ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 233 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببەتنىڭ قەلىب ئىشىگى كىمگە ئېچىلىدۇ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ALXIR
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 613
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 431 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 مۇھەببەتنىڭ قەلىب ئىشىگى كىمگە ئېچىلىدۇ

    بىغەم قىز-يىگىتلەرنىڭ قايسى بىرسى ساپ ۋە گۈزەل مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلمايدۇ؟؟ قېنى دوستۇم ماڭا ئېيتىڭچۇ، سىز شۇ تاپتا مۇھەببەت ئىزلەۋاتامسىز ياكى قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ يۇرەمسىز ۋەياكى ئارىسالدى بۇلۇپ يۇرەمسىز، بەلكىم شۇنداقتۇ؟؟
   ھوي، مۇھەببەتنىڭ گىپى چىقسىلا نىمانچىۋالا قىزرىپ كىتىسىز؟ يۇرىكىڭىزمۇ دۇپۇلدەپ توختىمايدىغۇ؟ ئەمەلىيەتتە،بۇمۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى تەنتەنىلىك تىما، تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى ۋە ھەربىر ساغلام ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان نەرسە. دوستلار، بىز بۇگۈن مۇھەببەت توغرىسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمىز توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلشىپ باقايلى؟؟؟
   « مۇھەببەت» دىگەن سۆزنى تىلغا ئالساق، سىز ئىھتىمال ئادەت بۇيىچە:« مۇھەببەت دىگەن نىمە؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ۋاھ ، سىز ئەمدى مىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىڭىز. بۇ ھەقتە مەنمۇ ھەقىقەتەن بىر نەرسە بىلمەيمەن دىسەممۇ بۇلىدۇ. بەلكىم مۇھەببەت دىگەن ئىككى ساپ كۆڭۈلنىڭ ئۆزئارا تۇتۇششى ئارقىلىق ئىككى كىشىنى دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ۋە گۈزەل ھىسياتلاردىن بەھرىمان قىلىدىغان،مۇھەببەتنىڭ ئىللىق باغرىدا ئۇلارنى ئۆز ئانىسىدەك پەپىلەپ ئاسرايدىغان بىر خىل غايەت زور كۈچتۇر.... ئۇ مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمداخىرە كۆرنىپ قالاتتى.. مەنمۇ كۆزەمنى چوڭ ئېچىپ مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟ دەپ سورايتىم...
  بەلكىم مۇھەببەت دىگەن ۋاقتى-قەرەرى كەلگندە ئېچىلىدىغان گۈللەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنى دەرھال ئۈزىۋالمىسىڭىز سۇلىشىپ كىتىپ قالسا، ئۇنىڭدىن سىزگە سۇس پۇرىغىدىن باشقا ھىچ نەرسە قالمايدۇ. تۇنۇش قۇرداشلىرىم ئىچىدە بەزىلەر ئادىراپ-تىنەپ مۇھەببەت ئىزلەشكە كىرشىپ كەتتى، مۇھەببەت گۈلىنىڭ پۇرىغىغا بالدۇر مەس بۇلۇپ كەتكەنلەر ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى ھىچ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقمايلا ۋە ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئىرشەلمەيلا ئاخىرلاشتى. ئەمدىلا بىخ سۇرۇشكە باشلىغان بىچارە مۇھەببەت نوتىسى ئىللىق قۇياش نۇرىدا شاخلاپ، يۇپۇرماق چىقىرىشقا تېخى ئۈلگۇرمەيلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاستا-ئاستا چىرىپ كەتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىغا مەڭگۈ يۇقىمايدىغان ۋە يۇقاتقىلى بولمايدىغان بەتبۇي پۇراقلارنى سىڭدۈرۇپ قۇيدى.
   ئۇنداق بۇلسا، مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە؟ مۇھەببەت دىگەن ھەم سۇزۇلىدىغان ھەم قىسقىرايدىغان، سوغاقنىمۇ، ئىسسىقنىمۇ سىزىدىغان بىر قولغا ئوخشايدۇ. مەن بۇنداق دىسەم سىز بەلكىم: بۇ تۇلىمۇ غەلىتە ئوخشىتىش بولدى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتا مىنىڭ بۇ ئوخشىتىشىم سىزگە تۇلىمۇ قۇپال تۇيۇلۇپ، مۇھەببەت توغرىسىدىكى رۇمانتىك تەسەۋۋۇرلىرىمنى بىر دىنلا يوققا چىقاردى دەپ مەندىن ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق بولسا ، ئالدى بىلەن رىئاللىق ئىچىدىكى مۇھەببەت ھىكايىللىرىگە قۇلاق سېلىڭ..
   مىنىڭ باشقا شەھەردە ئوقىيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم، مەكتەپتە ئوقىمايدىغان بىر بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن خېلى  ئۈزۈن يۇردى، ئۇ ماڭا تىلفۇن قىلغاندا ، مەن ئۇنىڭ شۇنداق خۇشاللىقىنى سىزەتتىم. ئۇلارنىڭ تۇرمىشى باشتا شۇنداق خۇشاللىق ئۆتتى. لىكىن نىمە سەۋەپ بولدىكى ئۇ بالا ئۇ قىزنى بىر كىچىدىلا ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يىتىپ بولغانلىقى ئۇچۈن كۆچىدىكى بىر پوتولكىنى تىپىۋەتكەندەكلا تاشلىۋەتتى.  ئۇ ساۋاقدېشىم ئۆزى قاتتىق خورلىق ھىس قىلىپ ئۆلىۋالغىلى تاسقالدى......  بىراق ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى مانا مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتى.. ئۇ ئوغول بالا بۇ قىزغا زىيانكەشلىك قىلدى.....  بۇنداق مىساللار بەكلا كۆپقۇ.........  
   ياش دوسىتلار، شۇڭا مەن مۇھەببەتنى بىر قولغا ئوخشىتىمەن. ئۇ قول سىزنى ئالغا ئىتتىرشىمۇ، مۇشكۈل ئەھۋالدا قالدۇرشىمۇ مۇمكىن . ئەگەر بىزنىڭ تۇرمىشىمىز مەڭگۈ ئۇڭۇشلۇق بولسا، سىز ئەلۋەتتە يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلاپ مەززە قىلغاندەك، مۇھەببەتنىڭ بىر مەھەللىك لەززىتىدىن مەس بۇلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق تۇرمۇش دىگەن بەرىبىر تۇرمۇش-دە، تۇرمۇشتا ھامان كۈتۈلمىگەن ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم ۋە ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئاساسىدىكى بىرلىشىش بۇلىشى لازىم. ئەگەر سىز مىنىڭ ئوخشىتىشىمىنى ئازراق قاملاشتى دىسىڭىز، سىزمۇ مىنىڭ ئاگاھلاندۇرشىم ۋە نەسھەتىمگە قۇلاق سېلىڭ: مۇھەببەتنىڭ قولى قەلىب ئىشىكىڭىزنى چەككەندە، جەزمەن ئىھتىياتچان، ئېغىربېسىق بۇلۇڭ. كۆپنى كۆرگەن مۇمايلارنى دوراپ « كىم؟» دەپ سۇراپ ئىشىكنىڭ يۇچىقىدىن قاراپ بېقىپ ئاندىن ئىشىكنى ئېچىش ئاچماسلىقنى قارار قىلىڭ. ھەرگىزمۇ تەنتەك بالىلاردەك، ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامان ئىشىكنى ئېچىۋىتىشكە ئالدىراپ كەتمەڭ. ھىسيات دىگەن ھايات بۇلىغىنىڭ پاكىز سۈيىگە ئوخشايدۇ، مۇبادا ئۇنىڭدىن بىرەر تال زەھەرلىك باكتىريە كۆكلەپ قالسا، ئۆمۇرۋايەت پۇشايمانغا قالىسىز.
   مۇھەببەت ئىزلەپ يۇرگەن ياكى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان دوستۇم، ئەگەر سىز ئىگە بولغان ۋە ئىگە بۇلىدىغان مۇھەببەت ھەقىقەتەن سىزنى بىللە ئېلىپ ماڭالايدىغان، قىزغىنلىق ۋە كۈچكە تولغان بىر قول بولسا، ھىم يېپىقلىق تۇرغان قەلىب ئىشىكىڭىزنى ئېچىڭ. ئۇ ، گۈلدەك گۈزەل چىرايدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئويمان-دوڭغۇل، ئەگرى-توقاي تۇرمۇش يولىدا بىر-بىرنى يۆلەپ مېڭىشقا توغرا كىلدۇ. ئاشۇ قول سىزنى سىز كۆزلىگەن مەقسەتكە ئېلىپ بارالىشى ۋە سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىشى مۇمكىن..
   مەنبە: خاتىرەمدىن

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-04, 13:27

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 21:24 |
شەبنەم تور رادىئوسى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 646
شۆھرەت: 667 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6405 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1086(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

ئەمدى نىمە دەيمىز ؟
  ما جاھاننىڭ ئىشلىرى شۈنچە مۇرەككەپ ، ئادەملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش .
مۇھەببەت - بەزى مۇھەببەتكە ئىرىشكەندىن ئىرىشمىگەن ياخشى .
  شۇڭا چوڭلار <<يەيدىغان زەھەربار ، يىمەيدىغان ھەسەل>>دەيدۇ ئەمەسمۇ ؟
  مۇھەببەت ئىشىدا ھەركىم ئىھتىيات قىلىشى كىرەك .
  چۈنكى بەكلا مۇرەككەپ ، سەللا دىققەت قىلمىساق ئۇبىزگە ئازاپ ئىلىپ كىلىدۇ .
  

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 21:39 |
شەبنەم تور رادىئوسى
sumbulqaqkiz
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 46607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 609
شۆھرەت: 610 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3069 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 740(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

توغرا دەيسىز،مۇھاببەتنىڭ تۈنجى قەدىمى توغرا بېسىلغاندىلا ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بۇلىدۇ،ھەرئىككى تەرەپ ھىسياتنىڭ قۇلى بۇلۇپ كەتمەي ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئاۋايلاپ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن مېڭىپ ئاخىرىدا خۇشال تۇرمۇشنى بىرگە ئۆتكۇزىشى كېرەك.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
http://78.la/UploadFiles/2008-9/5949159556.jpg
ۋىجدان بىلەن ياشا ئۇيغۇرۇم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 22:03 |
uqurlar.com
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

دوستلىشىش ۋە لايىق ئىزدەش ئۇچۇرلىرنىڭ ھەممىسى ئۇچۇرلار تورىدا !
www.uqurlar.com

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 23:15 |
@931@
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74164
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

ئىنتا_______________________________________يىن توغرا گەپ .....

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 00:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 19:19, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ