ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3347 - كۆرۈرمىنى
musapir2933
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 54972
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1219
شۆھرەت: 1225 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11943 سوم
تۆھپە: 32 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1017(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 جەسىدى ئۆيىگە كىرەلىگەن ئۆگەي بالا

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى ئۆزىمىزگە نەزەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-04)

1986- يىل 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنە قۇربان ھېيتنىڭ كۈنى تاڭ سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولى كوچىسىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدىن بىر ئۆلۈك تېپىلدى. ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى پەرھاد ئىدى. پەرھاد بىرەر قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەمەس ياكى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەنمۇ ئەمەس. ئۇ ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن دەرەخلىك ئارىسىغا ئۇرنىتىلغان ھېچكىمگە تەئەللۇق بولمىغان سېمونت تاختاينىڭ ئۈستىدە ئون بەش كېچە- كۈندۈز قېزىتمىسى ئۆرلەپ يېتىپ ئاخىرى سېمونت تاختاي ئۈستىدە جان ئۈزدى.
بۇ 28 ياشلىق ئۇيغۇر يېگىتىنىڭ ئۈلۈكى تېپىلغان بۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يەنى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بەختىيار ياشاۋاتقان ئۆينىڭ ئارىلىقى پەقەت يۈز مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.
ياش ئانا تۇنجى بالا يۈزى كۆرگەندە ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئانا دەپ ھېس قىلدى. ئۇ، ھەممە مېھرىبان ئانىلارغا ئوخشاش بۆشۈك يېنىدا كېچە- كېچىلەپ كىرپىك قاقماي چىقتى. بالىنىڭ ئوغۇل بولۇشى دادىسىنىڭ خوشاللىقى ئۈستىگە خۇشاللىق  ئېلىپ كەلگەنىدى. بالا دوختۇرخانىدا تۇغۇلۇپ دوختۇرلار ئۇنىڭغا «بالىڭىز ئوغۇل» دەپ خەۋەر يەتكۈزگەندە دادا خوشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالغانىدى ئۇ يۈگۈرۈپ كوچىغا چىقتى، باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئايالىدىم ئوغۇل تۇغدى، ئۆزۈمنىڭ، تەشپۇتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن جىڭلاڭ!» دېدى. ماگىزىنغا كىرىپ پىركازچىكقا: «ئايالىم ئوغۇل تۇغدى، ناۋاتنىڭ، كونسېرۋانىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن» دېدى، قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئايالىم ئوغۇل تۇغدى، گۆشنىڭ ئوبدان يېرىدىن كېسىڭ» دېدى. ئۇ كوچىدا ئۇچرىغان تونۇشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئايالىنىڭ ئوغۇل تۇغقانلىق خۇش خەۋىرىنى ئالاھىدە يەتكۈزۈپ ماڭدى. شۇ كۈنلەردە دۇنيادا خاپىلىق، غەم- ھەسرەت بار دېسە بۇنداق گەپلەر ئۇنىڭ قولىقىغا كىرمەيتتى، ياش ئاتا- ئانا ئوغۇلغا ھەرخىل ئىسىملارنى تېپىشتى، دادا بولسا بالىغا «پەرھاد» دېگەن ئىسىمنى قويۇش قارارىدا چىڭ تۇردى. ئۇ ئۆز بالىسىنىڭ «پەرھاد- شېرىن» داستانىدىكى پەرھادتەك تاغلارنى تالقان قىلىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان قەيسەر، باتۇر بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەر- خوتۇن مەسلىھەت قىلىپ ناھايىتى زور ئۈمىد بىلەن بالىنىڭ ئىسمىنى پەرھاد قويۇشتى، بالا پاقلان بولغاندا دادا ئانىنى ئەنسىرىتىپ ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېتىپ ئوينايتتى ۋە بوغدا تېغىنى كۆرسىتىپ: «قارا پەرھاد، چوڭ بولغاندا ئاشۇ تاغلاردىن سۇ باشلاپ ئەتراپتىكى قاقاسلىقلارنى كۆكەرت، سېنىڭ پەرھاد ئىكەنلىكىڭنى ھەممە ئادەم بىلسۇن» دەيتتى. بوۋاق بولسا خۇددى دادىسىنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك ئۇنىڭ قۇچىقىدا يولقۇنۇپ تاغ تەرەپكە تەلپۈنەتتى. ئەپسۇس، ئۇزاق ئۆتمەي تەقدىر بۇ ئائىلىگە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلدى. ئانا تۇل، بالا يىتىم قالدى. ئانا بولسا باشقا ئەرگە تەگدى. ئاتا-ئانا غايەت زور ئۇلۇغ ئارزۇلار بىلەن باققان ئەتىۋار بالىنىڭ بەختسىز ھاياتى باشلاندى. ئۆگەي دادا بالىسىنى يامان كۆرەتتى. ئۇنى پەقەت باشقا دادىدىن بولغان بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلگۈدەك يامان كۆرەتتى، ئانا بولسا بۇ جان-جىگەر بالىنى ئۆگەي دادىسىنىڭ يامان كۆزىدىن جېنىنىڭ بېرىچە قوغدايتتى. ئەمما ئۇ ئەردىن ئايرىلىپ قېلىشنىمۇ خالىمايتتى. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى. ئانا ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ قىر تۇغدى. دادا ئۆز قىزلىرىنى جىنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. پەرھاد بولسا يەكلىنىپ قېلىۋەردى. ھېيت- ئايەم كۈنلىرى ئۈچ قىزىنىڭ كىيىمى يېڭىلانسا، پەرھاد كونا كىيىم بىلەن قېلىۋەردى. ئاتا- ئانا ئۈچ قىزىنى ئەركىلىتىپ ئويناتسا، پەرھاد بىر بۇلۇڭدا بوينىنى قىسىپ ئۇلارغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. دادا ھە قېتىم تالاردىن كىرگەندە ئۈچ قىز كەمپىت شۈمىسە، پەرھاد بارمىقىنى شۈمىدى. ئانىمۇ بارلىق مېھرىنى ئۈچ قىزىغا بەردى. ئۇ كۆڭلىدە ئوغلىنى قىزلىرى بىلەن ئوخشاش كۆرسىمۇ، مەلىي مۇئامىلىدە ئېتىبارسىز قارىدى. ئۈچ قىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۆشۈكىنى پەرھاد كۈنلەپ- كۈنلەپ تەۋرەتتى. سىڭىللىرىنى يۈدۈپ يۈرۈپ باقتى. قىزلارنىڭ قايسى بىرى سىرتتا يېقىلىپ چۈشۈپ بىرەر يېرى زەخمىلەنسە ياكى باشقا بالىلاردىن تاياق يېسە، ئۇنىڭ جاۋابكارى پەرھاد بولۇپ تىللاندى ۋە ئۇرۇلدى. پەرھادنىڭ ئالتە ياش ۋاقىتلىرى ئىدى. بىر قېتىم ئۇ مەھەللىسىدە كىچىك سىڭلىسىنى ئوينىتىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى قاتتىق يىغلاپ كەتتى. بۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان دادا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقى-دة، پەرھادنىڭ سىڭلىسىنى يىقىتىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ قىزىنى قۇچىقىغا ئالدى-دة، پەرھادنى يوغان بەتىنكىلىك پۇتى بىلەن بىرنى تەپتى. كىچىك پەرھاد يەردىن ئۈزۈلۈپ ئۇچۇپ بېرىپ ئۈچ- تۆت مېتىر نېرىغا چۈشتى،  ئۆگەي دادا غەرەپ ئاچچىقىدا بالىغا قاراپمۇ قويماي قىزىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. پەرھادنىڭ ئاغىزىدىن بولۇقلاپ قان ياندى. قولۇم- قوشنىلار بالىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىشتى. ھەممەيلەش بالىنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەپ ساراسىمغا چۈشتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى ئېرىدىن قورقۇپ بالىسنىڭ يېنىغا چېقىشقا پېتىنالمىدى. ھوشسىز پەرھادنى قوشنىلار ئۆز ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى، بالا ھوشىغا كەلدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە قوشنىلار پەرھادقا: «ئەمدى ئۆيۈڭگە كىرىپ كەت- بالام! نېمىلا بولمىسۇن ئۆز ئۆيۈڭ!» دەپ نەسىھەت قىلىپ، ئۆيىگە چىقىرىۋەتتى. بالا زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى سىلاپ. ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆز ئۆيى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئىشكنى چېكىشكە جۈرئەت قىلالماي ئىشىك ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ ئىشىكى ئالدىدا ئىككى سائەتتە ئولتۇردى. ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىگە قارىدى. دېرىزىدىن بولسا چىراق يۇرۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بالا ئىشىكنى چەكتى، ئۆي ئىچىدىن سادا چىقمىدى. بالا ئىشىكنى يەنە چەكتى... يەنە چەكتى... ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ يەنە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇردى. ئۇ ئاستا- ئاستا مۈگىدەشكە باشلىدى. پەرھاد تىزىنى قۇچاقلاپ بېشىنى تىزى ئۈستىدە قويۇپ ئۇخلاپ قالدى. كۈز كۈنلىرىنىڭ كۈچكى سوغۇقىدىن مۇزلاپ كەتكەن پەرھاد تىتىرەپ ئويغىنىپ كەتتى-دة، ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزىگە قاراپ چىراقنىڭ ئاللىقاچان ئۆچكەنلىكىنى ئۆي ئىچىنىڭ قاراڭغۇلۇققا چۈمگەنلىكىنى كۆردى. ئالتە ياشلىق بۇ بالا ئىشكىگە تەلمۈرۈپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن تۈن قاراڭغۇلۇقىدا ئۆ ئۆيى ئالدىدىن ئايرىلىدى. ئۇ قاراڭغۇدا تۇنجى قېتىم تەنھا ھەم ناتونوش كوچىلاردا مېڭىشقا مەجبۇرى بولدى. بالا قاراڭغۇ كوچىدا قورقۇپ سوغۇق تەرگە چۆمدى، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئۇ قورقۇنچتىن كوچىدا يۈگۈرۈشكە باشلىدى.
ئۇ يۈگۈرۈپ كوچىنىڭ چېتىگە چىققاندا يراقتا يېنىۋاتقان .....
زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ئاندىن: «ئەتە مەن ئاتا- ئاناڭ بىلەن كۆرۈشەي، ئەھۋالىڭنى ئېيتاي. ئەگەر ئۇلار ئىنسابىغا كەلسە، ساڭا ئىگىدارچىلىق قىلار، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتار» دېدى.
– ئاۋارە بولماڭ ئانا،– دېدى پەرھاد سۇس ۋە بوغۇق ئاۋازدا،– تېنىم ساق، قولۇمدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان چاغدا ماڭ ئىگىدارچىلىق قىلمىغان ئادەملەر ئەمدى ئىگىدارچىلىق قىلارمۇ؟ بىراق، ئانام بۇ كۆچىدىن زادى ئۆتمەيۋاتىدۇ. ئانامنى كۆرمىگىنمگە ئىككى يىل بوپتۇ. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ئانامنى بىر قېتىم كۆرۈۋالسام مەيلى ئىدى،– پەرھاد جىمىپ قالدى، بەلكىم ئۇ ئانىسىنى خىيال قىلىۋاتقاندۇ. زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ يېنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇردى. پەرھادنىڭ قىزىتمىسى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتاتتى. پەرھاد قالايمىقان جۆيلۈشكە باشلىدى، زىۋىدەم ئانا ئۆيگە كىرىپ پەرھاد ئۈچۈن قايناقسۇ ۋە دوختۇرخانىدىن ئەكەلگەن قىزىتمىسىنى پەسەيتىش دورىسىدىن ئېلىپ چىقتى–دة، پەرھادقا دورا ئىچكۈزدى. پەرھاد ھاسىراپ نەپەس ئالاتتى. زىۋىدەم ئانا قول ياغلىقىنى ھۆل قىلىپ بىر نەچچە قېتىم پەرھادنىڭ چېكىسىگە قويدى. دەل بۇ ۋاقىتتا بولسا پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىسسىق ئۆي، يۇمشاق يوتقانداق يېنىپ شىرىن ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلار پەرھاد دېگەن بالىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداق بىر بالىنىڭ بولغانلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى.
پەرھاد ئاستا- ئاستاد ئۇيقۇغا كەتتى. شەرق ئاسىمىنى ئاقىرىشقا باشلىغاندا زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى-دة، ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ئەتىسى زىۋىدەم ئانا، تىجارەتچى بوۋاي يۈي دېجاڭ، پىركازچىك ليۇ شۆلۈي قاتارلىق ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان مۇشۇ ئەتراپتىكى ئاھالە ۋە تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرى پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۆيدە پەرھادنىڭ ئانىسى بار ئىدى. ۋەكىللەر پەرھادنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرىپ داۋالىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ پەرھادنىڭ ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەشتى. پەرھادنىڭ ئانىسى بولسا بىرىنچىدىن، پەرھادنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مائاشىنى بەرسە؛ ئىككىنچىدىن، پەرھادقا ئۆي بەرسە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى شەرت قىلدى. نەق مەيداندا شەھەرلىك قاتناش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوپۇر: «بالىنى ئالدى بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرىپ داۋالىتىپ ساقايتىڭ، ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى مەن ھۆددىگە ئالاي» دەپ ۋەدە بەردى. زىۋىدەم ئانا: «ئۆينى مەن تېپىپ بېرەي» دېدى، پەرھادنىڭ ئانىسى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشمەكچى بولۇپ ۋەكىللەرنى ئۇزىتىپ قويدى. شۇ كۈنى ئۇلار پەرھادنى ئۆيگە ئەكىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەت ئەۋەتتى. بۇ گەپلەرنى پەرھاد ئاڭلىدى. ئۇ يىغلىمىدى ياكى رەنجىمىدى. پۇت- قوللىرى كۆپۈپ ئىششىپ ئوتتەق قىزىپ ياتقان پەرھاد يەنىلا سىمونت تاختاي ئۈستىدە ئۈن- تىنسىز ياتاتتى. زىۋىدەم ئانا كۆزىگە ياش ئېلىپ: «كۆڭلۈكنى بۇزما بالام! ساڭا ئاتا- ئاناڭ ئىگە بولمىسا مەن ئىگە بولىمەن. ئالدى بىلەن سېنى داۋالىتايلى، ئاندىن كېيىن سېنىڭ نوپۇسىڭنى تېپىپ ئۆز نوپۇسۇمغا ئالغۇزىمەن، سەككىز بالام توققۇز بولىدۇ. سېنى ئۆزۈم ئۆيلەيمەن» دېدى پەرھادقا تەسەللى بېرىپ.
پەرھاد دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. ئەمما ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى...
زىچىدەم ئانا قاتالىقلار مەسلىھەت قىلىشىپ، پەرھادنىڭ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆتمەكچى بولۇشتى. خەنزۇ پىركازچىك ليۇ شۆلۈي رەڭلىك مېتاللار ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىگە تېلېفون بەردى. شىركەتنىڭ قوغداش بۆلۈمىدىن تۆت ئادەم كەلدى-دة، پەرھادنى كۆرۈپ: «بىز بۇ ئادەمنىڭ تونۇمايمىز» دەپ كېتىپ قېلىشتى. ئۇلار پەرھاد بۇرۇن ئىشلىگەن 2- قۇرۇلۇش رايونىنىڭ 3- ئەترىتىگە تېلېفون بەردى. تېلېفوننى ئەترەت شۇجىسى ئېلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: «پەرھادنى بىز ئاللىبۇرۇن ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. ھېيت كۈنى يېقىنلاشماقتا ئىدى. پەرھاد بىرەر ھەپتىن بېرى شىكەر سۈيىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يېمەيتتى. يېسىمۇ قەي قىلىپ ياندۇراتتى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا ئىدى. زىۋىدەم ئانا كۈندە ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرغان دورىمۇ كۆپ تەسىر قىلالمىدى. زىۋىدەم ئانىنىڭ تەشۋىشى كۈچىيىۋاتتى. ئۇ ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى بولۇشىغا قارىماي ئۈمىدسىز ھالدا ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرەخلىقتە چىۋىنغا يەن بولۇپ، توپا- چاڭغا مىلىنىپ ياتقان پەرھادنىڭ يېنىغا كەلدى، پەرھادنىڭ كۆز چاناقلىرىدا چاپاق ئۆرلەپ قالغانىدى . كېسەل ئادەم ئۆلۈمگە يېقىنلاشقانداق كۆزى چاپاقداپ قالىدىغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن زىۋىدەم ئانا پەرھادنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ باغچا ئالدىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ، كۆپچىلىك ئۆزلىرى پۇل يىغىش قىلىپ پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇشتى، كاۋاپچىلار، باققاللار، سامسىپەرزلەر ئىختىيار قىلغۇچىلار ئاز- تولىدىن پۇل تاشلىدى. بىر پەستە يىگىرمە نەچچە كوي پۇل يىغىلدى. قالغان پۇلنى زىۋىدەم ئانا ئۆزى چىقىرىپ پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولدى، دەل شۇ سائەتتە زىۋىدەم ئانىنىڭ تۇرپاندىكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كەلدى ظذ، پەرھادنىڭ ئىشىنى بالىلىرى ۋا جامائەتچىلىككە تاپشۇرۇپ، ئۆلۈم پەتىسى ئۈچۈن تۇرپانغا كېتىپ قالدى. ظذ، پەرھاد بىلەن يىغلاپ خوشلاشتى.
جامائەتچىلىك پەرھادنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئالدىراشتى. بىراق، پەرھاد دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلدى. ظذ: «مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمەن. مېنى تىنچ ياتقىلى قويۇڭلار، مېنى قوزغىماڭلار» دەپ كۆپچىلىككە يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن نومۇس قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق سۆرىلىپ يۈرۈشى ئاتا- ئانىسى ئۈچۈن تۈگىگۈسىز بىر كۆڭۈل غەشلىكى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن، ئاتا- ئانىسىنىڭ جامائەت ئالدىدىكى خۇدۇكچىلىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆلۈشنى خالايتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى. شۇ كۈنى كېچىسى سىڭلىسى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى ۋە ئاكىسىنى قۇچاقلاپ يىغلىدى. پەرھاد سىڭلىسىغا تەسەللىي بەردى ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ «ئانامنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى» دېدى. ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانسېرى، ئانىسىنى شۇنچە كۆرگۈسى كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقى توغرىسىدا كەچۈرۈم سوراشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى كۆز يېشى قىلىپ، تۈن قاراڭغۇسىدا پەرھاد ياتقان بۇ يول بويىدىن كېتىپ قالدى. پەرھاد كېچىچە ئانىسىنى خىيال قىلىپ چىقتى. ظذ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئانىسىنىڭ ئەركىلەتكەنلىرىنى، مەڭزىگە سۆيگەنلىرىنى، قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، ئانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئانىلىق مېھرىگە تولغان ئىللىق چىرايى، مېھرىبان كۆزلىرى ئەكس ئەتتى. ئۇ جىيالىدا ئۆزىنىڭ 4-5 ياشلىق ۋاقتىغا قايتتى. يۈگۈرۈپ كېلىپ ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا چىقتى. ئانا ئۇنى ئەركىلىتىپ سۆيدى. ظذ، ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى... پەرھاد شۇ خىياللارنى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بىرى كۈلكە كۆرمىگە چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم پەيدا بولدى. بىر پەستىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئۆچتى. ئۇنىڭ خىيالى بۆلۈنگەنىدى. ئۇ ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ- كىچىك تىندى. ئۇ ئۆمرىدە ئانىسىنى خۇشال قىلغۇدەك تۈزۈكرەك بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ كۆيلى بۇزۇلدى. ياندا ئۆز تاۋۇزلىرىنى ساقلاپ ياتقان تاۋۇزچى پەرھادنىڭ «ئانا! ئانا!» دەپ سۇس ئىڭىرىشىنى ئاڭلاپ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، پەرھادنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ پەرھاد، مەن ئاناڭنى چاقىرىپ كىلەيمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرھاد بېشىنى چايقىدى. ئۇ كۆڭلىدە بۈگۈن كېچە ئانىسىنى چوقۇم ئۇنىڭ يوقلاپ كېلىپ قالىدىغانلىقىدەك سىزەتتى. ئۇ «شىپىر» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن بېشىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇراپ قارىدى. بىراق، ئانىسى كەلمىدى. ئۇ كېچىنى تەقەززارلىق بىلەن ئۆتكۈزدى. ئانىسى بولسا كەلمىدى. تاڭ سۈزۈلدى، پەرھادنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلدى. ئاستا- ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.
1986- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى. ھەممە ئادەم. ھەممە ئائىلە ھېيت تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ كۈنى پەرھادنىڭ بىر نەچچە دوستلىرى ئۇنىڭ يوقلاپ كەلدى. پەرھاد ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ: «مەندىن رازى بولۇڭلا» دەپ ئۇلار بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ دوستلىرى ھېيت ھارپىسىدا پەرھادنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ شۇندا دەۋاتسا كېرەك ئويلاتتى. ظذ، شۇ كۈنى راڭپىزا سېتىۋاتقان خۇيزۇ بوۋاي يۈي دېجاڭغا ئىشارەت قىلدى. يۈي دېجاڭ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. پەرھاد جامائەت يىغىش قىلىپ بەرگەن يىگىرمە نەچچە يۈەن پۇلنى يانچۇقىدىن ئېلىپ: «مەن بۇ يىل سىزگە 32 يۈەنگەن قەرىزدار بولدۇق. ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئاز بولسىمۇ بۇ پۇلنى ئېلىڭ، پۇلنىڭ قېپقالغان قىسمىغا رازى بولارسىزمۇ؟» دېدى-دة، قۇلىدىكى پۇلنى يۈي بوۋايقا تۇتقۇزدى. يۈي بوۋاي يۈي بوۋاي كۆزىگە ياش ئېلىپ: «مەن كوچىدا ئۇنتۇپ كېتىپ قالغان 400 يۈەن پۇلنى تېپىپ ماڭا ئاپىرىپ بەرگەن ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇمايمەن، پۇلىڭىز ئۆزىڭىزدە تۇرسۇن. 32 يۈەن ئۈچۈن مەن رازى» دېدى ۋە پەرھاد بەرگەن پۇلنى يەنە ئۇنىڭ تۆش يانچۇقىقا سېلىپ قويدى. پەرھاد ماگىزىنچى ليۇ شۆلۈيگە ئىشارەت قىلدى. لىيۇ شۆ لۈي پەرھادنىڭ يېنىكغا كەلدى، پەرھاد: «مەن سىزدىن ھاراق ئىچتىم، يەيدىغان نەرسە ئالدىم. مەندە 20 يۈەندىن ئارتۇق پۇلىڭىز بار، مانا بۇ پۇلنى ئېلىڭ!» دەپ، يۈي بوۋاي ئالغىلى ئۇنىمىغان پۇلنى لاۋليۈنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ليۇ پىركازچىك: «مەن سىز ئىچكەن ھاۋاقلارنى، يېگەن نەرسىلەرنى سىزگە ھەقسىز بەردىم. مېنىڭ سىزدە پۇلۇم يوق» دەپ پەرھادتىن پۇلنى ئالمىدى. پەرھاد شۇ كۈنى كۆپ ئادەملەر بىلەن ۋىدالاشتى...
كەچ كىردى، ھارپا ئاخشىمى ئۆي- ئۆيلەر خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۈمگەنىدى. بىر قىسىم كىنۇ- تىياتىرخانىلاردا ھېيتنى تەربىكلەپ ئويۇن قويۇلۇۋاتقان بولسا، بىر قىسىم ياشلار سورۇندا جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە تانسا قىزىتىۋاتاتتى. بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا بولسا زىياپەت بولۇۋاتاتتى، رۇمكا ئۇرۇشتۇرۇلۇۋاتاتتى. بىر مۇنچە ئائىلىدىكىلەر مەخسۇس قۇربان ھېيتقا ئاتاپ تېلېۋىزوردا بېرىلگەن ناخشا- مۇزىكىلاردىن لەززەت ئېلىۋاتاتتى. ھەممە ئائىلىلەر يىراق- يېقىندىكى بالا- چاقىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشقانىدى. ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئائىلىدىكەرنىڭ چەت ئەلدىكى توغقانلىرى قۇبان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ كېلىشكەنىدى. ھەممە ئائىلىلەردە خۇشاللىق تەنتەنە قىلماقتا ئىدى. جۈملىدىن پەرھادنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ھېيت پەيزىگە چۈمگەنىدى. ئانا بولسا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلدىكىلەرنىڭ يېڭى كېيىملىرىگە دەزمال سېلىۋاتاتتى. ئۈستەل ئۈستىگە بولسا ئەتە ھېيت ئۈچۈن تەييارلىغان ساڭزا، ھەرخىل پىرەنىك، نازۇ-نېمەتلەر توشۇپ كەتكەنىدى. ئەتە قۇربانلىق ئۈچۈن سويىدىغان قوي بالكوندا باغلاقلىق ئىدى. چىرايلىق بىزەلگەن بۇ ئۆي غەمدىن يىراق ئىدى. مۇشۇ سائەتتە ئۆزلىرىدىن يۈز مېتىردەك نېرىدا توپىغا مېلىنىپ، جان تالىشىۋاتقان بىر ئىنساننىڭ يەنى شۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىغا ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان بىردىنبىر ئوغلىنىىڭ باغلىقى ئۇلارنىڭ ئېسىدە يوق ئىدى.
پەرھاد سېمونت تاختاي ئۈستىگە گاھ ھوشىدىن كېيىپ، گاھ ھوشىغا كېلىپ ياتاتتى، ئۇ ئاغرىق ئازابىدا بىر تولغانىدى- سېمونت تاختاي ئۈستىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ يەنە ھوشىدىن كەتتى، خېلىدىن كېيىن ھوشىغا كەلدى. ئۇ نېمىدىندۇر قاتتىق قورقۇۋاتاتتى. ئۇ پەقەت «ئانا! ئانا!...» دەپ سۇس ئىڭىرايتتى. ئۇ سېمونت تاختاي ئۈستىگە چىقىپ يېتىش ئۈچۈن مىدىرلىپ باقتى، ئەمما ئورنىدىن تۇرالمىدى. ئۇ «ئانا! ئانا!...،» دەپ ئىڭىرايتتى.
1986- 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشقا تەييارلىنىپ چىققانلاردىن بىرەيلەن پەرھادنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ پەرھادنى سېمونت تاخيات ئۈستىگە ئېلىپ قويۇش ئۈچۈن باردى-دة، پەرھادنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردى. جامائەت بىر- ئىككىدىن بۇ يەرگە يىغىلدى. پەرھادنىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭ نەپەس ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. پەرھادنىڭ ئانىسى بۈگۈن ئەتىگەن ھېيتلىق ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان توق رەڭلىك ئېسىل كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا ئاق كۆڭلەك كىيىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئائىلە ئادەملىرى مەھەللىدىكى جامائەتنىڭ نەپرەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى ئاستىدا پەرھادنىڭ جەسىتىنى ھارۋىدا سۆرەپ ئۆيىگە ئېلىپ مېڭىشتى. نەچچە يىل ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، سانسىزلىغان كېچىلەردە دېرىزىسىگە تەلمۈرۈپ قاراپ ئۆتكەن، ھاياتىدا ئۆيگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىگەن پەرھادنىڭ جەسىتى ئۆيگە كىردى. ھايات چېغىدا ئانىنىڭ «بالام» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاشنى ئارمان قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ سۆزنى ئاڭلاش شەرىپىتىگە ئىگە بولالمىغان پەرھادنىڭ جەسىتى «بالام، پەرھاد بالام!» دېگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
جامائەت بىردىن- ئىككىدىن ئۆلۈم پەتىسىگە كېلىشكە باشلىدى. ئاتا- ئانىنىڭ گۇناھكار كۆزلىرى بولسا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن جامائەتكە قاراشقا پېتىنالمايتتى. پەرھادنىڭ باغچا ئالدىدىكى تۆت يىللىق ئېچىنىشلىق چاياتىغا گۇۋاھ بولغۇچى تىجارەتچىلەر ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر پەرھاد ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە ئىدى.
ئازاب- ئوقۇبەتتىن، بۇ دۇنيانىڭ تۈگىمەس خورلۇقلىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلغان پەرھاد گويا ئۇيقۇغا كەتكەندەك تىنچ ياتاتتى.
——تىما مەنبەسى:misiranim  تۇربىتى
Web شەيدا تورى [www.webxayda.cN]
ئەسكەرتىش-بۇۋەقەراس بۇلغان ۋەقە ۋەقەمەزمۇنى ئۇزگەرتىلمىگەن ئەسلى ۋەقە
[ بۇ يازما musapir2933 تەرپىدىن2009-03-06 03:21دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-04, 02:58

 

ئۇلۇغ ئاللاھنى بىلىمىز،لىكىن ئوزىمىزنى بىلمەيمىز
مەرھەمەت قىلىڭ!http://www.webxayda.cn
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-04 05:01 |
شەبنەم تور رادىئوسى
uykujan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15873
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 590
شۆھرەت: 591 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7883 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1337(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ھەجەپ ئىچىم ئاغىردى. توۋا دىمىسە بىكار جۇما!    

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:26 |
شەبنەم تور رادىئوسى
nigara616
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 9683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1353
شۆھرەت: 1353 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 13417 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1002(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

بۇ راس بولغان ۋەقەمۇ ياكى ؟
بۇ قايسى بىر كىتاپتىكى مەزمۇنغۇ؟
مەن بۇ كىتاپنى تۇلۇق ئوقۇغان ،،،ئەجەپ ئىسىمگە كەلمىدى يا ،،ئۇ كىتاپنىڭ ئىسمى ،،،،             

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:27 |
nigara@
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73835
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

بىتەلەي پەرھات،ھەجەپمۇ ئىچىم ئاغرىدى مىنىڭ،ئۇنىڭ ئانىسىدىن قاتتىق نەپرەتلەندىم.ھىچقانداق بەندە ئۇ كۇنگە قالمىغاي.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:27 |
atilla705
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

بۇ راس بولغان ۋەقەمۇ

ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈپ كۆرۈپتىكەنمەن  ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:36 |
بىغۇبار
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 65182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ جاھاندا ھازىر.....

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:39 |
xjaks
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 982 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4111 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

دىمىسىمۇ پەرھات بەك ئىچىم ئاغىرىدى ..بۇ جاھاننىڭ خۇۋلىقىنى كۆرمەيلا كەتتى ...ئادەم دىگەن.ئاجايىپ مەخلۇق ....

ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 11:48 |
uzi
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 259
شۆھرەت: 260 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2585 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئەتىگەندىلا كۆز يېشى قىلۋالدىميا؟؟   

شىنجاڭ تور مەكتىپى
دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:04 |
muslima1223
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

                          

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:20 |
muslima1223
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

يازما سېتىش باھاسى 1 شەبنەم پۇلى ، ھازىر 10 كىشى سېتىۋالدى
ئەزالارنىڭ يازما سېتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىسىڭىز باشقۇرغۇچىغا خەۋەر قىلىڭ !

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:21 |
gvlara
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 50693
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 513
شۆھرەت: 804 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4468 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 511(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

جاھاندا مۇنداق ئانىمۇ بارمىدۇ ،ئۆز يۈرەك پارىسى ئازاپ چىكۋاتسا كارى بولمايدىغان

شىنجاڭ تور مەكتىپى
دەرىزەڭنى كەڭ ئىچىپ،<< مەن بەختىلىك! >>دەپ توۋلا.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:23 |
F_117
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72155
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 799 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

كۆڭلۈم ئەجەپ يىرىم بولدى ،راست ۋەقەمۇ ياكى؟

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:29 |
25NASEYME
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70980
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 189
شۆھرەت: 189 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

بەك كۆڭلۇم يىرىم بولدى ،نىمىدىگەن ئىچىنىشلىق

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:44 |
tumar0902
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69886
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 67
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 218(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئەجەپ كوڭلۇم يېرىم بولدى، بۇ راس بولغان ۋەقە بولماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن، ئاشۇنداقمۇ ئانا بولامدۇ بۇ جاھاندا؟ ................................

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:50 |
dunyakar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 89 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقەمۇ؟  نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق!!! ھۆكۈمەت قانۇن ئارقىلىق بالىلارنىى خورلىغانلارنىڭ جاجىسىنى بەرسە دەيمەن!!!      

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 12:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 06:34, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ