راس توغرا ئېيتىلىپتۇ..مەن ئىچكىرى سىنىپىدا ئوقۇغان،ئۈستىدىكى تورداشلارنىڭ دىگىنىدەك ئەڭ باشتا مېنىڭمۇ ئۆيۈمدىكىلەر بېرىشىمغا قوشۇلمىغان.15 يېشىمغا توشماي ،ئاتا-ئانامنىڭ مېھرىگە تېخى تولۇق قىنىپ بولالماي تۇرۇپلا ،قەتئىي ئىرادە بىلەن يىراقتىكى ئوقۇشقا ئاتلاندىم.ئۇ يەردىكى ئوقۇش،تاماق،ياتاق شارائىتلىرىمىز ئۈستىدە ئېيتىلغاندەك ھەقىقەتەن بەك ياخشى.ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە شۇنچىلىك كۈيىنىدىكى ،ھەتتا «ئەتىۋارلىق» چاغانلرىدىمۇ ئۆيىگە قايتماي بىزگە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى،ئۇلۇغ روزا،قۇربان ھىيتلىرىمىزدا ئەتتىگەن كېلىپ بىزنىڭ ھېىتلىرىمىزنى تەبرىكلەيتى.ھېيت ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.ئاغرىپ قالساق دوختۇرخانىدا باقاتتى،تاماق توشۇيتى.ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىلەن شۇنچىلىك ياخشى ئۆتەتتۇقكى،،ھازىز ئويلىسام كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ.راستنى ئېيتسام ،بىز ئۇيەردە دەرس ئۆگۈنۈپلا قالماي ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇش ئۆگەندۇق.قەيسەر بۇلۇشنى ،ئۆزىمىزگە تايىنىشنى، ئىقتسادچانلىقنى ئۆگەندۇق.ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدا قانچىلىك جاپالارنى تارتقانلىقىنى بىلدۇق.
دىنىمىز ،مىللىي غورۇرىمىز تېخىمۇ كۈچلۈكلەشتى.''بىسمىللاھ''نى تېخىمۇ جىق دەيدىغان بولدۇق. بارلىق ساۋاقداشلار قېرىنداشتەك بوپكەتتۇق.ھازىر پۈتتۇرگىلى 3يىل بوپتۇ،،شۇ بىزنى تەڭ كۈلدۈرۈپ ،تەڭ يىغلاتقان 4يىلنى ھىچ ئۇنۇتمىدىم.مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك چۈشەندۇرەي،لېكىن مېنى ھەرگىز ئۇ مەكتەپلەر ئۈچۈن ''ئېلان'' بېرىۋاتامدىكىن دەپ قالماڭلار.خەير، ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن.
[ بۇ يازما feride تەرپىدىن2009-03-03 22:48دە قايتا ت ]