ھىلارى كلىنتون: ئىسرائىلىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلسۇن ئامېرىكا قەتئىي قوللايدۇ
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
غەززەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولغان ھىلارى كلىنتون، پرېزىدېنتى سىمون پېرېس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى .
مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈلمىنىڭ ناھايىتى ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھىلارى كىلىنتون، ئىسرائىلىيىگە راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتسا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى سىمون پېرېسمۇ، غەززەدىن راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خاماسقا قارشى چارە – تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى .
ھلارى كلىنتون بىلەن پېرېس ئۇچرىشىشىغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىتچېلمۇ ئىشتىراك قىلدى.
چۈشتىن كېيىن باش مىنىستىر ئەھۇد ئولمىرت بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغان ھىلارى كلىنتون، ئەتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا زىيارەتتە بولىدىكەن، ھەمدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.