ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 219 - كۆرۈرمىنى
qartikin
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
شۆھرەت: 1071 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 620 سوم
تۆھپە: 9 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 389(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 شەبنەم مۇنبىرى.

شەبنەم مۇنبىرى.
شەبنەمدە بار سەييارە ،يۇلتۇز سىرلىرى،
شەبنەمدە بار جادۇ ،سېھىر سىرلىرى،
شەبنەمدە بار ئىلىم _ ئىرپان پىرلىرى،
ئايان بۇلار ئۇندا ئالەم سىرلىر،
ئول بىباھا قامۇسكى شەبنەم مۇنبىرى.

ئادەم بۇلاي دىسەڭ  شەبنەم تورىغا كەل،
ئالەم سۇراي دىسەڭ شەبنەم تورىغا كەل،
گۈلدەك پۇراي دىسەڭ  شەبنەم تورىغا كەل،
مەزمۇت تۇراي دىسەڭ شەبنەم تورىغا كەل،
رىقابەتنىڭ تورى، شەبنەم مۇنبىرى.

ئۇنڭدا بار جەمشىتنىڭ   قىمار تاۋكاسى،
ئۇنىڭدا بار پىرەۋىننىڭ  خۇدالىق داۋاسى،
ئۇنىڭدا بار نوھ قەۋمىنىڭ توپان بالاسى،
ئۇنىڭدا بار ھاياتلىقنىڭ  ياڭى مەناسى،
بىردە سىھىر بىردەسىر توردا شەبنەم مۇنبىرى.

ئادەم ئانا  ھاۋا ئانا  تۈرەلگەن،
گۇنا قىلىپ يەر يۈزىگە ھەيدەلگەن،
ئىبلىس ئادەم ئازدۇرۇشقا يۈزلەنگەن،
شۇنداق قىسسە رىۋايەتلەر سۆزلەنگەن،
ئايان قىلار بىزگە سىر، توردا شەبنەم مۇنبىرى.

ئۇنىڭدا بار ئاتىللا ۋە ئىسكەندەر،
چىڭگىز خاندەك ھەق دادىغا يەتكەنلەر،
لوقمان كەبى ئەلگە قامۇس پۈتكەنلەر،
گاھى گاداي گاھى شاھ بوپ ئۆتكەنلەر،
بىزگە ئىبرەت بىزگە كۆز توردا شەبنەم مۇنبىرى.

ئۇنىڭدا بار ساخاۋەتلىك ھاتەملەر،
ئۇنىڭدا بار شىجائەتلىك رۇستەملەر،
ئۇنىڭدا بار روھى ئۆلمەي ئۆتكەنلەر،
ئىنسانلارنى كۈلدۇرگەنلەر ئەزگەنلەر،
بىزگە ئۇستاز بىزگە پىر توردا شەبنەم مۇنبىرى.

ئۇنىڭدا بار يېڭىلىق ۋە خەۋەرلەر،
ئۇنىڭدا بار شاھ گادايلىق ئەمەللەر،
ئۇنىڭدا بار ئىسىل چۆچەك مەسەللەر،
ئۇنىڭدا بار يەنە ئوغۇ  ھەسەللەر،
ئادىمىيلىك تورى شەبنەم مۇنبىرى.

ئۇنىڭدا بار تىلسىملارنىڭ ئاچقۇچى،
ئۇنىڭدا بار نوخسانلارنىڭ ياپقۇچى،
ئۇنىڭدا بار كۈچىڭگە كۈچ قاتقۇچى،
ھاياتلىققا يەنە يوللار ئاچقۇچى،
ئادىمىيلىك يۇلى شەبنەم مۇنبىرى.

شەبنەم دىگەن ئاستىڭدىكى« ياغاچ ئات»،
سەن ئولتۇرغان «ئۇچار گىلەم» قاتمۇ _ قات،
شەبنەم دىگەن «جاھاننامە ئەينىگى»،
خالاس قىلار باسسا سىنى مۇشكۈلات،
رىۋايەتنىڭ سىرى شەبنەم مۇنبىرى.

كارخانىلار قۇرۇش يۇلى شەبنەمدە،
كۆپرەك پۇللۇق بۇلۇش يۇلى شەبنەمدە،
ئىلىم _ ئىرپان ئېلىش يۇلى شەبنەمدە،
يىتۈك ئالىم بۇلۇش يۇلى شەبنەمدە،
جاھان سۇراش يۇلى شەبنەم مۇنبىرى.

شەبنەم تورى ئەدەپ ئەخلاق مەكتىۋى،
شەبنەم تورى ھاياتلىقنىڭ تەرتىۋى،
شەبنەم تورى ھۇرۇنلارنىڭ ھەسرىتى،
شەبنەم تورى ئەجرى ئەزەم بەركىتى،
ئادىمىيلىك يۇلى شەبنەم مۇنبىرى.

تىزراق قايتىپ كەلگىن ئەزىزىم.

تۇرنىلاردىن خەۋەر بىرىپسەن،
شاماللاردىن پۇرقىڭ كەلدى.
كۆز ئالدىمغا كىشنىڭ يۇرتىدا،
ئوھسىرىغان تۇرقۇڭ كەلدى.

تىزراق قايتىپ كەلگىن ئەزىزىم،
سەن يىغلىساڭ يىغلار يۈرىكىم.
يالغۇزلۇقتىن تەنھا قەلبىڭگە،
مەندەك سىرداش بولمايدۇ ھىچكىم.

شاماللاردىن خەۋىرىڭ كەلدى،
ئاققۇلاردىن مىنى سوراپسەن.
پاختا ئىچىدە چوغ ساقلىغاندەك،
يۈرىگىڭدە مىنى ساقلاپسەن.

تىزراق قايتىپ كەلگىن ئەزىزىم،
يىراق يەردە تۇرمىقىڭ تەستۇر،
قۇرۇق تۆمەت قۇرۇق سۆزلەردىن،
ساقلانمىقىڭ ئاسان ئەمەستۇر.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com003
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-23, 18:11

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-24 00:40 |
شەبنەم تور رادىئوسى
sahar413
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 58210
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 215
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2128 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-24

 

شەبنەمنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ يېزىپسىز.

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-24 16:56 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6019
شۆھرەت: 6241 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1384(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-06

 

شەبنەمنى بەك ياخشى تەسرىرلەپسىز، ئېيتقىنىڭىزدەك شۇنداق مۇنبەر بۇ

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-24 20:27 |
Nuzug-New
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
شۆھرەت: 149 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9019 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

قەلىمىڭىز ھارمىغاي!
بۇ مۇنبەرنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ھەق ئىگىلەر سۇنماس!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-24 20:42 |
Love--Andy
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 57933
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 687
شۆھرەت: 689 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6869 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-05

 

بەك ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز~~~~~~~!
رەھمەت سىزگە.

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-05 03:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-06 06:31, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ