ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 787 - كۆرۈرمىنى
zulkifil
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38796
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 355
شۆھرەت: 366 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 44245 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى.


بۇ تىما ئەسلىدە ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان بۇلۇپ ،مەن بۇنىڭ تىخمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىمىزگە ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن رەسمى تىما سۈپىتىدە

يوللاندى .ئەسلى ئاپتۇر ئالتۇن چوتكا مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى داھىملىق مىھمىنى tor001

ئەمدى مەزمۇنغا قۇلاق سالغايسىلەر.

مەن بىر ئايال كىشى بۇ يىل29ياشقا كىردىم ئىككى ئوغلۇم بار.بەلكىم بەخىتتىن تەلىيىم بولمىسا كىرەك .مىھرىبان ئىگەم ئاللاھ،بەك ئىغىر ئازاپ سىناق بىلەن مەندەك بىر ئاجىز ئايالغا ئىككى بالا بىلەن ئىمتىھاننى باشلىۋەتتى...
مەن شۇ چاغ يىڭى تۇغۇتلۇق بالا ئىككى ئايلىق بولغان ئوغلۇم بىلەن 6يۈەن پۇل بىلەن قالدىم.شۈكرى،قانداق قىلىمەن.بۇرۇن چوڭ ئۆتكەن،باشقىلارغا

نىمە دەپ ئىغىز ئاچىمەن ،بۈگۈن دەرمەن ئەتە نىمە دەرمەن دادام ئاپاملارغا دىسەم ئۇلار نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ.
كۆمەمسىز ھىلىمۇ ئالى مەكتەپنى ئوقۇپ قويۇپتىكەنمەن.ئانچە مۇنچە ئەس قاتتى .يەرلىك دوستۇمنىڭ ئىھتىياجىدىن مەن بىر ئىچكىردىن كەلگەن خەنگە تەرجىمال بولۇپ 20يۈەن پۇل تاپتىم ،ئۇ پۇلنى ئىلىپ ئوغلۇمغا سۈت پاراشۇكى ئالدىم .ئالدىنقى كۈنى 13يۈەنلىك سۈت پاراشۇكىغا پۇلۇم يەتمەي،چۈنكى يەنە 7يۈەن بولسا ئوغلۇمغا مەن بولمىسام ئىمىتىدىغان ئوزۇق بولاتتى كۆرمەمسىز مەن دىگەن مۇشۇنداق.......كۈنلەر......
ئاندىن ئوغلۇمنى خوشنىمىزغا قاراپ بىرىدىغان ئايلىقىنى300يۈەنگە دىيىشىپ ئەپچىقىپ بەردىم.خۇدا ھەققى ئۇچاغدا مىنىڭ ئوغلۇم 2ئايلىق بولغان ئىدى.چوڭ ئوغلۇم 3ياش ئىدى .ئۇيىنىمدا ماڭسام مىڭىپ تۇرسام تۇرۇپ قىلدى.ھەرنىمە بولمىسا مىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان تاقاپ قويغىنىمغا 5ئاي بولغان كومپىيوتىرغانام بار ئىكەن(ئاللاھ،نىڭ ئىلتىپاتتى)چوڭ ئوغلۇمنى ئىلىپ ئۇ دۇكاننى ئاچدىم.دۇكان ئىچىش جەريانىدا كۆرگەن ئازاپلىرىمنى ئۇچۇرغان ئوڭۇشلۇقسىزلىرىمنى ئىيتمايلا قوياي اللە بەندىسىنى ھەرخىل ئازاپلار بىلەن سىنايدىكەن.

مەن ئايال كىشى يىغلاشقا ئامراق ئەمەس ،پەقەت يىغلىمايمەن.لىكىن ئىككى ئوغلۇمغا قارىسام كۆزۈمدىن قان ئاقىدۇ.بىلەمسىز مەن شۇ چاغدا نەخ 32كىلو ئورۇقلىدىم.دەرت ئەلەم ،تۇرمۇش قورساق بالا ئاتا ئانام قىزىم دەپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئوغۇل بالىدەك خاراكتىرىم .مىنى مۇشۇنداق قەيسەر قىلىۋەتتى .دۇنيادا ئۆز ھەمرايىدىن كەلگەن بالادىن ئىغىر بالا بولمىسا كىرەك.(بۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ ،مۇپتىلا قىلماس)قۇلۇمدا باللىرىمنىڭ دادىسىنىڭ توي باغىقى ئۇنى ئويلىسام مەن ھىلى ھەم ئۆزەمنى تۇتىۋالالمايمەن .ئىككى ئوغۇل بىر ئانا تۇللارجەمىيىتىگە قوشۇلدۇق.پۇل يوق ئۆي يوق پەقەت يەيدىغان ئۈچ قوساق ئاز كۈندىن كىيىن ھاۋا سۇۋۇيدۇ ،قىشنىڭ غىمى مەن ھىلىمۇ ئۆلۈپ قالمىدىم.مەن دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئاتا ئانام بىلمەيدۇ .دەرت ئەلەمنى پەقەت مەن ئۆزەم بىلىمەن.

يىقىلغان يەردە ئۆرە تۇرىشىم كىرەك،ئىككى ئوغلۇم ئۈچۈن ئۆلۈپ قالساممۇ تىك ئۆلىشىم كىرەك.بالا بىر ئەمەس ئىككى ياشناققان ئازاپلار قالقان بولغان ئاشۇ ئىككى ئوغلۇم خۇدا ھەققى ئىككى ئوغلۇمغا بەكرەك قاراي دىسەم ئىچىمدىكى ھەسىرەت چىقىپ كىتىپ قالارمىكىن دەپ ئۇلۇغ ئاللاھ،نىڭ مىنىڭ باللىرىمنى ئىلىپ كىتىشىدىن قورقۇپ بەكرەك قاراشقا قورقايتىم ،ئاللاھقا شۇنداق ئىلتىجا قىلاتتىم .كەچتە پەقەت ئۇخلىيالمايتىم .قانداق قىلىشىم كىرەك .پۇل سوراپ بىرەر ئىش قىلاي دىسەم ماڭا بىر تۇل خوتۇنغا دادىسى تەرىپىدىن رەيىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىلگەن ھىچقانداق ئارقا تىرىكى يوق مەندەك بىر ياقا يۇرتلۇق ئايالغا كىممۇ پۇل بىرىدۇ دەيسىز .
مەن پەقەت سودىنىڭ ئالدىمغا كىلىشىنى كۈتمىدىم ئۈزۈم قىلالايدىغان ئىشلارنى تىزىملاپ شۇ بۇيىچە ئىش قىلدىم .ئىش ئىزدەپ سىرتلارغا باردىم .ئىشنى ئىلىپ كىلىپ دۇكاندا قىلىپ ئاپىرىپ بەردىم .كەچلىرى ناھىيىلىك سوت ئالدىدىكى كەسىپداشلاردىن يىققان ئەرزى قاتارلىق ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلدىم ،كۈندىزى ئوغلۇم بىلەن دۇكاندا ئىش قىلدىم .ئۇماق ئوغلۇم مانا 5ياشقا كىردى 4ياش ۋاقتىدا يانفۇننىڭ كۆپ مۇھىتلىق كارتىسىغا مۇزىكا قاچىلاشنى ئۈگەندى ،ھەم شۇنداق قىلىپ ئۇرنىنى كۆرسىتىپ بەرسەم ناخشا بار دىسكى نەرسىلەرنى يانفۇنغا قاچىلاپ يانفۇن ئىگىسىدىن 5يۈەن ئالاتتى .

بىز شۇنداق قىلىپ 10000يۈەن پۇل تاپتۇق .ئۇپۇللارنى قانداق قىلىشىم كىرەك .پىراۋىدىن بىرنى ئىلىشنى ئويلىدىم .لىكىن بالىلارنى قانداق قىلىشىم كىرەك .پىراۋا ئاۋۇ،ماۋۇ بۇلۇپ 4000يۈەن پۇل كەتكىدەك شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ توردىن قوغۇننىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ قالدىم .
شۇنىڭ بىلەن قوغۇنچىلىق قىلىپ بىقىش ئۇتۇمغا كەچتى ئۇنىغا مەبلەغ جىق كەتكىدەك ،چۇقۇم قوغۇن ئىگىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ قوغۇننى نىسى ئىلىپ نەغ سىتىش كىرەك .ھىچ كىشىگە ھىلىنمەي قوغۇن ئىگىسىنى تاپتىم .ھەم شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن شۇنداق بىر ئوبدانلام قوغۇنچى بۇلۇپ قالدىم .ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ياردەم قىلغانلارغا ئاللاھ ،قىيامەتتە ياردەم قىلغاي،بۈگۈنكى كۈنگە كىلىشىمگە ئاشۇ ئادەم سەۋەپچى مەن ئۇ ئادەمدىن مەڭگۈ مىننەتدارمەن ،
مانا بۇيىل ئىككى يىل بولدى .گەرچە مىنى ھەممە چىشى يولۋاس دىسىمۇ،غەلبە قازاندىم .ئۇتۇق قازاندىم ،قوغۇنلىرىم گۇڭجۇدا ناھايىتى ياخشى باھاغا ئىرىشتى .مەن ئىككى ئارسلانلىرىمنى ئارقىمغا سىلىپ ھەقىقى بىر چىش يولۋاس قىلىدىغان ئىشنى قىلىپ ھالال يىگۈزدۈم،ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن قاچتىم .مىنىڭ پۇلۇمدا پەقەت ئۆشرەزاكات ئىئانە يوق.ئوغۇللۇرۇم يىنىمدا شۇنداق ياخشى ياشاۋاتىدۇ.ئۇلارئاپىسىنىڭ بۇنداق جاپا تارتقىنىنى ئەمدى بىلمەيدۇ.

ئىككى ئارسلانلىرىم مەن بىر كۆزۈم ياش ،بىر كۆزۈم قان، دىلىم ئازاپ ھەسرەت بىلەن مەن چوڭ قىلىۋاتقان يىگىتلەر.مانا بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن مۇكاپاتى .شۈكرى ھازىر ھەممە نەرسەم تەل ناھايىتى خاتىرجەم بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى،شۈكرىھەم دوسلارنىڭ ئىكىلەنمەڭ سىز ھىچ بولمىسا مەندىن ياخشى چۈنكى سىزنىڭ مەندەك بىر ئاجىز ئايالنىڭ ئالدىدا بىر تاغ مەنمۇ شۇنداق ئىگىلىك تىكلىگەن مەن ھىلىمۇ ھەم تىرىشىۋاتىمەن .ۋاقتىڭلار بولسا ئىزدىنىڭلار مانا ماڭا ئاللاھدىن باشقا ھىچكىم ياردەم قىلمىغان مەن غەلبە قازاندىم .سىز ھەم غەلبە قازىنالايسىز .

دوسلار ماڭا كۆپرەك دۇئا قىلىپ قۇيۇڭلار ماڭا سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار كىرەك .
مىنى ئەلنىڭ دۇئاسى كۆكەرتىدۇ.

بۇ ئىشلار ھەقىقى راس مەن ئۆزۈم شۇ ئازاپلارغا قالغان ،ھەم شۇلارنى يەڭدىم
يۇقۇرىدىكى مىنىڭ گۇڭجۇدىكى رەسىمىم ،مەن شۇنداق بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ماڭغان .
مەنبە«igilik.com»

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-04, 11:30

 

http://p6.images22.51img1.com/6000/akbora007/662d4c87837bfcd60f799b5085d96563.jpg
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 19:28 |
شەبنەم تور رادىئوسى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 646
شۆھرەت: 667 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6405 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1086(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

كۆكلەپ كىتىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ ئىنساۋىنى بەرسۇن !
     ھالال مەقسەت ئۈچۈن تىرىشقانلارغا ئاللا ئۆزى ياردەم قىلىدۇ .

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:52 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ikbal
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17485
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 169
شۆھرەت: 170 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1349 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

بۇ ھىكايىنىڭ داۋامى ئىگىلىك تورىدا
قىزىققۇچىلار مۇشۇ ئادرىستىن كۆرۈپ بېقىڭلار !
http://www.igilik.com/bbs/

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئۇيغۇر ئىگىلىك مۇنبىرى www.igilik.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 19:54 |
amantur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75034
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

مەن تېمامنى قايتۇرپ بەرگەن باشقۇرغۇچىغا رەھمەت ئېيتمەن. توغرا چۇشەنگەيسزلەر.
[ بۇ يازما amantur تەرپىدىن2009-03-04 20:20دە قايتا ]

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 20:13 |
zulkifil
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38796
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 355
شۆھرەت: 366 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 44245 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

ۋاي ئەسلىدە بۇ بوۋاي ئەسلىدە ھاياتكەندە مەن ئالدىراپ ئوقۇپ خاتا ئوقۇۋاپتىمەن .توۋا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەمدۇ نىمە .

http://p6.images22.51img1.com/6000/akbora007/662d4c87837bfcd60f799b5085d96563.jpg
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 20:20 |
zilala131
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 810 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

ھەقىقەتەن```ئاسان ئەمەس جۇمۇ````

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 20:25 |
jaranbulak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70627
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

  ھالال مەقسەت ئۈچۈن تىرىشقانلارغا ئاللا ئۆزى ياردەم قىلىدۇ .

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 21:30 |
simba0903
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 9084
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 105
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 790 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىzulkifilنىڭ2009-03-04 20:20 دە يوللىغان يازمىسى   :
ۋاي ئەسلىدە بۇ بوۋاي ئەسلىدە ھاياتكەندە مەن ئالدىراپ ئوقۇپ خاتا ئوقۇۋاپتىمەن .توۋا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەمدۇ نىمە .


سىز  تاغدا تۇرۇپ باغۋەن ئىزدەيدىغانلاردىنمۇ -نىمە؟    
ئۇ  بوۋاي ئەمەس كەنغۇ .  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئەتىكى  ئىش خۇداغا ئامانەت!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 02:02 |
guzalnurl
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59688
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

كۆكلەپ كىتىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ ئىنساۋىنى بەرسۇن !
     ھالال مەقسەت ئۈچۈن تىرىشقانلارغا ئاللا ئۆزى ياردەم قىلىدۇ    

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 10:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 19:18, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ