سۇغۇرۇشلۇرۇڭغىچە بولغان ھەممە ئىشلىرىڭدىن ئوخشاشلا بىر خىل مىھرىڭنى بايقايمەن،ئاكا -ئىنىلىرىڭ سىرتقا چىقىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ھەتتاكى قىل چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ تېرىپ ئىلىۋىتىشلىرىڭدىمۇ شۇ مىھىر......ئاچچىق دورىنى ئاۋال ئۆزۈڭ تىتىپ بۇلۇپ ئاندىن كىسەل بالاڭغا ئىچكۈزۈشۈڭدىمۇ شۇ مىھىر..........ئېرىڭنى : " كەچ قالماڭ جۇمۇ؟" دەپ ئۆيدىن ئەنسىزلىك ئارىلاش ئۇزۇتۇپ قۇيۇشۇڭدىمۇ شۇ مىھىر............ياخشى تاماقنى ئاتا-ئانىلىرىڭغا خۇلۇم-خوشنىلىرىڭغا قىسىنىشلىرىڭدىمۇ شۇ مىھىر.........ئۈيۈڭنى،ئەتراپىڭنى، سۇ سىپىپ پاكىز چىنىدەك تازلىۋىتىشلىرىڭدىمۇ يەنىلا شۇ مىھىر ئۆز كۈچىنى كۆرسۈتىدۇ.
ئەي ئايال......سىنىڭ ھەر بىر قەدىمىڭدىن مېھىر گۈزەللىك تۈكۈلۈپ تۇرۇدۇ.چۈنكى سەن گۈزەل ! گۈزەلگە پەقەت گۈزەل ھەركەتلا يارىشىدۇ !
سەن بىلىسەن شاماللارنىڭ يەلپۈنۈپ ئۈتۈشلىرىدە بىر مۇلايىملىق بار ، بۇ يۇپۇرماقلارنىڭ يىنىك تىتىرەشلىرىدە بىر لاتاپەت بار ، توزلارنىڭ قاناتلىرىنى روسلاشلىرىدا بىر نازاكەت بار............
مەن بىلمەيمەن، ئۇلار سىنى دورىدىمۇ ياكى سەن ئۇلارنى.......؟
كۆزىدىن بۇلدۇق-دولدۇق زەم-زەم ئۇرۇۋاتقان بۇلاق مەڭزىدە ، يىقىملىق تەببەسسۈم ئويغاتقان زىناق،نىمىدىگەن ئوخشاشلىق ھە؟
ئالدىنقىسى سارغايغان ئېكىنزارلارغا شىپا،كىيىنكىسى دەرتلىك كۈڭۈللەرگە داۋا........
سىنىڭ كۈلكە تەببەسۈمىڭ بولغاچقىلا ،خاپىلىقلار خوشاللىققا ئايلىنىدۇ !
سىنىڭ كۈلكە تەببەسۈمىڭ بولغاچقىلا ،مۈشكۈللۈكلەر ئاسانلىققا ئيلىنىدۇ !
سىنىڭ كۈلكە رەببەسسۈمىڭ بولغاچقىلا، بۇرۇقتۇلمىچىلىق ئازادىلىككە ئايلىنىدۇ !
سىنىڭ كۈلكە تەببەسسۈمىڭ بولغاچقىلا، قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ !
سەن مانا مۇشۇنداق كارامەت ئىگىسى.
سەن قۇربان بېرىش روھىغا باي.قىز پەرزەنت سۈپۈتىدە ، ئاتاڭنىڭ كۈڭلىنى دەپ قۇربان بېرىسەن، ھەمشىرە سۈپۈتىدە ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئوبرويىنى دەپ قۇربان بېرىسەن، ئايال سۈپۈتىدە ئېرىڭنىڭ كۈڭۈل ئارامى ئۈچۈن قۇربان بېرىسەن،ئانا سۈپۈتىدە بالىلىرىڭنىڭ مەنپەئاتىنى دەپ قۇربان بېرىسەن ئاتاڭنىڭ دىل-سىرلىرىنى چۈشەنمەستىن ئەيىپلەپ كىتىشلىرىگە ئېتىزار بىلدۈرمەي جىممىدە يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىشلىرىڭنى كۆرگەندە،مەن سىنىڭ كۈڭۈل ئەركىڭدە ئۇچۇمەن ،ئاكا -ئىنىلىرىڭ ئالدىدا دىل پارەڭگە لاپ قىلىپ قارىماي ئۈتۈپ كەتكىنىڭنى كۆرگەندە پۇچۇلانغان يۈرۈكۈڭنى ئويلايمەن !
ئومۇچى ئېرىڭنىڭ كەينىدىن باغ باغلاپ بۇلۇپ ،دەرھال ئۇنىڭغا مۇزدەك چاي قۇيۇپ بېرىپ تەرلىرىنى ياغلىغىڭ بىلەن سۈرتۈپ قويغانلىرىڭغا،ئۇغۇللۇرۇڭ دادىسى بىلەن سوزۇلۇپ يىتىپ ئارام ئالغاندا: مەنمۇ ھاردىم...دىمەي ئالدىراپ تاماققا تۇتۇش قىلغانلىرىڭدا،كىچىلەردە كىرپىك قاقماي قەغىش بوۋاقلىرىڭنى پەپىلىپ چىقىپ،تاڭ يورۇشى بىلەن سامان قالاپ چاي قاينىتىپ،ناشتىدىن كىيىن قازان-قۇمۇچقا،قۇلۇڭنى سۈرتۈپلا مال-ۋارانغا ئاندىن سۈپۈرگە ئىلىپ ھويلا -ئارامغا تۇتۇش قىلىشلىرىڭدا سىنى ئويلايدىغىنىم جىق،ھەم ھەقىقەتەن ناھايىتى جىق....!
ئەي ئايالزاتى.....! گۈل بەرگىدە لېغىرلاپ تۇرغان شەبنەم ئۈنچىسىنى كۈزۈڭدىن سىرغىپ ئاققان ياش تامچىسىغا ئوخشۇتىمەن ! بىر تامچە ياش ئۇ بەلكىم شاتلىق ھاياجىنىڭنىڭ ئىزھارى،بىر تامچە ياش ئۇ بەلكىم ئەلەملىك كۈڭۈلنىڭ ئاھۇ -زارى،راس ساڭا ئەلەم قىلىدۇ،مەن سىنىڭ ياشانغىراپ تۇرغان كۆز ياشلىرىڭدىن،مەن سىنىڭ يىتىم قورغاڭنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس بەلكى " مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ تەڭ پارچىسى" دىگەن ئەنسىز ،لىكىن قۇدراتلىك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن !
راس،سەنسىز ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى نەدە ؟
سەنسىز،تەبىئەتنىڭ تەڭكەشلىگە نەدە ؟
سەنسىز ئىجتىمائىيەتنىڭ مۇكەممەللىگى نەدە ؟
سەنسىز،رىقابەت نەدە ؟
سەنسىز،تەرەقىيات نەدە ؟
سەنسىز،مۇھەببەت نەدە ؟
سەنسىز،ساداقەت نەدە ؟
سەن مۇھەببەت بابىدا،پىداكار جەڭچى،مۇھەببەت سىنىڭ بارلىقىڭ،بۇ جەھەتتە مەن سەن بىلەن ھەرگىز تەڭلىشىپ بولالمايمەن....!
ئەي ئايالزاتى......! كۆزلۈرۈڭدە ئاجايىپ نۇر،ئۇ گۈزەللىك نۇرى ! ئۇ سۆيدۈرىدىغان نۇر،ھەم سۆيەلەيدىغان نۇر ! ئۇ ئۈزۈڭنى، ئاخىرقى ھىساپتا بۇ دۇنيانى ھاياتلىقنى سۆيىدىغان،قانماي سۈيىدىغان نۇر !
ئەي ئايال !
مەن سىنى ئۇلۇغلايمەن ،ھەم تۇلۇقلايمەن !
[ بۇ يازما zinnat-1 تەرپىدىن2009-03-04 23:48دە قايتا ]