مەن ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى سۈيۈپ ئوقۇيمەن:
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس
مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق،تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ،ئاسقاپ يامان بولدى ياداپ.
ئازغىنا بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.
گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.
بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن،تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان،دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.
ھەققە باغلىدىم دىلىمنى،ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك،مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.
جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى،كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر،ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھىساب،
ئېقى ئاق قارىسى قارا،ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.
كۆرگۈلۈكنى كۆگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق،ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.
1930-يىل
[ بۇ يازما aynare تەرپىدىن2009-03-04 21:43دە قايتا ت ]