ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1037 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: بىرسەبىينىڭ نۇرتاي ھاجىغا يازغان خىتى(چالىقۇش) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

چالىقۇش
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70565
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 65 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 بىرسەبىينىڭ نۇرتاي ھاجىغا يازغان خىتى(چالىقۇش)

بىرسەبىينىڭ نۇرتاي ھاجىغا يازغان خىتى

ئاتاسى بار ئاناسى بار،
پۇرەكلىگەن گۈل ئىكەن،
ئاتاسى يوق، ئاناسى يوق،
كۈيۈپ ئۈچكەن كۈل ئىكەن.

(خەلق ناخشىسى)


نۇرتاي ھاجىم دادا ياخشىمۇ سىز!
بىز گەرچە يۈز –تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ ھەم سىز مىنى تۇنۇمىسىڭىزمۇ ئەمما مەن نەچچە يىللاردىن گىزىت –ژورنال،تىلىۋىزورلاردىن سىزنىڭ ئۆز يىنىڭزدىن پۇل چىقىرىپ نۇرغۇن ئاتا- ئانىسىز يىتىم بالىلارنى يىغىپ،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ،ئۇقۇتۇپ،بىشىنى سىلاپ غەمخورلۇق قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، سىزدەك بىر ئىنسانپەرۋەر ،ئالىيجاناپ داداشنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايتى سۈيۈنگەن ئىدىم،ھەتتا بىر باشلانغۇچ 4-يىللىقتىكى بىر قىتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم<<مىنىڭ ئارزويۇم>>تىمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۈتكۈزگەندە مەن:
-مەن چوڭ بولسام چۇقۇم جىق پۇل تىپىپ، نۇرتاي دادامدەك يىتىم بالىلارنىڭ بىشىنى سىلايمەن- دەپ جاۋاپ بەرگەندە مۇئەللىم مىنى ماختاپ كەتكەنىدى، مەنمۇ ھەم مۇشۇ ئارزو بىلەن ئىزچىل ياخشى ئۇقۇپ كەلگەنىدىم، ئەمدى بۈگۈن ئۇزۇن ئويلىنىپ گۈدەك بولساممۇ ئېرىنمەي خىتىمنى ئۇقۇيدىغۇ، مىنىڭ دەردىمنى ئاڭلاپ ،ھالىمغا يىتىدىغۇ دەپ زور غەيرەتكە كىلىپ سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھاجىم دادا ،سىلەر مەخسوس ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان،ئىگە-چاقىسىز يىتىم بالىلارنىلا پاناھىڭلارغا ئالىسلەر ھەم ئۇلارغا ئاتا- ئانىسىدىنمۇ بەكرەك غەمخورلۇق قىلىسىلەر، نۇرتاي دادا، بۇنى بىر گۈدەكنىڭ خىتىكەن دەپ ئويلىماي ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى، ھەم ئازراق ۋاختىڭىزنى ئاجىرتىپ ماڭا جاۋاپ خەت يىزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەمدى ئۆز ئەھۋالىم ئۈستىدە تۇختىلاي،مىنىڭ ئىسىمىم نۇرئەلى(سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئۇخشاپراق كىتىدۇ) ،مەن بۇ يىل 13ياشقا كىردىم،تۇلۇقسىز 1-يىللىقتا ئۇقۇيمەن،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن، ئۈگۈنۈشۈم ئەسلى سىنپ بۇيىچە بىرىنچى ئىدى، ئەمما ھازىر 25-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم،مىنىڭ تۆت ئاتا-ئانام بار،ئىككىسى ئۆز ئاتا-ئانام،ئىككىسى ئۆگەي، يەنى ئۇلار ئۈچ يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىدىن توي قىلىشقان، ئەمما مەن بىر تىرىك يىتىم، دادامنىڭ ئۈيىگە بارسام ئاپام يات،ئاپامنىڭ قىشىغا بارسام دادام يات، مەن تەڭتۈشلىرىم ئىچىدە ئەڭ باي،پۇلنى سۇدەك خەجلەيمەن، چۈنكى دادام چوڭ بىر شېركەتنىڭ خۇجايىنى، ئاپام بولسا داڭلىق ئارتىس، بالىلار ماڭا شۇنداق ھەۋەس قىلىپ كىتىشىدۇ، ئەمما مىنىڭ ماددى جەھەتتە باي بولغان بىلەن روھى جەھەتتىن ئىنتايىن نامرات ،دىلى سۇنۇق،بىچارە بالا ئىكەنلىكمنى كىممۇ چۈشەنسۇن، چۈنكى مەن باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاتا-ئانامنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ خالىغانچە ئەركىلىيەلمەيمەن، ئۇلار بىلەن بىرگە باغچىلارغا ،ساياھەتكە بارالمايمەن، چۈنكى ئۆز ئاتا- ئانام بىرى شېركىتىنى باشقۇرىمەن دەپ،يەنە بىرى رەپىتىس قىلىش، چەتئەللەرگە چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش،ئۇلارنىڭ ھەتتا كەچلىرىمۇ مەندىن<<ئوغلۇم ئۈگىنىشىڭ قانداقراق، نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن، بىز يىنىڭدا يوق قىينىلىپ قالامدىكەنسەن، نىمە ئارزويۇڭ بار>>دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ ،ھەتتا بەزىدە ئايلاپ ئۇچرىتالمايمەن، ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئۈگىنىشلىرىم بىلەن كارى يوق، ئىلگىرى مەن تىىخى<<ياخشى ئۈگەنسەم، مەكتەپتە ئۇخشاش يىللىقلار ئارا بىرىنچى بۇلۇپ ماڭسام ماڭا دىققەت-نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، كۆپرەك كۈڭۈل بۈلەمدىكىن، مىنى ماختاپ، مەندىن پەخىرلىنەمدىكىن>>دەپ ئويلاپ بىرىلىپ ئۈگىنىپتىكەنمەن، ئەمما ئۇنداق بولمىدى، ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئۇلارغا ھاياجان ئىچىدە كۆرسەتسەم، ئۇلار مىنى ماختاش تۈگۈل ،ھەتتا نەزىرىنى سىلىپمۇ قويمىدى، مەن كۈڭلۈم يېرىم بۇلۇپ، نەچچە كۈن يىغلاپ يۈردۈم،مەن مەكتەپتە<< ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلمىسىكەن>> دەپ شۇنداق تىلەپ كىتىمەن، بۇ مىنىڭ نەتىجەمنىڭ ناچار چىققانلىقىدىن ئەمەس ، چۈنكى ئاتا- ئانام ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ يىغىنغا كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاتا-ئانامنىڭ بولسا<<تىخىمۇ ۋاقىتى يوق>> چۈنكى كىممۇ ئۆز پۇشتى بولمىغان مەندەك بىچارىگە كۈڭۈل بۆلسۇن،باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرنىڭ نەتىجىلىرى ئۇقۇلغاندا قاتتىق ھاياجانلىنى باىسىنى سۈيۈپ كىتىدۇ، ۋە بالىسىنى بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى تەربىيلەيدىغانلىقى تۇغرىلىق بەس-بەستە پىكىر قىلىشىدۇ، مەن ئاتا-ئانامنى ئەكىلەلمەي مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتلاپ تۇرغاننى ئاز دەپ، سىنىپتىكى پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قىلىپ كۈڭلۈم ناھايتى يېرىم بۇلىدۇ، مەيۈسلىنىپ كىتىمەن، نۇرتاي دادا بىلەمسىز؟ ئۇلار مىنى تۇغۇپ قويغىنى بىلەن مەن بىلەن ئەسلا كارى يوق، ئۇلارنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغىنى پەقەت ماڭا تۇتام-تۇتاملاپ پۇل بېرىشتىن ئىبارەت، مەن تۇغۇلۇپ ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇلار تۇختىماي ئۇرىشىدىكەن، مەن چوڭ بۇلۇپ خېلى ئىش ئۇقۇپ قالغاندا بولسا ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىپ ،ماڭا يىڭى دادا،يىڭى ئاپا تىپىپ بەردى، ئۇلار دائىم ئۆيدە بۇلالمىسا ھاجىم دادا دەپ بېقىڭە ،مەن كىمنىڭ ئۈيىدە ئىچىلىپ يىيىلىپ تۇرالايمەن ،چوڭ داداڭ،چوڭ ئاناڭ يوقمۇ دەپ سورارسىز،يوق ئەمەس بار، ئاپامنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ،ئەمما ئۇلارمۇ ئالدىراش ،ئۇلار مىنى ئانچە –مۇنچە ئەركىتىپمۇ قۇيىشىدۇ، ئەما قاتار چاي دەمدۇ،مەرىكە دەمدۇ، يا ساياھەتكە بارىدىغان بۇلۇپ قالدۇق دەمدۇ ئىشقىلىپ ،ماڭا ئاچقۇچنى تاشلاپ بېرىپ قاياقلارغىدۇر مىڭىشىدۇ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ ئۈمرى بىر يەرگە بېرىپتۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،<<چىشىنىڭ بارىدا گۆش يەپ>> ئوينىۋالمىسا كۆزلىرى ئۇچۇق كىتەرمىش، مەن ئادەمزاتسىز ئۆيدە قانداقمۇ تۇراتتىم، شۇڭا مەن دادامنىڭكىگە بارسام، ئۆگەي ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن،دەپ، ئاپامنىڭكىگە بارسام ئۆگەي دادامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن دەپ ئۆيگە كىرگىم كەلمەي، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەشكە كۈنۈپ كەتكەن نەچچە ئادىشىمنى كەينىمگە سىلىپ كۈڭلۈم خوش بولغان يەرلەردە ئويناپ يۈرۈيمەن، ئەمما كۈن كەچ بۇلىشىغا ئۇلارمۇ <<ئاپاملار ئىزدەپ قالىدۇ>>دەپ مىنى تاشلاپ كىتىشىدۇ، مەن ئۇيەر-بۇيەرلەردە لاغايلاپ ھارغاندا ئاندىن دادام ياكى ئاپامنىڭكىدىن بىرەرسىنىڭكىگە بېرىپ يىتىپ قالىمەن، مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆگەي دادام، ھەم ئۆگەي ئانام مىنى چىقىشتۇرغانمۇ قانداق، كۈڭۈل بۈلىدىغان چاغدا كۈڭۈل بۆلمەي ،مىنىڭ ئاشۇ خاتالىقمنى تۇتىۋىلىپ ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلامىنى يارامسىزدىن يارامسىزغا چىقىرىپ تىللاپ كىتىشتى، مەن راسا يىغلىدىم، كۈڭلۈمگە ئەڭ كەلگىنى ئۇلار مىنى يەنە مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسام،ئاپام مىنى دادامغا بېرىۋىتەرمىش، دادامنىڭ بولسا مەن بىلەن كارى بولماسمىش، ھاجىم دادا قىنى دەڭە، كىممۇ مەندەك بىچارىنىڭ ھالىغا يىتىدۇ، كىممۇ مىنى ئۆزنىڭ ئىللىق باغرىغا ئىلىپ ،مىنىڭ دەردىمگە دەرمان بېرىپ ئاتا-ئانا مىھرىگە زار قەلبىمگە مەلھەم بۇلالايدۇ،مەن ھەمىشە ئۆزەمنى بۇدۇنياغا زىيادە يارىلىپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن، دەڭە مەن قاچانغىچە مۇشۇنداق يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئىككى ئۇتتۇردا قاڭقىپ يۈرۈممەن، بۇ دۇنيادا مىنى باغرىغا باسىدىىغان غەمگۈزار يوقمۇ؟ئەگەر تاللاش ئىمكانىتىم بولغان بولسا پۇلى بولمىسىمۇ، مىھرىبان، كۈيۈمچان ئاتا-ئانىنى تاللار ئىدىم،ھاجىم دادا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاشۇنداق بالىلىرنى تۇغۇپ قۇيۇپلا كارى بولمىسا ، پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ ،ئاجىرىشىمەن دەپلا ئاجرىشىپ، ئۆزلىرى باشقا ئەر ،باشقا ئايالنى بىر ئۆيگە ئەكىرۋالسا بۇلامدۇ؟ ئۇلار ماڭا ئوخشاش بىچارىنىڭ كۈڭلى بىلەن قىلچىلىك ھىساپلاشمامدۇ؟ئۇلارمىنىڭ خەق-خىراجىتىمنى ئۈكسىتمىسىلا، يەيدىغىنمنى تەل قىلىپ بەرسىلا، كىيىم-كىچىكىمنى ئىسىل قىلىپ بەرسىلا ھىساپمۇ، ئەجىبا ئۇلار مىنىڭ ھىسىياتىمنى ئويلاشمامدۇ؟،مەن راستىنلا بىر ئارتۇق ئادەممۇ؟، مىنىڭ بارلىق ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ:
- ھەي مىھرىبان ئاتا-ئانىلار بىر قۇش، ھەتتا ھايۋان جىنىدا بالىسىنى تۇققاندىن كىيىن، بالىسىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ،ئۇلارغا ئوۋنى قانداق ئوۋلاشنى، ھاياتىنى قانداق قىلىپ ساقلاشنى ئەستايىدىل ئۈگۈتۈپ، بالىلىرى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن بالىسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، سىلەرچۇ-؟، پەرزەنتىڭلارغا زادى نىمىلەرنى ئۈگىتەلىدىڭلار؟قانچىلىك مىھرىڭلارنى بېرەلىدىڭلار،بىزگەھەقىيقى ئىنسان بۇلۇشنى ،ئەجدادىمىزدىن ئەنئەنە قالغان ئادىميلىك ئەخلاقى مىزانلرىنى ئۈگەتتىڭلارمۇ يوق، بىز بالىلارغا ھەقىيقى زۈرۈر بولغىنى قانداقتۇ، ھەممە نىمىسى تەل باياشات تۇرمۇش ئەمەس ،بەلكى مۇكەممەل، ئىناق، بەختىيار ئائىلە،سىلەرنىڭ چوڭقۇر مىھرى مۇھەببتىڭلار، بىز پەقەت شۇنىڭغىلا مۇھتاج، سىلەر دىگەن چوڭ ئادەم، ئەقىل ئىگىسى، ھەرگىزمۇ ئۆزەڭلەرنىلا ئويلاپ،يەڭگىللىك بىلەن ئاجرىشىپ بىزنى مۇكەممەل ئائىلىدىن مەھروم قىلماڭلار ،ھەم بىزنى تىرىك يىتىم قىلماڭلار!
- ھاجىم دادا، سىزنىڭ يىتىم بالىلاردىن باشقىلارنى مەكتىۋىڭىزگە قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىزنى بىلسەممۇ ئەمما يەنىلا بۇ خەتنى يىزىپ سىزنىڭ پاناھىڭىزغا ئۈتۈشنى ،مەكتىۋىڭىزدىكى مىھرىبان مۇئەللىملەرنىڭ ماڭا ئۆز ئاتا- ئانام بېرەلمىگەن مىھرى- مۇھەببەتنى بېرىپ، مىنىڭ مىسكىن قەلبىمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى ئارزو قىلىمەن،چۈنكى مەن تىلىۋىزوردىن نەچچە قىتىم سىز بىشىنى سىلىغان ئاشۇ بالىلارنىڭ بەختىيار كۈلكىسىنى ،ۋە ئۇلارنىڭ زوق –شوق بىلەن مەكتەپ ھاياتىنى سۆزلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا سىز مەندەك بىر تىرىك يىتىمغا رەھىم قىلىپ مىنىڭمۇ بىشىمنى سىلاپ قۇيۇشىڭىزنى ، بولسا مەكتىپىڭىزنى يەنىمۇ كىڭەيتىپ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تىرىك يىتىملارنىڭ بىشىنى سىلاپ، غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈتۈنۈپ سورايمەن، مىنى دەرىستە ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئالماي قويماڭ، مەن ئۆزەم كېرەك بولغان غەمخۇرلۇق ۋە كۈيۈنۈشكە ئېرىشسەملا چۇقۇم يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ كىتىمەن، سىزگە كاپالەت بېرەي!
- جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ: نۇر ئەلىدىن
- 2009-يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى
مەنبە :چالىقۇش

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-04, 14:03

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(@QAWANDAZ@) كىشىنى ئېچىن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 21:44 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    batuk
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4270
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 563
    شۆھرەت: 583 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3876 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 444(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    بۇ ئاتا-ئانىلارغا بىر سىگىنال!

    basbas
    باتۇق
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:15 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    amantur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75034
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. چالقۇشى تورداشنىڭ بۇ تېمسدىن سۆيۇندۇم.
    بۇ راست يېزلغان خەتمىدۇ ياكى ھېكايمىدۇ؟ ئەگەر راسىت بولسا ياردەم بەرسەك بولغۇدەك. مېنڭچە ئۇ بالا چىشنى چىشلەپ چىداپ ياشاپ كىشلىك قىممىتىنى يارىتىشى كېرەك. ئاتا-ئانا يېتەرلىك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمسا قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرىز قىلسمۇ بولار؟

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:28 |
    qqopp
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 646
    شۆھرەت: 667 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6405 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1086(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    دۇرۇس بۇ خەت ناھايتى جايىدا يىزىلىپتۇ ، مەن يەنە بىر نادىر تىمىنى كۆرىدۈم .
       ھازىر نۇرئەلىگە ئوخشاش بالىلار ئاز .
      ئەمما بالىلىغا كۆڭۈل بۆلىشى يىتەرلىك بولمىغان ئاتا - ئانىلار ئاز ئەمەس .
      مەن ھەتتا بىر 10ياشلىق بالىنىڭ ئۆز ئىغىزى بىلەن :
              ئانام ، دادام مىنى نىمىشقا تۇققان بولغىدى ؟

    دىگىننى ئاڭلىغان ، ئۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئاجىرشىپ كەتكەن ئىكەن .
    بالىلار سەبى ، بالىلار گۇناھسىز .
       ھەممە ئانىلار ئۇلۇغ ئەمەس ، ھەممە ئاتىلار ئۇلۇغ ئەمەس .
      ئاتىلىق بۇرچىنى ، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ بالىسىغا بەخىت ئاتا قىلىپ
    ئۇنىڭ ۋەتەن مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولىشى ئۈچۈن تىرىشقان مىھىر - مۇھەببەتلىك ئاتا - ئانىلارلا ئۇلۇغ .
        تۇرمۇش بىر رەڭدار سەھنە . ئۇنىڭدا ھەرخىل تىرا گىدىيە بولۇپ تۇرۇدۇ .
    ئاجىرشىش بۇ زەنجىر قاتلاملىق داۋام قىلىدىغان تىراگىدىيە .
      
      ئاتا - ئانىلار ئاجىرشىدۇ ، بالىلار ئىچىدە يىغلايدۇ ، كۈلكىسى ئازلايدۇ .
    خۇدا ئىنسانلارنى مىھرىبان قىلغايسەن !
      ھەركىم ئۆز بۇرچىنى ئۇنۇتقاندا ھەممە نەرسە قالايمىقان بولۇپ كىتىدۇ .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:34 |
    amantur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75034
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمغانلارغا قارىتا قانۇندا قانداق ماددىلار بار. بىز پەقەت ھېسسى جەھەتتىن ياردەم بەرسەك كۇپايە قىلمايدۇ تورداشلار.
    مېنڭچە بالىلارنىڭ شۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش ھوقۇقى بار. ئاجراشماقچى بولغانلارغا چوقۇم بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشگە مۇناسىۋەتلىك توختام ئىمزالاش زۆرۇرىيتىنى قستۇرۇپ قويسا ياخشى .
    ئاجرىشىش تەس ئىش بولسا، ئاجرشىش نېسبىتى تۆۋەنلشى مۇمكىن. چالقۇشى يازغان بۇ تېما ئادەمگە راستەكلا تۇيغۇ بېردىكەن. راست بولسا ئۇ بالا چىشنى چىشلەپ ئۆز ئالدىغا كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىشى كېرەك.چۈنكى ئادەم باشقىلار تەرىپدىن تاشلىۋىتلگەنلىكى بىلەن قىممىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ يېتىم دېگەن سۆز بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزنى كەمستشىڭىز توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنى سىز كەلتۇرۇپ چىقارمىغان. شۇڭا ھاياتتا دادىل قەدەم ئېلىپ ياشاش كېرەك.

    ھۆرمەت بىلەن: ئامانتۇر.

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:41 |
    amantur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75034
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمغانلارغا قارىتا قانۇندا قانداق ماددىلار بار. بىز پەقەت ھېسسى جەھەتتىن ياردەم بەرسەك كۇپايە قىلمايدۇ تورداشلار.
    مېنڭچە بالىلارنىڭ شۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش ھوقۇقى بار. ئاجراشماقچى بولغانلارغا چوقۇم بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشگە مۇناسىۋەتلىك توختام ئىمزالاش زۆرۇرىيتىنى قستۇرۇپ قويسا ياخشى .
    ئاجرىشىش تەس ئىش بولسا، ئاجرشىش نېسبىتى تۆۋەنلشى مۇمكىن. چالقۇشى يازغان بۇ تېما ئادەمگە راستەكلا تۇيغۇ بېردىكەن. راست بولسا ئۇ بالا چىشنى چىشلەپ ئۆز ئالدىغا كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىشى كېرەك.چۈنكى ئادەم باشقىلار تەرىپدىن تاشلىۋىتلگەنلىكى بىلەن قىممىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ يېتىم دېگەن سۆز بىلەن ئۆز-ئۆزىڭىزنى كەمستشىڭىز توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنى سىز كەلتۇرۇپ چىقارمىغان. شۇڭا ھاياتتا دادىل قەدەم ئېلىپ ياشاش كېرەك.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:41 |
    {5=2+2}
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73020
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 85
    شۆھرەت: 85 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 850 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ئاللا      ھەممە    پەرزەنتلەنى    تىرىك  يىتىملىكتىن   ساقلىسۇن!!!!

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 23:16 |
    200888maxal
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 41486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2091
    شۆھرەت: 2118 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10908 سوم
    تۆھپە: 65 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 855(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    ئاتا - ئانا بولغان ئىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك .ئاتا - ئانا ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى ۋەتەن مىللەت ئۈچۈ ن ياراملىق تەربىيەلەپ  چىقىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بارمۇ؟
    ئاجراشماڭلار ئاتا - ئانىلار،
    يىتىم بولمىسۇن سەبى بالىلار.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 23:21 |
    amantur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75034
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    Quote:
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكى{5=2+2}نىڭ2009-03-04 23:16 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئاللا      ھەممە    پەرزەنتلەنى    تىرىك  يىتىملىكتىن   ساقلىسۇن!!!!


    2+2=5 بولامدىكەن. ئادەمنى تىرىكتۇرۇپ. ئۇنداق دېسڭىز، تىرىك يېتملارنىڭ كۆڭلۇگە كېلىپ قالمامدۇ؟  بىز ئېھتىيات قىلغان تەقدىر ئۇلاردا بولسا بىز پاناھ تىلەش بىلەن ئۇلارغا مۇشۇتاق ئازار بېرىپ قويمىز بىلىپ بىلمەي. تىرىك يېتىمغۇ قىلمسۇن .لىكىن تىرىك يېتىم بولسمۇ ئادەمدە ئۇ ئادەملىك قىممتىنى كۈچى يەتكۇچە قوغدىشى جارى قىلدۇرشى كېرەك. ۋاقتى كەلسە ئۇنداق ئاتا-ئانىسىدىن تېنىپ يېڭى ھاياتىنى باشلىشى كېرەك. دۇنيادا مېھىرلىك ئادەملەر كۆپ.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 23:34 |
    taxtax
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 36 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    بوخەت ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ،ئاتا-ئانىلاردىققەت قىلىڭلار.بالىلارنىڭ بەختىگەئولتۇرمايلى.

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 23:40 |
    kara-tun
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72652
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 190
    شۆھرەت: 190 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1900 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    مەن بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇمۇدۇم ،،،سەۋەبى بەك ئاددى ،،،مەن چوقۇم يىغلاپ كىتىمەن ،،،     
    لىكىن بىر قاراپلا مەزمۇنىنى ئاساسەن چۈشەندىم ،،،،،  ئاتا- ئانا بولغان كىشىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا ،،ئۇنداق ئاتا -ئانىلارنى لاياقاتلىك دىيىشكە بولمايدۇ ،،،
    بالا دىگەنىڭ قوسىقىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن  قىلىپ قويسىلا بالا باققان بولمايدۇ ،،،،،،

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 00:16 |
    kazahstanlih
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26911
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 314
    شۆھرەت: 349 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3160 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1434(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    مېنىڭچە بۇ «خەت»  تولۇقسىز ئوتتۇرا 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى يازغان خەت ئەمەس ! دەرستە چېكىنگەن بېشى قايغان پۇتى تالغان يەردە يۈرىدىغان بىر تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسىدا بۇنچىلىك پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ . گەرچە «خەت» ئۆز پىكىرنى يامان ئەمەس بايان قىلىپ بىر مەزموننى ئىپادىلىيەلىگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇ يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بالىغا نىسبەتەن بۇنچىلىك پىكىر قىلىش تېخى بالدۇر . شۇنداقلا «خەت»نى يازغۇچىمۇ بۇ «خەت» نى پىكىر چېچىلاڭغۇلىقى ۋە پىكىرنىڭ قارمۇ -قارشىلىقلىرىدىن خالى قىلالمىغان . يەنە بەزى پىكىرلىرى بەزى خىيالى تەسەرۋۇرلارغا يۈكلەنگەچكە رىياللىقتىن چەتنەپ قالغان . شۇڭا بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىن باشلانغان مەندىكى قىزىقىش تۇيغۇسى يوققا چىقتى .

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 00:32 |
    731qakmak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 69628
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 74(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

                

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 01:15 |
    НаБи
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 12444
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1142
    شۆھرەت: 1143 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8526 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    مېنىڭچە بۇ «خەت»  تولۇقسىز ئوتتۇرا 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى يازغان خەت ئەمەس ! دەرستە چېكىنگەن بېشى قايغان پۇتى تالغان يەردە يۈرىدىغان بىر تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسىدا بۇنچىلىك پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ . گەرچە «خەت» ئۆز پىكىرنى يامان ئەمەس بايان قىلىپ بىر مەزموننى ئىپادىلىيەلىگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇ يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بالىغا نىسبەتەن بۇنچىلىك پىكىر قىلىش تېخى بالدۇر . شۇنداقلا «خەت»نى يازغۇچىمۇ بۇ «خەت» نى پىكىر چېچىلاڭغۇلىقى ۋە پىكىرنىڭ قارمۇ -قارشىلىقلىرىدىن خالى قىلالمىغان . يەنە بەزى پىكىرلىرى بەزى خىيالى تەسەرۋۇرلارغا يۈكلەنگەچكە رىياللىقتىن چەتنەپ قالغان . شۇڭا بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىن باشلانغان مەندىكى قىزىقىش تۇيغۇسى يوققا چىقتى .
    --------------------------------------------------------

    نىمىدىگەن  دانالارچە  تەپەككۈر  بۇ  ....   مېنڭچىمۇ  ئاپتۇر  شۇ  13 ياشلىق  ئۆسمۈرنىڭ  تىلى بىلەن  ھازىرقى  مەسئوليەت  تۇيغۇسنى  يوقاتقان  ئاتا-ئانىلارغا  سېگىنال  بەرمەكچى     
    سىزنىڭ  قىزىقىش  تۇيغۇڭىزنى يوقاتقان  بۇ  ئەسەر  مېنڭچە  ناھايىتى  مۇۋاپىقىيەتلىك  يېزىلغان  ئېىل ئەسەركەن    

    ئەللەر ياخشى بىز يامان ،
    ئەللەر بۇغداي بىز سامان.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 01:30 |
    simba0903
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 9084
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 105
    شۆھرەت: 107 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 790 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    چالىقۇشى    بەك  ياخشى يېزىپسىز.    

    بۇ بىر   ئاتا -ئانا بولغىچلارغا  بالىلارنىڭ نىداسىكەن.      

    ئەتىكى  ئىش خۇداغا ئامانەت!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 01:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-06 19:19, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ