بۇ ھاياتنىڭ خوشال كۈلكىسىدىن،
تولا ئىكەن ھەسرەتلىك يىغىسى.
ئارمانسىز ،ئۈمۈدسىز ياشاشنىڭ،
نە ،بولسۇن ئارتۇق مەززىسى.
ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتى نىمە؟
كۈلكەڭمۇ ،يىغاڭمۇ ياكى باشقىمۇ؟
بىلمىدىم بۇ ھاياتنىڭ زادى،
ھەقىقي قىممىتى ،مەنىسى نىمە؟
توسۇۋالما ئەي ھايات،ياخشىلارنى يۇلىڭدىن،
يول بەرگىن يول ئىزلىگەنلەرگە.
توسۇۋالساڭ تڭسۇۋال ئەي ھايات،
دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلگەنلەرگە.
بەندىدىن كۈتمەسمەن ئارتۇقچە ئۈمۈد،
ياشىسام ھەقىقىي ئادەمدەك پەقەت.
ئارمانسىز كېتىشتىن قورقىمەن ھايات،
يول تېپىشقا بەرسەڭ ئازراق مەدەت.
سانسىز ئىكەن قىسمەتلىرىڭ ئەي،ھايات،
يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم يۇلىڭدا.
مەقسىتىمگە يىتەلمەي كېتىپ قالسام مۇبادا،
يىغلىساممۇ ھەرگىز يالۋۇرماسمەن مەن ساڭا.
مەنىلىك ،خوشال ئۆتسە ھاياتىم،
قالمايدۇ مەندىكى ئۈمۈد -ئارمانىم.
يول قويساڭ مەنىلىك ياشاشقا ھايات،
ئۆمرۈم يولىدا سەن مىنىڭ يېقىن ھەمراھىم .