ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 66 - كۆرۈرمىنى
sertlan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 724
شۆھرەت: 1991 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 222(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 <<قۇتادغۇبىلىك>>مۇقەددىمە

                               <<قۇتادغۇبىلىك>>مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلار – ئۇزۇن تارىخقا ، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە  كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋە پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە مەملىكەت بولۇپ شەكىللىىشىدە ،ئۇيغۇر خەقىمۇ ، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ، تۈرلۈك تارىخىي دەۋرىلەردە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مول مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشقا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى . ئەنە شۇنداق تۆھپىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىدۇر .
بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قۇبۇلىدىن كېيىنكى يازما ئەدىبىياتىدىن ھازىرغىچە زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئى ئەسەر ؛ 11 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قارا خانىيلار دەۋرى ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن ئىدىئولۇگىيسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر . بۇ داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىيتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيتى تارىخىدىمۇ زور قىممەتكە ئىگە .

                                                  1

10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن① شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك  ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، اراپ ، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛  يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ يېڭى دەۋر مەدىنىيتى ( تاكى 13- ئەسىرگىچە ) غەرپ مەدىنىيتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردا قارا خانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر  ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلار مەيدانغا كەلدى . شەرقتىكى بۇدداچى ، " ئېدىقۇت "  ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ساڭقۇسالى تۇتۇڭ قاتارلىق بۇيۈك تەرجىمان ۋە ئالىملار يېتىشپ چىقتى . دىننى ئايرىمىلىقلاردىن قەتئىنەزەر ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يۈكسەك سەۋىيگە ئىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىنىيتى ۋۇجۇتقا كەلدى.

« قۇتادغۇ بىلىك » داستانى ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى .
①بالاساغۇن شەھرىنىڭ ئورنى : ھازىرقى سوۋېت قىرغىزىستانى توقماق رايونىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ.
2
بۇ داستان قەشقەردە يېزىلغان بولۇپ ، مۇئەللىپنىڭ ئېيتىشىچە ، ھىجىرىينىڭ 462- يىلى 18 ئايدا تاماملانغان . شۇنىڭغا قارىغاندا ،داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادى 1070 _  1069_ يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ . مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ئىجادى پائالىيتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن .

                                  تەگۇردى مەڭا ئەلگىن ئەلگىن ئەلىگ ياشىم ،

                                        قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم .

                                      ( تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم ،

                                       قوغۇ① قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم . )

①        قوغۇ _ ئاققۇ .

بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ بۇ داستاننى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا ئەللىك ياشلاردىن ئاشقانلىقىنى ، داساتاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا ، تەخمىنەن مىلادى 1018 – ياكى 1019 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
داستان يېزىلىپ بولغاچ ، مۇئەللىپ ئۇنى قارا خانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەنگ تەغدىم قىلغان ، ھەسەن بۇغرا خان مۇئەللپكە خاس ھاجىپلىق  ئۇنۋانىنى بەرگەن .
داستاننىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق ، ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا ، قاھىرە ، پەرغانە ( ياكى نەمەنگان ) نۇسخىلىرىدىن ئىبارەت .
ۋېنا نۇسىخىسى : مىلادى 1439 – يىلى ھىرات شەھرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمىس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرلۈپ ، مىلادى 1474 – يىلى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن ئاۋىستىرالىيەلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال بۇ نۇسخىنى ۋېنا  ئورادا كۈتۈپخانىسىغا كەلتۈرگەن  ، بۇ ھازىرمۇ شۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانماقتا ( بۇ نۇسخا ھىرات شەھرىدە كۆچۈرۈلگىنى ئۈچۈن ، ھىرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . 1823- يىلى ڧىرانسۇز شەرقشۇناسى ژائۇبېرت ئامبېدى تۇنجى بولۇپ مەتبۇئاتتا « قۇتادغۇ بىلىك » ھەققىدە خۋەر ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن بەزى نەمۇنىلىرىنى نەشر قىلدۇرغان . 1870- يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ۋامبىرى شۇ نۇسخا بويىچە « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان .
قاھىرا نۇسخىسى : ئەرەپ ھەرىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، قاھىرەدىكى " ھىدىۋ " ( ھازىرقى قىرال ) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا ، بۇ نۇسخىنى 1896 – يىلى نېمىس ئالىمى مورىتىز تۇنجى قېتىم ئاشكارلىغان ھەم 1897 – يىلى مەشھۇر رۇس ئالىمى.
①    ھاجىپ _ (ئەرەپچە ) ئارىچى ، ۋاكالەتدار ، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى سۆز بولۇپ ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى تۈركچىسى " تاياڭۇ " يەنى تايانچ ، سەلتەنەت تايانچى ، دۆلەت تۈۋرۈگى دېمەكتۇر . ( « دېۋانى لۇغەت تۈرك »، وتۇ نۇسخا 230- بەت . )
رادلوفقا شۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەۋەتكەن ، رادلو ۋېنا نۇسخىسى بىلەن بۇ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ، نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەندىن كېيىن ،1910- يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ تىرانسىكىرىپىسىيسى بىلەن نېمىس تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان . 1943- يىلى قاھىرە نۇسخىسىنىڭ 0وتۇ نۇسخىسىنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈپ ، قايتا بېسىلىپ چىققان .

پەرغانە نۇسخىسى ئەرەپ ھەرىىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ھەممىدىن تولۇق نۇسخا بولۇپ ، بۇ نۇسخىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى 1914 – يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىدا كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىغان. 1924 – يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن بۇ نۇسخا ھەققىدە ماقالا ئېلان قىلغان ، ئاندىن 1928 – يىلى بۇ نۇسخىنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى زۆرۈر ئىزاھلار بىلەن ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان . يۇقىردىكى 3 خىل كۆچۈرمە نۇسخىدا بېيىتلار سانى ھەرخىل ئىدى . مەسىلەن : قاھىرە نۇسخىسى 5.400 بېيىتتىن ، پەرغانە نۇسخىسى 6.095 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان . ۋېنا نۇسخىسى تېخىمۇ تولۇقسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، 3 نۇسىىدا دىگۈدەك كۆچۈرگۈچىلەردىن كەلگەن ئايرىم خاتالىقلارمۇ بار ئىدى . كېيىن ، تۈركىيە ئالىمى رېشىت رەھمىتى ئارات يۇقىردا بايان قىلىنغان 3 نۇسخىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تولۇقلاش بىلەن 1947 – يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭA  . نەسرى مۇقەددىمە ؛ B . نەزمى مۇقەددىمە ؛ C . باپلار مۇندەرىجىسى ؛  D . « قۇتادغۇ بىلىك » تېكىسىتى؛ E  . مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە لېرىكىدىن ئىبارەت تىرانسىكىرىپىسىيلىك تولۇق مەتىن ( تېكىست ) نى تۇرغۇزۇپ چىقتى . شۇ مەتىن بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 85 باپقا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 6.645 بېيىت ، يەنى 13.290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان ( كېيىن قوشۇلغان نەسرى ۋە نەزمى مۇقەددىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا ) .
داستان ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، مەسنىۋى ( ئىككىلىك ) شەكلىدە ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتاقارىپ بەھرىدە يېزىلغان بولۇپ ، 3.800- 3.801 -  بېيىت بىلەن ئاخىرىدا ئىلاۋە قىلىنغان 3 لېرىكىنىڭ ئىككىسى مۇتاقارىپ مۇسەممەنى سالىم  ۋەزنىدە يېزىلغان.

« قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ژانىر ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئۆز دەۋرى ئۈچۈن تامامەن يېڭى بىر بەدىئى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ، شۇ زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ مۇجەسسەم قامۇسىدۇر . مەشھۇر سوۋېت ئالىمى س . ي . مالوفمۇ " « قۇتادغۇ بىلىك " – ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇنىدىكى يادىكارلىغىدۇر » ... ئۇنىڭ " ئەرەپ ئىلىپبەسى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى 11– ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى بىر قەدەر روشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ " دەيدۇ . ①
① س . ي . مالوف : « قەدىمكى تۈركى يېزىقلار يادىكارلىقلىرى » 229 – بەت . 1959 – يىل ، موسكىۋا لېنىنگراد .

« قۇتادغۇ بىلىك » ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن بىر ئەدىبى ئەسەر ۋە ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر . ئۇنىڭدا لىرىكا ئامىللىرى بىلەن ئىپىك بايان ، دىراممىلىق ئېپىزوتلار بىلەن تەبىئەت تەسۋىرى ، ئوبرازلىق تەسەۋۇر بىلەن شەخس ( ئادەم ) خاراكتىرى ، پەلسەپىلىك تەپەككۇر بىلەن مەجاز ( مىتاھورا ) ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان . لېكىن ئۇ مۇھەببەت داستانى ياكى قەھرىمانلىق داستانى ئەمەس . بۇ ئەينى زامان ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن زىچ باغلانغان ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رىياللىغى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەدىبىي ئەسەردۇر .
« قۇتادغۇ بىلىك » تىكى نۇرغۇن تەسۋىرلەردە زىئالىزىم نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ ، مۇئەللىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئىجدىمائى تۇرمۇشنى قۇرۇق پەندى-نەسىھەتكە تايىنىپ ئەمەس ، بەلكى بەدىئى ئۇسۇل بىلەن پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ ، كونكىرت ۋەقە ئېپىزوتلىرى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . ئەسەردىكى تۆت پىرسوناژ ئۆز – ئارا بىر – بىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ خاراكتىرىرىدىكى پەرقلەر پىرسۇناژلارنىڭ بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ھايات پەلسەپىسى ۋە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ . مانا بۇ نۇقتا « قۇتادغۇ بىلىك » داستانىنى باشقا ھەرقانداق پەندى نەسىھەت خاراكتىرىدىكى ئەسەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ .
ئەسەردىكى ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى مۇئەللىپ تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە غايىۋىلەشتۈرۈلۈپ " ئادىل قانۇننىڭ سىمۋولى " قىلىنغان . ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ :

                         كونىلىك ئۇزەلە كەسەرمەن ئىشىگ ،
                      ئادىرمازمەن بەكسىگ يا قۇلسىغ كىشىگ .
                      ( قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن ،
                   ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ ئىشىن . )

                        

                        كەرەك ئوغلۇم ئەرسە ياقىن يا ياغۇق ،
                       كەرەك بارقىن ئەرسە كەچىگلى قونۇق .
                      ( كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن ، يېقىن تۇغقىنىم ،
                        يولۇچى ، ئۆتكۈنچى ، بىرەر قونىغىم . )

                             تورۇدە ئىكىگۇ ماڭا بىر سانى ،
                           دەسەردە ئادىن بولماغاي ئول مىنى .
                           ( ماڭا تەڭ ئىكىسى قانۇن ئالدىدا ،
                         بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا . )

ئەسەردىكى ۋەزىر ئايتولدى ئۆزىنىڭ بەخت – سائادەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ، ئەمما بەخت – سائادەتنىڭ قارارسىزلىغىنى ، تۇتۇشنى بىلمىسە ، ئۇنىڭ تېز قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بەخت – سائادەتنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى گۈزەل ئەخلاقىلىق بىر كىشى بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ .
ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئوگدۇلمىش ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوبرازى ئاتسىنىڭ ئوبرازىدىنمۇ يارقىنراق ، ئۇ بىر مۇنچە ئالىجاناپ پەزىلەتلەرنى تولۇق ئىگەللىگەندىن تاشقىرى ، يەنە يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىمگە ئىگە ھەم ئاشۇ ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىم ئارقىلىق دۆلەت ۋە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر ئوبرازدۇر .
ئەسەردىكى قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ھەممىدىن مۇرەككەپ شەخس . ئۇ زور ئالىم ، دانىشمەن ، پەيلاسوپ ، لېكىن ، رىيال دۇنيادىن قول ئۈزگەن زاھىت . ئۇ ، بۇ دۇنيانى بىر قونالغۇ ( ئۆتەڭ ) ، كىشى ئۈچۈن ئازغىنا يىمەكلىك بىلەن بەدەننى ياپقۇدەك بىر پارچە لاتا كۇپايە ، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك دەپ قارايدۇ . كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ساراي خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ يازغان خېتىگە قاتتىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ . لېكىن ، ئاخىرىدا ئوگدۇلمىش بىلەن كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ : خەلققە پايدىلىق بولۇش كېرەك ، خەلققە خىزمەت قىلغان كىشىلەرلا ھەقىقى بەختكە ئېرىشىدۇ ، خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت دېگەن مەزمۇندىكى گەپلىرىگە قايىل بولىدۇ ۋە ئوگدۈلمىشكە : سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ توغرا ، سەن شۇ يولدا مېڭىشنى داۋام ئەت ، دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ .
دىمەك ، مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بى رپۈتۈن ئىدىيە ھىسياتىنى ئەنە شۇ تۆت پىرسۇناژ ، يەنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى ئېلىگ ( ھۆكۈمدار ) ، بەخت – سائادەت سىمۋولى ئايتولدى ( ۋەزىر ) ، ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى ئوگدۇلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى ) ، قانئەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ( زاھىت ) ئارىسىدىكى دىراممىلىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە جەمىئەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى نامايەن قىلىدۇ . ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بىر قاتار ئىجدىمائى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، ئۇ ، قارا خانىلار دەۋرىدىكى يۇقىرى تەبىقىغە مەنسۇپ شەخس بولسىمۇ ، ئىجتىمائى زىديەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن ۋە زىئاللىقنى پەدەزلىمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھمىسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ ھەم سۆكىدۇ . مەسىلەن :

                        ئەي ئېلىگ ، ئوتاچى سانى سەن بۇ كۇن ،
                            بۇدۇن بارچا ئىگلىگ ساڭا مۇڭلۇغۇن .
                        ( ئېلىگ سان تىۋىپقا ئوخشارسەن بۇ كۇن ،
                       ساڭا مۇھتاج ئېرۇر ئاغرىق _ گلق پۇتۇن . )

                            قايۇسى كوتۇرمىش بولۇر كۇچ ئىرىنچ ،
                             ياقۇسى چىغايلىق بىلە يېر ساقىنىچ .
                          ( بىرى چەككەچ زۇلۇم ،بەختى قارادۇر ،
                               بىرى يوقلۇق غېمىدە بىنەۋادۇر . )

                              قايۇ ئاچ ،قايۇسى يالىنمىش بولۇر ،
                                قايۇ قادغۇ بىرلە ئۇنىمىش بولۇر .
                             ( بىرى ئاچ ، ئۇ بىرسى يالاڭغاچ يۇرۇر ،
                             بىرى قايغۇ – غەمدە پىغانلار چېكۇر . )

                            سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇلارنىڭ ئەمى ،
                               ئوتاغىل دارۇ بىرلە ، بولغىل قامى .
                          ( سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇنىڭ دورىسى ،
                            داۋالا بولۇپ سەن ھېكىم – ئۇستىسى . )

  
                                قالى قىلماسا سەن ئەمى يا ئوتى ،
                                بودۇنقا بولۇرسەن تىرگلىك يۇكى .
                             ( بېرىپ دورا _ داۋاسىن قىلمىساڭ گەر ،
                              سېنىڭدىن بۇ خەلققە پالاكەت تېگەر .)

مۇئەللىپ يەنە بىر قانچە بېيىتا شۇ ۋاقىتتىكى رىئال جەمىئەتكە بولغان كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ :
" ئەي بىلىملىك كىشى ، ئەتراپىڭغا بىر باق . نىمىلەرنى كۆرەرسەن ، بىلىملىكەر خارلانغان ، ئېتىۋاردىن چۈشكەن ، چەتكە قېقىلغان ....ئەقىللىقلار تىلسىز ، ئۇلار ئاغىزىنى ئاچماس .... ھالالنىڭ چەقەت ئېتىلا قالدى ، ھەممە ياقنى ھارام قاپلىدى ، بۇنى سەزگەن كىشى يوق .......ۋاپا  ئورنىنى جاپا ئىگەللىدى ، توغرا يولدا ماڭغان كىشى نەدە ؟! "
ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىققا قارىتا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياراتقان غايىۋى پىرسۇناژلار ئاغىزىدىن ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش ، بىلىم ، ئىقل – پاراسەت ۋە ئەخلاقنى  ئىززەتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجدىمائى غايىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . بۇنداق بىر ئىجدىمائى غايىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بىر " ئوتۇپىيە " ( خىيال ) بولسىمۇ ، شۈبھىسىزكى ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەينى دەۋىردىكى خەلق ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ۋە مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ، تارىخى تەرەققىيات تەلىۋىنى ئىپادىلىگەن ، شۇڭا بۇ مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە . ئەنە شۇ نۇقتىلار بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » باشقا بارلىق مۇنەۋەر كىلاسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئوخشاشلا روشەن خەلقچىللىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە ئەسەردۇر .
« قۇتادغۇ بىلىك » تە مول ۋە كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان پەلسەپىلىك پىكرلەر شەرھىلەنگەنلىكى ، يۈكسەك بەدىئىيلىك ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا قارا خانىيلار تېروتورىيەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ رايونلاردا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان . كىتاپقا شۇ دەۋىردە باشقىلار تەرىپىدىن ئىككى مۇقەددىمە يېزىلغانلىقى ۋە 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ياشىغان " ئالتۇن ئوردا " دۆلىتىنڭ مەركەزلىرىدىن بولغان سارايچىق شەھرى خارابىسىدىن 1909 – يىلى تېپىلغان بىر كوزىدا « قۇتادغۇ بىلىك » كە تەقلىدەن يېزىلغان مىسرالارنىڭ ئۇچرايدىغانلىقى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر .
12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئەدىپ ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ " ئەتەبەتۇل ھەقايىق " ( ھەقىقەت ئىشىگى ) ناملىق دىداكتىك داستانىنىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن « قۇتادغۇ بىلىك » كە ئوخشايدىغانلىقى ،« قۇتادغۇ بىلىك » تىن 250 يىل كېيىن نەسىردىن رابغۇزى تەرىپىدىن يېزىلغان « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ناملىق ئەسەرنىڭ بېشىدىكى « باھار ھەققىدە مەدىھىيە » مۇ « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ دۆلەت ، سىياسەت ، ۋە ئىجدىمائى ئىدىيىلەر جەھەتتىلا ئەمەس ، بەلكى ئەدىبىيات جەھەتتىمۇ كېيىنكىلەرگە قانچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
يۇقىردا بايان قىلىنغانلاردىن مەلۇم بولىدۇكى ، « قۇتادغۇ بىلىك » يېڭىدىن ئايىغى چىقىپ تاڭتايلاپ مېڭىۋاتقان بىر مەدىنىيەتنىڭ ئەمەس ، بەلكى قەدىمقى ۋە يۈكسەك بىر مىللى مەدىنىيەتنىڭ بىۋاستە مەسھۇلى . ئۇ ، ئەدىبى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ھەم تارىخ ، ھەم پەلسەپە ، ھەم " سىياسەتنامە " ياكى دۆلەتشۇناسلىق ، ھەم ئىجدىمائى تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇزاق ئۆتمۈش ھايات بىلەن قارا خانىيلار دەۋرىدىكى رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستىمىلىق بىر ئىلمى ئەسەر . شۇنىڭ ئۈچۈن  ، ئۇ ، شەرق مەدىنىيتىنى ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخىنى ، قەدىمقى ئەجدارتلارنىڭ پەلسەپە ، ھوقۇق ، ( قانۇن ) ، ئېتىكا ( ئەخلاق ) ، تەلىم – تەربىيە ، دىنىي ئېتىقات ، دۇنيا قاراش ، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە .
شۇنداق بولغاچقا ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا ، بۇ ئەسەر خەلقئارادا ئىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت – ئېتىۋارىنى قوزغىدى ، ھەرقايسى مەملىكەت ئالىملىرى ۋە تەتقىقات خادىملىرى « قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە ھەممىدىن كۆپ تەتقىق قىلىنغان ئەسەر ، بۇ ئەسەر خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . بىزنىڭ ئېلىمىزدىمۇ ماركىسىزىملىق مەيدان ، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل بىلەن « قۇتادغۇ بىلىك » ئۈسىتدە ئومۇمىيۈزلۈك ۋە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماقتا . ئوچۇقراق قىلىپ ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » 11- ئەسىرگە تەئەللۇق بىر ئەدىبى ئەسەر بولغاچقا ، بارلىق كىلاسىك مەدىنى مىراسلارغا ئوخشاشلا ، بۇ ئەسەر ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپىمۇ بەزى جەھەتلەردە سىنپى ھەم تارىخى چەكلىملەردىن خالاس بولالمىغان . شۇڭا ، بىز تارىخى ماتىريالىزىمىلق نۇقتىنەزەر بىلەن ، ئۇنىڭ  شاكىلىنى چىقىتىۋېتىپ ، مېغىزىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق تەرەپلەرنى  مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز لازىم .

« قۇتادغۇ بىلىك » داستانىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز ۋەزنى بىلەن نەزمى شەكلىدە ئىشلەش تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقان ئىش . سەۋىيمىزنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ نۇسخىدا بەزى يېتىشسىزلىكلەرنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئى . كىتاپخانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز .


« قۇتادغۇ بىلىك » نى نەشىرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى

1983- يىل ماي .  



ﺋﯘﭘﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻰ:

1.<<ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺋﯩﻼﺝ>> 500ﭘﺎﺭﭼﻪ
2.<< ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭ>> 1000ﭘﺎﺭﭼﻪ
3.<<ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ 101 ﮬﯩﻜﻤﻪﺕ>> 500ﭘﺎﺭﭼﻪ
4.<< ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺶ>> (ﺭﻭﻣﺎﻥ) 500ﭘﺎﺭﭼﻪ
5. <<ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﻜﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭﻯ>> 1000ﭘﺎﺭﭼﻪ
6. <<ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﻰ>> 500ﭘﺎﺭﭼﻪ
7. <<ﺗﯜﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>> 2-3- ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ 20ﻳﯜﺭﯛﺵ
8.<< ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ>> (ﺭﻭﻣﺎﻥ) 100ﭘﺎﺭﭼﻪ
9.<<ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻖ ﻟﻮﻏﯩﺘﻰ>> 15ﭘﺎﺭﭼﻪ
10.ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﻟﻮﻏﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ...
ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﯩﻤﯩﺰ: 0991-8553057
ﻓﺎﻛﯩﺲ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻤﯩﺰ:0991-8559673

تېما تەستىقلىغۇچى : nuri0996
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-04, 07:34

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+10(matimatika)
  •      
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 14:59 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    xjaks
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 481
    شۆھرەت: 982 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4111 سوم
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى كۇردىغانلار نىمانداق ئاز.....
    ھەي ؟؟؟؟

    basbas
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 15:55 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » قۇتادغۇبىلىك
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-06 19:17, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ