(مۇرشىدى)
تەبرىكلەيمەن ئەبەت ھاۋا ئانىنى ،
تاراتقان زىمىنغا مۇھاببەتنى ئۇ.
سۆيگۈدىن ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ،
يىغلاتقان ئۈچ يۈز يىل ، ھاۋا ئانا شۇ.
ئادەمگە دۇنيانى گۈزەل كۆرسەتكەن ،
مەشۇقلار پىرى شۇ ھاۋا ئانىمىز .
يىگىتلەر مەشۇقى ،سۆيگۈ قۇياشى ،
ئايالنىڭ ئىشقىدا ئوت بۇپ يانىمىز .
پادىشاھ -پالۋانلار -سەركەردە ئۈچۈن ،
تەڭرىدىن قالسىلا ، ئانىلار ئۇلۇق .
ئۇلارنىڭ ئەجرىسىز پەرزەنىت يوق پۈتۈن ،
بالىدا ھەققى بار ئانىنىڭ تۇلۇق .... .
تۇغۇلۇپ دۇنياغا ھەر قانداق بوۋاق ،
كۆز ئېچىپ كۆرگىنى ئانا چىھرىدۇر .
دۇنيادا سۈيۈملۈك نەرسە بار دىسە ،
بىلسىڭىز دەل ئۈزى ئانا مىھرىدۇر .
بىلسىڭىز شۇ گۈزۈل جانانمۇ ئانا ،
بەختىيار قىلغان يۇرىت ماكانمۇ ئانا .
ئەجائىپ نازىنىن پەرىزات لارمۇ ،
ئۇلۇغدۇر مىھرىبان بولغاندا ئانا .
مەنبەسى ئۈزەم مۇرشىدى
2009-يىل 4-مارىت
[ بۇ يازما murxidi تەرپىدىن2009-03-05 02:23دە قايتا ]