ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2510 - كۆرۈرمىنى
ئارتۇچ
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 بۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپ قويۇڭ


زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋىي داموللا ھاجىم كۆرىنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررىس.
   زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋىي داموللا ھاجىم 1910-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەتكە تۇتاش باغرىقتا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات،ئانىسى ھېلىمىخان مەشھۇر ئالىم، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى،ۋەتەنپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر،ھۆرىيەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
   زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋىي داموللام ئاتۇشتىكى سۇلتانەم مەدىرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ساۋاتىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراھمان خەلپىتىم ئىدى.
   ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر تۇغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۈگەتكەن.1924 -يىلى ئابدۇقادىر داموللام قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ،سۇلتانەم مەدرىسىدە(ھابىل ھاجىمدا)ئىككى يىل ئوقۇغان.ئۇنىڭدىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ تۆركۈل قورغانبويىلىق ئالىم شەمشىددىن داموللا ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت،پاساھەت،مەنتىقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ ،18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن.ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمدا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپوردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىۋىدە  بىر يىل ئوقۇغان.كېيىن زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋىي داموللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھرىدە قۇرۇلغان جامەئى ئىسلامىيە ئىنىستىتوتىدا يەنە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان.بەدىرۇل ئالەم،شىببىي رەھمەت ئوسمان، ئەنىۋەر شاھ قاتارلىق مۇددەرىسلەر ئۇنىڭغا مەنتىقە،پەلسەپە،پەلەكىيان،<<تەسىرىخ>> (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن.
   شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارەلئۇلۇمغا ئىمتىھان بىرىپ كىرىپ ،سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقئارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى : تەفسىر،پەلسەپە،مەنتىقە،ئاقائىد،ئەدەبىيات،تارىخ قاتارلىقلار.ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانى،ھۈسەيىن ئەھمەد مەدەنى بولغان.  زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋىي داموللام مەكتەپنى <<مەۋلەۋىي>> لىك ئۈنۋانى بىلەن  تاماملاپ ،كېيىنكى مۇدەررىسلىكتە <<فازىل>>لىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن .بۇ ،<<ئەللامە>> لىكتىن بىر دەرىجە تۈۋەن ئۈنۋان ئىدى.
   ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئى ئەئزەم مەدىرىسىدە ئۈچ تۆت يىل فىقھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررىس ۋە بىر  مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان.
  1942-،1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەركىتى كۈچەيگەن تېنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چاقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن.1944-يىلى كەلگەن كەلكۈن ئاپىتى خانىۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توققۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق  مەدرىسە بولغانىدى .بۇ زات ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تارقىتىۋىتىلگىچە ،يەنى 1954-يىلدىن 1959-يىلغىچە قەشقەر خانلىق مەدىرىسىگە يېقىن دۆڭ مەدرىسىدە مۇدەررىس ھەم مەسچىتتە ئىمام بولغان.بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ ،يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم،ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا ، قارا شەھەردىن بارات داموللا ھاجى ، ئاتۇش بۇيامەتتىن داموللا قاسىم ھاجىم ،بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللا ھاجىملار بار ئىدى.
   ئۇ سولچىل ئىدىيە ھۆكمىرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يېرىم يىل  دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان.كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان .<<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>مەزگىلىدە ئۇ ،غۇلجا ،ئاراتۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇققان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا   تەركى ماكان بولۇپ يۈرگەن.
   3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن مۇدەررىسلىك ھاياتىنى باشلىغان.
     1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان <<مۇنتەمەر ئالەمى ئىسلامى >> (دۇنيا ئىسلام يىغىنى) غا ئېلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ ،كازافىنىڭ قۇبۇل كۆرىشىگە نائىل بولۇپ ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن .پاكىستان،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى،يۇكۇسلاۋىيە،شىۋىتسارىيە،ھەربى گىرمانىيە ،ئەنگىلىيە قاتارلىق  ئەللەردە زىيارەتتە بولغان .1984- يىلى ھەج قىلغان.
   ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ زات 1996-يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى  ئالەمدىن ئۆتكەن .



   مەنبە: ئاتۇش پەرزەنتلىرى.

تېما تەستىقلىغۇچى : Naikon.x
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-03, 07:48

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-03 15:43 |
شەبنەم تور رادىئوسى
شىرازى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62649
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 406
شۆھرەت: 407 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4030 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ياتقان يېرى  جەننەتتە  بولسۇن ،ئامىن ..................................................................................................ئاللاھۇ ئەكبەر

basbas
تور  بوشلۇقى بولسۇن، كۆڭۈل بوشلۇقى بولمىسۇن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 15:57 |
شەبنەم تور رادىئوسى
بأره
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1044
شۆھرەت: 10063 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1412 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 525(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ياراتقان ئىگەم ياتقان جايىنى جەننەت قىلسۇن ئامىن!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 15:58 |
0999yurut
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 31008
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2428
شۆھرەت: 2498 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 225 نۇمۇر
ياخشى باھا: 211 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

رەخمەت. بىر ئۇلۇغ ئىنساننىڭ ئىش -ئىزلىرىنى بىلىۋالدىم ...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 16:22 |
ئۇيغۇرجان
ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27071
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 383
شۆھرەت: 434 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7139 سوم
تۆھپە: 31 نۇمۇر
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1075(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

 

ئاتۇشتىن چىققان ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپ..ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندى....
لىكىن كۆپىنچىسى قەشقەردە قەتلى قىلىنغان ياكى گومىنداڭچىلار قەشقەردە تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرگەن...بەزىلىرىنى بولسا قەشقەردىكى نامەردلەر قەست قىلغان....

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 16:34 |
古再努尔
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 65565
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 559 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ھايات قەدىرلىك
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 16:40 |
naway0999
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 29430
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1983
شۆھرەت: 1989 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17304 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئاللاھ ،بۇ كىشىنىڭ ياتقان جايىنى ئازادە ،يورۇق قىلغاي.ئاخىرەتتە نامە ئەمالىنى ،ئوڭ قولىغا تۇتقازغاي .

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 16:50 |
514643439
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 40928
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 128
شۆھرەت: 129 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1219 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 406(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

رەخمەت سىزگە ئلىمىزدە ئوتكەن مۇسۇلمان ئالىمدىن بىرنى تۇنۇۋالدىم

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 17:16 |
xahinxah
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68577
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 120(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

、يەنە چىقتى ئادەمنىڭ قان بېسىمىنى قالايمىقانلاشتۇردىغان تارىخ گەپلىرى، يەنە شۇ ئۆزىمىز جاپا ساپتىكەنمىز ھە!!! ئابدۇ قادىر داموللامنىمۇ قەشقەرلىك بىر ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بۇنى بىلىدىغانسىلەر! ھەي........................................................................................!!!!!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
شاھىنشاخ قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 17:27 |
alimdar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60997
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

تارىخنى ئەسلەتكەنلىكىڭېزگە رەھمەت.

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 17:27 |
美国总统
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 64057
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 380
شۆھرەت: 381 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3800 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 447(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ماقۇل تۇنۇشۇپ قويايلى  بۇنداق ئۇلۇغ زاتنى تۇنۇماي قالساق سەت تۇرمامدۇ!!!!!!!!!!!!!!       

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 20:03 |
@NABI@
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 20016
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 383
شۆھرەت: 15481394 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2769 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكى古再努尔نىڭ2009-03-03 16:40 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن

راسدەيسىز!~

ئازاپ تاتمايمەن،
سىنىمۇ تاتقۇزمايمەن!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:24 |
НаБи
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 12444
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1140
شۆھرەت: 1141 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8506 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ئاللا  ئېگەم  بۇ  بۇۋىمىزنىڭ  ياتقان  يېرىنى  جەننەتتە  قىلسۇن  ئامىن  ..!!

ئەللەر ياخشى بىز يامان ،
ئەللەر بۇغداي بىز سامان.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 21:32 |
kormas
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74965
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-03

 

  تېمىڭىزغا رەھمەت، يەنە بىر شەخىسنى تونۇۋالدىم.
[ بۇ يازما kormas تەرپىدىن2009-03-03 22:35دە قايتا ت ]

كۆرمەس كۆرۈنمەيدۇ
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-03 22:14 |
xjaks
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 63866
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 481
شۆھرەت: 982 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4111 سوم
تۆھپە: 28 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 670(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

ياتقان يىرى جەننەتتە بۇلسۇن ..

ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-04 16:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » مەشھۇر شەخىسلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 06:33, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ