ئەلقىسسە تاڭسىڭ تاز خۇرجۇنىنى يۈدۈپ قوتۇر ئىشەككە مىنىپ ئۈچ شاگەىرتىنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىقتا كىتىۋاتاتتى ، يىقىنلا يەردىن بىر قىزنىڭ <<قۇتۇلدۇرۇڭلار >> دەپ ۋارقىرغىنى ئاڭلاندى ، ھەممە بىردىنلا شۇ تەرەپكە ئىتىلىپ باردى .....
ئاجايىپ بىر مەنزىرە ....
بىر قىز دەرەخكە باغلىنىپ تۇراتتى ، تاڭسىڭنىڭ ئامىتى ئاسماندىن چۈشتىمۇ قانداق ؟
بۇ قىزنىڭ قىياپىتىگە قارىساق ئايھاي :
قاسقاندىكى جىڭموما خۇددى ئۇنىڭ ئاقلىقى
گىرمانىيە تانكىسى بەستى بويى قامىتى
سۈپۈرگىدەك چاچلىرى تارالمىغان نەچچە يىل
ھەيھات!!!!
كەپتۇ بۈگۈن نەق ئاشۇ تاڭ ھەزرەتنىڭ ئامىتى
تاڭسىڭ بۇ قىزغا قاراپ تويماي نەچچە ۋاگۇن شۆلگىيىنى ئاقۇزۇپ گەپ باشلىدى
تاڭسىڭ :قىزچاق .پاراڭلاشمايلىمۇ ؟ سىزنى بىر دەمدىلا كەلتۈرۋالىمەن
قىز: كەلتۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىلامۇ كىلىۋېرىمەن
باجى :ئۇستاز ،ئىككىڭلار ئەجەپ نۇمۇس قىلمايلا پاراڭلىشىدىكەنسىلەرغۇ ؟
تاڭسىڭ : بىكاردىن بىكار نۇمۇس قىلىش ،مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ نۇمۇس
قىز: تۇڭگۇز دىگەن ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان جۇمۇ
تاڭسىڭ :شۇنى دىمەمسىز قىزچاق ،ھە ... شۇنداق قىلىپ تىگىدىغان بولدىلىما ؟
قىز: تەگمەيچۇ تازا ، قىنى تويلۇقنى بىر دىيىشەيلى
تاڭسىڭ : بىر پارچە دىچۆلىياڭ رەخ بىلەن بىر تاختا چاي
قىز:كەم بولا ، تويلىقىمغا بىر جۈپ ئالتۇن بىلەيزۈك ، ئون بارمىقىمغا ئون ئۈزۈك ، يەنە مىنگىلى ئات ،بىر يۈرۈش يى تو سەن ئۆي ئالىمەن
تاڭسىڭ :نىسىگە تەگمەملا ؟ ھۆججەت يىزىپ بىرىمەن
قىز : چاتاق يوق ، پۈتۈشتۇققۇ ھە ؟
تاڭسىڭ شۇنداق قىلىپ بۇ قىزنى باغلاقتىن بوشىتىپ سەپەرنى داۋام قىلدى ، قىز ئاتنى يىتىلدى ، شاگىرتلار ئەگەشتى ....
ئۇلار مىڭىپ بىر بۇدخانىنىڭ ئىشىكىنى چىقىپ كىردى شەيىخلەر يۈگۈرۈپ چىقىشتى
چوڭ شەيىخ:قانداق دىگەن بىئەدەپ تاز سەن ؟ ئىشىكنى چىقىپ كىرىدىغان ؟
تاڭسىڭ : بۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئۆرپ ئادىتى ، ئادەتتە مىھمانغا بارساق ئىشىكنى چىقىپ كىرىمىز ،بۇ بىزنىڭ بەخىت تىلىگىنىمىز
چوڭ شەيىخ تاڭسىڭنى بىسىۋېلىپ نەچچىنى دەسسىۋەتتى
چوڭ شەيىخ:مانا بۇ بىزنىڭ ئۆرپ ئادەت، بىز بىئەدەپ مىھماننى مانا مۇشۇنداق قارشى ئالىمىز ،بىلدىڭمۇ بالام؟
تاڭسىڭ : بىلدىم دادا ، مىنى ئۆيلەپ قويسىڭىزچۇ جىنىم دادا ؟؟
چوڭ شەيىخ: نىمە ؟ !!!!!! بىزنىڭ يۇرتتا بالىنى دادا ئۆيلىمەيدۇ ، دادىسىنى بالىسى ئۆيلەپ قويىدۇ بالام
تاڭسىڭ : ئانىڭىز بىلەن دادىڭىزنىڭ توي خىراجىتىنى سىز چىقىرىپسىزدە ؟
چوڭ شەيىخ:شۇنداق بولمايچۇ ، مەن دادامدىن بەش ياش چوڭ تىخى
تاڭسىڭ :ئۇنداقتا بۇدخانىڭىزنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇڭ ، شىرىن ئاي ئۆتكىزىپ بۇلۇپلا كىتىمەن
قىز غەزەپلەندى
قىز:ھەي قىرى تاز !!!!! نىمانداق چۈپەي نىمىسەن ؟ ھە،ممىڭ بىر جاڭگالنىڭ تازلىرى بولغاندىن كىيىن ئانچە -مۇنچە قاراپ قويمامسەن
چوڭ شەيىخ: بوپتۇ، بوپتۇ ، ئىجارە بىرىپ تۇراي ئەمسە
تاڭسىڭ :بولدى ئىجارە ئالدىم
شۇنداق قىلىپ نومچىلار بۇدخانىغا كىرىپ توي تەييارلىقى قىلىشتى ، تويمۇ بولدى ، توينىڭ داغدۇغىسى شۇنداق بولدىكى ھەيھات !!!!
ئالدى بىلەن بۇدخانىدىكى شەيىخلەر ياغاچ كالتەك ، لاي قۇڭغىراق ، تۈمۈر تەسەكلەردىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائى چالغۇ ئەسۋاپلار بىلەن توي نەمىسى قىلىشتى ، پوجاڭزا ئاتىدىغانغا پۇل يوق شاسىڭ بۇدخانىنىڭ دىرىزىسىنى چىقىپ قائىدىنى تاماملىدى ، ئاندىن باجى ئىغىلدىكى تەخەيلەرنى ئانىلىرىدىن ئاجرىتىپ سىرتقا باغلاپ قويدى ،چىدىمىغان ئىشەكلەر ھاڭراشقا باشلىدى ، ئىشەكلەرنىڭ ئومومىي مارشى كۆككە كۆتۈرۈلدى ، سۇن ۋۇكۇڭ ناخشا ئىيتالمىغاچقا قۇرۇق پاراڭ سالدى ، شاسىڭ بولسا ۋۇكۇڭنىڭ پارىڭىغا چىرايلىق ئۇسۇل ئوينىدى ، شەيىخلەرگە توققۇز تازىم قىلىنىپ كىلىنچەك بىلەن تاز يىگىتنى ھۇجرىنىڭ ئىچىگىچە ئۇزۇتۇپ بىرىشتى .............
......................................................
ئەتىسى تاڭسىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەسرەت بىلەن موخوركىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىپ تامغا قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپ ئولتۇراتتى ، قىز ئۇنىڭدىن سورىدى
قىز: نىمىگە ھەسرەت يۇتىلا مۇرەببىم ؟
تاڭسىڭ :مەھبوبەم سىز بىلمەيسىز ، مىنى ئامىتا دىگەن لەقۋا گۇي نومغا پالىغانتى ، شۇ نومنى ئەكىلەلمەي سىزنى ئەمرىمگە ئىلىپ ساپتىمەن ، نوم دەردى بىلەن قىز دەردى بىرلا كەلدى ، قايسىغا تۇرۇشنى بىلمەيۋاتىمەن خوتۇن
قىز: ۋاي لاتا گۇي ، شاگىرتلىرىڭنى نومغا ماڭدۇرۇپ ئۆزۈڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتمامسەن ؟
تاڭسىڭ :تازنىڭ ئەقلى تاز دىگەندەك ، بۇنى ئويلاپ كۆرمەپتىمەن دىسە؟ شۇنداق قىلايچۇ راس ؟!!!
تاڭسىڭ شاگىرتلىرىنى چاقىرىپ بايانات ئىلان قىلدى
تاڭسىڭ : ھەر قايسىڭ مەن بىلەن يۈرۈپ ، يىدىڭ ،ئىچتىڭ، چەكتىڭ ، مەن پالاكەت قىماردا سەپەر خىراجىتى يۇتتۇرۋەتمىگەن بولسام سەن خەققە مۇشۇ ياخشى كۈنمۇ يوق ، شۇڭا ھەر قايسىڭ نومنى ئەكەلگەچ بىر مىنى يوقلاپ ئۆتسەڭلەر بوپتىكەن ؟
باجى: مەن بارمايچۇ ؟ مىنىمۇ ئۆيلەپ قويسىلا بالامنى بىقىپ كۈنۈمنى ئالاي دىگەنتىم
ۋۇكۇڭ:مەن چىمەنتاغنىڭ بانانلىرىنى بەكمۇ سىغىندىم ، يۇرتۇمغا كىتەيمىكىن ، ئىجازەت بەرسىلە چوڭام
شاسىڭ : قانداق دىگەن گەپ بۇ ؟ مەنلا يالغۇز بارامدىم غەربكە ؟ بارمايمەن بولدى
تاڭسىڭ :بىرىڭلار ساۋاب تاپىسىلەر بالاڭزىلار
باجى :ساۋاب دىگەننى سەنلا تاپ ، قىمارنى تولا ئويناپ شىركەتنى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن سەن بارىسەن ۋۇ لاۋزا
تاڭسىڭ :مەن باراي دىسەم خاتۇن ئىلىپ ساپتىمەن
ۋۇكۇڭ:خاتۇنغا تەگمەپتىلا ھەر نىمە بولسا ، بوپتۇ بىز بىرىپ كىلەيلى
قىز: يىنىپ كەلگىچە ئەرشكە چىقىپ دادام مۇنارياسايدىغان تامچى دادامغا سالام ئىيتىڭلار
شاسىڭ:ماقە جىنىم يەڭگە
شۇنداق قىلىپ شاگىرتلار نومغا ئاتلاندى ، يىرىم يولدا تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن دىگەندەك بۇ تازلارنىڭ بىشىغا ئەقىل قوندى
باجى : ھە راست ، بىز ئەرشكە چىقىپ بۇ خۇتۇننى يۇرۇن سۇلتانغا ئەرز قىلايلى
شاسىڭ :نىمە دەپ ئەرز قىلىمىز؟
ۋۇكۇڭ: ئۇستازىمىزنى ئازدۇرۇپ تىگىۋالدى دەيلى
باجى :شۇنداق دەيلى زادى
شۇنداق قىلىپ دەۋاگەرلەر ئەرشكە چىقىپ يۇرۇن سۇلتاننىڭ يىنىغا كەلدى
ۋۇكۇڭ:پىقىرلىرىڭىزدىن يىتىپ مەلۇم بولسۇنكى بىشىدا تۈكى قالمىغان تاسىڭنى ئاغزىدا چىشى قالمىغان موماي ئازدۇرۇپ ئەر قىلىۋالدى ، بىلسەك بۇ خاتۇن ئەسلى ئوردىدىكى تامچى مۇنارچى پىر كالاننىڭ قىرى قىزى ئىكەن
يۇرۇن سۇلتان : دەۋاگەرلەر تارىخ چولپان بوۋاي بىلەن بىللە مۇنارچى پىركالاننىڭ ئۈيىگە بىىپ جاۋابكارنى تۇتۇپ كەلسۇن
تارىخ چولپاننىڭ يول باشلىشى بىلەن داۋاگەرلەر مۇنارچىنىڭ ئۆيىگە بىرىشتى ،مۇنارچى بۇ چاغدا تام قىرلاۋاتقان بۇلۇپ ، بىر پارچە لاينى ئەمدىلا تامغا چاپلاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇلار كىرىپ كىلىشتى
باجى : ھەي تامچى قىرى ، قىزىڭنى باشقۇرساڭ بولمامدۇ ، قىزىڭ ئۇستازىمنى ئازدۇرۇپ ئەر قىلىۋالدى
مۇنارچى ئاچچىقىدا قۇلىدىكى لاينى بىر ئىتىپ باجىنىڭ ئاغزىغا چاپلاپ قويدى ،مۇنارچىنىڭ شاگىرتلىرى كىلىپ باجىنىڭ لاي چاپلانغان ئاغزىنى ئەندۇۋا بىلەن سۇۋىدى ، لاي بىردەمدە قىتىپ باجى گەپ قىلالماس بوپ كەتتى
مۇنارچى : قىزىم بىلەن تاڭسىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ ئىختىيارى توي قىلغان تۇرسا ، نىمىشقا بۇنداق تۆھمەت چاپلايسەن سىسىق تۇڭگۇز ؟
ۋۇكۇڭ: قىزىڭ ئۆزى تىگىۋالدى ، قىزىڭ بىلەن تاڭسىڭ تۇنۇشۇپ ئىككى مىنۇت بولمايلا قىزىڭ ئۇستامغا توي تەكلىۋى قويدى
مۇنارچى : خەپ ھەن راھىپلارغا بىرىدىغان قىزىم يوق ، مەن بۇلارنى ئاجراشتۈرۋەتمەيدىغان بولسام ئۆمۈرۋايەت تامچى بولۇپ ئۆتۈپ كىتەي ، قەسەم قىلدىم
مۇنارچى ۋە نومچىلار پەرشكە چۈشۈپ تاڭسىڭ تۇرغان ئۆيگە كىلىشتى مۇنارچى بۇ ئكينىڭ پاسكىنا بوپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بەك ئاچچىقلاندى
مۇنارچى : قىزىم بۇ نىمە ئىش ؟ نىمىشقا بۇ كۈنگە قالدىڭىز ؟
قىز: خوگو ئىتىش ئۈچۈن تاغدىن موگو تىرىپ كىلىۋاتسام بۇ تازلار ئۇچرىدى ، ئاندىن مىنى باغلاپ قويۇپ ماڭا خوتۇن بولمىساڭ مەڭگۈ باغلاق پىتى تۇرىسەن دىدى
تاڭسىڭ :ئالە شارەڭنى !!!!!
مۇنارچى : قانداقكەن ؟ مىنىڭ بىچارە قىزىمنى بوزەك قىپسىلەرمۇ مانا ؟
تاڭسىڭ :بولمىسا ھازىرلا تالاق قىلۋېتەي ھە قىيناتا
مۇنارچى :ئاغزىڭنى يۇم ، تالاق قىلغىنىڭ بىلەن تويلىق قايتۇرۇلمايدۇ
تاڭسىڭ :مەيلى
.....شۇنداق قىلىپ تاڭسىڭ تالاق خىتى يازدى ، قىز قايتۇرۇپ كىتىلدى ئاران كەلگەن پايدا زىيانغا ھىساپ بولدى ، تاڭسىڭنىڭ ۋەزىپىسى ئىغىر ، ئۇ نومنى ئەكىلىپ بولۇپ يەنە تىخى نىسى ئالغان خوتۇنىنىڭ تويلۇقىنى بىرىشى كىرەك ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ-- دە بۇ
سەپەر داۋام قىلماقتا ،،،،،، غەيرەت قىل تاڭسىڭ ،مەنزىلگە ئاز قالدىڭ