ئىت بىلەن كۈچۈك
ئاتاۋۇللا غۇپۇر
ئالا كۈچۈك سىرتقا چىقىپ كوچىنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە يۈگۈرۈپ،سەكرەپ قىن-قىنىغا پاتماي ئوينىدى.كوچىدا كۆرگەن قىزىقچىلىقلىرى ئۇنى بەكمۇ خوشال قىلدى.ئۇ،خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي،قايتىپ كىرىپ ئانىسىغا دېدى:
_ئانا،ئەتىدىن كەچكىچە قورۇدىن چىقماي ئولتۇرۇپ زىرىكمەمسەن؟كوچا شۇنداق ياخشى ئىكەن،سەنمۇ چىقىپ بىر ئاز كۆڭلۈڭنى ئېچىپ كىرسەڭ بولمامدۇ؟
ئانا ئىت دېدى:
_ۋاي جېنىم بالام،مېنىڭغۇ خويمۇ تالا-تۈزگە چىقىپ ئوينىغۇم بار،بىراق بۇ كوچىدىن ئۆتكەنلەر ئىچىدە مەن قاۋىمىغان ئادەم يوق،ئەمدى مەن قايسى يۈزۈم بىلەن كوچىغا چىقاي...
مۆمىنلەرگە بەرمە ئازار،ئىمىن كېرەك بولسا،
بۇ دونيادا ياخشى كۈنلەر بىر كۈن كېرەك بولسا.
مەنبە:«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى
تېخىمۇ قالتىسى بۇ يەردە:
./read.php?tid-99114.html