مەن جەۋلان خىزمەتخانىسى تارقاتقان ZBlog سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بىر خىزمەت بلوگىنى قۇرۇۋالغان ئىدىم. بلوگىمغا بۇرۇن Windows تا تەييارلىغان بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلماقچى بولغان، بىراق ZBlog بلوگنىڭ تەھرىرلىگۈچىسى ماتېماتىكىلىق ھەرپ – بەلگىلەرنى تونۇمىغاچقا ئۇ ھۆججەتنى ZBlog دا زادىلا تونۇتۇشقا بولمىدى، ئامالسىز رەسىم شەكلىدە يوللاشنى سىناپ باقماقچى بولۇپ توردىن Windows ھۆججىتىنى رەسىم ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تاپتىم ۋە سىناپ كۆردۈم (
http://www.tawlan.com/fizika/post/14.html گە قاراڭ)، ئاددى ھەم قولايلىق ئىكەن، تۆۋەندە كۆپچىلىك پايدىلىنار دېگەن مەقسەتتە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
بۇنى Windows ۋە Office نىڭ ئۆزىدە بار ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
1- قەدەمدە Windows2003 تە بىر يېڭى ئاق ھۆججەتنى ئاچىمىز، ئاندىن تىزىملىك ئىستونى "قىستۇرۇش" (插入)، "ئوبېكىت" (对象) لارنى تەرتىپ بويىچە چېكىپ، "ئوبېكىت" دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىۋالىمىز. دىئالوگ رامكىسىدىن "ھۆججەت ئارقىلىق قۇرۇش" (由文件创建) نى چېكىپ كۆزنەك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، "ئىزدەش" (浏览)كۇنۇپكىسىنى بېسىپ رەسىمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى ئىزدەپ تېپىپ "مۇقىملاشتۇرۇش" (确定) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
2- قىستۇرۇلغان Windows ھۆججىتىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن چىققان كۆزنەكتە "كۆچۈرۈش" (复制) نى تاللاپ چېكىمىز. ئاندىن "رەسىم سىزىش" (画图) پروگراممىسىنى قوزغىتىپ، يېڭى رەسىم كۆزنىكىدە "چاپلاش" (粘贴) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، بىز كۆرگەن رەسىمنى ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە ساقلايمىز.
بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر كامچىلىقى، ئەگەر رەسىمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان Windows ھۆججىتى بىر بەتتىن ئۆشۇق بولسا، ئۇنى ئالدى بىلەن بىر بەتلىك بىرقانچە Windows ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش كېرەك. تورداشلارنىڭ باشقا ياخشى ئۇسۇللار بولسا تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە:
http://www.tawlan.com