جىگدە سالما دوپپامغا
سەبىيلىكتە ساپ ھېسلارغا چۆمۈلۈپ،
چىن ئەقىدە قولۋىقىنى ھەيدىدۇق.
ۋاپادالىق بۆشۈكىگە بۆلۈنۈپ،
ۋىسال ئۈچۈن شېرىن خىيال ئەيلىدۇق.
چىن ئەقىدە قولۋىقىنىڭ ماترۇسى
بولۇپ سۆيگۈ دېڭىزىغا شۇڭغۇدۇق.
قاراڭغۇ تۈن ئۆتسە تاڭلار ئاتقۇسى،
ئشەنچ-مەدەت، زىمىستاندا توڭمىدۇق.
شۇڭغۇپ سۆيگۈ دېڭىزىنىڭ تەكتىگە،
سۈزەلمىدۇق قاشىتېىشىدەك جاۋاھىر.
ۋاپا قىلماي باشتىكى كۆپ ئەھدىگە،
بولۇپ قالدۇق ۋىسالسىراپ مۇساپىر.
قاشتېشىدەك چىرايىڭغا مىڭ لەنەت،
بولمايدىكەن چىرايىدا چاي ئىچكىلى.
ئويۇن ئىكەن ساڭا سۆيگۈ- مۇھەببەت،
چىداپسىنا مېنى تاشلاپ كەتكىلى!
چىرايغا چاي قويۇپ ئىچمەس ھېچ كىشى،
دوپپامغا توڭ جىگدە سالما بولدى- بەس!
ئوخشىمىسا كىمنىڭ ئەگەر ئىچ- تېشى،
ۋىجدان ئوقى تېگىپ ئۇنى باسار نەس!
2009-يىلى 17-فېۋال، خوتەن