پەشمەت كېيگەن ،ئاق ساقاللىق شۇ بۇۋاينىڭ يۈگۇرۇشكە ئۇلگۇرەلمەيۋاتقان بىچارە ھالىتىنى سىلەر كۆرگەن بولساڭلارمۇ چىدىمايتتڭلار...شۇنداق ئىچىم ئاغىپ كەتتى ... مەن ئۈلگۇرگەن بولسام ئۇلارنىڭ ياقسىدىن تۇتۇپ ماشىندىن سۆرەپ چۈشەتتىم. بۇۋايمۇ قارغاپ بولغاندۇ ئۇلارنى،،چوڭلارنىڭ يېغىسنى ئىگسى كۆرۇپ تۇرىدۇ..ئىسىت بۇۋايغا تەسەللىيمۇ بېرەلمدىم.داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتىمەن..ئۆزەم ئەيپكاردەك، ھېس قىلىپ كېتىۋاتىمەن.
ئانسىنى ئۇرغان ئايالنىڭ خەۋرنى ئاڭلاپ سىن لېنتىسى مۇنبەرلەردە قويۇلسمۇ كۆرۇشكە پېنتالمىغانتىم. ماۋۇ ئىش خۇددى شۇنىڭدەك بىلىنپ كەتتى. بەك تەسىر قىلغاچقا مۇنبەرگە يوللىدىم. شەبنەم باشقۇرغۇچىلىرنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيەت بىلەن تەستقلىغانلقىغا رەھمەت ئېيتمەن. رەھمەت!
شۇنداقلا كەڭ شوپۇرلارنىڭ قاتناش قائىدىسگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، بىر-ئىككى مېنۇت ۋاقىت سەۋىر قىلىپ ، ھەرخىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرشنىڭ ئالدىنى ئېلشنى ئۈمىد قىلمىز. سىزنىڭ رول تۇتقانلقىڭىز سىزنىڭ نوچىلىقىڭىز ياكى جاھاندا بىر ئىكەنلىكىڭىزنى چۇشەندۇرمەيدۇ. قولڭىزىكى يۇمۇلاق نەرسە سىزنى ۋە يولۇچىلارنى بىردەمدە ئەرشى-ئالاغا ئېلىپ چىقالايدۇ. سىزنىڭ باشقىلارغا ئۇ ئارقىلىق چاقچاق قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق. ناۋادا بىر خالتا مېۋە دەسسەلمەي دەسسەلگىنى بۇۋاينىڭ ئۆزى بولغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ بىرخالتا مېۋە دەسسەلگەن ئىكەن. ئۇنداقتا سىز ماشنڭىزدىن چۇشۇپ بۇۋايدىن كەچۇرۇم سوراپ ئاندىن ئۇنىڭ مىقدارىغا باراۋەر مېۋنى سېتپ ئېلپ بېرىپ يولغا سېلىشڭىز كېرەك. بۇ بىر ئەقەللىي تەلەپ.
[ بۇ يازما amantur تەرپىدىن2009-03-04 22:08دە قايتا ]