تۇنجى قىتىم مۇھەببەتلەشكەندە ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ ،سىزنى قوغىلىشىۋاتقاندا ئۇ نەچچە پارچە سالام خەت يازىدۇ ئەمما سىزگە بىرەلمەيدۇ. ئۇ گۈل سىتىۋالغىلى بىرىشتىن قورقىدۇ،باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ،ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قىلىشتىن قورقىدۇ . تۇنجى قىتىم قولىڭىزنى تۇتۇشتىن بۇرۇن توپ -توغرا ئىككى كۈن ئويلىنىدۇ ،قىشىڭىزغا كەلگەندە يېرىم سائەت ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئاندىن قولىڭىزنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ .
تۇنجى قىتىم سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن چاغدا يۈزلىرى قىززىرىپ،پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كىتىدۇ. تۇنجى قىتىم سىزنى سۆيگەندە قورىققىنىدىن سىزنى سوقىۋىتىدۇ ،ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن قىززىرىپ تۇرۇپ سىزدىن بولامدۇ دەپ سورايدۇ .
سىز بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردا نىمە قىلىشنى بىلمەيدۇ،ھەمىشە سىزگە ھاڭۋاقتىلارچە كۈلۈپ قاراپ تۇرغىنى تۇرغان.سىز ئۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز كىم دىگەندە ،ئۇ قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي ئانام دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،چۈنكى ئۇ ئۇچاغدا يالغان گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ.
سىز يەنە ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە سىز بىلەن توي قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىڭىزدا ئۇ بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرىۋىتىپ بۇ مەسىلىنى تېخى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئىيتىدۇ .
ئىككىنجى قىتىملىق قىز دوستى .
ئۇ بۇ چاغدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدۇ ،ئارقىدىن ياتىقىڭىزدىكىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ،پۇرسەت بولسىلا سىزگە ئۆزىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقنى ئىيتىدۇ.تاماقتىن قايتقاندا ئىككىلەنمەي قولىڭىزنى تۇتۇپ ماڭىدۇ ،مەكتەپكە كەلگەندە كىيىن بىرھازا چاقچاقتىن كىيىن قوغلىشىپ ئوينايسىلەر ، ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشكە ماقۇل بولغان بولسىڭىز ئۇ ئىككىلەنمەيلا سىزنى سۆيىدۇ .
ئۇ سىزگە سىز ئۇنىڭ قىز دوستى بولغاچقا ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بىرىشىڭىز كىرەكلىكىنى ،توپ ئويناۋاتقان چاغدا يۈزىنى ئىيتىدىغانغا قول ياغلىق تەييارلاپ تۇرىشىڭىز كىرەكلىكىنى ئىيتىدۇ.
سىز ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى كىم ئىكەنلىكنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن سىز دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز ئۇ سىزدىن "سىز مىنىڭ يۇرتۇمغا بىرىشنى خالامسىز ؟"دەپ سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.
بەزى چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىنى ئەسلەپ قالىدۇ ،ئۇ تۇرۇپلا "ئۇ چاغلاردا مەن بەك كىچىك ئىكەنمەن ،ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنمەنتۇق "دەپ قويىدۇ .
ئۈچۈنجى قىتىملىق قىز دوستى.
ئۇ سىزگە "مىنىڭ ھىچنىمەم يوق ،ئەمما مەندە سىزنى سۆيىدىغان بىر يۈرەك بار ،ماڭا ئىشنىڭ ئىككىمىز بىللە بولساق چوقۇم بەخىتلىك بولىمىز "دەيدۇ.
ناۋادا سىلەر يات شەھەردە تۇرۇغان بولساڭلار ئۆي ئىجاتىسىنى تىجەش ئۈچۈن بىر ئۆينى ئجارە ئىلىپ تۇرىسىلەر ،ئۇ ئۆزى كىچىك بىر ئىغىز ئۆيدە تۇرۇپ چوڭراقىنى سىزنىڭ تۇرىشىڭىز ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئاددى تازىلىق ئۆيى ۋە ئاشخانىسى بار بۇ ئۆيدە تۇرمۇشىڭلار يامان ئەمەس ئۆتىدۇ.سىز ھەركۈنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق تۇرىسىز ،بەزىدە ئۇنىڭغا ئەتتىگەنلىك تاماق تەييارلايسىز.ئايرىم -ئايرىم ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بارىسىلەر ،خىزمەتتىن قايىتقاندا سىز كۆكتات سىتىۋىلىپ ئۇنىڭغا تاماق ئىتىپ بىرىسىز،ئۇ سىزگە سىز بولغاچقىلا مەن شۇنچە بەخىتلىك دەيدۇ.ئۇ بەزىدە ئۆي ئىشلىرىنىمۇ قىلىدۇ،مەسىلەن قاچا يۇيۇش،ئۆي تازىلاش ،كىر يۇيۇش دىگەندەك.
ئۇنىڭ ئاپىسى سىلەر تۇرىۋاتقان ئۆيگە كىلىدۇ ،كىرلىكلەرنى بىر قۇر يۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن ئۆي پاكىر بولسا ئاندىن راھەت بولىدۇ دەپ كىتىپ قالىدۇ .
ئۇ سىزگە كارتىمىزدىكى پۇلىمىز كۆپەيسە بىز توين قىلىمىز دەيدۇ ،سىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇرتىغا بارىسىز ،ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا سىزنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىدەك چىرايلىق ئەمەسلىكىڭىزنى ئىيتىدۇ .
تۆتىنجى قىزدوستى.
ئۇ سىزگە بىر كىلىشەلەيمىز دەيدۇ . سزنى تۇنجى قىتىم ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويغان كۈنى كىچىدە ئۇ قايتىپ كەتمەي دەرىزىڭىزنىڭ ئالدىدا كىچىنى ئۆتكۈزىدۇ .ئۇ باشقىلارنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئىلىشنى بىلىدۇ ،ئۇ قىزلارنى بەك چۈشىنىدۇ ،قىزلار نىمگە ئىھتىياقلىق ،قانداق مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ،نىمىنى ياخشى كۆرىدۇ ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ .
سىز بىرەر نەرسىنى تەلەپ قىلماستا ئۇ سىتىۋىلىپ سىزگە سوۋغا قىلىپ سىزنى خۇشال قىلىدۇ ،سىزگەئۇششاق يىمەكلىك سىتىۋىلىشنى ،كىچىلىك تاماق تەييارلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بازار ئايلانغاندا بىرەر نەرسىگە كۆزىڭىز چۈشكەنلىكىنى بايقاپلا قالسا سىز ئۇ نەرسىنى ئەتىسى ئۇنىڭدىن سوۋغات سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ ئالىسىز .ئۆي سىتىۋالغاندا سىزنىڭ نامىڭىزدا سىتىۋالىدۇ .
ئاپىسىز سىزنى كۆرگەندە "قىزىم ،چوڭ بوپ قالدىڭلار توي قىلىڭلار دەيدۇ ".
سىز ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىسىز ،سىز ئۇنىڭ تويلۇق ئۈزىكىنى قوبۇل قىلىسىز .
بىر كۈنى سىز ئۇنىڭ كومپىيۇتېرىنى ئاچىسىز ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىغا يازغان خەتلىرىنى كۆرىسىز ،ئۇ خېتىدە ئاساسلىقى سىلەرنىڭ ھىكايەڭلەرنى سۆزلەپ بىرىدۇ،ئاخىرىدا ئۇنىڭغا مەن ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىز ئۈچۈنلا قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم،بىراق مەن ئىلگىرى بىلمەپتىمەن ھەم شارائىتمۇ يوق ئىدى .
قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭ كۆيۈمچان،ۋاپادار بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، بىراق بۇنداق ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى يەنىلا قىزلار تەربىيلەپ چىقىدۇ.
شۇڭلاشقا سىز بۇنداق بىر ئەرگە يولۇققاندا سىزنىڭ ھازىر ئىرىشىۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى باشقا بىر قىزنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكنى ئۇنۇتماڭ.
بەلكىم ھەر بىر ئەرنىڭ قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ ياد ئىتىدىغان بىر قىز بولىشى مومكىن،سىز ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماڭ،ئۇ قىزنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنماڭ. ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر گۈزەل چاغلار بولىدۇ ،خۇددى سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستىڭىزدەك.
بەلكىم ھازىرقى ھەمراھىڭىزنىڭ كۆڭلىدە بىر سايە بولىشى مومكىن، بىراق شۇنى بىلىشڭىز كىرەككى ئۇ پەقەت سايە بىلەنلا چەكلىنىدۇ.سىز ئۇ سايىنىڭ سىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭلارنى بۇزىۋىتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجتى يوق،ئۆتمۈس ھەقىقەتەن گۈزەل بىراق سىز سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارنىڭ تىخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشڭىز كىرەك.
خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: شاپۇر .
ئەسەر مەنبەسى سىتۇدېنىتلار كۇلۇبى :
http://sawakdax.cn/viewthread.php?tid=845[ بۇ يازما Goal تەرپىدىن2009-03-03 08:01دە قايتا تەھ ]