ئۇيغۇر «قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى»غا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى
«
چاڭشا كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىنايى ئىشلارغا سالىدىغان، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات دېلوسى ئۈستىدىن 21- نويابىر خۇنەن چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى.(
ئەكبەر قۇش) ئەكبەر ئەمەت قاتارلىق 42 جاۋابكارغا ئايرىم- ئايرىم مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بېرىلدى.
بۇ دېلو ج خ مىنىستىرلىكى 公安部 نازارەتچىلىكىدە بېجىرىلگەن پەۋقۇلئاددە زور دېلو بولۇپ، بۇ جىنايەتچىلەر شايكىلىرى ئىچىدە .(
ئەكبەر قۇش) ئەكبەر ئەمەت قاتارلىق بەش ئادەمگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئىككى ئادەمگە 20 يىللىق قاماق جازاسى، قالغانلىرىغا مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بېرىلدى.
باش جىنايەتچى ئەكبەر ئەمەت قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش جىنايىتى، ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتى، قاقتى- سوقتى قىلىش جىنايىتى، قانۇنسىز قاماش جىنايىتى، قىمار ئويناش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىرنەچچە جىنايەتكە قوشۇپ جازالاش بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، 800 مىڭ يۈەن شەخسىي مال- مۈلكىنى مۇسادرە قىلىش ھەمدە 500 مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قويۇش ھۆكۈم قىلىندى.
دېلو ئەسلەتمىسى: باش جىنايەتچى .(
ئەكبەر قۇش)ئەكبەر ئەمەت بۇ يىل 44 ياشتا بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەكبەر ئەمەت جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئەمەر ئالاۋدۇن، تۇرغۇن توختى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئالداپ سېتىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى چاڭشا شەھىرىدە ئوغرىلىق، تارتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە سالغان.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەكبەر ئەمەت جىنايەتچىلەر گۇرۇھى 2000- يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 20 نەچچە ئاممىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەمدە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ھەر يىلى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەك قوغداش ھەققى ئالغان.
2006- يىلى 25- مارت چاڭشا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرغان. شۇ يىلى 19- ئاپرېل ج خ مىنىستىرلىكى، خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ۋە شىنجاڭ ج خ داىرىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى ئەكبەر ئەمەت قاتارلىق 12 ئادەمنى بىراقلا تۇتقان، ئەڭ ئاخىرىدا جىنايەتچى ئۇنسۇرلاردىن 42 نى قانۇن بويىچە قولغا ئالغان.
مەنبە :
خۇنەن ئۆلكىسى مەركىزى چاڭشا شەھرى كەچلىك گېزىتى