باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-04)
جاپاكەش ئانام ئاپتۇرى:ئابلىكىم ھەسەن
تەڭنىدە نان توشۇيمەن تونۇر بېشىغا. ئاپتاپ مېنى زورلايدۇ چۈشلۈك ئۇيقۇغا. ئۇخلا دەيدۇ، ئۇخلا دەيدۇ، «چىرت-چىرت»تومۇزغا. ئانام تونۇر بېشىدا ، ئۇخلاي نېمىشا!؟
يەڭلىك تۇتقان ئانامنىڭ چىرايىغا قارىسام، «تەرىڭىزنى لۆڭگىدە سۈرتەيمۇ؟»دەپ سورىسام، ناندەك قىزىل يۈزىگە ئىللىق كۈلكە تولىدۇ. ئېڭىشكەنچە يالقۇنغا، نان قومۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇرۇلغان نانلارنى قېقىپ-قېقىپ كېتىدۇ. سۈرتۈپ بولۇپ نانلارنى ماڭا سۇنۇپ بېرىدۇ.
نان دېگەننى تونۇرسىز پىشۇرغىلى بولمامدۇ؟! نان دېگەننى ئوتۇنسىز پىشۇرغىلى بولمامدۇ؟! نانمۇ كۆيسە ،ئاناممۇ كۆيىدىكەن ئەمەسمۇ!
كىرپىكىڭىز كۆيۈپتۇ ! چاچلىرىڭڭىز كۆيۈپتۇ! خۇددى نانمۇ كۆيگەندەك... دەيسىز دائىم جېكىلەپ: «نان ئۇۋىتما ،ئومىقىم، يامان بولىدۇ، ناننى سۆيگىن ،خورلىما، خۇددى مېنى سۆيگەندەك!...
بىلسەڭ ،بالام ، بۇئوتۇن جاڭگالدىكى بوۋاڭنىڭ دۈمبىسىنى سۇندۇرغان . بىلسەڭ ،بالام ،بۇ ئۇنلار چوڭ داداڭنى جۈدەتكەن. ئويۇنچى سۈر تەخەينى بىريىلدىلا مۈكچەيتكەن.
لېكىن بالام ،ئاشۇ نان كۈچلۈك قىلغان ھەممىنى. ئەنە ئاتاڭ بازغاندا يانجىماقتا تۆمۈرنى، ئاكاڭ خاڭدىن ھارۋىدا توشۇماقتا كۆمۈرنى. ئەنە ھەدەڭ ساغماقتا تۆت-بەش سېغىن كالىنى.
ئېيىتقىن بۇنچە يۈگۈرۈك، جۇشقۇن قىلدى كىم سېنى ؟ بىلسەڭ ،بالام ،مۇشۇ نان جۇشقۇن قىلغان ھەممىنى ...»
*** *** *** *** تەڭنىدە نان توشۇيمەن تونۇر بېشىغا. تومۇز غىلار بىر تاتلىق كەتتى ئۇيقۇغا.
|