ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2516 - كۆرۈرمىنى
چالىقۇش
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70565
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 590 سوم
تۆھپە: 65 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 296(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 دوزاققا بەنىت قىلىنغان قىز(چالىقۇش)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما tughrul تەرپىدىن (2009-03-03)دە نادىرلاندى
دوزاققا بەنىت قىلىنغان قىز
(ھىكايە)
ئاتامغا نىمە دەپ يىغلاي،
ئانامغا نىمە دەپ يىغلاي.
ئىتىمنىڭ ئالدىدىن ئاشقان،
ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي.

                     ئاتام بىلمەيدۇ ھالىمنى،
                     ئانام بىلمەيدۇ ھالىمنى.
                       ئەگەر ئۆلسەم كىشىم بارمۇ،
                      يۇقلارغا قەبرە باشىمنى.
(خەلق ناخشىسى)


    بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تارتىپ ئۆم- ئىناق ئىدۇق، باشقىلارغا قۇلىمىزدىن كىلشچە ياردەم قىلاتتۇق، ھەتتا مۆرىتى كەلسە جىنىمىزنى تەقدىم قىلىشتىنمۇ باش تارتمايىتتۇق، ئەمما بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئىسىل ئادىمىيلىك مىزانلىرى مەدىنىيلىششىنىڭ گۇڭگا تۇمانلىرى ئارسىدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى <<ئادەم ئۆزىنى ئويلىمىسا ئۇنى يەر يۇتىدۇ>> دەيدىغان ناچار خاھىش ئىگەللەپ كەتتى(گەرچە بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپ سانلىقنى ئىگەللىمىسىمۇ) ھەتتا  بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزنىڭ تويماس بالا نەپسىنى قاندۇرۇش يۇلىدا ئانىسىنى سىتىۋىتىشتىنمۇ باش تارتمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، مەن تۇۋەندە سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان قىز ئەنە شۇنداق نەپسى بالارلارنىڭ تويماس نەپسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بېرى،ئۇ غۇلجىدىن بۇلۇپ ئەمدىلا ئىككى ياشتىن سەل ئاشقاندا ئۆز ئۈيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئويناۋاتقان، ئاپىسى ھاجەتكە كەتكەن پۇرسەتتە ئادەم بىدىكلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ، ئىچكىرىدىكى مۇشۇ دوزاققا بەنىت قىلىۋىتىلگەن، ئۇ شۇ چاغدا بەك كىچىك بولغاچقا ئىمام ئاخۇن ئەرزان توۋلاپ قويغان ھەقىيقى ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى ، ئاتا- ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايى بولسا تىىخمۇ ئىسىدە يوق ،ئۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بۇلىشىغا قارىماي، ئىنسان يۈز يىل ياشاپمۇ يۇلۇقمايدىغان ئىچىنىشلىق قىسمەتلەرگە ئۇچرىدى، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر خورلاندى، ئېغىر كۈلپەت چەكتى، ئۇنى بۇ كۈلپەتلەرگە دۈچار قىلغىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىق ،ئىپلاس ، مىللەت خائىنى بولغان ئەمەت داتو قاتارلىق ئادەم بىدىكلىرى، مانا يېرىم كۈندىن ئاشتى، ئۇ بىچارە بۈگۈن يەنە بىر قىتىم خورلىنىپ ،يېرىم كۈندىن بېرى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ھۇشسىزياتماقتا ، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۈتكەنلىكى نامەلوم ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ،بۇلۇپمۇ دۈمبىسى ۋە بەلنىڭ تۈۋەن قىسىمىدىكى نازۇك ئەزانىڭ يۈرەكتىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق ئىچىشىپ ئاغرىشى ئۇنى ئىسىگە كەلتۈردى،ئۇ كۆزلىرىنى مىڭ تەستە ئىچىپ ،ئەتراپقا نەزەر سالدى، ئۆي ئىچى شۇ قەدەر قالايمىقان بۇلۇپ گويا ئەتىگەندە يۈز بەرگەن ئىچىنىشلىق پاجىئەنى كىملەرگىدۇ شىكايەت قىلماقچى بولغاندەك مۇڭلىنىپ تۇراتتى، كىيىم كىچەكلىرى پارچە-پارچەيىرتىلىپ ، ئاستىدىكى كىرلىكمۇ پۇرلشىپ ۋە يىرتىلىپ ئۈستى قان بىلەن بۇيالغانىدى، ، ئۇ ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇددى مەسىت بۇلۇپ قالغان ئادەمدەك دەللەڭشىپ، تاملارغا تاينىپ دىگەندەك تازلىق ئۈيىگە كىردى، ۋە ئەينەكتىن دۈمبىسىنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپلا ئادەمنىڭ ئىچى سىرلىغۇدەك دەرىجىدە ھۆكىرىپ يىغلات كەتتى، چۈنكى ئەمەت داتونىڭ ئۇغلى قاتارلىق بىر نەچچە ھايۋان بىرلىشىپ ئۇنى خالىغانچە ئاياق- ئاستى قىلغىنى يەتمىگەندەك ،ئۇنىڭ دۈمبىسىگە<< ئۈمرىدە كۈرمىڭ ئەرنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرلەرنىڭ كۈڭلىنى ئىلىشنى بىلمەيدىغان جا...>> دىگەن خەتلەرنى چىكىۋەتكەنىدى، ئۇ ھاۋانىڭ سۇۋۇپ كەتكىنىگە قارىماي مۇزدەك سۇغۇق سۇنى چۈشۈرۈپ دۈمبىسىنىڭ جاننى ئالغۇدەك ئاچچىق ئىچىشىشىغىمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالەتتە ئەلەملىك ياش تۈككىنىچە دۈمبىسىنى كۈچەپ ئۇۋىلاپ يۇيۇشقا باشلىدى، ،ئەمدى بۇ ئاھانەتلىك خەت ئۇ ئۈلۈپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدىكى، ئۇنىڭ جىنى قاخشىغاندىن باشقا خەت ئۈچۈپ كىتەي دىمەيىتتى ئەكسىچە يارا ئاغزىدىن قانلار يەنە سىرغىپ چۈشكىلى باشلىدى، ئۇ يۇيۇنۇپ بۇلۇپ قايتىپ چىقىپ كىيىنگەندىن كىيىن ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇن يىغلىدى،
  - دادا-ئاپا سىلەر نەدە، قىزىڭلارنىڭ نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتامسىلەر؟ تىز كىلىپ مىنى بۇ دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۋالساڭلارچۇ، ئاپا نىمىشقىمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغانسەن مىنى ،بۇ كۈنلەرگە قىلىشمىنى بىلگنسەنمۇ-ھە،كاشكى قۇسىقىڭدىكى چاغدىلا ئۈلۈپ كەتكەن بولسامچۇ،ئاھ خۇدا جىنىمنى تىزرەك ئالساڭچۇ، مىنى نىمىشقىمۇ بۇنداق جازالايدىغانسەن-ھە!!!
    ئۇ ئۇن نەچچە يىلدىن بېرى تالاي قىتىملاپ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىگەمگە ۋە ئاتا- ئانىسغا نالە قىلىپ ياش تۈكتى، ياق ،قان تۈكتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۈڭلىگە سالمايۋاتامدىكىن ئاتا- ئانىسى تا ھازىرغىچە ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالغىلى كەلمىدى، مانا بۈگۈن ئەتىگەن ئەمدىلا ئورنىدىن تۇراي دىيىشىگە ئۇ ياتقان ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكنى كىملەردۇ مۇشىتلاپ تەپكىلى تۇردى، ئۇ ئالمان-تالمان كىينىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى،يەنە شۇ ئەمەت داتونىڭ تەلۋە ئوغلى .......
     ئۇ قۇرقۇپ كەتكىنىدىن لاغىداپ تىترىگىنىچە كەينىگە چىكىنىشكە باشلىدى، چۈنكى ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى تالاي قىتىملاپ ئۇنىڭ بوزەك قىلشىغا ئۇچراپ كەلدى، بۇ تەلۋە ھەمىشە دادىسى ئاپىسىنىڭ شىنجاڭغا بالا ئۇغرىلىغىلى كەتكەن،ياكى كىچىككىنە يوق بۇلۇپ قالغان پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى خالىغانچە ئاياق –ئاستى قىلاتتى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم بۇ مەخلۇقلارنى يۈرىكى بىلەن قۇشۇپ ياراتمىغانمىكىن، ئىچ ئاغرىتىش، رەھىم –شەپقەت دىگەن ئۇقۇملار بۇلارغا يات ئىدى ،ئەكسىچە بىچارە قىز قانچىلىك ئازاپلانسا ئۇلار قىزنىڭ تاماشىسىنى كۆرەتتى، مانا بۇ قىتىممۇ شۇنداق بولدى، تەلۋە قىزنىڭ كەينىگە داجىۋاتقىنىنى كۆرۈپ خۇيى تۇتتى- دە ئىتىلىپ بېرىپ قىزنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىدىن قاماللاپ تۇتۇپ،ئۇنى كارۋاتقا باستى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرگەن بىر نەچچە لۈكچەكمۇ(تۇۋۋا، ئادەم دىگەن ئاجايىپ بىر مەخلوق، بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدا قىزغا ئۇخشاش تۇتۇپ كىتىلگەن، ياكى ئالدىنىپ كىلىپ قالغان بالىلاردىن ئون نەچچىسى بۇلۇپ ئەمەت داتو ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارمۇ ئۇخشاشلا خورلىنىپ ئىتتەك كۈن ئۈتكۈزىدۇ، ئەمەت داتولار بۇلارنى مەخسوس ئوغرىلىققا سالىدۇ، ناۋادا قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدىغان بولسا بەدەنلىرىگە تاماكا يىقىپ، ئىسىۋىتىپ تاسما بىلەن ھېرىپ ھالىدىن كەتكىچە ئۇرۇپ، نەچچە كۈنلەپ ئاچ قۇيۇپ جازالايدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇلارمۇ قىز بىلەن تەغدىرداش، قائىدە بۇيىچە ئېيىتقاندا ئۇلار قىزغا ئىچ ئاغرىتىشى ، ئۇنى ئاسراپ قوغدىمىقى لازىم ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ يۈرىكىنى ئىت يەپ كەتكەنمىكىن ، ئازراق ئىپى كىلىپ قالسا ئۇلارمۇ قىزنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى قاندۇرىشاتتى، قىزنىڭ يىلىنىپ-يالۋۇرۇشلىرى، ئاھۇ- پەريادلىرى بىلەنمۇ كارى يوق، قىلغۇلىقىنى قىلىۋىرەتتى) ئىتىلىپ كىلىپ تەلۋىگە ياردەملىشىپ قىزنىڭ پۇت-قوللىرىدىن بىسىپ تۇتۇپ بەردى، تەلۋە قىزنىڭ كىيىملىرىنى ئەسەبىيلەرچە يىرتىپ سالدۇرغىلى تۇردى، قىز جىنىنىڭ بېرىچە تىركىشىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، يىغلاپ نالە قىلدى، تەلۋە تىخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ،قىزنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تىپىۋەردى قىز ھالسزلىنىپ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغاندا تەلۋە ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى چىشلەپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، ئۆز ھايۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن ، كىيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرگەنلەر نۆۋەتلىشىپ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى،  بۇ چاغدا قىز  ئاللىقاچان ھۇشىنى يۇقاتقانىدى، ئەمما ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن تۇختاپ قالماي قىزنى دۈم قىلىپ ياتقۇزۇپ،دۈمبىسىگە خەت چىكىشكە باشلىدى،قىزنىڭ دۈمبىسىدن قانلار سىرغىپ چۈشۇۋاتقان بولىسىمۇ، ئەمما ئۇلار خۇددى بۇنى كۆرمەيۋاتقاندەك ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋەردى، بىر ھازالاردىن كىيىنلا ئىشىنى تۈگىتىپ تىخىچە ھۇشىنى بىلمەي ياتقان قىزنى شۇ پىتى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىشتى.
     شۇنداق، قىز تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىسى ئالەمچە خوش بۇلۇپ قىزىمىز ئارزولۇق چوڭ بولسۇن دەپ<< ئارزىگۈل>> دىگەن ئىسىمنى قويۇپ ئۇنى كۆز قارچوغىدەك  ئەتىۋارلاپ باققانىدى،ئەمما بۇ ئىسىم قىزغا ئامەت ئىلىپ كىلەلمىدى، << بالا- قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت-قۇلىنى ساڭگىلىتىپ>> دىگەندەك ئۇ تىخى ئەمدىلا ئىككى ياشتىن ئۈچ ئايلىق ئۆتكەندە ئەمەت داتولار تەرىپىدىن ئەپقىچىلدى، شۇنىڭدىن تارتىپ قىزنىڭ قاباھەتلىك كۈنلىرى باشلاندى، ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاتا- ئانىسىغا خالىغانچە ئەركىلىيەلمىدى، قىنىپ بەختىيار ۋە غەمسىز ھالدا ئويىنىيالمىدى، ئاتا- ئانىسى ئۇنى تەرەپ- تەرەپتىن ئىزدەۋاتقان دەملەردە ئەمەت داتو ۋە ئۇنىڭ ئايالى قىزنى كۈتىرۋىلىپ شاڭخەي شەھرىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىدە ئۇغرىلىق قىلىپ يۈرەتتى، چۈنكى بالا ئۇلار ئۈچۈن ناھايتى ياخشى قالقان ئىدى، چۈنكى باشقىلار بالا كۈتۈرۋالغانلاردىن ئاسان گۇمان قىلمايىتتى، ھەم سەزگۈرلىكىنى بۇشاشتۇرۇپ قۇيۇپ ،ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى،ناۋادا ساقچىلار تۇتۇۋىلىپ قالسىمۇ بالىغا قارايدىغان ئادەم<<يوق>> بولغاچقا تىزلا ئۇلارنى قۇيۇپ بېرەتتى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلىسىمۇ ئاقمايدىغان بۇلۇپ ، كىشىلەر ھۇشيارلىقىنى ئۈستۈرگەچكە گاھى ھىچنەرسە ئۇغرىلىيالماي قالاتتى، بۇ چاغدا ئۇلار پۇتۇن دەردىنى تىخى ئاق- قارىنى پەرىق ئىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن سەبىئى قىزچاقتىن ئالاتتى، ئەمەت داتونىڭ خوتۇنى گەرچە نەچچە بالىنى تۇغۇپ باققان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭدا باشقا ئانىلاردا بۇلىدىغان، مىھرىبانلىق ،كۈيۈنۈش دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق بۇلۇپ،بەئەينى ئايال ئالۋاستىنىڭ ئۆزى ئىدى ، قىزنى ئېردىنمۇ بەك خورلايىتتى، قىزنىڭ بالىلىق ھاياتى مانا شۇنداق ئىچىنىشلىق كۈلپەتلەر ئىچىدە ئۆتتى، قىز ئون ياشقا كىرەر كىرمەي تۇرۇپلا ئۇغرىلققا سىلىندى، ئاخشىمى قايتىپ كەلگەندە خۇجايىن خىنىمنىڭ  ئۇچىسىنى تۇتاتتى، ئون-نەچچە ئادەمنىڭ كىر-قىتىنى يۇياتتى، ناۋادا ئايال ئالۋاستى بولماي قالسىلا ئەمەت داتو ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تىگەتتى، ئۇنى خالىغانچە دەپسەندە قىلاتتى، تىخى بۇمۇ يەتمىگەندەك ئەمەت داتونىڭ تەلۋە ئوغلى ۋە قىزنىڭ تەغدىرداشلىرى بولغان ئاشۇئۇن نەچچەيلەنمۇ، ئازراق پۇرسەت تاپسىلا ئۇنى بوزەك قىلىپ ئۆز ھاۋايى –ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشاتتى، قىز13-14 ياشلارغا كىرگەندىن باشلاپ ئۇنى خىرىدار كۈتكىلى سىلىشتى، قىز ئۇنىمىسا ئۇنى ئىسىۋىتىپ پۈتۈن بەدىنى تىتما-تىتما بۇلۇپ كەتكىدەك ئۇرۇپ قىينىدى،ئۇ مانا مۇشۇنداق يىمىگىنى زەھەر، كەيمىگىنى كىپەن بۇلۇپ، قاتتىق خورلۇق، ۋە ئازاپ ئىچىدە بۇگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى، ئۇ بۇ جەرياندا ياشاشتىنمۇ تۇيۇپ  ئاللادىن تىزرەك جىنىنى ئىلىشنى تىلىدى، ئەمما ئۇ يا تاياق ۋە خورلۇق ئىچىدە ئۈلۈپ كەتمەي، يا ئاللاھ ئىگەم ئۇنىڭ جىنىنى ئالماي ،ئاخىرى <<گۇناھ بولسىمۇ بۇلار>> دەپ ئويلاپ ،نەچچە قىتىم تۇمۇرىنى كىسىۋالدى، ھەپتىلەپ ئاغزىغا لۇقما سالماي ئاچلىقمۇ ئېلان باقتى، ئەمما تەقدىر خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىۋاتقاندەك، ھەر قىتىمدا ئۈلۈۋىلىش قەستى ئەمەلگە ئاشماي، سىزىلىپ قىلىپ تۇمۇرىنى كىسىۋالسا جىددى قۇتقۇزۇپ، ئاچلىق ئېلان قىلسا قۇۋۋەت ئۇكۇللىرىنى ئۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇنى ئۆلگىلى قويمىدى،   بۇ مەلئونلار ئۇنىڭ بۇنداق ئاسانلا ئۈلۈپ كىتىشىگە ھەرگىزمۇ يول قۇيۇشمايىتتى، چۈنكى قىز ئۇلارنىڭ تىللا تۈكۈلىدىغان دەرىخى ئىدى، ئۇ يەنە نەچچە قىتىم قىچىپ كىتىشكە ئۇرۇنۇپمۇ كۆردى، ئەمما كەينىگە چۈشكەن پايلاقچىلار سىزىپ قىلىپ ئۆلگۈدەك تاياق يىدى.
  
          <<  سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر >>دىگەندەك ئۇنىڭغا ئاخىرى پۇرسەت كەلدى، ئەمەت داتو ۋە ئۇنىڭ ئايالى خىروئىن سودىسىغا چىتىلىپ قىلىپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلدى،بۇنىڭ بىلەن پايلاقچىلار ئۆز جىنىنىڭ غىمىدە قىزغا قاراشقا رەۋىتى قالمىغان پۇرسەتتە قىز قىچىپ چىقتى، ئۇ جىنىڭ بېرىچە يۈگۈرۈپ پويىز ئىستانسسىغا كەلدى، ۋە بىر ئاماللار بىلەن پويىزغا چىقتى، ئۇ كىچىك ۋاقىدىدىلاتۇتۇپ كىلىنگەچكە، ھىچ يەرنى ئۇقمايىتتى، يۇرتى، نەدە، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمۇ نىمە،؟بۇلارنى تىخىمۇ بىلمەيىتتى، زادى نەگە بېرىش كېرەك؟ ......
-نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز قىزىم؟ -قىز تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن بىشىنى كۈتىپ قارىۋىدى، كۆز ئالدىدا يۇغان سەللە ئورىغان، سۈتتەك ئاپپاق ساقاللىرى ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان، 60-65 ياشلار چامىسىدىكى بىر بۇۋاي تەسۋى سېرىغىنىچە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى.
- يۇرتۇمغا.....
-بەكمۇ خىيالچان كۆرۈنىسىز، بىرەر غىمىڭىز بار ئۇخشىمامدۇ، يۇرتىغا ماڭغان ئادەممۇ سىزدەك روھى چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرامدۇ؟ ئېيتىڭ قىزىم، سىزگە ياردەم قىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.
    <<قىزىم!>> ئاھ نىمىدىگەن يىقىملىق چاقىرىش بۇ ،ئىسىنى بىلگەندىن تارتىپ بۇنداق مىھرىبانلىققا ئېرىشىپ باقمىغان قىزغا ئالدىدا ئولتۇرغان بۇۋاي گويا خىزىردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى،ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى بۇۋاينىڭ قوينىغا ئىتىپ قانلىق يىغلاپ تۇرۇپ بىشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بۇۋايغا سۆزلەپ بەردى.بۇۋاي مىھرىبانلىق بىلەن قىزنىڭ باشلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە تەسەللى بەردى ، قىز ھارغىنلىق يەتكەنمۇ ياكى بۇ بەخىتتىن ئوبدانراق بەھىرلىنىۋالغىسى كەلدىمۇ، بۇۋاي بەرگەن ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كىيىن كۆپ ئۈتمەيلا شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى، بىچارە قىز شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ<< بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلغانلىقىنى>> ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى، سەللىنىڭ يۇغىنىنى يۆگەپ تۇختىماي تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغان بۇ بۇۋاي قانداقتۇر ئۆزى ئېيىتقانداق يىڭىلا ھەجدىن قايتىپ كەلگەن تەقۋادار مۇسۇلمان بەندىسى بولماستىن بەلكى ئىچكىرىدە سىسىق نامى پۇر كەتكەن،ئىچكىرى ساقچىلىرىنىڭ گۇماندارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ،ياخشى ئىشتىن باشقا ھەممىنى قىلىدىغان جىنايەتچىلەر شايكىسىنىڭ باشلىقى<< نىيازگاڭتو>> ئىدى،ئۇ ھەمىشە مۇشۇنداق دىنىنى زات ئولىما سىياقىغا كىرىۋىلىپ، ئۇيەر-بۇيەرلەردە قاتراپ يۇرۇپ، چىقىش يۇلى تاپالمىغان،بىشىغا كۈن چۈشكەن ساددا قىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇسۇلچى قۇبۇل قىلىش دىگەندەك تۈرلۈك ناملار بىلەن ئالداپ،ياكى ئەرزان باھادا سىتىۋىلىپ   كىلىپ ئۆزى ئاچقان پاھىشىخانىدا خىرىدار كۈتكۈزۈپ پۇل تاپاتتى ،ئۇ بۈگۈن ئەسلى باشقا بىر ئىشنى بىجىرگىلى ماڭغان بۇلۇپ ،كۆز ئالدىدا غەمكىن ئولتۇرغان گۈزەل قىزچاقنى كۆرۈپ نىيىتى بۇزۇلدى- دە،ئانچە كۈچىمەيلا قىزنى ئۆزىگە ئىشەندۈۋالدى، ئۆز ئولجىسدىن سۈيۈنگەن بۇ قېرى لۈكچەك تەسۋىسىنى قاياقلاردىدۇر چۆرۈپ تاشلاپ قانداقتۇ بىر ئاھاڭغا غىڭشىغىلى تۇردى.
-بۇ، قەيەر؟ بىر چاغلاردا ئىسىگە كەلگەن قىز سورىدى تىڭىرقىغىنىچە،
- بۇدىگەن تىيەنجىن،بۇ مىنىڭ تۇرالغۇم، مۇشۇ پۈتۈن بىنا مىنىڭكى ،ئاستىقنقى قەۋەت ئاشخانا، ئۈستى پاھىشىخانا، سەن بۈگۈندىن تارتىپ مۇشۇ يەردە ئىشلەيسەن، خاپىلىق تارتىپ قالماي دىسەڭ ئەڭ ياخشىسى يۇۋاش بول، مىنىڭ دىگىنىمدەك قىلساڭلا ،ساڭا زىيان يەتكۈزمەيمەن، بولمايدىكەن، تايىقىمدا ئۈلىسەن ئۇقتۇڭمۇ؟
-بۇ،بۇ،سىلى قانداق بۇلۇپ........، دادا ماڭا چاخچاق قىلمىغان بولسىلا، سىلى دىگەن يىڭىلا ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەن ھاجى ئەمەسمۇ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، سىلى ماڭا ئاتا- ئانامنى تىپىشىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگەنتىلىغۇ، ئازراقلا ئوخلىغاندەك قىلسام قانداقسىگە بىر دەمدىلا تىيەنجىنگە كىلىپ قالىمىز، سىلى مەن بىلەن چىقىشىۋاتىدىلا ،شۇنداقمۇ؟-قىز قورقۇش ۋە تىڭىزقاش ئىچىدە بۇۋايدىن سورىدى.
-مەن ساڭا بەرگەن ئىچىملىككە ئۇيقۇ دورىسى ئارلاشتۇرۋەتكەن،مىنىڭ چاخچاق-پاخچاق دىگەنلەر بىلەن خۇشۇم يوق، شۇڭا گەپنى ئازقىلىپ ماۋۇكىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ، ياسىنىپ ئۈستىگە چىقىپ مىھمان كۈت،يۇۋاش بول-ھە!-دىدى قېرى قىزغا كۈكرەكلىرى شۇنداق چوڭ، ئىتىكى ئىنتايىن نىپىز، ۋە قىسقا بىر كوڭلەكنى تاشلاپ بېرىپ.
-بول دەيمەن -قەھرىلىك ۋارقىرىدى ئۇقىزنىڭ جىمغىنە تۇرغىنىنى كۆرۈپ،
قورقۇپ كەتكەن قىز دەرھال يىشىنىپ قېرى تاشلاپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيگىلى تۇردى، قىزنىڭ سۈتتەك ئاپپاق بەدىنى ۋە ئالمىدەك كۈتىرىلگەن كۈكسىنى كۆرگىنىدە قېرىنىڭ كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ، قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى، قىز جىنىنىڭ بېرىچە قارشىلىق كۆرسەتكەنىدى،ئۇ دەرھال قول ئاستىدىكى نەچچەيلەننى ياردەمگە چاقىرىپ قىزنىڭ پۇت-قۇلىنى كارۋاتقا باغلىۋىتىپ، ئۆزنىڭ ھاۋايى –ھەۋىسىنى قاندۇردى، قىز ئۇنىڭغا چەكسىز لەززەت ئاتا قىلغانىدى، ئۇ گەرچە قېرىپ قالغان بولسىمۇ<<قېرىغاندا قېرى تارتۇق قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق>> دىگەندەك روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يەپ، قىزنى كۈندۈزى مىھمان كۈتكىلى سالسا كىچىسى ئۆزنىڭ خىزمىتىگە سالاتتى، چۈنكى ئۇنىڭغا ئىشلەپ بېرىدىغان قىزلار نۇرغۇن بولسىمۇ،ئەمما ھىچقايسىسى ئۇنىڭغا مۇشۇ قىزچىلىك ھوزور بېرەلمىگەنىدى،
    قىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈنى يەنىلا شۇنداق ئىچىنىشلىق ھالەتتە ئۈتتى، ئۇ مەيلى خالىسۇن –خالىمىسۇن، ئەۋرىتىنىمۇ ياپالمىغىدەك دەرىجىدە ئاز،ھەم نىپىز، كىيىملەرنى كىيىپ ،يۈز-كۆزىگە بۇلىشىچە گىرىم قىلىپ ،ساختا ناز كەرەشمىلىرى بىلەن مىھمان قۇبۇل قىلىش كېرەك ئىدى،  بۇ يەرگە كەلگەنلەردىن كۆپ قىسمىنىڭ سەۋىيىسى يوق قاراقۇساق ،لۈكچەك نەرسىلەر بۇلۇپ، قىزنى ئانىدىن تۇغما بۇلۇپ ئۇسۇل ئويناش....دىگەندەك ئىپلاس ئىشلارغا سالاتتى، پۇتۈن بەدەنلىرىنى چىشلەپ بەدىنىنىڭ ساق يېرىنى قويمايىتتى،قىز ئازراق قارشىلىق كۆرسەتسە ياكى ئۇلارنى رازى قىلالمىسا خىرىدارلادىن تىل ئىشىتىپ تاياق يىگەندىن باشقا نىياز گاڭتونىڭ قولچۇماقلىرىمۇ ئۇنى ئۆلگۈدەك تاياققا باساتتى، ئۇلار كۆپرەك پۇل تىپىش كۇيىدا قىزنىڭ ئادەت كۆرۈپ قىلىشى،ئاياللار كىسىلى بۇلۇپ قىلىشى بىلەنمۇ ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايىتتى، قىز پەقەت بۇلالماي قالغاندىلا ئاندىن ئۇنى شەخسى ئامبولاتوريىلەرگە ئاپىرىپ ئانچە-مۇنچە ئەسلىگە كىلىشگىلا يەنە ئىشىنى داۋاملاشتۇرغىلى سالاتتى، ئارىدىن بىرەر يىلدەك ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت كەلدى، نىياز گاڭتۇ ئۇچىغا چىققان لۈكچەك بولغاچقا كۆپ ئادەمنى رەنجىتكەنىدى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرتوپ ئادەم باستۇرۇپ كىلىپ ئۇنى ۋە قولچۇماقچىلىرىنى ئۆلگۈدەك ئۇرىۋىتىپ قىچىىپ كىتىشتى، قول ئاستىدىكىلرى ئۇنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى بىلىپ قاچىدىغىنى قىچىپ پۈتۈن بىنادا تىخى كىسەل كارۋىتىدىن ئەمدىلا تۇرغان بىچارە قىز بىلەن، مۇشۇ نىجىس قېرىلا قالدى، قىز ماڭماقچى بۇلۇپ ئىشىككە چىقىۋىتىپ توختاپ قالدى، ئۇ قىچىپ نەگىمۇ بارالايدۇ، ھىچيەرنى بىلمىسە، قاچقان تەقدىردىمۇ يەنە مۇشۇنداق ئىپلاسلارغا ئۇچرار،ئۇ يەنە ھۇشىنى بىلمەي يايقان بۇۋايغا قارىدى، مەيلى ئۇ ئۇنىڭغا قانچىلىك زۇلۇم قىلغان بولسۇن،قىز ئۇنى تاشلىۋەسە ئۇ ئىنىقكى ئۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئويلاپ ئويلاپ قىزنىڭ ئۇنى تاشلىۋىتىپ كىتىشكە رايى بارمىدى، ۋە ئۆزنىڭ يۇشۇرۇن يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئىلىپ تاكىسى چاقىرىپ بوۋاينى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدى،ئۆزى ئاياق –ئاستى قىلىپ خورلىقان قىزنىڭ شاپائىتى ۋە دۇختۇرلارنىڭ كۈڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە بوۋاي ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى، ئارىدىن بىرەر ھەپتىدەك ئۆتكەندە دۇختۇرخانىنىڭ يەنە پۇل تاپشۇرۇش لازىملىقىنى ئۇقتۇردى، قىزنىڭ قۇلىدا ئاللىقاچان پۇل قالمىغانىدى، ئۇ ياتىقىغا پۇل ئالغىلى ماڭدى.ئىشىكتىن كىرىپلا ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى پۈتكۈل بىنا ئوڭتەي-توڭتەي بۇلۇپ كەتكەنىدى، قىز ئەمدى ئۆزى ياتىدىغان ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىشىگە قىزنىڭ ھۇجرىسىنى ئاختۇرۇپ، تۈزۈكرەپ بىر نەرسە تاپالماي قايتىشقا تەمشىلىپ تۇرغان ناتۇنۇش بىر نەچچەيلەنگە دۇقۇرۇشۇپ قالدى، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بۇلۇپ قالغان قىزنى كۆرگەن بۇلاڭچىلار گۈھەر تىپىۋالغاندەك خوش بۇلۇشۇپ، قىچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن قىزنى گەپ- سۆزسىزلا تارتىپ كىرىپ، نۆۋەتلىشىپ ئاياق-ئاستى قىلدى، ھەتتا ئىشىكتىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا:
-دۈمبەڭگە يىزىلغىنى بىكار ئەمەسكەن، خوددى ھەيكەلنىڭ ئۆزىغۇ، ھۇ ئەرلەرنىڭ كۈڭلىنى ئىلىشنى بىلمەيدىغان جا....!!!-دەپ قىزنى بۇلىشىچە تىللاپ چىقىپ كىتىشتى، قىز تۇيۇقسىزلاخۇددى ئەقلىنى يۇقاتقان ئادەمدەك كىيىملىرىنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن ھالدا ئەسەبىيلەرچە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىراپ يىغلىغىنىچە ئىشىكتىن ئوقتەك ئىتىلىپ چىقىپ كەتتى، دىمىسىمۇ توغرىغۇ، ئۇ بۇ جاھاندا زادى نىمىنى تاما قىلىپ ياشاۋاتىدۇ، يەنە شۇ خورلۇق ،ئازاپ، تارتىشىدىغان كىم بار بۇ جاھاندا، ئۇ ساناقسىز گۇناھقا پاتتى، زىمىنمۇ ئۇنى قوينىغا ئالماس بەلكىم،ئۈلۈپلا كەتسە بولمىدىمۇ.....
-ئۇ يۇگۈرمەكتە، كۆزئالدىدا گويا ئاتا- ئانىسى قۇچاقلىرىنى كەڭ يىيىپ <<تىز كىلىڭ قىزىم،بىز بۇ يەردە!!!!>>دەپ چاقىرۋاتقاندەك قىلاتتى، مانا يىقىنلاپ قالدى،ئاز قالدى، تىز،تىخىمۇ تىز ....تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن چىقىپ كەلگەن چوڭ يۈك ماشىنىسى قىزغا زەرىپ بىلەن ئۇرۇلۇپ، ئۇنى نەچچە مىتىر نېرىغا ئۇچۇرۋەتتى،قىزپۈتۈن ئەزايى  قان ئىچىدە يەردە ياتاتتى،ئۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ  قاردەك ئاپپاق كىيىملەرنى كىيىشىپ،كۆزنى قاماشتۇرغۇچى نۇر ئىچىدە پەر قاناتلىرىنى قىقىشىپ قىزغا يىقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى ، ئەنەئۇلارئۇنى  ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق باغرىغا باستى، ئەمدى ئۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ غەم-ئەندىشە، ئازاپ-ئۇقۇبەت، ھەم خورلۇق بولمىغان بەختىيار، يىپيىڭى بىر دۇنياغا كىتىدۇ،<<ئۇھ، ئاخىرى قۇتۇلدۇم!!!!>>كىشىلەر يىتىپ كەلگەندە قىىز بەختىيار تەبەسسوم ئىچىدە كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆز يۇمغانىدى.

مەنبە:نەچچە يىل ئىلگىرى بىر كىتاپتا كۆرگەن ھەقىيقى بولغان ۋەقەنى تەسۋىرلەپ يىزىلغان ماقالىغا ئاساسەن ئىسىمدە قالغىنى بۇيىچە ئەسلى ۋەقەلىككە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھىكايە قىلىپ ئۆزگەرتىپ يىزىپ چىقتىم.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-03, 12:06

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ASAN-YUSAN) نادىر ئەسەر
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-03 19:32 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    piruza
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74419
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    شۆھرەت: 15 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن ،خۇدايىم شۇنچىۋالا گۈزەل دۇنياغا نېمىشقىمۇ شۇ قەدەر ئىپلاس كىشلەرنى يارىتىپ قويغان بولغىيتى....

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 20:35 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    layli902
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 66950
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

     

    نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق،ئۇلۇغ خۇدا ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي!!!  ھەجەپمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى!!!!!!!      

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 20:38 |
    xjaks
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 481
    شۆھرەت: 982 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4111 سوم
    تۆھپە: 28 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    بەك ئېچىنشلىق ..ئىنساننىڭ تويماس نەپسى ھەممە ئىشلارغا قىلىشقا ئۇندەيدۇ ...
    شۇ تۇيماس نەپسى پەقەت ئۇزىنلا تۇنۇيدۇ ..ئاتا-ئانا ،ئۇرۇن -تۇغقان ،مىللەت دىگەن بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماي ،ھەممىنى قىلىدۇ ...ئۇلارغا پەقەت ئۇزىنىڭ تويما س نەپسى بولسىلا بۇلدى ،باشقىسى بىلەن كارى يۇق
    اللە  بەندىلىرنىڭ كوڭلىگە .ئىنساپ بەرگىن ،،،،،،،،،،

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 20:41 |
    O998
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 47838
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 477
    شۆھرەت: 478 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4700 سوم
    تۆھپە: 7 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    بەك ئىچىنىشلىق ئىكەن ، ياراتقان ئىگەم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 20:54 |
    arman1984
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73100
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 140 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

     

    تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن ،خۇدايىم شۇنچىۋالا گۈزەل دۇنياغا نېمىشقىمۇ شۇ قەدەر ئىپلاس كىشلەرنى يارىتىپ قويغان بولغىيتى....             

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:08 |
    umedlik2008
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36412
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

     

    ئەركىن روزىنىڭ قۇتۇلۇش يولى دىگەن كىتابىدىكى ئارزى ئىسىملىق قىزىمىزنى سەرگۈزەشتىسى،
        ئاللاھ خالىسا ھامان بىر كۈنى ئىچكىرىدىكى بۇ ھايۋانلارنى جازالىغىلى نىسىپ بولىدۇ ،
    مۇشۇنداق راست ۋەقەلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلىرىم ،باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار،يامان ئىشلارغا سېىلىنىۋاتقانلار ئىسىمگە كىلىپ ئۇلاردىن ئەنسىرەپ كىتىمەن ،ئاللاھ ھەممەيلەننى ،ئۇلارنى ئۆزپاناھىدا ئامان قىلغاي،

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:16 |
    yiganneroh
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 33062
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 200
    شۆھرەت: 201 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1954 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 472(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    راست  بىچارە قىز  ھەجەپ قىيلىنىپتۇ!!!!
      بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولدى!!!!!!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:17 |
    umedlik2008
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36412
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 24 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

     

    ئارزۇ ئىسىملىق دىمەكچىدىم .

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:17 |
    qqopp
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 645
    شۆھرەت: 666 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6395 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1081(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلغۇدەك ئىش ئىكەن .
      ئادەم بىدىكلىرى ---------- ئاللا ئۆزى ئۇلۇغ .

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:32 |
    maman
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 57597
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    شۆھرەت: 65 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 498 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 357(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

     

    كىشىنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن بىر قىسما قىلىپ قويىدىكەن .     

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:35 |
    najmela
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 57336
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 759
    شۆھرەت: 760 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7453 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 360(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

     

    ئاللا  ئىگەم مۇشۇنداق  ئىپلاسلارنى  قاتتىق جازالىغاي        بۇلار  نىمىدىن يارىلىپ قالغان بولغۇيتى . توۋا .

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:48 |
    ATILLA1888
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74843
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    ئىپلاسلىق بولمىسا بولمىسا ئەخلاقنىڭ نە ھاجىتى

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 22:06 |
    gulzar
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2270
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 158
    شۆھرەت: 161 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1222 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

     

    كۆزۈمدىن ياش ئاقمىدى ئەمما يۈرىكىمدىن قان ئاقتى،ئېھ ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم ئۇنداق ھايۋانلارنى ئۆزۈڭ جازالىغايسەن.

    ھايات يولى .
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 23:40 |
    kumuxkux
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70886
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 11 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

     

    ئادەمنى مۇشۇنداق ئازاپلىغىنىڭىز نىمىسى؟.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 23:53 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-06 06:33, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ