ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!
بايا شەبنەمگە كىرىپ شەبنىم مۇنبىرىنىڭ يىڭىدىن شەبنەم رادىئوسى قويغۇچ قاتقانلىقىنى بايقىدىم . بۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . بۇ ئارقىلىق تور ئاختۇرۇپ يۈرمەيلا يىخى خەۋەر تىمىلاردىن ، شەبنەم يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولالايدىكەنمىز .
ئەمدىكى گەپكە كەلسەم ، شەبنەم رادىئوسى باش بەت ئىچىلىشى بىلەن تەڭ ئۆزلىكىدىن قويۇكىدىكەن . تەكلىبىم شەبنەم رادىئوسىنى ئۆزىمىز خالىغاندا قويىدىغان قىلىپ تەڭشەلسە . ھەممە ئادەمنىڭ خايىشى ئوخشىمايدۇ . بەزىدە رادىئو ئارقىلىق خەۋەر ئاڭلىغۇسى كەلسە بەزىدە ئۆزى تىما ئارلاپ كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ . يەنە بىرسى ، شەبنەم رادىئوسى بەت ئىچىلىشى بىلەن تەڭ ئۆزلىكىدىن قويۇلغاندا ، بەت يىڭىلىغاندا ياكى تىمىغا كىرگەندە توختاپ قالىدۇ . ئاڭلاشقا قولايسىز ھەم قۇلاقنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۋىتىدۇ .
شۇڭا رادىئونى شەبنەم كۆرۈرمەنلىرى ئۆزى خالىغاندا قويۇپ ئاڭلايدىغان قىلىپ تەڭشەپ ، «رادىئونى ئۆچۈرۈش» كونۇپكىسىنى «رادىئو قويۇش» قا تەڭشىۋەتسەك دىگەن ئۈمۈتتە .
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى: ئەسسالام تورداش! «رادىئونى ئۆچۈرۈش» كونۇپكىسىنى بىز بىرىنجى ساندىن باشلاپلا يولغا قويغان،سىز دىققەت قىلماپسىز!
كونۇپكا ئورنى شۇ Flashقويغۇچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە.تىما ئىگىسى ئىزاھاتى : تىمامدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى توغرا چۈشەنمەپسىز ... مەن جايىدا چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن بەلكىم ....
مەن دىمەكچى ، رادىئونى باش بەت ئىچىلىشى بىلەن تەڭ قويىدىغان قىلماي ، بىز «قويۇش»نى باسساق ئاندىن قويىلىدىغان قىلساق ....[ بۇ يازما Goal تەرپىدىن2009-03-02 11:23دە قايتا تەھ ]