بىر قىز
بىر قىز يولدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ماڭماقتا...
بىر قىز تىنچ ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلماقتا...
بىر قىز ھاماقەتلەرچە خىيال سۈرمەكتە...
بىر قىز سۈكۈت ئىچىدە ئەسلىمەكتە...
بىر قىز جىمجىت ئازاپلانماقتا...
بىر قىز تەنھالىقتىن قىينالماقتا...
كەيپىياتى يەنە تۇراقسىزلاشتى،
يەنە قالايمىقان خىيال سۈرۈشكە باشلىدى،
ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئېچىندى،
مەن قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم؟
ئەينەكتىكى مەن...
ھەتتا كۈلۈمسىرەشلىرىمۇ يالغان...
مۇڭ باسقان كۆز نۇرى...ئۇ ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى:
مەن راستىنلا بىر 24ياشلىق قىزمۇ؟
نىمە ئۈچۈن قارىماققا 60ياشلىق مومايدىنمۇ غېرىپ كۆرۈنىمەن؟
ئۆزىگە ئىچى ئاغرىدى...لېكىن نىمە ئامال؟
ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلمەيمەن، ھاياتىمغا يۈز كېلەلمەيمەن،
مەن ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە لايىق!
يەنە بىر تىمتاس كېچە،
بىر قىزنىڭ كېچىسى،
جىمجىتلىق، تەنھالىق،
يەنىلا شۇ مۇڭ باسقان ئازاپلىق كېچە...
(بۇنى بىر خەنزۇچە ماتىرىيالدىن ياقتۇرۇپ قالغاچقا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم...ياقتۇرغايسىلەر...)