مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى روزىباقى ھاجىم ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى
 
شىنجاڭ يېڭى ئىز توي خاتىرە سۈرەت تارتىش مەركىزى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
«123»Pages: 1/3     Go
سىز بۇ تېمىنىڭ 1996 - كۆرۈرمىنى
تىما: [ئاتا بۆرە ] ئانا ۋە چۆچەك
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا

UID نومۇرى : 35769
نادىر تېما : 5 پارچە
يازمىسى : 263 پارچە
شۆھرەت: 448 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2730 سوم
تۆھپە: 295 نۇمۇر
ياخشى باھا: 236 نۇمۇر
مۇنبەردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
ھازىرقى ھالىتى :
تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
0  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 01:45
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

[ئاتا بۆرە ] ئانا ۋە چۆچەك

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى : بۇ يازما saadat تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-02-25)
شەبنەم شىركىتى بىر يىللىق ئەسلىمىلىرى
ئانا ۋە چۆچەك



  
  ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك ، بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەر .
                                                                    ـــ رىزائوددىن ئىبىن فەخرۇدىن .

  ئۇپۇق قان رەڭگىدە كەشتىلەندى . قۇشلار توپ – توپى بىلەن ئۇۋىسىغا قايىتماقتا . كەپسىز قۇش بالىلىرىنىڭ چۇرۇقلاشلىرىغا ئەگىشىپ ئانا قۇشلار بالىلىرىغا نۆۋەت بىلەن يەم بەرمەكتە . قورسىقى تويغان قۇش بالىلىرى بولسا ئانىسىنىڭ پەيلىرىنى ئۆزىگە يىپىنچا قىلىپ ئۇنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇيقۇ دېڭىزىدا لەرزان ئۈزمەكتە ... بالا ئۈچۈن ئانىنىڭ چۆچىكى نېمىدىگەن ياخشى نىمەت - ھە !؟ ... ئۇنىڭدا ، چىن تۆمۈر باتۇر ۋە مەختۇمسۇلانىڭ باتۇرلۇق ، ۋاپادارلىق ، ئۈمۈد گۈلخانلىرى مۇجەسسەملەنگەن ... بۇ چۆچەكلەر بىلەن كۆڭۈل ئۆيىنى بېزىيەلىگەن بالا چوقۇم باتۇر ، چىن ئەركەك بولالايدۇ . ئۇنىڭغا ئوخشاش بالا ئاپىرىدە بولغان زىمىنمۇ كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ ... ئايمۇ بۇ زىمىنغا تەبەسسۇم بىلەن قارايدۇ ... بۇ چۆچەكنى يەنە قانچىلىغان قارا كۆزلەر ئاڭلاپ يەنە قانچىلىغان قارا كۆزلەرگە سۆزلەپ بېرەر ؟؟ ... يىشىڭنى سۈرتىۋەت ئەي ئۆز ئۆزىنى زۇلمەتكە باشلىغۇچى ، تىزىڭنىڭ تىزگىنى ئۆز قولۇڭدا ...
   كەچكى قۇياشنىڭ نۇرلىرى ، بۇ بىتلەي زىمىننى ، بۇ زىمىن ئۈستىدىكى كىشىنى سۆيۈشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سۆيۈلۈشتىن مەھرۇم قالغان بىر قەۋىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ، يول ئۈستىدىكى بىنەپشە رەڭ نامازشام گۈللىرىگە قىيالماي يىنىشلاپ سۆيمەكتە . لىكىن ، بۇ ئاخىرقى قېتىملىق ۋىدالىشش ئەمەس … ئەتە يەنە قۇياش چىقىدۇ ، كائىنات ئۇنىڭ نۇرىدا ئۆزىنى قايتا يېڭىلايدۇ ! ... ئانا بىلەمسەن ، مەن قۇياشنى سەندىن ئىككى سائەت بۇرۇن كۆرىمەن . لىكىن ، قۇياش پەقەت بىر . ئۇ ئۆزگەرگىنى يوق . ئۇنىڭ سېخىي ئالقانلىرى يەنىلا بىزگە ئوچۇق .. ئەپسۇس ، كىشىلەر ئۆزگەردى . قۇياش كىشىلەرگە زىمىستاندا ئىللىقلىق بېرىدۇ ، ئۇلارنى ئىللىتىدۇ . زىمىستاننىڭ قارا بورانلىرىدىن ساقلايدۇ . لىكىن كىشىلەر كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېرىشنى ئۇنتىدى . ئۇلار كۆكلەمدىمۇ بىر – بىرگە زىمىستان ئاتا قىلىشماقتا . ئۇلارنىڭ چېھرىدە نۇر پارلاپ تۇرسىمۇ كۆڭلىنى بىر قەۋەت مىليۇن يىللىق مۇز قاپلىدى . تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان شەيتان كەبى ئىنسانلار قەۋمى زىمىننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ باردى ... ئۇلار ئۆزىنى ئۇنتىدى . ئۆزىنىلا ئۇنتىماي ئىگىسىنىمۇ ئۇنتىدى . ئىگىسىنى ئۇنتىغان مەخلۇقتىن مۇھەببەت تەلەپ قىلىش ئۆزى ئەخمەقلىق . ئۇ - ئۆلۈكتىن ئىيمان تەلەپ قىلغان بىلەن باراۋەر . ھەقىقىي ئېدقاد بولمىسا تەندىكى ئۆلگەن روھ كىلەركى تۈمەن يىلدىمۇ تىرىلمەيدۇ ، ئەلۋەتتە ... زىمىننىڭ مۇزلاپ كەتكىنىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ... ئۆزۈڭنى قايتا يارات ! ... ئەي ، ئوغۇز سۈتىنىڭ تەمىنى ئۇنتۇغۇچى ...
   ئانا ، ئۇغلۇڭ سېنىڭ چۆچەكلىرىڭنى بەك سېغىندى . چۆچەك ئىچىدىكى يالماۋۇزنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان چىن تۆمۈرنى سېغىندى . تونۇر بىشىدا ئىسسىق ناننى يەپ ئولتۇرۇپ يۇلتۇزلار بىلەن ئۇزۇندىن –ئۇزۇن پاراڭلاشقان كېچىلەرنى سېغىندى . سۈبھىدە چولپان يۇلتۇزىغا كۆڭۈل سىرلىرىنى پىچىرلىغان چاغلارنى ، كۈندۈزلىرى ئۈژمە دەرىخىگە چىقىۋىلىپ تاماقنى ئۇنتىغان چاغلارنى سېغىندى . قولى سۇنسىمۇ يىغلىمىغان كۈنلەرنى ، بالىلىقنىڭ تال چىۋىقنى ئات قىلغان قىقاس – چۇقانلىرىنى سېغىندى . لىكىن ، ۋاقىت – ئۇ رەھىمسىز زوراۋان ! ... يىللار يورغىسى پەسىيىپ قالغىنى يوق . ئۇنىڭ يورغىسىغا يورغا قوشۇلماقتا ... يىللار توزانىدىن ئۆزۈڭنى تاپ ! ... ئەي بىپەرۋا مەخلۇق ...
   ئانا ، ئوغلۇڭ ياشاۋاتقان بۇ يەردە ئۇنى ساڭا ئوخشاش ھەر سەھەردە ئويغىتىدىغان كىشى يوق . ئۇ ، تاڭ قوينىدا بامداتقا ئەرزان توۋلىشى بىلەن سالقىن شامال ھۇجىرىسىغا كەپسىزلىك بىلەن كىرىۋالغاندا سەن تونۇر بىشىدا سۆزلەۋاتقان چۆچەكلەرگە قىيمىغان ھالدا كۆزلىرىنى ئاچىدۇ ، دە - دېرىزە تەكچىسىدە قونىىلىپ زوق – شوق بىلەن سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ كۈيلىرىگە جۆر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى يېڭى بىر ھاياتلىق ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكى مەكتەپ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈتىۋالىدۇ . ئانا، بۇ يەردە سەن ھەر ئەتتىگەنلىكى ئۇنىڭغا تەييارلايدىغان ئەتكەن چاي يوق . جىققىنە چىلاپ بېرىدىغان نانمۇ يوق . بەزىدە بۇ بەڭباش نامازدىن كىيىپ ئۇخلاپ قالىدۇ- دە ، كىچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلماي سىنىپقا چاپىدۇ . لىكىن ئۇ سىنىپقا كىچىكمەيدۇ . ئۇنىڭ ھەر سائەتلىك دەرىسى « سۈرە فاتىھە » دىن كىيىن باشلىنىدۇ . بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا گۈزەللىكنىڭ ئەكسى قايتا – قايتا يانىدۇ . خىيالى ئوكيان ئاتلاپ بىپايان كەڭ يايلاق تامام ئۇچىدۇ ... ئانا بىلەمسەن ، مەركىزى ئاسيانىڭ تىلسىملىرى يوشۇرۇنغان ، ئاتنىڭ كىشنەشلىرىگە ، ھۇررا چۇقانلىرىغا شاھىد ، ئەينى چاغ كارۋان قوڭغىراقلىرى ياڭرىغان يىپەك يولىدىكى گۈزەللىككە تويۇنغان زىمىندىن كەلگەن بۇ قارا قاشقا ساۋاقداشلىرى بەك ئامراق . بەزىلىرى تېخى ئۇنى ئاكا قىلىۋالدى . بۇ ئۇكىسى يوق ، تۇرۇپ - تۇرۇپ سەندىن باتنايدىغان يىگىت ئاخىرى نۇرغۇن نۇرغۇن ئۇكىلارنى تېپىۋالدى ... ئانا بىلەمسەن ، ئۇمۇ بەزىدە سېنى دوراپ ئۇكىلىرىغا چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ . لىكىن ، ئۇنىڭ چۆچەكلىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر يوق ، مەختۇمسۇلامۇ يوق ... ئۇنىڭ چۆچەكلىردە نۇرغۇن - نۇرغۇن يۇلتۇزلار بار . ئۇ يۇلتۇزلار دائىم ئۇنىڭ تۈن كېچىلىرىنى قۇياش كەبى يورىتىدىغان يورۇق يۇلتۇزلار . نىشانىنى يوقىتىشقا يول قويمايدىغان ، ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىدۇر ... تۈن كىچىلەرنى قاراڭغۇ ئويلاپ ئازما ! روھىڭ يېنىپ تۇرسىلا ئۇ ساڭا ماياك . تۈن كىچىلەرمۇ تاڭ كەبى ساڭا باش قويىدۇ ... دەيدۇ ئۇ دائېم ئۆز – ئۆزىگە .
   ئانا ئېسىڭدىمۇ ؟ بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل مۇقەددەم ئۈشبۇ بۈگۈندە سەن قاتتىق تولغاق ئازاۋىنى تارتىۋاتقان ئىدىڭ . سېنىڭ ئاۋازىڭدىن زىمىنمۇ تىترىگەن ، دەرەخلەر قول قۇشتۇرۇپ سۈكۈتكە چۆمگەن ، سۇلار تاشقىنلاپ شاۋقۇنى ئەۋجىگە چىققان ، قۇياش جايىدا توختاپ ، سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى ... ئاخىر ئاللاھ ساڭا يار بولدى . قاچانكى ئىڭڭەلىگەن ئاۋاز ياڭرىشى كۆز چاناقلىرىڭدا پۈتمەس خۇشاللىق ئەكىس ئەتتى . ئاللاھغا يۈزمىڭلىغان ھەمدۇ سانالار ئېيىتتىڭ . دەرەخلەر ساڭا باش لىڭىشتىپ تەزىم قىلىشتى . سۇلارنىڭ قاينىمىدا « ئانا » دىگەن ئىسىم پۈتۈلدى . زىمىننىڭ قان ئوتتۇرسىدىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى . قۇياشمۇ قاقاقلاپ كۈلدى . زىمىن يۈزىنى سۇس يامغۇر پەردىسى ياپتى . سارغايغان تاغلار يىشىللىققا چۆمدى ... چۈنكى سەن ئۇيغۇرغا بىر يىگىت تۇغۇپ بەردىڭ . ئۇيغۇرنىڭ كىيىنكى نەسلىنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يول ئاچتىڭ . بۇ چىغىر يول ئەمەس ، بەلكى ئۇپۇققا تۇتاشقان گۈزەل يولدۇر ... ئانا ، تارىتقان جاپالىرىڭ ، پىشانەڭدىن تامغان ھەر تىمىم تەر ، چېھرىڭدىكى ھەر تال قوۋرۇققا ، تال – تال ئاق چاچلىرىڭ ، پەرزەنىتلىرىڭگە بولغان مېھرى – مۇھەببەت ، تالاي تۈن كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلىغان كەچمىشلىرىڭگە يۈرەك شاھىت شۇنىڭدەك ئەبەدىي ئۆچمەس خاتىرە مۇنارى بولسۇن ! ... ئەسلىڭنى ئۇنۇتما ! كىيمىڭگە چاڭ قونسىمۇ روھىڭغا قونمىسۇن ...
   ئانا ، مانا بۈگۈن ئوغلۇڭ ئۆز – ئۆزىدىن قايتا تۇغۇلدى . ئۇ 20 نەچچە يىل ئۈشبۇ كۈننى زىمىستان ئارا كۈتىۋالغان بولسا ئەمدىلىك يىراق قىرلاردا باھارنىڭ يامغۇرلىرى ئارىسىدا كۈتىۋالدى . لىكىن بۇ باھار ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلالمىدى . چۈنكى ئۇ سېنى ، ئۇ مەڭگۈ سۆيىدىغان ۋەتىنىنى قاتمۇ – قات چىگرا ئارقىسىدىكى شۇ زىمىستان قوينىغا تاشلاپ قويۇپ بۇ باھارنى كۈتىۋالدى ... ئۇنىڭغا بۇ باھار ھەقىقىي باھار بولالىسىنمۇ ؟ ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ زىمىستانىڭغا جۆر بولغۇسى تەنلىرى زىمىستانىڭغا يات قىرلاردىكى باھارنى تەڭ قىلمايدۇ . بۇ ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراق ... ئانا ، ئوغلۇڭ قارنى بەك سېغىندى . لىكىن يۇرتىمىزدا قار بۇرۇنقىدەك ئاپئاق ياغامدۇ ؟ بالىلار بۇرۇنقىدەك نۇر ، چانا ئوينامدۇ ؟ مەن شۇنداق ھېس قىلىمەن ، بۇ ئويۇنلار پەقەت بىزنىڭ قەلبىمىزدىلا ھايات بولسا كېرەك . چۈنكى بىزنىڭ كىچىك سەبداشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىنى شەھۋەتلىك ھېسيات ئالۋىڭى ، ئاق تۈتۈن ، شاراب قەسىرلىرى ۋە شاراب قەسىرلىرىدىكى شەيتاننىڭ سېھىر – ئەپسۇنلىرى مەپتۇن قىلىۋالدى . بۇ يەردە بىر توپ شەيتان مەپتۇنكار ھالاكەت مۇزىكىسى ياڭرىتىپ بۇ بىر توپ ئەرمەك مەخلۇقلارنى دار ئالدىغا باشلاۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، ئۇلار دار ئالدىدا خۇددىنى بىلمىگۈدەك ھالدا ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ . شەيتان ئۇلارغا خەنجەر – پىچاق تۇتقۇزۇپ بىر – بىرىگە سېلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ شەيتان تەرىپىدىن خۇمارلاشقان كۆزلىرى دوستنى دۈشمەن كۆرۈپ خەنجەرنى بىر – بىرىنىڭ يۈرىكىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇرىشىۋاتىدۇ . لىكىن ، ئۆز جىسمىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . يىگىتلەر بىر – بىرىدىن يىگىتلىك ، ئەركەكلىك تەلەپ قىلىۋاتىدۇ . لىكىن ئەركەكلىكنى ئۆز قولىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ، قىزلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . قىزلار ياتلاردىن گۈزەللىك ئىزلەۋاتىدۇ . ئەپسۇس ، گۈزەللىك ئۇلارنىڭ ئۆز قولىدا ۋەيران بولىۋاتىدۇ . ئۇلار تېنىگە يەڭگىللىك ئىزلەۋاتىدۇ ، كىيىم ئۇلارنىڭ تېنىدە بارغانسىرى شالاڭلاۋاتىدۇ . لىكىن روھىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشالمايۋاتىدۇ . ياغلىق ، ھېجاب گۈزەللىكنى نامايەن قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى ئەپسۇس ، بۇدەم ئۇ « مەتۇ » لىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى ... ئانا كۆرىۋاتامسەن ، ئۇلار شەيتاننىڭ ئۆزلىرىنى مەسخىرى قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈشمەيۋاتىدۇ . ئۇلار ئاخىرەت ئازابىنى ئۇنتۇشتى . ھەقنى ئۇنتىغاننى شەيتان ئۆزىگە سادىق قۇل قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە ... ئانا ، بىلىمەن باغرىڭ زەرداپقا تولدى . باغرىڭدىن ئاداققى ۋولقان جامىڭ تاشماقتا . يۈرەكتىكى گۈلخاننىڭ تەپتى قۇياشنى خىجىل قىلماقتا ... بىلىم – ئەقىلنىڭ چىرىقى ئىدى . ئۇ قاراڭغۇ يولنى ، دوست – دۈشمەننى پەرىق ئېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى . ئەپسۇس بۇدەم كىتاب قەسىرلىرىگە غېرىبلىق ئۇۋا سالدى . ئۆمۈچۈك تورى بىلەن توپا – چاڭ ئۇنىڭغا مۇڭداش بولماقتا . تۈمەن يىللىق ھېجران توپانى ئۇنى قايتا باسماقتا ... قار ـ بۇ پاكلىقنىڭ سېمۇۋۇلى ئىدى . ئۇ دېھقاننىڭ كېلەركى بىر يىللىق ھوسۇلىنىڭ ئاساسى ئىدى . لىكىن ھازىر قار يوق . ئاڭلىسام بۇدەم قارمۇ يۇرتىمىزدا قاپقارا ياغىدىغان بوپتىمىش ... ئانا ئېسىڭدىمۇ كىچىك چاغلىرىمىزدا بىز قورۇنىڭ ئالدىدا قاردىن قىش بۇۋاي ياساپ ئويناتتۇق . ھازىر تەغدىر زىمىستانىدا بىزنى قار بۇۋاي كەبى ياسىماقتا . ئۇ – مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭسا ھامان بىر كۈن ئېرىپ تۈگەيدۇ ... ئانا ، ئوغلۇڭ تۇرۇپ – تۇرۇپ چۈش كۆرۈپ قالىدۇ . چۈشىدىن ئويغىنىپ ئۇزۇن – ئۇزۇن خىيال سۈرىدۇ . ئۇنىڭ چۈشلىرى بەك مۇڭلۇق . ئۇنىڭدا كارۋان ناخشىلىرى ، تۈگمەس ناخشا ، ئۆستەڭ ناخشىلىرى ، ھەتتا كۆچ – كۆچمۇ بار . ئۇ چۈشنى سۆزلىسۇن  تەبىرىنى سەن بەرگىن :


ئۇيقىسىز تۈنلىرى ئەتمەكتە داۋام ،
يۈرەكتە داغ بولدى سېغىنىش كۈيى .
ئەي ئانا ! سېنىڭسىز ساقايماس يارام،
سېنىڭسىز توزۇيدۇ بېغىمنىڭ گۈلى .

ئەسلىمەم ئويغىتار گۈزەل ۋەسلىڭنى ،
چۈشلىرىم يۈگەنسىز باشلار باغرىڭغا .
ئاي نۇرى كۆرسەتتى سىزىپ ئەكسىڭنى ،
ئاق قىراۋ سانجىپتۇ قۇندۇز چېچىڭغا .

قولۇڭغا جۆر بوپتۇ ئالتۇن ھاستاياق ،
باسىدۇ مەنزىلىڭ سۈكۈتتە تىمتاس .
پۇتلۇرۇڭ قاپارغان كۆرۈنمەس ئاياق ،
تۈمەنمىڭ ئوغلۇڭ ماتەمگە قىياس .

ئاقىدۇ دولقۇنلاپ شاۋقۇنسىز دەريا ،
ئېلىنىڭ بۇيىغا تەلمۈرەر باغراش .
قىيالماي قالغاندى يىرىم تەن تەنھا ،
يۈرەكنى يۈرەكتىن ئايرىسا ياپياش .

تارىمدا چۈش ئەسنەر ئۇيقىچان قەشقەر ،
تەڭرىتاغ قوينىدا تۈگىمەس مەشرەپ .
تەمتىرەر تۇماندا ئازغان تاش شەھەر ،
باھاردا تۆكۈلسە قارلار  لەپىلدەپ .

سايرامنىڭ كۆزىدە سىزىلغان سۈرەت ،
كۈيىدە ياڭرىتار تۈگىمەس ناخشا .
ئېيتسىمۇ ناخشىنى تۈنلەردە رەت – رەت ،
بېلىقلار نىشانسىز غەرىق ئۇيقۇدا .

يالتىرار يىراقتا كۈمۈش چوققىلار ،
خىتابى : " باشلىرىم ئەمەس ئاق بايراق ! ،
باسقىنىم بەك ئۇزۇن كۈلپەتلىك يوللار ،
بۇ يولدا تۆكۈلدى نى – نى ياش ياپراق " ...

ئۇلۇغلار قەبرىسى تۇرىدۇ سەپراس ،
قەلبىلەر ھەرجايدا بولغاچقا تۇتاش .
قەبرىنى سېغىنىپ كېلەر ، قايسى راس ؟!
قايسىسى رەسمدە قىزلارغا قولداش . .

نان ئىزدەپ يۈرىدۇ كوچىدا ئايال ،
بۆشۈكتە بۇۋاقنىڭ پىغانى يۈكسەك .
يىتەلمەي ئۆيىگە قالىدۇ ھايال ،
قاۋاقتا ئاتالغان يىلىگسىز ئەركەك .

كۆيمەكتە چۈشلىرىم ، تىتىرەر زىمىن ،
قوقاسقا ئايلاندى گۈلخاندا غۇرۇر .
كۆيمەكتە دەريالار ، توغراقلار غەمكىن ،
سارغايدى شەبنەملەر بەرگىدە مەغرۇر .

سەھەرنىڭ نۇرىدا چېچىلدى چۈشۈم ،
قولۇمدا تۇرۇپتۇ سەن ئەتكەن يوللۇق .
ئۇپۇقنىڭ قوينىغا ئېلىنغان يولۇم
ئاراسى ئېچىلدى قىپقىزىل چوغلۇق .

سەندە بار ئەجدادىم ئىپار ھېدلىرى ،
سېنىڭسىز كەزگەن باغ قەبرىگە يانداش .
سەندە بار ئەجدادىم زەپەر كۈيلىرى ،
سېنىڭسىز كۈنلىرىم ئۆلۈمگە تەڭداش

ئەي ۋەتەن ! سېنىڭسىز ياڭرىماس ناخشام ،
ھېدلايمەن چۈشۈمدىن ھېدىڭ يىنىشلاپ .
گەر تىنىق ئۆچسىمۇ ئارمانسىز ياتسام ،
ئانا يەر ، جىسمىڭنى مەڭگۈ باغاشلاپ ...




خاتىمە



ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم بار : « قىز تۇغماڭلار شەرمىي ھايا تۇغۇڭلار ، ئوغۇل تۇغماڭلار غۇرۇر – جاسارەت تۇغۇڭلار ! »
                                            
                                                                   ـــ كىتاب خاتىرلىرى .


  جەننەت ئانىنىڭ ئاياقى ئاستىدا . ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئاتىنىڭ بىر جۈپ بېلىكىدە ، توغرا يولغا باشلىغۇچى يۈرىكىدە . ھەقىقي ئانا يوق ۋەتەن ـ ئاخىرلاشقان قەۋىمگە قىياستۇر . ھەقىقىي ئاتا يوق قەۋىم ـ بىر توپ ناكەسلەر يىغىلغان جازا مەيدانىغا قىياستۇر . چۈنكى ، ئەقىدە بولمىغان ئەلدە ئاسىيلىق ئەۋىج ئالىدۇ ! ... قېنى ئانا ، ئۇغلۇڭنىڭ ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن دۇئا بەرگىن . سېنىڭ بىر تامچە سۈتىڭنىڭ ھەققى ئۇنىڭ يەلكىسىدە ئالەمچە مەسئولىيەتنى تۇيغۇسى بىنا قىلدى . بۇ ھەر قانداق بوران – چاپقۇندا يىمىرىلمەس ئابىدە مۇنارىدۇر . ئۇنىڭدا سەن كەبى يەنە نۇرغۇنلىغان بىناۋا ئانىلارنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئارمانلىرى تىكىلگەن . ئانا ، سەن بەخىتنى تىلىگەن ، ھەر نامىزىڭىدا ياد ئېتىۋاتقان بۇ قۇش بالىسىنىڭ ئارمانلىرى ئۇنىڭ بىر جۈپ قانىتىغا مۇجەسسەملەندى . ئۈشبۇ كۈندە ئۇ قايتىدىن بوران قۇشى بولۇپ دۇنياغا ئاپىرىدە بولدى . ئۇ ھەر دۇئاسىدا بارلىق جاپاكەش ئانىلارغا مەڭگۈلۈك بەخىت ، يىمىرىلمەس بۇرۇچ ۋە ئۆز قەۋمىگە ھەقىقىي ئەركەك تىلەيدۇ . شۇنىڭدەڭ مەڭگۈلۈك سائادەت . ئۈشبۇ سائەت ، ئۈشبۇ مىنۇت مەن ۋە تۈمەنلىگەن قەلىبداشلارنىڭ قولى دۇئادا بولسۇن . بارلىقمىز ئانىلارغا بەخىت ، ئاتىلارغا ھەقىقىي ئەركەكلىك تىلەيلى ! ...

ئانا ، مىنى بۇ دۇنياغا تەۋەللۇد قىلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن !

ــــــ
        يىراق قىرلاردىكى سېنىڭ ئۈمۈدۋار ئوغلۇڭ !


2009 . 2 . 25 . ئەتتىگەن سائەت 1




  ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتىشى : مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئۆز نامىدا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاۋاتقان قېرىنداشلار ! سەۋىرنىڭمۇ چىكى بولىدۇ . ئەگەر سىزدە ئادىمىيلىك خىسلەت بولسا قىلىۋاتقان نۇمۇسسىزلىقىڭىزنى توختىتىڭ . پېقىر تا مۇشۇ كۈنگىچە سۈكۈتتە بولدى .  
[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن2009-02-26 08:48دە قايتا ]
يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+30(باياۋان) ئەھمىيەتلىك
  • تۆھپە:+20(sabiha)
  • تۆھپە:+10(mehrigiya) ئىجادىي ئەسە ..
  • تۆھپە:+20(saadat) نادىر ئەسەر
  •   تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
      تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-24, 18:47

     

    مىسرانىم تورى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    شەبنەم يېڭى كىنوخانىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 28934
    نادىر تېما : 1 پارچە
    يازمىسى : 280 پارچە
    شۆھرەت: 304 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2840 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1942(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    1  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 10:31
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    مۇشۇنداق ئىجادى ئەسەرلەرنى  كۆپرەق مەيدانغا كەل تۈرگەندە جەميەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق .
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 9172
    نادىر تېما : 6 پارچە
    يازمىسى : 1303 پارچە
    شۆھرەت: 1566 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12700 سوم
    تۆھپە: 266 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 264 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 6024(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    2  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 10:56
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ما ئەسىرىڭنى ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي...........
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مۆمىنجان ئابلىكىم
    كىملةردىن قالمىغان دۇنيابۇ؟!!!
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 55168
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 6186 پارچە
    شۆھرەت: 32908364 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7400 سوم
    تۆھپە: 81 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1939(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    3  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 11:42
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نادىرلاش كېرەك مۇشۇنداق تىملارنى.
    مەن نادىرلاشنى تەلەپ قىلمەن!!!!
    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئىنسان بۇدۇنيادا  ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا
    UID نومۇرى : 68694
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 258 پارچە
    شۆھرەت: 326 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2530 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 68(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-12
    4  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 12:03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    خېلى بولدىغان تىما يوللاپسىز جۇمۇ ،قولىڭىزىغا دەت كەلمسۇن،،
    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    شەبنەم ئاۋازى تور رادىئوسى
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 73863
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 66 پارچە
    شۆھرەت: 161 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 99(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    5  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 12:16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    دۇنيادا ئاتا-ئانىدىن ئۇلۇغ باشقا نەرسە بولمىىغاندەك ،بۇتىمىڭىز ناھايىتى ياخشى ياخشى تىما بوپتۇ.
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    http://t2.baidu.com/it/u=3722745805,1345344241&fm=0&gp=44.jpg
    شەبنەم ناخشىسى
    قىزىم ، دۇنيا سىنىڭ قۇلۇڭدا !
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 21746
    نادىر تېما : 2 پارچە
    يازمىسى : 2877 پارچە
    شۆھرەت: 4697 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 122416 سوم
    تۆھپە: 107 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 230 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1581(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-09
    6  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 12:42
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئاپامنىڭ قىشىغا بېرىپ ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ ئاپامنىڭ قۇلاق تۈۋىگە « ئاپا ، سىنى خاپا قىلىپ قويغان يەرلىرىم بولسا مەندەك تەنتەك قىزىڭنى كەچۇرۋەت » دىگۈم كىلىۋاتىدۇ .
    [ بۇ يازما ئىشەنچ تەرپىدىن2009-02-25 22:15دە قايتا ت ]




    ئوغۇللارنىڭ ، ياشلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق






    شەبنەم ناخشىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم پەخرى

    UID نومۇرى : 21863
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 1666 پارچە
    شۆھرەت: 1745 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 16610 سوم
    تۆھپە: 50 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 116 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 390(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2007-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-15
    7  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 19:37
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم بار : « قىز تۇغماڭلار شەرمىي ھايا تۇغۇڭلار ، ئوغۇل تۇغماڭلار غۇرۇر – جاسارەت تۇغۇڭلار ! »
                                                
                                                                       ـــ كىتاب خاتىرلىرى .

    شۇنداق بولۇش كىرەك...بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىگە باھا قويغىلى بولماس ...


    ۋاپادارلىق ،ئەقىدە، جاسارەت ،چەكسىز مىھرى _مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئانا تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.. .سىزگە كۆپ رەخمەت يازمىڭىزنىڭ  مۇۋاپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن .
    ئاپىڭىزنىڭ بۇگۈنكى قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن .ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي تىلەكلەر يار بولسۇن .
    ۋەتەن پەرۋەر ئەل سۆيەر ئوغلىنىڭ بولغانلىقىدىن ئانىڭىز چوقۇم پەخىرلىك ھىس قىلىدۇ ...
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئەگەر ئاچقۇچ بولمىسا ئۆز قولۇڭدا ،
    بەخىت_ تەلەي بولماس ماڭغان يولۇڭدا .
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا

    UID نومۇرى : 9032
    نادىر تېما : 7 پارچە
    يازمىسى : 1717 پارچە
    شۆھرەت: 1889 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17340 سوم
    تۆھپە: 484 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 399 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 883(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2006-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    8  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-25 21:50
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز . نادىر تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن  .
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئۇكام.
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا

    UID نومۇرى : 35769
    نادىر تېما : 5 پارچە
    يازمىسى : 263 پارچە
    شۆھرەت: 448 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2730 سوم
    تۆھپە: 295 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 236 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-26
    9  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-26 12:03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

      مەجنۇنتال ، مېھرىگىيا ھەدە سىلەرگە رەھمەت . ئىنىڭلار نىمە قىلىشنى ئەمدى بىلدى .  
    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 37815
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 97 پارچە
    شۆھرەت: 98 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 885 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 270(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-27
    10  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-26 13:11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    موشۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئوقۇغانلىقىمدىن بەك خوشالمەن. ئانىڭىزغا رەخمەت، سىزدەك ياخشى بالىنى تەربىلىگەنلىكىگە!
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى
    UID نومۇرى : 73566
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 142 پارچە
    شۆھرەت: 160 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1420 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 136(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-28
    11  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-26 17:06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم بار : « قىز تۇغماڭلار شەرمىي ھايا تۇغۇڭلار ، ئوغۇل تۇغماڭلار غۇرۇر – جاسارەت تۇغۇڭلار ! »
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 73216
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 25 پارچە
    شۆھرەت: 25 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 22(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-04-12
    12  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-26 22:50
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

       غېرىبلىق باسقان ئەسەر ...
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 74600
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 13 پارچە
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 129 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2009-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-06-02
    13  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-27 17:17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

      ئەسەردىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ . بۇ چۆچەكلەر يەنە قانچە ئۇزۇن سۆزلىنەر ؟
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى
    UID نومۇرى : 40207
    نادىر تېما : 0 پارچە
    يازمىسى : 79 پارچە
    شۆھرەت: 80 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 740 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەردىكى ۋاقتى: 18(سائەت)
    ھازىرقى ھالىتى :
    تىزىملاتقان ۋاقتى :2008-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى : 2009-05-15
    14  ـ قەۋەت ۋاقتى: 2009-02-27 19:42
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    نادىر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۇرگەن قەلەم بەرقەت تاپسۇن !