خوتەن ناھىيىلىك چىرا ناھىيە چىرا يېزا 5-دادۈي 4-شىياۋدۈي ئاھالىسى ئوبۇل ھەسەننىڭ 17ياشلىق قىزى بۈۋەجەر تۇغۇلىشىدىلا تۇغما خاراكتىرلىك تاشقى جىنسى ئەزاسى غەيرىي تۇغۇلۇپ قالغان بولۇپ،سۈيدۈك تۇتالماسلىق ،داس بوشلىقى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قاتارلىق بىر قاتارلىق كىسەللەر بىلەن چىرا ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئوپراتسىيە قىلىنغان (ئوپراتسىيىگە50مىڭ يۈەن كەتكەن)بولسىمۇ كىسىلى شىپا تاپماي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن .ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارنىڭ ئىنچىكە دىئاگونوز قويۇش نەتىجىسىدە يۇقارقى كىسەللەردىن باشقا يەنە سۈيدۈك يولى تۇغما يوق بولۇش دىگەن دىئاگىنوز قويۇلۇپ ،سۈيدۈك يولىنى سېلىش ئوپراتسىيىسىنى قىلىش ئالدىدا ئىكەن،مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيىگە100مىڭ يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت كىتىكەن.
بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى دىھقان ئائىلىسى بولۇپ،دىھقانچىلىقتىن قىلغان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن،شۇڭا قىزىنى داۋالىتىشتا ئېغىر ئىقتىسادى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.
ئىشىنىمىزكى جەمئىيىتىمىزدىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىللىق قولى بولىدىكەن بۈۋەجەر بىر كۈن بولسىمۇ ئارىمىزغا بالدۇر قايتىپ كىلىدۇ.
بۇ قىزنىڭ ھازىر داۋالىنىۋاتقان ئورنى :ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتناش تارماق دوختۇرخانىسى،سۈيدۈك بۆلىمى 2-قەۋەت،33-كارىۋات.
ئالاقىلىشىش ئادرىسى:خوتەن ۋىلايەتلىك چىرا ناھىيە چىرا يېزا 5-دادۈي4-دۈي ئوبۇلھەسەن.
تېلفۇن: رابىگۈل 13565420439
گۈلنىسا 0991-8982260
بانكا كارتا نومۇرى(يېزا ئىگىلىك بانكا )49819 04909 8089 95599
热比罕。麦麦提艾萨