ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2345» Pages: ( 1/14 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 19298 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ساڭا ئىپپىتىمنى بېرەلمەيمەن ئەزىزىم(چالىقۇش) پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

چالىقۇش
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70565
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 74 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 85 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 313(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

 ساڭا ئىپپىتىمنى بېرەلمەيمەن ئەزىزىم(چالىقۇش)

ساڭا ئىپپتىمنى بېرەلمەيمەن ئەزىزىم!
(ھىكايە)







         ئەسسلام ،كامران! ساڭا شۇنچىلىك نەپرەتلەنسەممۇ بولساممۇ، ئەمما  يەنىلا مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئۇزۇن ئويلىنىپ يازغان بۇخىتىمنى سالام بىلەن باشلاشنى تۇغرا تاپتىم، دىمەكچى بولغانلىرىمنى ساڭا تىلفۇن ياكى QQ دا ئېيىتقۇم يوق ، مەقسىدىمنى خاتا چۈشىنىپ قالما، بۇ مىنىڭ ساڭا يازغان تۈنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى خىتىم بولوپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ماڭا جاۋاپ خەت يازىمەن دەپمۇ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمە،ئەسلى بىزئىككىمىزپۈتۈن ئونۋىرستىتقا مەشھور<<گۈل-گۈلى،خىل-خىلىغا>>كەلگەن <<ئالتۇن-ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك>>قاملاشقان جۈپلەردىن ئىدۇق،(باشقىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ قارايىتتى ، جۈملىدىن مەن ئۆزەم شۇنداق ئويلايىتتم). خۇددى كونىلارنىڭ <<جاھاندا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ >> دەپ ئېيىتقىدەك ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا ئەشەددى رەقىپلەرگە ئايلاندۇق، بۇنى كىمدىنمۇ كۆرەتتىم، سەندىنمۇ ئاغرىنمايمەن كامران،ئاغرىنىشقا تۇغرا كەلسە ئۆزەمنىڭ ئەقىلسىزلىقىمدىن، كۆزۈمنىڭ كۆرلىقىدىن كۆرىمەن، ساڭا بەك ئىشىنىپ كەتمىسەم بوپتىكەن، تا ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئاپام ماڭا كەچلىرى يالغۇز سىرتقا چىقماسلىقنى تاپىلايدىغان(بۇلۇپمۇ ئوغۇللاربىلەن) ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىنى قۇلىقىمدا تۇتمىۋىدىم ئاللاھ مىنى جازالاپ سەندىن ئايرىدى، گەرچە بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈكۈنسەممۇ ،بىر ھىساپتا ئاللاغا شۈكرى دىدىم، ئەگەر مۇشۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا سىنىڭ رەزىل ماھىتىڭنى ۋە تەبىئىتىڭگە يۇشۇرۇنغان ئىپلاسلىقلارنى بىلمەي ، سەن بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە توي قىلىپ ئۈمۈرلۈك پۇشايمان ۋە ھەسرەتكە قالماسمىدىم.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەن بىلەن يىڭى تۇنۇشقان شۇ دەملار ئىسىمگە كىلىۋىلىپ ناھايتى ئازاپلاندىم. ھىلىمۇ ئىسىڭدىمۇ، شۇ كۈنى شەنبە ئىدى، مەن گەرچە ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىن بولساممۇ ئۆيگە قايىتماي، ئونۋىرستىت چىملىقىنىڭ چىتىدىكى باشقىلارنىڭ ئاسان نەزىرى چۈشمەيدىغان خالىي جاينى تىپىۋىلىپ ،باشقىلاردىن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئارىيەت ئالغان تۈركىيەنىڭ<<چالىقۇشى>> ناملىق رۇمانىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن ئۇقۇۋاتاتتىم،بۇ مىنىڭ مەزكۇر كىتاپنى ئۈچىنجى قىتىم ئۇقۇشۇم بولسىمۇ، ئەسەر باش قەھىرمانى بىلەن ئىسمىم ئوخشاش بولغاچقىمۇ،ياكى ئاپتورنىڭ  قەلەم ماھارىنىڭ كۈچلۈكىكىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇقۇپ ،ئۇقۇپ زېرىكمەيىتتم، <<ئاھ،نەرىمان،جانىم مىنىڭ!!!>> فەرىيدەنىڭ كامراننىڭ نەرىيمانغا دىگەن سۆزلىرىنى دەرەخ بىشىدا تۇرۇپ ئاڭلىۋىلىپ ،كامراننى مازاقلاپ كۈلۈۋاتقان يېرىنى تازا ئىجتىھات بىلەن ئۇقۇۋاتقىنىمدا:





  سىزمۇ مۇشۇ كىتاپنى كۆرىۋاتامسىز؟-دىگەن ئاۋازدىن چۈچۈپ بىشمنى كىتاپتىن ئىلىپ قارىسام، كۆز ئالدىمدا ئىگىز بوي، ئاق يۈزلۈك، چاچلىرى تەبى بۈدرە، كۆزلىردىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان،بۇلۇپمۇ بۇرۇتلىرى شۇنداق قاملاشقان بىر بالا(سەن) خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا چۇقچىيىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتڭ،
ھەئە،شۇنداق-دەپ جاۋاپ بەردىم مەن خۇشياقار –خوشياقماي، چۈنكى مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا <<كىتاپ سارىڭى>> بۇلۇپ ، كىتاپ ئۇقۇسام ھەتتا قۇرسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم، بۇنداق چاغلاردا باشقىلارنىڭ كىلىپ ئاۋارە قىلىشىنى بولسا تىخىمۇ خالىمايىتتىم.
  سىز بۇئەسەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشىمامسىز؟
سىنىڭ بۇنداق تۇختىماي سۇئال سوراۋېرىشڭدىن بىزار بولۇپ ،بىر گەپ قىلاي دەپ بىشىمنى كۈتىرىپ شۇنداق بىر چەكچىيىپ قارىشىم بىلەن تۇيۇقسىز قۇلۇڭدىكى كىتاپقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
ئۆزىڭىزچۇ،كۈتىرالغىنىڭىز قايسى كىتاپ ؟- مەن ئادىتىمگە قارشى ھالدا سەندىن سورىدىم مۇلايىم ئاۋازدا.چۈنكى مەن  ئەگەر ئۇقۇۋاتقىنىڭ مەن كۆرمىگەن كىتاپ بولسا ئارىيەت ئىلىپ كۆرىۋىلىش قەستىگە چۈشكەن ئىدىم.
-<<چالىقۇشى>> سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش-دىدىڭ سەن تەكلىپىمنى كۈتمەيلا يىنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ- مەنمۇ بۇئەسەرنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىمەن، نەچچە رەپ ئۇقۇغان بولساممۇ ئۇقۇغۇم كىلىپلا تۇرىدۇ، بۈگۈن بۇ كىتاپنى يىڭىدىن سىتىۋالغان ئىدىم، شۇڭا ئۇنى يەنە بىر ئۇقاي دەپ بۇ يەرگە كەلسەم سىزمۇ مۇشۇنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپسىز، قارىغاندا سىزمۇ ياخشى كۆرىدىكەنسىزدە؟
ئادەتتىكى چاغلار بولغان بولسا مىڭنى تىللاپ ھەيدىۋەتكەن بولاتتىم ،ئەمما قىزىقىشىمىزنىڭ ئوخشاش چىقىپ قىلىشى مەندە ساڭا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش ئويغاتتى.
كىتابنى بۈگۈن ئالدىڭىزما؟ نەدىن؟ مەن شۇنچە قىلىپمۇ بۇ كىتاپنى تاپالمىغان ئىدىم، شىنخۇا كىتاپخانىلىرنىڭ ھىچقايسىسدا يوق ئىدىغۇ،بار يېرىنى دەپ بەرسىڭىز مەنمۇ بىرنى سىتىۋالاي؟
مەن ھاياجىنىمنى بىسىۋالالماي بىر تالاي سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتىم.
بىر تۇنۇشۇمنىڭ كىتاپ جازىسىدا كۆرۈپ قىلىپ بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ يۈرۈپ تەستە ئۇناتتىم دەڭە،خالىسىڭىز سىزگە سوۋغا قىلاي،ئەمما بىر شەرتىم بار، ئىسمىڭىزنى دەپ بېرىسىز-دىدىڭ سەن مىنىڭ مەيۈس تۇرقۇمنى كۆرۈپ
-    پەرىيدە-  مەن خۇشاللىقمدا سەن ماڭا سۇنغان كىتاپنى ئىلىپ ئويلانمايلا جاۋاپ بېرىپ،قايتۇرۇپ سورىدىم -سىزنىڭچۇ؟
-كامران
-راسىتما؟
-راسىتما؟
كۈلكە سادايىمىز پۈتۈن چىملىقنى بىر ئالدى ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى دىگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن ،ئەزەلدىن بېرى تۇنۇشمايدىغان ئادەملەر تەقدىرنىڭ قۇدرىتى بىلەن تۇيۇقسىزلا ئۇچرىشىپ قالىدىكەن،تەغدىر سىنىمۇ يىراق قارىمايدىن  بۇ ئونۋىرىستىتقا ئەكىلىپ ماڭا ئۇچراشتۇردى، يەنەكىلىپ كامران،پەرەيدە...تۇۋۋا!مۇشۇنداقمۇ تۇغرا كىلىپ قالىدىكەن دىسە....
تەقدىر قاچان ئەكەلدى،
سىنى مىنى قاياقتىن.
ئۇچراشتۇرۇپ بىزلەرنى ،
تۇنۇشمىساق ئەزەلدىن
.




      مانا شۇنىڭدىن تارتىپ بىزنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى،بىزنىڭ كەسپىمىز ۋە سىنىپىمىز بىر بولمىسىمۇ ئەمما دەرىستىن چۈشسەكلا بىرگە ئىدۇق، سەن خۇددى <<چالىقۇشى>> رۇمانىنىڭ باش قەھىرمانى كامراندەك ماڭا تۇختىماي شاكىلات سوۋغا قىلىپ تۇراتتىڭ، چۈنكى سىنىڭ ئائىلە شارائىتىڭ پەۋقۇلاددە ياخشى بۇلۇپ ،بۇنىڭغا قۇدرىتىڭ يىتەتتى،مەن سەن سوۋغا قىلغان شاكىلاتلارنى يەۋېرىپ ئۇنىڭغا قارىغۇممۇ كەلمەس بۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، كۈڭلۈڭنى ئاياپ، گەپ- سۆزسىز سوۋغاڭنى قۇبۇل قىلاتتىمدە-ئۇدۇللۇق ياتاقداشلىرىمغا ئاپىرىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتىم،
-پەرىيدە...كامران!!!
ياتاقداشلىرىم چۇقىراشقىنىچە ياتاقنى بىر ئالاتتى ۋە قۇلۇمدىكى شاكىلاتنى بۇلاپ دىگۈدەك تارتىۋىلىپ يەپ بىر ياقتىن شاكىلات يىگەچ بىر ياقتىن مىنى قىيىن قىستاققا ئىلىشىپ ،بىزنىڭ نەگە بېرىپ ،نىمە ئىش قىلغانلىقىمزنى ھەۋەس بىلەن سوراپ كىتەتتى،  بارا-بارا بىزنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىمىز پۈتۈن ئونۋىرىستىتقا تارقىلىپ ،مەكتەپتىكى مەشھور شەخىسلەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. بىلەمسەن كامران ،سىنى دەپ ھەتتا نەچچە بىكەت نېرىدىكى ئۈيۈمگىمۇ ھەپتە –ھەپتىلەپ قايتىماي،دادام-ئاپاملار سورىسا دەرەسلەرئالدىراش دەپ يالغان ئېيتىپ يۈرۈپتىكەنمەن،كۈتۈپخانا، مەكتەپ سەينالىرىدا، چىملىقلار،ئاشخانىلاردا بىزنىڭ مۇھەببەتلىك ئىزلىرىمىز قالغانىدى، بىلەمسەن شۇ كۈنلەردە ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھىس قىلغان ئىدىم،سىنى شۇنداق سۈيەتتىم.
مەكتەپتىكى مۇھەببەت ،
شۇنچە شېرىن كارامەت.
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن،
يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت.

      ئەمما شۇنچە ۋاقىت ئارلىشىپ سىنىڭ مۇنچە رەزىللكىڭنى، ۋۇجۇدۇڭغا يۇشۇرۇنغان ئىپلاسلىقنى بىلمەي يۇرۇپتىمەن،سەن مۇشۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى مىنى <<ماڭا قىيداپ مىنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ، ۋە تىلفۇنىمنى ئالمايۋاتىدۇ، بىر مەزگىل ئۈتسە ئوڭلىنىپ قالار>> دەپ ئويلاۋاتقانسەن، بىلەمسەن ھەرقىتىم  شۇ ئىشنى ئويلىساملا پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كىتىدۇ،ئۇ كۈنى مەن ئەسلى ئۈيۈمگە قايتىپ كەتكەن ئىدىم، كەچقۇرۇن سىنىڭ تىلفۇنۇڭنى ئىلىپلا،ئۆيدىكىلەرگە يالغاندىن بىرنى تۇقۇپ ،سىنىڭ يىنىڭغا چاپتىم، بىز كىينوخانىغا يىڭىدىن كەلتۇرۈلگەن<<چالىقۇشى>> فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆردۇق،مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم،چۈنكى فىلىم كۆرۈنۈشلىرى مىنى ئىسكەنجىسىگە ئىلىۋىلىپ ،ئۆزەمگە قايتالمايۋاتاتتىم،بىر چاغدا ئىسىمگە كەلسەم مىنى چىڭ قۇچاغلىۋاپسەن، مەن ئارتۇقچە نارازىلىق بىلدۈرمىدىم. كىينوخانىدىن يىنىپ چىققاندىن كىيىن، سەن قۇرسىقىڭ ئاچقانلىقىنى ئېيتىپ مىنى رىستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىغا باشلىدىڭ،  بىز بىر تەرەپتىن فىلىمنىڭ پارىڭىنى قىلىشقاچ بىر تەرەپتىن تاماق يىيىشكە باشلىدۇق، بىر چاغدا سائەتىمگە قارىسام ئاللىقاچان كىچە سەئەت 11يېرىمدىن ئىشىپتۇ،مەن قاتتىق جىددىيلىشىپ ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا سەن بىر چامداپ يىنىمغا كىلىپلا مىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇڭ.






-بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى كامران، مەن دەرھال قايىتمىسام زادى بولمايدۇ
-ئەمدى قايتالمايمىز،بۇنچە كەچتە ئۈيۈڭگە قانداق كىرىسەن ،مەكتەپنىڭ ياتىقىنى بولسا ئاللىقاچان تاقاپ بولدى-دىدىڭ سەن قىلچىمۇ جىددىيلەشمىگەن ھالدا
-ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- مەن جىدىلەشكىنىمدىن يىغلاپ كەتتىم
-خاتىرجەم بول يىنىڭدا مەن بار ئەمەسمۇ
بىز سىنىڭ مەسلەھەتىڭ بۇيىچە بىر مىھمانخانىغا يىتىپ كەلدۇق، سەن ئۇقۇغۇچى بولغاندىكىن دەپ پۇل ئىقتىساد قىلىشنى باھانە قىلىپ بىرلا ياتاق ئاچقۇزدۇڭ، مەن ئەسلىمۇ تۇلا ئەنسىرەپ كاللام قوپقۇرۇق بۇلۇپ قالغاچقا نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كەينىڭدىن ئەگىشىپتىمەن،ئويلىماپتىمەنكى ماڭا كىينو كۆرىۋاتقان چاغدىن باشلاپلا نىيىتىڭنى بۇزغان ئىكەنسەن،شۇقا قەستەن تاماقنى ئاستا يەپ ۋاقىتنى كەينىگە تارتىپ ،مىنى قەستەن مىھمانخانىغا باشلىغانكەنسەن، گەرچە دەسلىپىدە ئايرىم كارۋاتتا ياتقان بولساقمۇ ،بىر ئاز ئۆتمەيلا كارۋىتىمغا كىلىپ يىتىۋالدىڭ، ھەم ئۇيەر –بۇيەرلىرىمنى سىلاشتۇرغىلى تۇردۇڭ، مەن نارازى بۇلۇپ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم،سەن نىيىتىڭدىن يىنىش تۈگۈل ئەكسىچە<< مىنى بۇنچە قىينىما، تا ھازىرغىچە ساڭا يىقىن كىلىپ باقمىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ،تۇنۇش-بىلىشلىرمنىڭ ھەممىسى مىنى زاڭلىق قىلىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مۇھەببەتلىرى بىلەن ئاللىقاچان ئەر-خۇتۇندەك بۇلۇپ كىتىپتۇ، ھەتتا بەزىلىرى سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ بىرگە تۇرىۋىتىپتۇ، بىزمۇ بەرىبىر تۇي قىلىدىغان بولغاندىكىن ،ماڭا ماقۇل دەۋەتكىن بۇلامدۇ؟-دەپ بىلجىرلاشقا باشلىدىڭ .
-نىمە داۋاتىسەن كامران، بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن جىنىمدىن كىچىشكە رازىكى ئىنسان قىلىپىدىن چىقىدىغان بۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلمايمەن، ئەگەر مىنى ھەقىيقى ياخشى كۆرسەڭ تاكى تۇيىمىز بۇلۇپ ،بىر ئۆيگە كىرگەنگە قەدەر مىنى كۈتكىن، پەقەت شۇ چاغدىلا خۇشاللىق بىلەن پاكلىقىمنى ساڭا تەقدىم ئىتىمەن- دىدىم سىنى نىيىتىڭدىن ياندۇرماق بۇلۇپ
ھا....ھا..پەرىيدە، سەنمۇ ئۈرۈمچىلىكمۇ تىخى، نەدە زاماننىڭ ئارقىدا قالغان نىمىسەن-ھە؟ قايسى زاماننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسەن،بۇ زاماندا پاك قىز نىمە ئىش قىلىدۇ،كىم بىلىدۇ، سەنمۇ بۇ چاغقىچە ئاللىقاچان بىرەرى بىلەن...
گىپىڭنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالماي جاڭڭىدە كاچىتىڭغا بىرنى سىلىشىم بىلەن زۇۋانىڭ ئۈچتى
-بىلمەپتكەنمەن، سىنىڭ نەزىرىڭدە مەن شۇنداق ئادەمما، ئىسىت ساڭا ئىشەنگىنىم، ساڭا ئەقىدەقىلىپ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىللە يۈرگىنىم،سەن بىر ھايۋان ئىكەنسەن،ھۈ...ھۈ!!!!-مەن ئاچچىق ئەلەم دەستىدىن يىغلاشقا باشلىدىم.
-مەيلى مىنى قانداق تىللىساڭ تىللاۋەرگىن ئەمما مەن بۈگۈن كىچە قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلماي قويمايمەن_شۇنداق دىگىنىڭچە گويا ئىچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرىدەك ئۈستۈمگە تاشلاندىڭ.
     مەن جىنىمنىڭ بارىچە تىركىشەتتىم، يىغلاپ نالە قىلاتتىم،ئاخىرى قانداق بولغان قۇلۇمغا تۇمپۇچكا ئۈستىدىكى لوڭقا چىقىپ قاپتۇ،زەرىپ بىلەن بىشىڭغا بىرنى سالدىم، سەن:
ۋاي!!دەپ قان شۇرقىراپ ئىقىۋاتقان بىشىڭنى تۇتقانچە ئولتۇرۇپ قالدىڭ مەن جىنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ بۇ نەس باسقان مىھمانخانىدىن چىقىپ كەتتىم، ۋە تاكسىنى تۇسۇپ مەكتىۋىمگە قايتىپ ياتاق دىرىزىسى تۈۋىدە تۇرۇپ تاڭنى ئاتقۇزدۇم، ھىلىمۇ ئاللاغا مىڭ شۈكرى شۇ كىچە ھىچ ئىش يۈز بەرمىدى بولمىغان بولسا ماڭا بۇ جاھاندا ياشاشمۇ ھارام بولاتتى.بىلىشىڭ كېرىككى جاھاندىكى ھەمما قىزلار  ئۇنداق ئەمەس ،نۇرغۇن قىزلار باركى ئۇلار ئىپپىتىنى ھاياتىدىن ئەلا بىلىدۇ، شەرمى- ھايا ئۇلارنىڭ جىنى،مەنمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن،مەيلى ئۇ ئۈرۈمچىلىك ياكى باشقا جايدىن بولسۇن، ۋە ياكى قانداقلا تەرەققى قىلغان  دەۋىردە ياشىسۇن ئىپپەت بىز قىزلار ئۈچۈن ھەممە، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، بىز ئۇنى ھاياتىمىزدىن كىچىپ بولسىمۇ قوغدايمىز، كامران سەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ،ۋە كەلگۈسىدىكى بىر مىللەتنىڭ ئاتىسى بۇلۇش سۈپىتىڭ بىلەن بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشڭ، ھەم ھەمشىرىلىرىڭ بولغان بىز قىزلارنى قەدىرلەپ ،ئاسرىمىقىڭ، مۆرىتى كەلسە پاكلىقىمىزنى قوغداش يۇلىدا جىنىڭنى تەسەددۇق قىلمىقىڭ لازىم ئىدى، ئەگەر يىگىتلىرىمىزنى ھەمىسى سەندەك پەسكەش، مەسئولىيەتسىز بولسا بىز قىزلارنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلار، مىلىتىمىزنىڭ تەقدىرىچۇ ؟ بىزقىزلار بارلىق ئەركەكلەرگە شۇنى خىتاپ قىلىمىزكى <<ئەي ئەركەكلەر ھۇشۇڭنى تاپ، ئاناڭمۇ، سىڭلىمۇ،ئاچاڭمۇ، ۋە كەلگۈسىدىكى مەھبوبىڭمۇ ئوخشاشلا ئايال، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم سىلەرنى  مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان قىز ئاياللارنى قوغدايدۇ،ۋە ھامىيلىق قىلدۇ دەپ سىلەرنى بىزدىن كۈچلۈك قىلىپ ياراتقان، ھەرگىزمۇ بىزنى بوزەك قىلسۇن دىمىگەن ،ئەي ئەركەكلەر بىزلەرنى قوغدا، ئاسرا ، بولمىسا سەن مىللەتنىڭ ئاسىيسى بۇلۇپ قالىسەن،ئىشىنىمىزكى سىلەر ھەرگىزمۇ زەيپانە،لاتا بەل ئەمەس!!!>>،شۇڭا كامران بۇ خىتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مىنى قايتا ئىزلىمە، مىنى ئۇنتۇپ كەت، ئاپام مىنى كىچىكىمدىن  تارتىپ ئىمان،ئىسلام بىلەن تەربىيلەپ، قۇرئان –ھەدىسلەرنى قەلبىمگە نەقىش قىلىپ ئۇيۇپ ، ئادىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ياشاشقا ئۈگەتكەن، شۇڭا مەن ئۆلسەم ئۈلىمەنكى ھەرگىز سەن دىگەندەك ھىلىقى بۇزۇق پەسكەش قىزلاردىن بولمايمەن،<<چالىقۇش>>رۇمانىدىكى كامران ۋاپاسىزلىق قىلىپ<<سېرىق گۈل>>نى تىپىۋىلىپ، فەرىيدەنى سەرسانلىق چۈلىگە پالاپ، سانسىز جەۋرى –مۇشاقەتلەرگە قويغان ئىدى،ئەمما سەن ئەمدى قايتا <<ئىپپىتىمنى سوراپ>> مىنى سەندىن قىچىپ مەكتەپنى تاشلاپ ئۇيەر –بۇ يەرلەرگە كىتىشكە مەجىبور قىلما ،چۈنكى ئۇقۇشۇم پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا قالدى ،مىنى  مەكتەپنى تىنىچ-ئامان پۈتتۈرۋالغىلى قوي!! بولمايدىكەن تىخىمۇ نەزىرىمدىن چۈشۈپ كىتىسەن،ھەم ئەلدىن ساڭا قاغىش ياغىدۇ.
خەيرى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمدىن ساڭا ئىنساپ، ئىمان ئاتاقىلىشىنى تىلەپ:پەرىيدەدىن






2009-يىلى2-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەنبە:چالىقۇش



تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-25, 12:56

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+20(Shahzade)
  • تۆھپە:+10(ikin) مەزمۇنى بەك ..
  • تۆھپە:+20(Naikon.x) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+5(kuxbeg526) بارىكاللا!
  • ياخشى باھا:+15(دۇنيا)
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-25 20:54 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    islamboy770204
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73863
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 90 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 150 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-11

     

    بۇ كىنونى مەن كورۇپ يادا بولۇپ كەتكەنتى شۇنداقتىمۇ  .......................

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    http://t2.baidu.com/it/u=3722745805,1345344241&fm=0&gp=44.jpg
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:03 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    yaxligim.
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28089
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1150
    شۆھرەت: 1161 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11282 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

     

    ھەقىقەتەن   ياخشى   يېزىلىپتۇ     

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:06 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 933
    شۆھرەت: 1463 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8514 سوم
    تۆھپە: 17 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    مەكتەپتىكى مۇھەببەت ،
    شۇنچە شېرىن كارامەت.
    دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن،
    يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت.
         ھەممىسى ئۇنداق بولۇشى ناتايىن،ئىشىنىش،چۈشىنىش،ھۆرمەتلەش،يول
    قويۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇھەببەت مۇھىت-شارائىتقا ماسلاشقاندائاندىن  ۋۇجۇتقا چىقىدۇ،نەتىجىسى بولىدۇ.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:06 |
    555rikabatqi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 59451
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 537
    شۆھرەت: 538 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5370 سوم
    تۆھپە: 801 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 857(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

     

    بۇ ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ،بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىكىدەك بولغان بولسا ما بىرقىسىم بۇزۇقلارنىڭ يولى ئىتىلگەن بولاتتى .مىنى سەل ئويلان دۇرۇپ قويغىنى بۇ تېما يوللىنىپلا نادىر لىنىپ قالغىنى  ..............................

    قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىر تەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:13 |
    مۇنبەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61830
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    سىز ناتونۇش ئادەمگە گەپ قىلماڭ دىگەن كىنونى كۆرمىگەنمۇ؟ تونۇمىغان ئادەمنىڭ كىتابىنى ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇيمىش تىخى.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:26 |
    $Gulxan$
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58894
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 42
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 383 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    ئاللا كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ دىيانەتنى سىلىپتىكەن، رەھمەت، مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك كۆرسەمكەن دەيمەن،

    قارا خان
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:28 |
    tursunmamat
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 15857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-25

     

          
       نېمىدىگەن ئېسىل قىز ھە، ئاللاھ ئىگەمدىن جەمىيتىمىزدە سىلەردەك قىزلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىشىنى تىلەيمەن .  .  

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:30 |
    arman532
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53196
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 600 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-13

     

    ياخشىمۇسىز؟
    مەن سىزنىڭ بۇ ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، سىز بىلەن سىرداشقۇم كېلىۋاتىدۇ، سىز بىلەن تونۇشۇشنى خالايمەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:34 |
    anwar-mahzun
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7511
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 397
    شۆھرەت: 401 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3196 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 915(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    بۇ بىر ئىبرەتلىك ياخشى تىمىكەن  بولسا قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئىپپەتلىك بولسا ،شەرمى ھايالىق بولسا .......مەنمۇ مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇيمەن دەپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇمدىن تىل ئىشىتكەن ..ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ بۇ...

    ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:39 |
    تىلسىمات
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72812
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 255
    شۆھرەت: 255 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2550 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    بۇ ئەسەرنى ناھايىتى ناخشى يىزىپسز قىزچاق!خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن.
    جەمىيتىمىزدە ھەممە قىز-يىگىتلەر بۇ چەكلەنگەن مېۋىنىڭ قانداق ۋاقىتتا يىيىلسە بولدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسا،
    جەمىيتىمىزدە ئەيدىزدەك كىسەلمۇ بىر-بىرىدىن يۇقۇپمۇ يۈرمەيتى،بىزنىڭ تىمىلىرىمىزدىمۇ ئەخلاق توغرىسىدىكى
    مەزمۇنلار ئازراق سۆزلىنەتتى.ھەممە ئۆز جۈپتى بىلەن بەخىتلىك
    تۇرمۇش قۇرۇپ،بىر ئۆمۇر بەختلىك ئۆتەتتى.
    قاراڭلار! بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئازلىقىغا؟باسقۇنچۇلۇق،
    ئاشنا دىگەندەك تىمىلارغا سەندىن مەن قالامتىم دەپ ئنكاس
    يىزىشىپ كىتىدىكەن(ھەتتا بەزىدە تىللىشىپمۇ كىتىدىكەن).

    بەلكىم بىزنىڭ بەزى بىر قىسىم ئاغىنە-بۇرادەرلىرىمىز بۇرۇن
    باسقان خاتا قەدەملىرى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىۋاتامدىكىن
    دەيمەن...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    جەننەت ئانىنىڭ ئايىقى ئاستىدا...
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:39 |
    gulsema
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58111
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 319
    شۆھرەت: 320 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 351(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    چالىقۇشى.....  بۇ روماننى بەك ياختۇرىمەن!

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:51 |
    BaSaR
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28453
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 328
    شۆھرەت: 329 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3270 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 177(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-15

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن ،ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرگە ئىمان ئىتقاد ئاتا قىلغايسز .

    مېنىڭ سىزگە تۇتىۋاتقىنىم گۈل ئەمەس، كۆڭۈل.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 21:55 |
    25NASEYME
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70980
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 218
    شۆھرەت: 218 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2180 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 357(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     

    دىمىسىمۇ قىزلار ئوغۇللار قۇرغان توزاقتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ.ئاللاھ كۆڭلۇمگە ۋە كۆڭلۇمىزگە ئىنساپ ھىدايەت بەرگەي ئامىين.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 22:02 |
    rahimjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 74420
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 23 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-16

     ياىشىRe:ساڭا ئىپپىتىمنى بېرەلمەيمەن ئەزىزىم(چالىقۇش)

    ياخشى يېزىپسىز  

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-25 22:25 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/14 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-16 17:37, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ