ئاياللار كۆزىدە يىغلايدۇ ،ئەرلەر يۈرىگىدە -دوستۇم ،ئادەم دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كېلىدۇ؟ ھەر كىمنىڭ جاۋابى ئوخشىمىغان شارائىتتا ئوخشاش بولمايدۇ،بىراق ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولغان ،بۇنى نۇقتىنى مەڭگۈ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . قاچانلاردۇر بىر چاغدا توردىن مۇھاببەت قاينىمىغا چۈشۈپ قالغان بىر يىگىتنىڭ ئاچچىق نىداسىنى كۆرگەن ئىدىم . <<پۈتۈن ئۆمۈرۈمدە تۇنجى قېتىملىق ئەمما ،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولمىغان ئۈچ قېتىملىق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم ،بىرىنجىسى سېنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىغىم كېرەك ئىدى ،ئىككىنجىسى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن سەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىگىم كېرەك ئىدى ،ئۈچۈنجىسى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ سېنى سېغىنماسلىقىم كېرەك ئىدى >>. ئەينى چاغدا بۇ سۆزگە ئانچىۋالا ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن .مانا ھازىر بۇنى ئويلاپ باقسام دۇنيادا سۆيگۈدىن مۇھىم ھىسىيات يوقكەن ،سېنى خىيال قىلسام تەنلىرىم تىتىرەيدۇ ،سەندىن ئاڭلىغان ھەر -بىر سۆزنى تەكرار تەھلىل قىلىپ ھەر -خىل ئويلاپ باقىمەن ،بىراق ئۆزەم ئۈچۈن سېنىڭ مۇھىملىقىڭىنى سېنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلالمايمەن ،سەن ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ،تۇرمۇشۇمنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ بولدۇڭ . سېنىڭ سۈرلۈك چىرايىڭغا قارىساملا بىر خىل ھېيقىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ . گەرچە سېنى شۇنچىۋالا چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرسەممۇ ئەمما ،ساڭا ئېيتىشقا تىلىم كۆيىدۇ .<<سېنى سۆيىمەن!!>> دىيەلمەيمەن ،سېنى يۈرۈگۈمدىن سۆيىمەن !! ئىچىمدە بىر ئوت كۆيىدۇ ئۆزەمنى سەنسىز ياشىيالايدىغانلىقىم توغۇرىسىدا مىڭلاپ تەسەللى بەرسەممۇ بىراق ،سەندىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ۋە قىيىن ئىكەنلىگىنى ھېس قىلۋاتىمەن . يۈرۈگۈمدە بىر ئوت يېلىنجايدۇ ،بۇ سېنىڭ ئوتۇڭ، بۇ سەن سالغان ھەۋەس . مەن بۇ ھەۋەس ،ئوت ئۈچۈن كۆيۈشكە، ھەتتا ۋەيران بولۇشقا رازى . ئادەم نىمە ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ ؟ ئەجىبا چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن بارلىقىنى بەدەل قىلالمىسا ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىيەلمىسە ،ئۇنىڭ ئىنسانلىق تۇيغۇسى ،ئورنى نەدە قالىدۇ ؟ ئادەم سۆيگەنلىكى ۋە سۆيۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئەزىز ۋە قەدىرلىكتۇر .مەن سېنى گەرچە ،سەن خالىغىن ۋە خالىمىغىن سېنى سۆيگەنلىكىمگە پەخىرلىنىمەن ،بىراق ئىنسان ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلالماسلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاپ بارمۇ؟ سېنى سۆيسەم ،ئەمما، سېنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ نىمىنى خىيال قىلىدىغانلىقنى بىلمەسلىگىم مېنى قاتتىق ئازاپلايدۇ ، سېنى خىيال قىلىش بىلەن تەنلىرىم بەزىدە يايرايدۇ ،جىسمىم ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالسىمۇ، بەزىدە سېنى خىيال قىلىش بىلەن كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كېلىدۇ . بىلسەڭ ئىدى، كۆڭۈلدىن -كۆڭۈل سۇ ئىچمەسلىكتىنمۇ ئېغىر ئازاپ يوقكەن .بىراق مەن كىمگە يىغلايمەن ؟كىم يىغامنى تىڭشايدۇ ؟ ئامالسىز ئىچىمدە، يۈرۈگۈمدە يىغلايمەن .ئۈمۈتسىز تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىم ئىچىدىن قان ھىدى پۇرايدۇ .ۋىسال ئىزدەپ يۈرۈگۈم پۇچىلىنىدۇ . ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىدىن ئۇدۇم بولۇپ قالغان سۆيگۈ مۇھەببەت ئەل- مىساقتىن تارتىپ ئۈزۈلۈپ قالمىدى ،خىيال قىلىش ،ئەسلەش ئۈچۈن ئويلاش ئۇ سېغىنغانلىقتىن ،بىراق ۋىسالسىز داۋاملاشقان ئازاپلىق سۆيگۈ ئۈچۈن ياش تۆكۈش ، سېنى سۆيۈش گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكتىنمۇ ؟ سۆيۈش ئۇ مۇقەددەسلىكتىندۇر ،سۆيۈش ئۇ گۇناھ ئەمەسقۇ ؟!! يۈرۈگۈم يىغلايدۇ يۈرەك ياشلىرى قەلىبتىن قەلىب ئىزدەپ ئاقىدۇ ،ۋىسال ئىزدەپ تۆكۈلگەن ياشلار خۇددى قاغجىرىغان چۆلدە قالغان قامغاق سۇغا تەشنا بولغىنىدەك سېنى ئىزدەيدۇ . شۇنداق، بىر خەلق ناخشىسىدا ئېيتىلغاندەك <<ئادەم دىگەن ھۆل نەرسە ، ئۆلمەيدىكەن كۆيۈككە >>.ئاھ .......بىچارە يۈرۈگۈم ئاققان ياشلىرىڭدىن دەريا پۈتكۈسى بىراق ،ھەي..سۆيۈش مەڭگۈلۈك ،ئەمسە سۆيۈلۈشچۇ؟
|