قىلمىقىڭ ئاقنى -قار، ھەر بىر دەقىقە، ئەمەل تىلەپ ئاخىرى،ئالدىڭ سەدىقە، سۆزلەيسەن كۆپىشىپ،يوق بىر مەنتىقە، ساپايىڭ شۇنچىلىك،بۇ بىر ھەقىقە، ئېيتقىنا بۇ زادى قانداق مەنتىقە؟!
ئەمەلدار بولسىلا،يۈكۈنىپ - پۈكۈل، ھال ئېيتىپ ،گوياكى قار-يامغۇر تۈكۈل، سۆزۈڭچە سەندەك مەرت،يوقالغان تۈگۈل، ھەقنى-ھەق دىيىشتە،كىرپىدەك تۈگۈل، ئېيتقىنا بۇ زادى قانداق مەنتىقە؟!
ئەتىدىن كەچكىچە قاترايسەن نەرگە، قېرى قىز ئالدىراپ قالغاندەك ئەرگە، باشلىقنى يەلپۈيسەن ،چۈمۈلۈپ تەرگە، چارەڭ يوق،راھەتنى سۈرەرگە بىرگە، ئېيتقىنا بۇ زادى قانداق مەنتىقە؟!
بىچارە ھالىتىڭ ،باشلىق ئالدىدا، جۇدۇنغا ئايلاندىڭ،پۇقرا ئالدىدا، بالاغا بىز تەييار، ئۆزەڭ دالدىدا، تۆھپە گەر يىزىلسا ،ئۆزەڭ ئالدىدا، ئېيتقىنا بۇ زادى قانداق مەنتىقە؟!
يىرگىنىشلىك ئەسلى،ساڭا سۆز قىلىش، مىڭ ئەۋزەل،سىنىڭدىن تاشقا سۆز قىلىش، دونايسەن،مۇمكىنمۇ سىنى تۈز قىلىش، ئاسان ھەم ،يىرتقۇچنى سەندىن ئۆز قىلىش، بوپتۇ خەر ،بۇ سۆزۈم ساڭا سەدىقە؟! |