ئەتىۋارلاپ باققان 381 كىلوگراملىق بالا
ئەتىۋارلاپ باققان 381 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بالا ھايات - ماماتلىق خەۋىپتە قالدى
ئامېرىكا تېكساس شىتاتى خيۇستۇن شەھرىدىكى 19 ياشلىق بالا بىل روبىس كىشىلەر تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ بودەك ئۆسمۈر» ، «يىرىم توننىلىق كىشى» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئامراق بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 381 كىلوگرامدىن ئىشىپ ، «گۆش تاغىرى» غىلا ئوخشاپ قالغانىدى . ئىگىلىنىشىچە ، روبىسنىڭ بۇنداق سەمىرىپ كىتىشى ئاساسلىق ئۇنىڭ ئانىسى باربارا نىڭ ئۇنى چەكلىمىسىز ئەتىۋارلاپ باققانلىقى سەۋەبىدىن بولغانىكەن . نۆۋەتتە ، ھايات قىلىش ئۈچۈن روبىس ئورۇقلاش ئوپراتسىيىسى قىلىشقا قوشۇلدى . ئۇ بۇ ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئەڭ ئەڭ ئاخىرىدا 190 كىلوگرام ئورۇقلايدىكەن . بالىنى ئەتىۋارلاپ باققان باربارامۇ پسىخىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى .