ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى:
بىز مۇنبىرىمىزنى قوللاپ،قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋە مېھمانلىرىغا ئوتلۇق سالىمىمىزنى يوللايمىز .
شەبنەم تورى تا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن دوستلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قوللىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ،بولۇپمۇ مۇنبەرنىڭ شېئىرىيەت گۈلزارى سەھىپىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇلمىسىمۇ ،كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىكەن نۇرغۇن ياخشى ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ باغچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ ماختىشغا ،مەدھىيلىشىگە سازاۋەر بولماقتا .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەبنەم«مۇنبەر مۇنەۋۋەر شائىرلار مۇكاپاتى»سايلاپ چىقىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردۇق.پائالىيەت مەزمۇنى :تۆۋەندە بىز مۇنبەرگە ئۆزى خالاپ پاسائەتلىك تىللار يۇغۇرۇلغان،ئۆزگىچە تۇراققا ئىگە ،تەپەككۇر ئاسمىنىدا قاناتلانغان شېئىرلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن مېھرى-مۇھەببەت،سۆيگۈ-ۋاپا،غورور،ۋىجدان مىسرالىرى،تەربىيىۋى سۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۈرۈكىنى تىلغاپ،پەندى-نەسىھەت خاراكتىرى كۈچلۈك،چىنلىق يوشۇرۇنغان،تىلى ئۆتكۈر،مەزمۇنى چوڭقۇر ئىجادىي ئەسەرلىرىنى يوللاپ قوللاشقا ،مەدھىيلەشكە سازاۋەر بولغان ئەزالارنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپاتلايمىز.
باھالاش ئۆلچىمى :مۇنبىرىمىزدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ،ئۆزى ئىجاد قىلىپ ،ئۈزلۈكسىز لىللا پىكىر،ئۆتكۈر تىل،چوڭقۇر مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن شېئىرىي ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتنىڭ مەدھىيلىشىگە سازاۋەر بولغان ئەزالىرىمىزنى تاللايمىز،ئەلۋەتتە يوللىغان ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى،سانى،ساغلاملىقلىقى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كاپالەتكە ئىگە بولىشى كېرەك.تېخىمۇ مۇھىمى كۆچۈرۈلمە تېما بولماسلىقى شەرت.پائالىيەتكە قاتنىشىش ئوبىيكتى:مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار بولسا بولىدۇ.تۆۋەندە شەبنەم شىركىتى مەزمۇن بۆلۈمى ئۈچ ئەزايىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ ھەم قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ:
مۇنبىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئىجادىي شېئرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتقان ئالىي ئەزالىرىمىزدىن بىرى بولغان رىيات ئەپەندى2008-يىلى1-ئايدا بۇ ئىللىق ئائىلىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بېرى 1795پارچەيازما يوللىغان،بۇنىڭ ئىچىدە شېئىرىي ئەسىرى 98پارچە.ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسىدىكى ئەسىرى 17پارچە،ئەدەبىيات كۆزنىكى سەھىپىسىدىكى ئەسىرى6پارچە،جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىسىدىكىسى ئەسىرى 11پارچە،نەسىر-ئوبزورلار سەھىپىسىدىكى ئەسىرى5پارچە،يۇمۇرلار سەھىپىسىدىكى ئەسىرى 2پارچە بولۇپ،4پارچە ئەسىرى نادىر تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزىلگەن.رىيات ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش كارتىنىسى ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن،جەمئىيىتىمىزدىكى ناچار ئىشلار قامچىلانغان بولۇپ ،كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.
يەنە بىر ئالىي ئەزايىمىز بولغان جۇدۇن ئەپەندى2006-يىلى 7-ئايدا بۇ ئىللىق ئائىلىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 2627پارچە يازما يوللىغان ،بۇنىڭ ئىچىدە 108پارچىسى شېئىرىي ئەسەر،ئەدەبىيات كۆزنىكى سەھىپىسىدىكى ئەسىرى 5پارچە،مەشھۇر شەخىسلەرسەھىپىسىدىكى ئەسىرى 2پارچە،نەسىر-ئوبزورلارسەھىپىسىدىكى ئەسىرى 3پارچە،جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىسىدىكى ئەسىرى2پارچە،تېپىشماقلار سەھىپىسىدىكى ئەسىرى3پارچە بولۇپ ،7پارچە ئەسىرى نادىر تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزىلگەن.
دىلداش ئەپەندى بولسا 2008-يىلى 1-ئايدا بۇ ئىللىق ئائىلىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان جەمئىي1274پارچە يازما يوللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە215 پارچىسى شېئىرىي ئەسەر،ئەدەبىيات كۆزنىكى سەھىپىسىدىكى ئەسىرى1پارچە،ئۆزىمىزگە نەزەر سەھىپىسىدىكى ئەسىرى2پارچە، كومپىيوتىردىن سۇئال –جاۋاپلار سەھىپىسىدىكى ئەسىرى1پارچە،مەشھۇر شەخىسلەرسەھىپىسىدىكى ئەسىرى1پارچە بولۇپ ،10پارچە ئەسىرى نادىر تېمىلار قاتارىغا كىزگۈزىلگەن.
بۇ ئۈچ ئالىي ئەزايىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئوخشاشلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىجاد قىلىپ يوللىغان شېئىرلار بولۇپ كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلدى.
ئەلۋەتتە بارلىق ئەزالىرىمىز بۇ پائالىيەتنىڭ قاتنىشىش ئوبىيكتى بولالايدۇ.ھەرقايسى تورداشلار ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن ئەزالارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.مۇنەۋۋەر شائىرلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلىنىپ چىقىلىدۇ.ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ئەزانى باھالاپ چىقىمىز.(ئەزالارنىڭ يوللىغان شېئىرلىرى چوقۇم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يازغان ئىجادىي شېئىرلار بولۇشى،كۆچۈرۈلگەن شېئىرلار بولماسلىقى كېرەك).
ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى پائالىيەت دەسلەپكى باشلىنىش،بەلكىم مۇنبىرىمىزگە كونا ھەم تۆھپىكارلىق رولىنى ئوينىغان بەزى ئەزالىرىمىز تىلغا ئېلىنمىغان بولۇشى مۈمكىن،لېكىن پائالىيەت بۇ قېتىم بىلەن توختاپ قالمايدۇ، كونا ھەم تۆھپىكار ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئۇنۇتۇلمايدۇ!
تورداشلاردىن ئۆتۈنۈدىغىنىمىز: ئەزالارنى تەۋسىيە قىلغاندا تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە تەۋسىيە قىلىنسا!
ئەزا ئىسمى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:
جەمئى يازما سانى:
يوللىغان تېما سانى:
بۇنىڭ ئىچىدە شېئىرىي ئەسىرى قانچە؟
نادىر تېمىسى:
......قاتارلىق تەپسىلى ئۇچۇر بىلەن يېزىلىشى شەرت.(****ئەزانى تەۋسىيە قىلىمەن.*****ئەزانى ئۇنتۇپسىلەر!*****ئەزا ياخشى!)دىگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ!مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزسە بولىدۇ. مۇكاپات، قايسى ئۇسۇل قولاي بولسا شۇ ئۇسۇل بىلەن مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىگە يەتكۈزىلىدۇ.ياكى شىنجاڭ شەبنەم تور-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى مەزمۇن بۆلىمىگە كىلىپ ئېلىۋالسىمۇ بولىدۇ.
شېركەت ئادىرسى:ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخوا جەنۇبى يولى68- نۇمۇر گواڭخۇي سارىيى 15-قەۋەت I رايون.
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:2868585-0991
پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقوقى شىنجاڭ شەبنەم تور-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى مەزمۇن بۆلىمىگە تەۋە.