ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
گەپنى ئائىلەمدىن باشلاي،بىزنىڭ ئائىلە كادىرلار ئائىلىسى،ئىسلامىي مۇھىت ئانچە قۇيۇق ئەمەس،شۇڭلاشقىمۇ مەندە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە بەكلا يۈزەكى ئىدى،ئالىي مەكتەپتە ياتاقداشلىرىم شۇنچە دىسىمۇ نامازنى پەقەتلا باشلىيالمىدىم،،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دوستۇمنىڭ دەۋىتى بىلەن ناماز ئوقۇشنى ئۆگەندىم،ئۆيدىكىلارمۇ خوش بولدى،اللە ئىنساننىڭ دىلىغا سالمىسا ئۆزى ھىدايەت قىلمىسا بىكاركەن، ناماز ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇم كېلىدىغان،نامازغا ئالدىرايدىغان بولدۇم،دىنىمىز توغۇرلۇق نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇدۇم،قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەندىم،بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ئىسلامىيتنىڭ تۇرمۇش شەكلى بويىچە ياشاشنى ... ...ئەمما ئەتراپىمدىكى مۇھىت مېنى چەكلەپ قويدى،توۋا دەيمەن، اللەدىن قورقماي جەمئىيەتتىن ،خەخنىڭ گەپلىرىدىن قورقىدىكەنمىز،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچقا ئورىنىپ يۈرەلمىدىم، ياغلىقىمنى ئالدىمدىن چىگەلمىدىم،كەينىمدىن چىگەي دېسەممۇ بولمىدى،ئىشلىمەي چىقىپ كېتەي دېسەم خىزمىتىمنى ئۆيدىكىلەر تەستە ھەل قىلغان، ئۇلارغا نېمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدىم،اللەدىن مېنى ئىسلام مۇھىتىغا تاشلاشنى شۇنچىلىك تىلىدىم،ئاخىرى دىنىي بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا بېرىپ ئوقۇغۇم بارلىقىنى ئۆيدىكىلەرگە دېدىم،ئۆيدىكىلەر ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى،ھەر ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى،ئۆز ئالدىڭىزغا تۇرمۇشىڭىز بولغاندا نېمە قىلسىڭىز مەيلى،لېكىن ھازىر بولمايدۇ،دەپ ئاغزىمنى ئېتىپلا قويدى، ،ھۆكۈمەت ئورنىدىن چىقىپ كېتىپ يۈرۈش تۇرۇشقا چەك قويمايدىغان شەخسىي ئورۇندا ئىشلەي دېسەممۇ بولمىدى،ئىشلىمەي دېسەم شۇنچە ئوقۇپ ئەمدىلىكتە ئۆيدە ئولتۇرامسىز دەپ ... ...،ئامالسىز دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۈردۈم ،رامزان ئايلىرىدا ئاپام مەن بىلەن بىللە روزا تۇتىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا بۇجەھەتتە مەن بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق،سىترتتا ھىجاپلىنىپ يۈرگەن قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىمەن،ئۇلار بىلەن دىنىمىز ،ھەدىسىمىز ،ئىسلامىي ئۆرپە ئادىتىمىز ،توغۇرلۇق پاراڭلاشقۇم،سىرداشقۇم،بىلمىگەننى ئۇلاردىن ئۆگەنگىم كېلىدۇ،تۈنەك كېچىلىرى شۇ ھەمشىرىلەر بىلەن تۈنىسەم... ... ...
شۇ مەقسەتتە ،شۇنداق ھەمشىرىلەرنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دېگەن ئۈمىدتەبۇ تېمىنى يوللىدىم،ھەم ئېلىخەت ئادرىسىمنى قالدۇردۇم،
Amaryllis629@hotmail.com اللە ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن.