بولدى
((غەزەل ))
ئاپتۇرى ؛ ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
((جاھانىي ئالەمدىكى بىۋاپا يارى ئازابىدا پۇچلىنۋاتقانلارغا بۇ شېئىرىمنى بېغىشلىدىم ))
ئەي يارەنلەر قەدىردانلار سۆيگەن يايرىم ياتلار بولدى ،
نەكى ياتلار بەلكى ئازاب دەرياسىغا تاشلار بولدى .
سەۋەپ سورماڭ ماڭىمۇ دىمىدى نىم بولدۇمكىن ھېچ قارمىدى،
كۆز ئالدىمدا يارلەر تۇتۇپ يارلىرىمنى تاتلار بولدى ..
بىر جان ئەمەس مىڭ جانىمنى ئاتاشقا ماس غەمخان ئېردى .
نە بولدىكىن ؟بىلمىدىم تاڭ كۆزلىرىمنى ياشلار بولدى .
ئەنسىرەيمەن مەندىن ئۆزگە سۆيەلەرمۇ مېنىڭدەك دەپ ،
كۆڭلى شۇنداق ئوخشايدىلەر -غەمدە مېنى ئاشلار بولدى.
بەخىتلىك بول ئازابلانساڭ مېنى ئىزدە مەن كۈلدۈرەي ،
دىدىم يارەن كۆڭلۈم ئۇنى بويتاققىنە ساقلار بولدى .