ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 337 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: قۇرئان كەرىم ئىنسان قەلبىگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

orhuntax
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 66339
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-02

 قۇرئان كەرىم ئىنسان قەلبىگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ





قۇرئان كەرىم ئىنسان قەلبىگە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ


        2008-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى جۈمەخۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى



ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"قۇرئان كەرىم ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن روھنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

مۇبارەك رامىزان ئېيى روزا، سەدىقە، تەراۋىھ، ناماز ئېيى بولغاندىن سىرت قۇرئان كەرىم ۋە فۇرقان ئېيىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئۈزۈلمەس مۇستەھكەم ئارغامچسىدۇر. توغرا يولدىن ئىبارەت زىكىر ۋە ھىكمەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر توغرىسىدا خەۋەرلەر باردۇر. ئۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدىغان فاسىلدۇر. قۇرئان كەرىم ئويۇن تاماشادىن سۆزلىمەيدۇ. ھەق ئۇستىگە نازىل بولغان ھەقنىلا سۆزلەيدۇ كىمكى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلسا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، ئەجىر بېرىلىدۇ. كىمكى قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. كىمكى قۇرئان كەرىمگە چاقىرسا ھىدايەتكە چاقىرىدۇ. كىمكى قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدىن باشقا نەرسىنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا چىقىش يولى قىلىدىكەن، ئۇ ھامان ئازىدۇ. بەلكى ئاللاھ ئۇنداق كىشىنى خار قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بېرىلىدۇ. ئەلىف لام مىم بىر ھەرپ دېمەيمەن. ئەلىف بىر ھەرپتۇر. لام بىر ھەرپتۇر. مىم بىر ھەرپتۇر».

ئاللاھنىڭ كىتابى ھاياتقا نىسبەتەن روھنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ھىدايەت ئۈچۈن نۇردۇر. قۇرئاننى ئوقۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان كىشى ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. قۇرئانغا ئەمەل قىلماستىن ئىنسان سۆزلىسۇن، يېسۇن-ئىچسۇن ئۇنىڭ روھى ئۆلۈكتۇر. قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرمىگەن كىشى بولسا ئازغۇندۇر. ئۇنداق ئادەم قانات ياساپ ئۇچسىمۇ،دېڭىزدا ئۈزسىمۇ قۇرئانسىز ئىنسان سۇسىز، ھاۋا ئوكسىگېنسىز ھايات كەچۈرگەندەكلا گەپ. بەلكى قۇرئان كەرىم كېسەلگە  داۋادۇر، دىلغا شىپادۇر. ھايات يولى توسۇلۇپ قالغانلار ئۈچۈن تەسەللىي بولغۇچى ھەمراهدۇر. قۇرئاننى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشى ھېچ زېرىكمەيدۇ. ھالاكەتكە يولۇقمايدۇ، ھەرقانداق بوران-چاپقۇنلاردا يېڭىپ چىقالايدۇ. مۆمىن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا باشقا بىر راھەت، كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم شۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىدۇكى« دېگىن ئىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: بىزگە ئاللاھنىڭ يېزىۋەتكەن تەقدىرىدىن باشقا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلغان كىشى بارلىق يامان ۋەسۋەسەلەردىن خالى بولىدۇ.

مۇسۇلمان ئىنسان ئاللاھنىڭ كىتابى ئالدىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن ھەيران قالىدۇ. ئەتراپىنى قاراڭغۇ-زۇلمەت ئورىۋالغانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. دۆلەتلەر ۋەيران بولىدۇ، جەمئىيەتلەر ۋەيران بولىدۇ، مىللەتلەر ۋەيران بولىدۇ، بەلكى خەرىتىدىن يوقاپ كېتىدۇ ئەمما ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت شۇ ئۇلۇغ نۇر تۇرۇپ يەنىلا شۇ ئىپلاس، ئازغۇن دىنسىزلارنىڭ ئارقىسىدىن يالاق يالاپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە ئىشنىڭ ھېچ ئوڭ سېپىنى تاپالمايدۇ.

مۇسۇلمانلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى. بەزىلەر قۇرئان كەرىمنى تاماملايدۇ ئەمما تاماملىغاندىن كېيىنكى ھالىتى باشلاشتىن بۇرۇنقىدىن ھېچ ئۆزگەرمەيدۇ. مەنىلىرىنى تەدەببۇر قىلمايدۇ. مەزمۇنىنى ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ.

شۇ ھەقىقەتنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ھاياتىدا قۇرئان كەرىمنى پىكىر قىلىش، ئۇنى تۇرمۇشىدا تەتبىقلاشتىن ياخشى، پايدىلىق نەرسە يوق. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى ھىكمەت، ئىبرەت، نەسىھەتتۇر. ئۇنىڭ بىپايان دېڭىزىدىن بەھرىمەن بولغان كىشى تۈگىمەس پۈتمەس ياخشىلىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ قانداق غەرق بولغانلىقى، ئاد، سەمۇد گۇرۇھىنىڭ قانداق ھالاك بولغانلىقى، فىرئەۋننىڭ قانداق ئاقىۋەتتە ئۆلگەنلىكى، قارۇننى قانداق يەر يۇتقانلىقى مەلۈم بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنى تەئەممۇل قىلىپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئاخىرەت بىلەن ياشىيالايدۇ. خۇددى ئۆزىنى قىيامەت كۈنىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

بىزلەرنىڭ قەلبىمىزدە غاپىللىق، قاتتىقلىق ھۆكۈم سۈرگەن، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنسا كۆز يېشى قىلىدىغان كىم بار؟ قىيامەتنى ئەسلىگەندە تىنى جۇغۇلدايدىغان كىم بار؟ مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا خۇشۇ-خۇزۇدىن يىغلاپ كېتەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەش تولىمۇ قىيىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغاندا ئىچىدىن خۇددى قازاننىڭ قاينىشىدەك ئاۋاز ئاڭلىناتتى.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنى ھۇد، ۋاقىئە، مۇرسەلات، ئەممە يەتەسائەلۇن ۋە ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرەت سۈرىلىرى قېرىتىۋەتتى دېگەن. بۇ قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغان، قۇرئانغا ئىشىنىدىغان مۆمىنلەرلا ئەمەس دىنسىزلارمۇ قۇرئان كەرىمدىن ھەيران قالغان. ھەتتا جىنلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان . مەنە بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى.

مەنبە:http://www.islamhouse.com/p/175183


مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى ( ئۇيغۇرچە )
سوراڭ قۇرئان كەرىم جاۋاپ بىرىدۇ ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان كەرىم ھەقىقەت ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ۋە پەزىلەتلىرى ( ئۇيغۇرچە )
شەيخ ئابدۇللاھ ئەلى بەسپەرنىڭ ئاۋازى بىلەن قۇرئان كەرىم تەرتىل قىرائىتى ( ئۇيغۇرچە )
شەيخ سەئۇد شۇرەيىمنىڭ ئاۋازى بىلەن قۇرئان كەرىم تېلاۋىتى ( ئۇيغۇرچە )
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋۋاد ئەلجۇھەنىينىڭ ئاۋازى بىلەن قۇرئان كەرىم تېلاۋىتى ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان كەرىم ھەققىدە چۇشەنچە ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان ۋە تىبابەت ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان كەرىم ۋەسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
«قۇرئانچىلار» غا رەددىيە ( ئۇيغۇرچە )
قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ  ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )

يۇقارقى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مەنبەدىن كۆرەلەيسىز.

تېما تەستىقلىغۇچى : Ormanlik
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-02, 06:51

 

ئوغلۇم،ئالدىڭغا قارا!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-02 13:20 |
شەبنەم تور رادىئوسى
ATILLA1888
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرەت: 30 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

قۇرئان پۇتۈن ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.قۇرئانغا ئەگىشىڭلار.

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-02 16:10 |
شەبنەم تور رادىئوسى
maylamqi
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 15435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 603
شۆھرەت: 609 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5830 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

قۇرئان پۇتكۇل تامام ئەھلى جاھانغا كۇشلۇك ۋەزى نەسىھەتدۇر ، قۇرئان ئەڭ پاك زاتنىڭ سۆزىدۇر .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
http://images13.51.com/120/a/a9/11/janu88/1208331369_61341000.jpg
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-02 16:31 |
subi2009
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69854
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 208
شۆھرەت: 208 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-04

 

ئاللا مەھمىمىزنى توغرا يولغا باشلىغاي،

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-02 20:06 |
قۇمباغ
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3712
شۆھرەت: 468900 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 200 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

شۇڭا ئۇ ئىلاھى كىتاپتۇر......

ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-02 20:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 19:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ