مەن بۇ يازمىنى بىرىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ۋە قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ،ئىككىنچىدىن بەزىبىر مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى دەستەك قىلىۋېلىپ(گەرچە ئوزلىرى ئىسلاھاتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ)ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتىۋاتقان، قارغۇلارچە ئىشلىتىۋاتقان،بىسىم قىلىۋاتقان ...ئاشۇ مۇدىرلىرىمىزنى"مەدھىيىلەپ" يازدىم.ئارىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزۈڭلەرگە ئېلىپ كەتمەڭلار،
ئوقۇتقۇچى ئەمەسلەر ئوقۇتقۇچىلارنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭلار.
ئوقۇتقۇچىلارغا تېز سىزما
(ساتىرا)
ئوقۇتقۇچى ئۆزىمىز،
مۇدىرلارغا چاكا بىز.
خىزمىتىمىز مەكتەپتە،
ئۆيدە ئىش يوق باكا بىز.
ئۆيدە يەيمىز تاماقنى ،
شۇنداق يەپلا قاچا بىز.
ئائىلىدىن غەملەر يوق،
شۇنداق ئويناپ ياشا بىز.
خاتا قىلسا بەزىلەر،
چىقۋالدىغان ئاچا بىز.
خاتا قىلساق ئۆزىمىز،
ئېغىر غەمگە پاتا بىز.
تىللاشلارغا بىز كۈنۈك،
پىشمىغان توڭ ئۇكا بىز.
قاخشىمايمىز ئەزەلدىن ،
شۇنداق كۆنگەن گاچا بىز.
مۇشكۈل خىزمەت ،جاپادا،
بەيگە ئاتتەك چاپا بىز.
تۆھپە ،شەرەپ ئالدىدا،
چەتتە قالا پاكا بىز.
مۇدىرلارنىڭ سۆزىچە،
"قۇدۇقتىكى پاقا "بىز.
ئىسلاھاتتىن خەۋەرسىز.
"شىرىن چۇشتە ياتا"بىز.
مۇدىرلارنىڭ تەختىنى ،
قوغدايدىغان قاشا بىز.
ئەگەر چىقسا كاشىلا،
تىرەيدىغان ھاسا بىز.
مۇدىرسىز ئىش قىلالماس،
شۇنداق ئاجىز پاشا بىز.
دەم ئېلىشقا يوق ھەۋەس،
بىكالىق شۇ ھاشا بىز.
كۆزلىمەستىن يىراقنى،
ئاسان قايناپ تاشا بىز.
شۇنداق بولغاچ خۇيىمىز،
يارىماس بىر لاتا بىز.
كىملا يىسە بولدىغان،
قاسقاندىكى مانتا بىز.
پۇلىمىز كۆپ بولغاچقا،
باشقىلارغا بانكا بىز.
ئەسلى مەنبە:
http://www.bizning.com/bbs/post.php?action=modify&fid=7&tid=911&pid=tpc&article=0ئۆز يازمام