ئىزاھ: مازۇچاڭ-(1279-1338) نىڭ ئەسلى ئىسمى مويۇن بۇلۇپ ، تۇرپاندىن گەنسۇدىكى دىغار ئايمىقىغا كۈچۈپ كەلگەن شىركەش ناملىق ئۇيغۇر ئاقسۆڭىكىنىڭ ئەۋلادى . شىركەش ئالتۇن خانلىقى ۋاقتىدا دىۋان بەگلىكىنىڭ تەرجىمان ئەمەلدارى ، كەيفېڭ شەھرىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى ، كىيىنچە ھەربى سوت ئەمەلدارى بولغان . شۇچاغدا ھەربى خىزمەت خەنزۇ تىلىدا « بىڭ ما » دەپ ئاتالغاچقا ، « ما » ئىبارىسى ئۇنىڭغا فامىلە بۇلۇپ سىڭىپ قالغان .
بوۋىلىرى بۇقىناي ماشىچاڭ ، دادىسى مارۇڭسى قاتارلىقلار ئىزچىل تۈردە يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا يۇقىرى مەنسەپلەردە بولغان . مازۇچاڭ قۇبلايخان جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان يىلى تۇغۇلغان .
لىڭجۇدا
مەن مۇشۇ خېشى دىيارىغا قەدەم قويغان زامان ،
ياكى چۈش ياكى خىيالدەك يول ئېلىپ مەن يۇرت تامان :
ئۇندا ئۈزۈم مەيلىرى قىلغاي كۈڭۈلنى خۇش كەيپ .
بېدىلىكلەر ئورنىنى ئالغان بۇدەم ئاشلىق ماكان .
قىزلىرى ماھىر ئۇ يۇرتنىڭ ئاتتا جەۋلان قىلغىلى ،
ياشىنىپ قالغانلىرىدا يوق ساۋاتسىز بىگۇمان .
ئوردىمىز دېھقانچىلىقنى ئەتىۋار بىلگەچ بۇچاغ ،
تاڭ سەھەر ئېتىز بېشىدا كۈرۈنەر سۆرەم ، ساپان .
خېشى دىيارىدىكى نەزمە
تۇرىدۇ تىلمەن تېغى ئاستىدا خېشى مەۋج ئۇرۇپ ،
يېشى ئونسەككىز قىزلار چېچىنى ئالغاي تۈرۈپ ،
لالىدەك كۆركەم ئىگىنلەر يالتىرار گويا شەپەق ،
جۈپ تاپار بۇددىست يىگىتلەر كەينىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ .
يول ئالار غەرب تامان تۆگىگە دۇردۇن بېسىپ ،
قايتىشار بايلىقتا ھەتتا تاقىغا زەر چەكتۈرۈپ .
ئالدىغا مومدىنمۇ ئاپئاق قوي يېغىنى قۇيۇۋېلىپ ،
ئىچىشەر مەيزاپنى ئۇندا كاسىنى لىق تولدۇرۇپ.